ئورنىڭىز » باش بەت » چۈشۈرۈلمىلەر » QQ نىڭ ئۇيغۇرچىسى تارقىتىلدى

QQ نىڭ ئۇيغۇرچىسى تارقىتىلدى

ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: چۈشۈرۈلمىلەر | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل05-ئاي15-كۈنى |7,422 قىتىم

بىز ئالدىقى قېتىم  مۇنبىرىمىز  ئارقىلىق QQ  نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىۋاتقىنىنى خەۋەر قىلغان ئىدۈق .

بۇگۈن بىز QQ بىكىتىمىز تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغان نۇسخىسىنى رەسمى تارقاتتۇق .

QQنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسى QQ2011 دىتالىنىڭ خەت نۈسخىسى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈپلا قويۇلغان بولۇپ باشقا ھەر قانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلىمىغان.
بۇ QQ2011 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدى . ھەر قانداق شەخىس ۋە ئورۇننىڭ ھەر قانداق ئۇسۇلدا ھەقلىق تارقىتىشىغا بولمايدۈ .
بۇ QQ دىتالىنىڭ نەشىرى ھوقۇقى يەنىلا پىنگىۋىن شېركىتىگە تەۋە .
بىكىتىمىز بۇندىن كىيىن يىڭىدىن چىققان QQ نەشىرلىرى ۋە ياماقلىرىنىمۇ ھەر ۋاقىت ئامال بار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ يىڭى نەشىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدۈ .
تەرجىمە قىلىنغان ھالەتتىكى  كۆرۈنۈشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز بۇ تېمىنى كۆرۈڭ
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14792&page=1
بۇ QQ نىڭ پەقەت كۆرۈنمە ھالىتى ۋە باشقۇرۇش تىزىملىكلىرىلا ئۇيغۇرچە ئۇيغۇرچە خەت ئالاقە ئىشقا ئاشۇرۇلمىدى . ئۇيغۇرچە خەت ئالاقىنى قوللىمايدۇ ئەمەس ، بەلكى قوللايدۈ ، لىكىن QQ مۇلازىمىتىرى سىزنىڭ ئۇيغۇرچە يازغان خەتلىرىڭىزنى سۈزۈپ تاشلاپ قارشى تەرەپكە ئەۋەتىشكە يول قويمايدۈ .
ئەسلى QQ ئۇيغۇرلاشنىڭ ئىشلىتىشگە ماس كەلمەيدۈ دىسەكمۇ بولىدۈ . چۈنكى ئۇيغۇرچىنى يەكلەيدۈ ۋە ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىنىپ تۇرىدۈ . بىزغۇ ئۇنىڭدىن قانۇنسىز ئىش قىلمايمىز ، لىكىن سىزنىڭ ئالاقىڭىزنى ھەر ۋاقىتى بىرسى كۆرۈپ تۇرسا سىزمۇ خالىمايسىزدە .
ئەسلى ئۇيغۇرلارغا skype  دىتالى بەك ماس كېلەتتى ، ئۇنىڭغا ئالىپ ئەپەندىن تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان تىل كودىنى قوشىۋالسىڭىز پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۈ ۋە ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا بىمالال ئالاقىلىشىلالايسىز . ۋە ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ خېتىڭىزنى ئوغۇرلۇقچە ئوقۇشىدىن خاتىرجەم بولىسىز .
مانا بۇ ئالىپ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرچە قىلغان skype دىتالىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :
http://www.alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=689
لىكىن بىز ئۇيغۇرلار يەنىلا QQ دىن ئايرىلالمىدۈق .شۇڭا مەن بۇ قاملاشمىغان سېستىمىنى تەرجىمە قىلىپ قويدۈم . دىتالنى چۈشۈرپ قاچىلىسىڭىز ئۇنى ئايرىم مۇندەرىجىگە قاچىلايدۈ . ئەسلىدىكى خەنزۈچە QQ نىمۇ نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۈ ئۈستەل يۈزىدىكى uyghurQQ دىگەن ھۆججەتنى قوزغىتىپ كىرسىڭىز بولىدۈ .
چۈشۈرۈش
بۇنى بىۋاستە قوزغاتسىڭىز خەت نۇسخىسى نورمال بولمايدۈ .
خەت نۇسخىسىنى نورمال قىلىش ئۈچۈن سىز ئەگەر سېستىمىڭىز wnxp بولسا  تۆۋەندىكى تېمىدىكى كۆرسىتىلگەن ئۇسۇل بويىچە مەشغۇلات ئېلى بارسىڭىز بولىدۈ .
http://bbs.elqut.cn/read.php?tid=14808
ئەگەر سىزنىڭ سېستىمىڭىز wn7  بولسا سىز بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىسىڭىز بولىدۈ .
ئاپاراتنى قايتا قوزغىتىشنى ئۇنۈتماڭ .
alip.rar (5306 K) 下载次数:1

ياكى ئالىپ ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسىنى كۆرۈڭ :
http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=702

بۇ تېمىنى ۋە دىتالنى ھىچكىمدىن سورىماي ، مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ھەر قانداق تور بەت ياكى ئورۇندا ئېلان قىلسىىڭىز ۋە ھەقسىز تارقاتسىڭىز بولىدۈ .
بارلىق ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيغۇرچە QQ ئىشلەتسە بەلكىم پىنگىۋىن شېركىتى ئۇيغۇرچە نەشىرىنى چىقىرىش ۋە ئۇيغۇرچە چەكلىمىسىنى ئېلىۋىتىشنى ئويلىشىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
ئاللا ھەممىڭلارغا رەھمەت ئاتا قىلغاي .ئېھتىرام بىلەن : ئەلقۇت    تور بېتىمىزنىڭ ئادرىسى: www.elqut.cn

كەمىنە ئەلشات بلوگىمۇ بۇ ئۇيغۇرچە QQ غا كۆچۈپ بولدى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ بولسا سىلەرمۇ دوسلىرىڭلارغا تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار. ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە QQ دىن بىرقانچە سۈرەتلەر:



无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:554.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

دوستلىرىڭىزغا ھەمبەھىرلەڭ~

ھازىر 20 پارچە ئىنكاس بار!
  1. رېتسىپ  ( 2011.05.15 04:42 ) : -14-قەۋەت

    بەك ياخشى ئىش بوپتۇ جۇمۇ !!!! كۆپ رەھمەت . خەۋەر يەتكۇزگىنىڭىزگە… :razz:

    جاۋاب
  2. شەمسى  ( 2011.05.15 05:02 ) : -13-قەۋەت

    ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ، ئەمما بۇ بىرنېمە ئۇيغۇرچە قوللىغان بولسا ھە… بىزنىڭمۇ كوت-كوت دەپ بىر مۇڭداشقۇلىرىمىز بولىدىغان، ھازىر يوقاپ كەتتىدە…

    جاۋاب
  3. تۇران تېكىن  ( 2011.05.15 05:06 ) : -12-قەۋەت

    «كۆيگەن يامانمۇ كۆيگنمۇ؟» دېسە – كۆنگەن يامان يامان دەپتىكەن. ئۇزۇندىن بىرى خەنچىسىنى ئىشلىتىپ كۈنۈپ قالغان ئىكەنمىز. ئۆزىمىزنىڭ تىلى بولغاندىكىن بۇنىڭغىمۇ تىز كۈنۈپ كىتەرمىز.

    جاۋاب
  4. قۇتقۇق بەگ  ( 2011.05.15 05:33 ) : -11-قەۋەت

    بۇرۇنمۇ كوت-كوت دەپ ئۇيغۇرچە چىچى چىققان ئىدى،ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە،شۇلانى بىز قوللىماي،ئۇنى ۋەيران قىلغان،ئەسلىدىنلا بىز بۇچىچنى ئىشلەتمىسە ك بۇلىتى،ئۆز تىل يېزىقىمىزدا ئالاقە قېلىدىغان دىتال تۈزەپ چىقىش كېرەك ئىدى.تۈزۈپ چىقىپ تارتقاتسا ھۆكۈمەت ھەرگىز ىارشى تۇرمايتى….بۇ يېرىم تەرجىمە قىلغان چىچى نىڭ شۇ بىر قىسىم خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارغا پايدىسى بار….لېكن،….
    يەنىلا شۇ skyp msn نى ئىشلەتكىنىمىز ئەۋزەل

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.05.15 05:48 ) :

      ئىغزىمىزدىغۇ دەيدىكەنمىز لىكىن تورخانىلاردا ئاشۇ دىتالنى ئىشلىتەمدا مانا ئاشۇ دىتاللار تورخانىلاردىمۇ قاچىلانغان بولسا ئاشۇ دىتاللارنىمۇ ئىشلەتسەك بولاتتى نىمە ئامال! كۆنگەننى ئىشلەتمەي! بۇنىمۇ ئۇيغۇرچە خەت قوللايدىغان قىلىش ئۈچۈن قارلۇق شىركىتى QQ شىركىتىگە تەكلىپ سۇنغاندا ئۇلار رەت قىلغان ئىكەن شۇڭلاشقا ھازىر QQ ئۇيغۇرچە خەت تونۇمايۋاتىدۇ. بولمىسا بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ تەرەققىيات چوڭ ئىدى. مۇشۇ ئۇيغۇرچە QQ نى ئىشلىتىدىغانلار كۆپ بولۇپ قالسا QQ شىركىتى بەلكىم ئۇيغۇرچە فونىت قوشۇشقا قوشۇلۇپ قالسا ئاجەپ ئەمەس

      جاۋاب
  5. بۆرەيار  ( 2011.05.15 05:49 ) : -10-قەۋەت

    ھاھا…. ئاۋۇ دوسىت تىزىملىكى ئادەمنى ھەرئويلارغا سالىدىكەن جۇمۇ :mrgreen:

