تۇغۇتلۇق ئايال قىرقى ئىچىدە ئادەمگىياھ يېگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ۋاقتى: 2016-06-22
ئاۋاتلىقى: 758 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
تۇغۇتلۇق ئايال قىرقى ئىچىدە ئادەم گىياھ يىگەندە نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئادەم گىياھ تەركىبىدە كۆپ خىل ئۈنۈملۈك تەركىبلەر بار بولۇپ ئادەمنى روھلاندۇرۇش رولىغا ئىگە، شۇنىڭدەك ئادەم بەدىنىدىكى مەركىزى نېرۋىنى غىىدىقلاپ ئۇيقۇسىزلىق، ئىچى تىتىلداش، ئەنسىزلىك دىگەندەك بىر قاتار ئەكس تەسىرلىرىمۇ بار. ئەمما ئەمدىلا يەڭگىگەن تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ زېھنى ۋە جىسمانىي كۈچى كەڭ كۆلەمدە سەرپ بولۇپ كەتكەن بولغاچقا كارۋاتتا يېتىپ ئارام ئېلىشقا بەك مۇھتاجلىق. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلسا، ئەكىسچە نېرۋىلارنىڭ غىدىقلىنىشى سەۋەبلىك ئۇخلىيالماي كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تەسىر يېتىدۇ.
ئادەم گىياھ بولسا بىرخىل ھاياتىي كۈچنى ئۇرغىتىدىغان دورا بولۇپ، كۆپ مىختاردا ئىستىمال قىلغاندا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ قاننىڭ ئېقىشىنى تېزلىتىدۇ. بۇ ئەمدىلا يەڭگىگەن تۇغۇتلۇق ئايالغا ئىنتايىن زىيانلىق. چۈنكى ئاياللار يەڭگىش جەريانىدا ئىچكى تاشقى جىنسى ئەزا ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن قان تومۇرلار زەخمىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلسا، زەخمىلەنگەن قان تومۇرنىڭ پۈتۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ قان ئېقىپ توختىماسلىقى ھەتتا ئارتېرىيە يېرىلىش كېلىپ چىقىشىمۇ مومكىن. شۇڭا قىرقى ئىچىدىكى ئايال يەڭگىپ بىر ھەپتە ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى ئادەم گىياھقا يېقىن يولىماسلىقى لازىم. قىرقى ئىچىدىكى ئايالنىڭ يار ئېغىزلىرى تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئەسلىگە كېلىپ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاز مىقتاردا ئادەمگىياھ يىگەندە بەدەن كۈچنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. ئەمما كۆپ ئىستېمال قىلىۋېتىشقا بولمايدۇ .چۈنكى بۇ ئىسسىق بولغاچقا ،بالا ۋە ئانىنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.