2012-يىللىق سابا شاتلىق مىنۇتلىرى سەنئەت كىچىلىكى 2 كۆرۈشىڭىزگە ئەرزىيدۇ
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: تاغدىن-باغدىن | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل07-ئاي17-كۈنى |2,744 قىتىم
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى شەنبە كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئالتىدە «سابا مەرىپەت-مائارىپ تەربىيىلەش مەركىزى» شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتى مۇزىكا زالىدا «سابا ئوقۇغۇچىلار كاتتا مەشرىپى» تېمىسىدا ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر مەۋسۈملۈك ھاردۇقىنى چىقىرىش، مەنىۋى تەشنالىغىنى قاندۇرۇش، شۇنداقلا بىر قېتىملىق كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق ئۆگۈنىش بېسىمىنى يەڭگىلىتىش يۈزىسىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇلۇپ، پائالىيەتكە مەركىزى خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى «ئۈزۈلمەس مىلودىيە» ئالاھىدە پروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن مالىك بەكتۇر ۋە زۇبەيدە تۇرسۇن رىياسەتچىلىك قىلىدى.پائالىيەتكە سابا مەرىپەت مائارىپ تەربىيلەش مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلار،بۇ مەركەزدىكى ھەرقايسى قاتلام رەھبەرلەر،ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار شۇنداقلا مۆمىنجان ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ كەسىپداشلىرى بولغان بىر تۈركۈم سەنئەتكارلار،ياش ناخشىچىلار ،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ،ئەلكۈيى تورى،كارۋان تورى قاتارلىق تاراتقۇلاردىن بولۇپ 1000دىن ئارتۇق ئادەم قاتنىشىپ پائالىيەتنى گۈل - گۈلىگە كەلتۈرۈپ سابادىكى شاتلىق مىنۇتلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى تەقدىم ئەتتى.
ئەلشات سۆزى: ئەمما ھە مانداق ئۇزۇن سەنئەت كىچىلىكنى تۇنجى كۆرۈشۈم، مۆمىنجان ئابلىكىم خىلى كۈچەپتۇ جۇمۇ ماۋۇ سەنئەت كىچىلىككە. 3 سائەت داۋاملاشتۇرۇپ سەنئەت كىچىلىك كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن، لىكىن كىچىلىكنىڭ پەيزىلىكىدە 3 سائەت چىداپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپ تۈگىتىۋەتتىم . ھەقىقەتەن 2 كۆرۈشكە ئەرزىيدىكەن.
يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:../3976.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
3سائەتلىك پىروگىراممائىكەنغۇ مەن ئاران بىر سائەت كۆرەلىدىم قالغىنىنى ئالدىرماي كۆرۈۋالارمەن
مەن بىلوگىمنىڭ يان تەرىپىگە دوستانە ئۇلىنىش چىقىراي دىگن بىرقا بىلوگ ئۇسلۇبۇم ۋىجخت قوللىمايدۇ كود ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغانتىم بىرق يەنىلا نورمال ئەمسە باشقا بىرەر ئامال بامۇ