خىجىل بولۇش بىرخىل بېسىم
ۋاقتى: 2016-08-01
ئاۋاتلىقى: 614 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بەزى ئاياللار ھەر ۋاقىت ھامىلىدار بولۇشقا تەييار تۇرسىمۇ بىراق ھامىلىدار بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇلاردا ئىدىيە جەھەتتىن توسۇلۇش بولۇپ، بىرخىل خىجىل بولۇش پىسخىكىسى بار، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈشتىن خىجىل بولىدۇ، ياكى قايسى يېرىنىڭ ياللۇغلانغانلىقىنى بىلمەيدۇ، شۇ سەۋەبتىن بىر ئوبدان ھامىلىدار بولۇش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. يەنى بەزى ئاياللار ھامىلىدار بولماقچى بولغاندا، ھامىلىدار بولۇش بىلىملىرىنى چۈشەنمەيدۇ، يا دوختۇردىن مەسلىھەت سورىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھامىلىدار بولۇش كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. شۇڭا ئاياللار چوقۇم توغرا بولغان ھامىلىدار بولۇش ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇشى، ھامىلىدار بولۇشنىڭ ئاياللارنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك، ھامىلىدار بولۇش ئۈچۈن قىلغان ھەممە تەييارلىق ۋە تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ساغلام ئىشلاردۇر، بۇ شۇنداق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.