ئۇ سىزنىڭ ئېرىڭىز
ۋاقتى: 2016-07-30
ئاۋاتلىقى: 769 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
*يېنىدا نەچچە يۈز يۈەن پۇلى قالسىمۇ، ھېيىت-ئايەملەردە سىزنى دوسىتلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا چاندۇرۇپ قويمايدىغان، ئۆزى بىر قۇر كىيىمنى نەچچە ئاي كىيسىمۇ يۈرىۋېرىدىغان ‹‹نادان ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىرتتا ئائىلىنىڭ غېمىدە قېرىپ كېتىۋاتقان، ئۆيگە قايىتقاندا سىزگە بالىلاردەك ئەركىلەيدىغان ‹‹ئوماق ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىز گاھىدا ئاچچىق، گاھىدا تۇزلۇق قىلىپ ئېتىپ بەرگەن تاماقىنى گېلىنى قىرىپ يەپ تۇرۇپ ‹‹خوتۇن قولۇڭنىڭ تەمى بار جۇمۇ!›› دەپ ماختاشنى ئۇنۇتمايدىغان ‹‹بىچارە ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*ئۆيگە مېھمان كەلگەندە، سىزنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، پالاقشىپ كۆكتات ئەكىرىدىغان، سىزگە ياردەملىشىمەن دەپ چىنە-قاچىلارنى ئۆرۈۋېتىدىغان ‹‹كالامپاي ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىزگە ھەمرا بولۇپ چوڭلارنى يوقلايدىغان، سىزگە ھەمرا بولۇپ بازار چۆگلەيدىغان، سىزگە ھەمرا بولۇپ ئويۇن كۆرگىلى بارىدىغان ‹‹ئۈچتە ھەمرا ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.*يامغۇر ياغقاندا ئۆزى توڭلاپ كەتسىمۇ، چاپىنىنى سېلىپ سىزگە ئارتىپ قويىدىغان ‹‹مەرت ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىز ھېچكىشىگە تەڭ قىلماي ئۆزىڭىزنى تاپشۇرغان ھېلىقى ‹‹كېلىشكەن ئەر››-دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىزنىڭ ئىپپىتىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ غورۇرى قىلغان ‹‹كۈنلەمچى ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
تەھرىر تەۋسىيەسى:
دادا بولغۇچى تۆرەلمە مەزگىلىدىكى تەربىيەدىكى ئاساسى كۈچ بولۇشى كېرەك
ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ساۋاتلار
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى پايدىلىق بولغان جىنسى تۇرمۇش ۋە پەرھىزلەر
*ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ، سىزنىڭ مانتا يېيىشىڭىز ئۈچۈن قاسقان تەييارلايدىغان ‹‹قارام ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*باشقىلارنىڭ مەينەت كىيىمىنى كۆرگەندە چىرايىنى تۈرىدىغان، ئۆزى قارىداپ كەتكەن پايپىقىنى ھەپتە كىيسىمۇ ئۈندىمەيدىغان ‹‹بولۇمسىز ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىزگە قولىنىمۇ كۆتۈرۈپ باقمايدىغان، ئەمما بەدىنىنى تارتۇق قاپلىغان ‹‹جىدەلخور ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*بىقىنىغا پىچاق كىرسىمۇ ‹‹ۋاي!›› دېمەيدىغان، ئەمما سىز ئاغرىپ قالغاندا پايپىتەك بولۇپ كېتىدىغان ‹‹مېھرىبان ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىز ھەرقاچان غېمىنى يەيدىغان، ئۆزىڭىزگە مەڭگۈ ھەمرا بولۇشىنى ئويلايدىغان، ئەمما نەزىرىڭىزدىن چۈشۈپ قالماسلىق ئالدىراپ يۈرىدىغان ‹‹تىنىمسىز ئەر››---دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
خانىم، ئېرىڭىزدىن رەنجىمەڭ، ئۇنى بىپەرۋا دېمەڭ، ئۇنى مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدۇ دېمەڭ...... سىز تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگەن ھېلىقى مىنۇتتىن كېيىن ئۇنىڭ بارلىقى مۇھەببەتكە ئايلانغان....!!!!!
دوستلار چەمبىرىكىدىن ئېلىندى