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.05.15 05:51 ) :

      ئاللا ئاللا ما ئىشنى ئاشكارلىنىپ كىتىپتۇيا

      جاۋاب
  6. Alpha تور خاتىرىسى  ( 2011.05.15 06:07 ) : -9-قەۋەت

    ھەي .. ئەگەر مۇشۇ ئۇيغۇرچە يازغىلى بولدىغان بولسا بەك ياخشى بولاتتىدە ئەمما .. ئاڭلاشلاغا قارغاندا تېڭشۇننىڭ مۇلازىمىتىدا مەخسۇس مۇشۇنداق ئەرەپ يېزىقىغان ئوخشاش يېزىقلارنى سۈزۋېلىپ نۇرمال ئۆتكزمەسمىش .. بولمىسا ئۇيغۇرچە قىلىشقا ئەمكانىيەت تۇغلاركەن…

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.05.15 06:37 ) :

      شۇنداق!ھەي! نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ! ئۇيغۇرلارنىڭ QQ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانىمۇ نەچچە مىلىيوننى ئىگىلەيدىغۇ

      جاۋاب
  7. قۇتلۇق بەگ  ( 2011.05.15 10:14 ) : -8-قەۋەت

    ۋاڭبادا qq دىن باشقا skyp ۋە msn بارغۇ،بىز كۈندە يا خەنزۇ تىلىدا پاراڭلاشمىغانكىن،نىمشىقا بۇ qq دىن ۋاش كېچەلمەيمىز..ئارتۇق سۆزلىمەي

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.05.15 10:20 ) :

      چەتئەلنىڭ ۋاڭبالىرىدا بولغان بىلەن بۇ يەرنىڭ ۋاڭبالىرىدا يوق دەيمەن.قۇتلۇق بەگ

      جاۋاب
    • شۇڭقار  ( 2011.05.18 06:04 ) :

      مەنمۇ م س ن غا كۈنۈپ قالدىم ھازىر . ئىشلىتىدىغانلار قوشىۋىلىڭلار pakdil@msn.com

      جاۋاب
  8. نەقىش  ( 2011.05.15 13:46 ) : -7-قەۋەت

    «رېتسىپ» داۋاملىق 24 سائەت f5 بىسىپ دىۋانغا بىشىنى قويۇپ ياتامدۇ نىمە ؟ :lol:

    جاۋاب
  9. ئاغىنىلەر  ( 2011.05.16 04:36 ) : -6-قەۋەت

    ئەسلىغۇ بۇ چ چ نىڭ ئازۇلغۇدەك يىرى يوق ئادەتتە مەن ھازىر چ چ رىمنىمۇ ئاچمايمەن پەقەت مەھەلەمدىكى قوي پادىلىرىمنى باقىمەن شۇ

    جاۋاب
  10. تەنھا بۇرە  ( 2011.05.16 10:44 ) : -5-قەۋەت

    چ چ نى ئۇيغۇرچىلىلاش سېستىمىسى چىققىنى بەك ياخشى ئىش بۇپتۇ ، بۇلسا پۇتۇنلەي ئۇيغۇرچە بۇپ كەتكەن بۇسا ئۆز تىلىمىزدا تورخانىدا بۇلسۇن ياكى ئائىلىدە بۇسۇن ئەركىن ئالاقە قېلالىغان بۇلساق بەك ياخشى بۇلاتتى ، كۆپچىلىكنىڭ بۇ خوش خەۋەرنى تېخىمۇ جىق ئادەمگە خەۋەر قېلىشىنى ئۈمۈد قېلىمەن. :razz:

    جاۋاب
    • شۇڭقار  ( 2011.05.18 06:06 ) :

      MSN ئىشلىتىڭ پۇتۇنلەي ئۇيغۇرچە،،

      جاۋاب
  11. نۇرقۇت  ( 2011.06.17 12:18 ) : -4-قەۋەت

    ئىملادىكى مەسىلىلەرنى تۈزىتىۋەتسەڭلار تېخىمۇ ياخشى بولاركەن

    جاۋاب
    • ئەلشات  ( 2011.06.17 12:30 ) :

      پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت، بۇ تىمىنى ئەسلىدە ئىلقۇت ئەپەندىم يازغان، شۇنداقتىمۇ مەن بىر ئوقۇپ چىقىپ بەزەن ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ قويدۇم، ئەلشات بلوگى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، پات پات كەپ تۇرۇڭ

      جاۋاب
  12. ھەۋەسكار  ( 2011.11.19 00:52 ) : -3-قەۋەت

    ۋاي ئەلشاتجان،چ چ دىكى دوسىتلىرىڭىز نېمانداق جىق؟ بىرەرمىڭغا بارامدىمۇ نېمە؟؟؟؟ :shock:

    جاۋاب
icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif