تۇخۇمنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟
ۋاقتى: 2015-11-13
ئاۋاتلىقى: 559 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەڭ ئاددىي بولغان تۇخۇمنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى، ئۇنى سۇغا سېلىش. سۇنىڭ تېگىگە چۆككەن تۇخۇم يېڭى بولىدۇ. چوڭ ئۇچى ئۈستىگە، كىچىك ئۇچى تۆۋەنگە قاراپ يېرىمى چۆكۈپ، يېرىمى لەيلەپ قالغىنى ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالغان كونا تۇخۇم بولىدۇ. بۇزۇلۇپ قالغان تۇخۇم بولسا سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالىدۇ. يېڭى تۇخۇمنى چاققاندىن كېيىن، تۇخۇم سېرىقى پەردىسى بۇزۇلمايدۇ، تۇخۇم سېرىقى بىلەن تۇخۇم ئېقى ئېنىق ئايرىلىدۇ، رەڭگى توق، تۇخۇم ئېقى قويۇق بولۇپ، يېيىلىپ كەتمەيدۇ. سۈپىتى ئۆزگەرگەن تۇخۇمنى يېيىشكە بولمايدۇ، بۇزۇلۇپ قالغان تۇخۇمنى كۈن نۇرىغا تۇتقاندا داغ ئىزلىرى كۆرۈنىدۇ، سۈزۈك بولمايدۇ، شاكىلىنى چاققاندا سېسىق پۇراق چىقىدۇ.
Tags: