يازمىغا مۇزىكا قىستۇرۇش قىستۇرمىسى( ئۇيغۇرچە قىستۇرما )

ۋاقتى74 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: قىستۇرما | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 08ئاي 25كۈنى | : 506 قىتىم كۆرۈلدى°

 

نەچچە ۋاقىتتىن بىرى توپلاردا ۋە ماڭا كەلگەن سۇئاللارغا ئاساسلانغاندا يازمىغا ناخشا قىستۇرۇشنى ئويلايدىغانلار خىلى باركەن، مۇشۇ مەسىلىنى ئويلاپ بىر ئىزدىنىپ باقاي دەپ ئىزدەندىم، ئۇنى بۇنى قاچىلاپ يۈرۈپ ياخشىراق ھەم كۆركەم بىر مۇزىكا قويغۇچنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۆزۈممۇ سىناپ باقتىم خىلى بولىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىستۇرمىنى دوستلارغىمۇ تەۋسىيە قىلاي دىگەن ئويغا كەلدىم، لىكىن يەنە خەنزۇچە بىلمەيدىغان دوستلار قىيىنىلىپ قالمىسۇن دەپ ئاخىردا بۇ قىستۇرمىنىمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، ئىھتىياجلىق دوستلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايتى ئاددى.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

ئاۋۋال قىستۇرمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ، ئاندىن قوزغىتىڭ، تەڭشەكلەر رايۇنىغا قارىسىڭىز (亦歌مۇزىكا قىستۇرمىسىي تەڭشەش) دىگەن بىر تاللاشنى كۆرىسىز، بۇ يەردىن مۇزىكا قويغۇچنىڭ رەڭگىنى ئۆزىڭىز خالىغان رەڭدە بىكىتىۋالسىڭىز بولىدۇ، ياكى تەڭشىمەي شۇ پىتى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، ( ئىختىيار )

ئەمدى مۇزىكىنى يازمىغا قىستۇرۇش ئۈچۈن يازما يىزىش رايۇنىغا كىرىپ قارىسىڭىز يازما يىزىش كۆزنىكىنىڭ ئۈستىدىكى تىزىملىكلەر رايۇنىغا بىر دانە مۇزىكىنىڭ بەلگىسىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز، ئاشۇنى بىسىپ ( مۇزىكا ئادرىسى قوشۇش ) دىگەننى بىسىپ ناخشىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يىزىپ قويۇپلا كىرگۈزۈش دىگەننى باسسىڭىز ئىش تامام ۋەسسالام، مانا مۇشۇنداقلا ئاددى،

ئۇنىڭدىن باشقا ئاشۇ تورغا ئەزا بولۇش ئىقتىدارلىرىمۇ باركەن، بۇنى سىناپ باقمىدىم، قىزىققۇچىلار سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.

كومپىيۇتىرىڭىزدىكى ناخشىلارنى تورغا يوللىماقچى بولسىڭىز توردا ھەقسىز بوشلۇقلار كۆپ، شۇنىڭغا يوللاپ ئىشلەتكەيسىز، ( ئۆزىڭىزنىڭ تور بوشلۇقىغا يوللاپ ئىشلەتمەسلىكىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز )

ياشلا تورى ھەقسىز 50MB لىق MP3 تور بوشلۇقى تەمىنلەيدىكەن، 1 ئاي ھەقسىزكەن ئۇندىن كىيىن ئايلىقىنى 1 مو دىن ئۇزارتىپ ئىشلىتەلەيدىكەنسىز،

ھەقسىز MP3 تور بوشلۇقى

تىخىمۇ كۆپراقلىرى بۇ يەردە ، سىناپ بىقىڭ.

قويغۇچ ئۈنۈمى:

[music1g play=http://alxat18.m3.yax.la/rahimsiz.mp3]

قىستۇرمىنى چۈشۈرۈڭ

سەمىمى ئەسكەرتىش: قىستۇرمىنى قاچىلاپ خاتالىق كۆرۈلگەن دوستلار كەمىنە بىلەن ئالاقىلىشىڭلار، بىۋاستە چ چ ئارقىلىق يوللاپ بىرەي ياكى ئىلخەت قالدۇرۇڭلار، نىمىشقىكىن بىلمىدىم ، قىستۇرمىنى تورغا يوللىساملا قاچىلىسا خاتالىق چىقىپ نۇرمال بولماپتۇ، بىۋاستە ئەۋەتىپ بەرسەم قاچىلىسا نۇرمال، شۇڭا نۇرمال قوزغىتالمىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار،QQ: 464243056 مىنى قوشقاندا ئەسكەرتىش بىرىڭ، قىستۇرما دەپ

تىمام يارىغان بولسا ئىلان نى…………  ھى ھى ھى،  شۇغىنىسى مائۇسىڭىز ئازراق ئۇپراپ كىتىدىغان بولدى دە!

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلان دىمەك ئۇچۇر بايلىق دىمەك

ئاللىبۇرۇن11تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • قانۇنچىلىق ئىيتىدۇلەركى:2011/08/25 9:46 سەھەر جاۋاب

    كىيىنچە لازىم بولۇپ قالغىدۇك ماڭا wp قا كۆچكەندە

  • ئۇيغۇربەگ ئىيتىدۇلەركى:2011/08/25 11:17 سەھەر جاۋاب

    ما قىستۇرما بولۇپ قالغۇدەك زادى!
    بلوگلىرىنىڭ ئىنكاس يولاش كۆزنىكىدىكى نام-شەرىپىڭىز دېگەن جاي نورمال ئەمەس، يەنى ئۇيغۇرچە تونۇماپتۇ، ئاندىن Cookieنى چەكلەپ قويۇپسىز، ئوڭشاپ قويسىڭىز بولغۇدەك. :smile:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/08/25 1:48 كەچ جاۋاب

      ماڭا ئۇزۇن بوپتۇ ، ئوت تۈلكىگە مىنىۋىلىپ ie غا مىنىپ باقمىغىلى، بۈگۈن بۇ گىپىڭىزدىن كىيىن قارىسام ie دا خىلى بىنۇرمالسىزلىقلار باركەن، ئاستا ئوت تۈلكىدىن چۈشۈپ ie مىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇيەر بۇ يەرلىرىنى تۈزلەپ ئەدىپىنى بىرىپ قوياي! پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت! :cool:

      • ئۇيغۇربەگ ئىيتىدۇلەركى:2011/08/25 4:25 كەچ جاۋاب

        مەزكۇر ئىنكاسنى ئاتەش تۈلكىدە يازغان نوچىمەن! :evil:

  • تۇران تېكىن ئىيتىدۇلەركى:2011/08/25 8:47 كەچ جاۋاب

    رامىزانلىق سوۋغىلىرىڭىز بارغانسىرى سەرخىل بۇلۇپ كىتىپ بارۇدۇ جۇمۇ.

  • كىرۇرەن ئىيتىدۇلەركى:2011/08/25 10:08 كەچ جاۋاب

    خۇشاللىقىمدا كىرىپ چۇشۇرۇپ قاچىلىسام نورمال قاچىلانغان ،ئەمدى كەچ بولغاندە ئارقا بەتكە كىرەي دىسەم بولمىدى ، سانداندا خاتالىق كۆرىلدى دەيدۇ، ئامالسىز خاتالىق بار ئورۇننى ئىزدەپ بۇ قىستۇرمىنى ف ت پ ئارقىلىق يۇيۇپ تاشلاپ ئاندىن ئارقا بەتكە كىرسەم نورمال ئىچىلدى ،ئۇستازلار يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن بەك ياخشى قىستۇرما ئىكەن . :arrow:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/08/25 10:53 كەچ جاۋاب

      ئۇنداقتا قىستۇرمىنىڭ ئىسمىنى قىستۇرما ئىزدەش رايۇنىغا يىزىپ ئەسلىسىنى قاچىلاپ كۆرۈپ بىقىڭ

  • ئۆزقان ئىيتىدۇلەركى:2011/08/28 3:55 كەچ جاۋاب

    بولىدىغان قىستۇمىكەندۇق، ماڭىمۇ بىۋاستە ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن…
    Ozkan@126.com

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/08/29 3:33 كەچ جاۋاب

      ئەۋەتىۋەتتىم تاپشۇرۋىلىڭ

  • شىرىن بۇلاق ئىيتىدۇلەركى:2011/09/10 2:58 سەھەر جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلشات ئەپەندى،بۇ قىستۇرمىدىن بىرنى ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز،بىۋاستە چۈشۈرگىنىم ئىشلىمەيۋاتىدۇ
    782924578

  • شىرىن بۇلاق ئىيتىدۇلەركى:2011/09/11 9:40 سەھەر جاۋاب

    خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى،سىزنىڭكىدە نۇرمال ئىشلەپتىكەن بۇ قىستۇرما،بۇ قانداق گەپتۇ بىلمىدىم،سىز بىر قاچىلاپ س؟ىناپ بىرەمسىز يا؟

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ctrl+k نى بىسىپ لاتىنچىگە ئالماشتۇرۇپ يىزىشقا بولىدۇ

CommentLuv badge