ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئوغۇل-قىز توغۇش تەجرىبىسىنى ھەرقانداق ئادەم قىلالامدۇ؟

ئوغۇل-قىز توغۇش تەجرىبىسىنى ھەرقانداق ئادەم قىلالامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-03-04 ئاۋاتلىقى: 719 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ساغلام ئادەملا بولىدىكەن، ھەممە ئادەم قىلسا بولىدۇ
قىز ياكى ئوغۇل تۇغدۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زادى قانچىلىك؟ بۇنى بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. تۇنجى قېتىملىق بۇ تەجرىبىگە جەڭ ئېلان قىلغۇچىلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك پەرزەنتكە ئېرىشىشى ئاددىيلا بىر گەپ. بىراق ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئارزۇسىغا يېتەلمىگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ يەنىلا بىر قىيىن مەسىلىدۇر.
ئوغۇل ياكى قىز تۇغۇلۇشنىڭ سەۋەبىنى يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ بولدۇق. قىز ياكى ئوغۇل تۇغدۇرۇش مەسىلىسىگە نىسبەتەن قىزىققۇچى ئوقۇرمەنلىرىمىز پەقەت كەسپىي دوختۇرلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىش قىلىدىغانلا بولسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتى تەبىئىيلا يۇقىرى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، پەقەت ساغلام بولسىلا بۇ خىلدىكى قىز ئوغۇل تۇغۇش تەجرىبىسىگە قورقمايلا جەڭ ئېلان قىلسا بولىدۇ. 
بىراق جىنىس خاھىشلىق پەرزەنت كۆرۈش ئارزۇسىدىكىلەر بۇ تەجرىبىلەرگە جەڭ ئېلان قىلغاندا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنىڭ چىقىشى تەبىئىيدۇر. يەنى ھەر كۈنى ئەتىگەندە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى توغرا ئۆلچەپ چىقىش كېرەك. بىراق كۆپىنچە ھاللاردا بۇنى قىلىش تەسكە توختايدۇ.
بۇندىن باشقا جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ قېتىم سانى ۋە ئۇسۇلى، چەكلەنگەن ۋاقىتلار قاتارلىقلار، كۈتۈلمىگەن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىش. بۇرۇنقى جىنسىي تۇرمۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەر بولۇپ، بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن مۇناسىپ تىرىشچانلىق ۋە سەۋر كېرەك بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇنىڭغا ئادەتلىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن روھىي بېسىملارغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك-ئەلۋەتتە.


 

ئەر-ئايال ئىككىلا تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ھەمكارلىقى لازىم

تۇرمۇشتا ئەگەر سىز  جىنىس خاھىشلىق پەرزەنت كۆرمەكچى بولسىڭىز نۇرغۇن كۈتۈلمىگەن ئىشلارغا يولۇقىسىز. مەسىلەن: بېكىتىلگەن شۇ كۈنى كاماندىروپكىغا چىقىدىغان ئىشىڭىز چىقىپ قالىدۇ، ياكى ئايالىڭىز زۇكامداپ قالىدۇ دېگەندەك. شۇنداق بولسا يەنە بىر ئاي ساقلايدىغان گەپ.
ئەگەر ئەر-ئايالدىن بىرسى بۇ خاھىشتا بولۇپ يەنە بىر تەرەپ قوشۇلمىسا بۇ تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ، ئەر-ئايال پۈتۈشتىمۇ دەيلى، بىراق ئەر ھاراق ئىچىپ چىلىشىپلا يۈرىدىغان بولسا بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھەممىسى سۇغا چىلىشىدۇ.
جىنىس خاھىشلىق پەرزەنت كۆرۈش ئۇنچىۋالا تەس ئىشمۇ ئەمەس، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ياكى مەغلۇب بولۇشنىڭ ئاچقۇچى ئەر-ئايالنىڭ مەسلىھەتلىشىشنىڭ قانداق بولغانلىقىدا، پەقەت ئەر-ئايال ئۆز-ئار چۈشىنىشىپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، قارار چىقىرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا ئاندىن تەجرىبە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى