ياپونيەلىكلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى مۇھىم تۆت نۇقتا
ۋاقتى: 2015-12-23
ئاۋاتلىقى: 1438 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ياپونيەلىكلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى مۇھىم تۆت نۇقتا
مۇتەخەسسىسلەر ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئائىلە-مائارىپ تەربىيەسىنى مۇنداق تۆت خىل نۇقتىغا يىغىنچاقلىدى. يەنى: قائىدە-يوسۇنغا ئەھمىيەت بېرىش، مۇستەقىللىق ئىددىيەسى يېتىلدۈرۈش، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ئىجادچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.
بالىلارغا تۇرمۇشنى ئۆگىتىش بولسا، ياپونىيە مائارىپنىڭ يادروسى. بولۇپمۇ ئۇلار بالىلاردا خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ۋە تەۋەككۈلچىلىك ئىددىيەسىنى تاۋلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ.
بالىلارنى تەربىيەلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ بارىدۇ. تۆۋەندە ياپونىيەلىكلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدە كۆپ قوللىنىدىغان ئاجايىب ھېكمەتلەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
1. ئائىلە-ئادەت مەكتىپى، ئاتا-ئانا ئوقۇتقۇچىدۇر.
2. كۆپ رىغبەتلەندۈرۈش، ئاز تەنقىدلەش ياراملىق پەرزەنت تەربىيەلەشنىڭ ئاساسى.
3. ھەقىقىي بىلىم يۈزەكى ھېس ھاياجاندىن ئەمەس، ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ.
4. ساپالىق ئوقۇتقۇچى ياراملىق پەرزەنتنىڭ ئۇل سالغۇچىسىدۇر.
5. پەرزەنت تەربىيەسىدە ئىشرەت كوچىسىغا يولىماسلىق، شۇ كىشىنىڭ دۇنيانى ھەقىقىي چۈشەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
6. پەيتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن تەربىيە، سايغا مايسا كۆچۈرگەندەك ئۈنۈمسىزدۇر.
7. بالىڭىزنىڭ جېدىلىنىڭ كۆپلىكىدىن ئاغرىنماڭ، بەلكىم بۇ ئىللەت كەلگۈسىدىكى خىسلەت بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
8. بالا تەربىيەسىدە قاتتىق ۋاستىلەرنىمۇ قوللىنىپ قويۇڭ، بەلكىم بۈگۈنكى تەربىيە تايىقى، كەلگۈسىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىشتىكى ھاسا تاياق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
9. تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى تېتىپ باقمىغان پەرزەنت مەڭگۈ ھەقىقىي بەخىتنىڭ تەمىنى تېتىيالمايدۇ.
10. تەربىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىتىنى پەرزەنتكە مۇستەقىل، بىخەتەر ھالدا ھايات يولىدا داغدام مېڭىشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت.

مەنبە: ھەرەمباغ سالونى
Tags: