Firefox نىڭ يېڭى نەشىرىدە ئۇيغۇچە خەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

ۋاقتى75 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: بلوگ تىخنىكىسى | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 08ئاي 24كۈنى | : 421 قىتىم كۆرۈلدى°

Firefox نىڭ قانداق ياخشىلىقىنى مەن بۇ يەردە ماختاپ، ئەزمەمنى ئېزىپ چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسەممۇ ئىشلىتىپ باققانلار چوقۇم بىلىدۇ.

بىراق Firefox 5 ياكى يېقىندا ئېلان قىلىنغان Firefox 6 ئىشلىتىۋاتقانلار مۇنداق مەسىلىگە يولۇققان بولىشى مۇمكىن. يەنى ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا، شۇ بېكەتكە ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسى كومپيۇتېرغا قاچىلاغلىق بولسىمۇ، Firefox كومپيۇتېردىكى خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇيغۇرچە خەتلەر ھەجىلەپمۇ ئوقۇغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە ھەممەيلەننىڭكىدە ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، مەسىلەن مەن ئىشلىتىۋاتقان6 Firefox دە نورمال. ( Firefox نىڭ كومپيۇتېردىكى خەت نۇسخىسىنى تاپالماسلىقى بەلكىم بىر bug بولىشى مۇمكىن).

ئەگەر يۇقىرىقىدەك مەسىلىگە يولۇققانلار، Firefox نى تور بەت يۈزىدە ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى كومپيۇتېردىن ئالىدىغان قىلىپ تەڭشىۋېلىڭلار. ھازىر ھەممىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا قاچىلانغان خەت نۇسخىلىرى خېلى مول بولغاچقا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئالدى بىلەن Firefox نىڭ ئادرېسى ئىستونىغا about:config دەپ كىرگۈزسەك Firefox نىڭ ئىچكى قىسمىنى تەڭشەيدىغان بەت ئىچىلىدۇ (باشتا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى چىقىشى مۇمكىن، داۋاملاشتۇرۇۋەرسەك بولىدۇ).

ئاندىن Ctrl+F نى بېسىپ gfx.downloadable_fonts.enabled دېگەننى ئىزدەپ تاپىمىز. سۈكۈت ھالەتتە كەينىدىكى قىممىتى true، قوش چېكىپ false قىلىپ، Firefox نى قايتا قوزغىتىمىز.

مەنبە: ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بلوگى

مەن بۇرۇن ئىزچىل مۇشۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم تولا بىكەتلەرگە كىرسەم خەتلىرى نۇرمال چىقماي ئاچچىقىم كىلەتتى، بۇنى مۇشۇ ئوت تۈلكىدىكى مەسىلە دەپ ئويلايتىم، ئەسلى بۇنىڭمۇ ھەل قىلىش ئۇسۇلى باركەن ئەمەسمۇ، بۇ يازمىنى تىخىمۇ كۆپراق كىشىلەر كۆرۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىۋالسا دىگەن ئۈمىدتە مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلان دىمەك ئۇچۇر بايلىق دىمەك

ئاللىبۇرۇن4تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • تۇران تېكىن ئىيتىدۇلەركى:2011/08/24 1:47 كەچ جاۋاب

    مەن ئەجەپ كۈنەلمىدىم مۇشۇ Firefox دېگەن تور كۆرگۈگە.

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/08/24 3:54 كەچ جاۋاب

      ياخشى نەرسە جۇمۇ ئۇ، بۇرۇن ئۇيغۇرچە خەتنى تونۇمىدى دەپ 30% جايلارغا ئىشلىتەتتىم ھەم شۈنلېي نى ياخشى تونۇمايتى، بۇمەسىلىلەرمۇ ھەل بولدى، ئەمدى 10% جايلارغا ئىشلىتىدىغان بولدۇم دە.

  • مېلودىيە ئىيتىدۇلەركى:2011/08/27 4:09 كەچ جاۋاب

    سىز دىگەندەك قىلىپ مۇۋاپىقىيەتلىك تەۇشىۋالدىم، لىكىن بۇنداق قىلماشتا ئەلشاتنىڭ خەتلىرى .ىنچىكە چىرايلىق چىقاتتى بۇنداق قىلغاندىن كىيىن ھەممە بىكەتنىڭ خەتلىرى بىر خىللا شۇنداق توم سەل كۆرۈمسىز بوپ قالدى :roll:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/08/27 5:37 كەچ جاۋاب

      ئۇ تەڭشەكنى قىلغاندىن كىيىن بىكەتنىڭ eot ھۆججىتىنى تونۇيدىكەن، مەنمۇ شۇنداق تەڭشىۋىتىپ ئىشلىتىۋاتىمەن بۇرۇنقىدەكلا شۇنداپ پەيزى

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ctrl+k نى بىسىپ لاتىنچىگە ئالماشتۇرۇپ يىزىشقا بولىدۇ

CommentLuv badge