eot ياساش ۋە ئۇسلۇبقا تونۇتۇش دەرىسلىكى
ۋاقتى9 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: دەرىسلىك | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 28كۈنى | : 244 قىتىم كۆرۈلدى°
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئەلشات بلوگىنىڭ ئىسىل قوللىغۇچىلىرى:
نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىزچىل ھەل بولماي توپلاردا سورىلىپ كىلىۋاتقان ۋە كۆپ دوستلارنىڭ بىشىنى ئاغرىتىۋاتقان مۇشۇ eot مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋىتىش ئويۇم بار ئىدى، لىكىن شۇ دەرىسلىك ئىشلەشكە خوش ياقماي ھەم ۋاقىت چىقماي دىگەندەك يوللاپ بولالمىغان ئىدىم،ھەم بۇ دەرىسلىك ئىشلەشكە خىلى ۋاقىت كىتىدىكەن، بولۇپمۇ تورغا يوللاشقا خىلى ۋاقىت كىتىدىغان بولغاچقا ئىشلەپ بولالمىغان ئىدىم، مانا ئاخىرى بۈگۈن ۋاختىمنى چىقىرىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋىتىش ئىستىكىدە بۇ دەرىسلىكنى ئىشلىدىم، بۇ ئارقىلىق ھەل قىلالمايۋاتقان بىشىڭلارنى ئاغرىتىپ كىلىۋاتقان بۇ مەسىلە ھەل بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. قىنى دەرىسلىككە مەرھەمەت!
دەرىسلىكنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: eot ياساش ۋە ئۇسلۇبقا تونۇتۇش ، ۋە ftp بوشلۇققا نەرسە يوللاش چۈشۈرۈش ئۇسلۇب ۋە قىستۇرمىنىڭ ئورۇنلىرى تونۇشتۇرۇلغان.
بۇ دەرىسنى تورغا يوللاپ بولغىچە ئەجەپ بەك كۆپ نەس باستى، 56 تورىغا يوللىغان ئىدىم 87% بولغاندا بىرنىمىسى بىرنىمە دەپ يوللانمىدى ، قايتىدىن 56 تورىنىڭ فىلىم يوللاش دىتالىنى چۈشۈرۈپ بىر مۇنچە ۋاقىتتا ئاران يوللىسام تەستىقلىنىۋاتىدۇ دىگەن يىرىم سائەتتىن كىيىن قارىسام ساراڭ ئاداشلار فىلىمدا دۆلەت قانۇنىغا زىت مەزمۇن باركەن دەپ ئۆچۈرۋىتىپتۇ، ساراڭ ئەبلەخلەر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەرىسلىكنىڭ سىغىمىمۇ تازا چوڭ بوپ كىتىپتۇ. 147MB. ئاخىرى ياڭيۇ (tudou.com) تورىغا يوللاي دەپ ئۇ يەرگە 20 مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا 37% بوپتىكەن تور ئۈزۈلۈپ قالدى. كىيىن يەنە 2 قىتىم يوللىدىم ئۇلارمۇ سىغىمى چوڭ بولغاچقىمىكىن يوق بانا سەۋەبلەر بىلەن ئۆچۈرۋەتتى ئاخىرى بولماي فىلىمنى mp4 غا ئايلاندۇرۇپ يوللاشقا توغرا كەلدى.mp4 غا ئايلاندۇرسا سۈرەت تۇتۇقلىشىپ كىتىدىكەن، ئاخىرى شۇنداق قىلىپ youku تورىغا يوللىدىم. ئەگەر دەرىسلىك تۇتۇق ئىكەن ياخشى كۆرەلمىدۇق دىگۈچىلەر كۆپ بولسا ئىنكاس يىزىڭلار، بىر بولسا سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەي. بۇ قىتىم بۇ دەرىسلىكنى يوللىغان جاپارىمغا ئىلان چىكىپ قويمىساڭلار بەك ئادالەتسىزلىك بولىدۇ. ھۈ ھۈ ھۈ!
( ئالدىنقى كۈنى سىرتىغا چاپان كەيمەي چىقىپ شامالدا زۇكامداپ قاپتىمەن، شۇڭا ئاۋازىم سەل غەيرىراق چىقىپ قاپتۇ )
دەرىسلىكتە تىلغا ئىلىنغان eot ئۆزگەرتىش دىتالى چۈشۈرۈش
ukij tuz tom نىڭ ئەرەبچە خەت تونۇيدىغان 2011 نىڭ eot ھۆججىتى ۋە خەت نۇسخىسى alpida نىڭ eot ھۆججىتى ۋە خەت نۇسخىسى چۈشۈرۈش
دەرىسلىكنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى تەمىنلەي دىسەم ئۇنىمۇ تورغا يوللىشىمغا ئاز دىگەندە2 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكۈدەك شۇڭا يوللىمىدىم توردىن كۆرۈپ تۇرغايسىلەر
ھا ھا ھا ھا……. «ئەلشاتجاننىڭ نەس باسقان بىر كۇنى» دىگەن تىمىدىن بىرنى يازسام بىر دارامما بولغۇدەك …….. فىلىم يوللاش تور بەتلىرىنى تىللىغان يەرلىرىمۇ قىززىق چىقىپتۇ
ئىھتىمال كۇن چىققۇچە ئۇخلىغان گەپ شۇڭا ئىشلار تەرتۇسىگە كەپ قالىدۇ(چاخچاق)…
بۇ دەرسلىكنى بۇرۇنراق يوللىغان بولسىڭىز سىزنىڭمۇ ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ يۇرمەس ئىدىم ئەرەپچە تۇنۇتۇپ بىرىڭ دەپ…..
ئاخىرىغۇ ئۇيغۇربەگنىڭ دەرىسلىكىدىن ئۈزۈملا قىلۋالدىم
مانا كۆرمەمسىز بۇ نەس باسقان ئىشلارنى، بۇ دەرىسلىكنىڭ ئىسمىنى eot دەپ يازسام نىمە دەپ ئوقۇپ خاتا چۈشىنىۋالدى ئۇ دۆت ئاداشلار، ئاخىرى youku غا تىزىملىتىپ ئىسمىنى دەرىس دەپ يازسام تەستىقلاندىغۇ تاڭ.
توربەتچىلەرگە دائىم ئېسىل دەرسلەرنى يوللاپ تۇرغۇنىڭىزغا رەخمەت.مۇشۇنداق تېمىلارنى دائىم يوللاپ بىلىممىمىزنى يېڭىلىۋېلىشىمىزغا دائىم ياردەم قىلىپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ھارماس بلوگى قۇتلۇقلاپ كەلدى
ھى ھى مەن ماۋۇ ھەقسىز قۇرۇپ باققان بىلوگقىمۇ تۇنۇتتۇم مانا، رەھمەت سىزگە
ھوي ھەقسىز بلوگنىڭ ئادىرسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن http://pakdil.sinaapp.com/
http://www.guansoft.com/wordpress-plugins/page/3
مۇشۇ توردا ئىشلەتكەن قىستۇرمىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ئىلگىرى مۇشۇ بلوگىڭىزدا باردەك قىلاتتى
مەن بىلوگۇمنى ئۆزەمنىڭكىدە ئاچسام خەتلىرى شۇنداق نورىمال،بىراق باشقىلارنىڭكىدە خەت تۇنىمايتى.ئەمدى بۇ دەرسىڭىز ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلالايدىغان بولدۇم.ۋاقىت تېجەش ئۈچۈن، ئىوت ياسىماي سىز تەمىنلىگەن تەييار ئىوت ئارقىلىقمۇ بىلوگۇمدىكى خەتلەرنى نورىمال قىلغىلى بولامدۇ؟
ئىنكاس رايۇنىغا ئويغۇرچە يېزىق قاچىلانمىغان كومپىيۇتېردا نورىمال خەت يازغىلى بولامدۇ؟
ھە راسىت ئاۋازىڭىز بەكلا يېقىملىق ئاڭلاندى.مەن ياقتۇرۇپ قالدىم.سىزگە كۆپ رەخمەت.
ئەلشاد سىز بىلگىنڭىزنى ئەلدىن ئايىمايسىز ،
مەن تاۋباۋىن دۇككان ئالغان بىزەلمەي بەك ئاۋارە بولۇپ كەتتىم ، ئۇنىڭ ئۈسـتىگە توردا ئۇيغۇرچە ئۇ توغۇرسىدىكى بىرمۇ دەرىس يوقكەن ، شۇڭا مۇشۇ تاۋباۋدا دۇككىننى بىزەش توغۇرسىدا ئازراق سۆزلەپ بەرسىڭز سىزدىن بەك مىننەتتار بۇلاتتۇق . ئەۋەتتە بىلگىنڭىزنى سۆزلىسىڭزىلا بولدى .
ماڭا سۈزۈك نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرىسىنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
مەسىلىڭىزنى ھەل قىلىۋەتتىم، ئەمدى لازىمى يوققۇ دەيمەن