توردا تۇرۇپ بلوگ ئۇسلۇبى ياساش
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: بلوگ بىلىملىرى | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2012-يىل02-ئاي03-كۈنى |1,697 قىتىم
ئالدىنقى قىتىم بىر ئۇسلۇب ياساش دىتالىنى تونۇشتۇرغان ئىدىم، بۇ قىتىم دىتال ئەمەس بەلكى توردا تۇرۇپلا ئاددى ئۇسلۇب ياساش توربىتىنى تونۇشتۇراي، بۇ توربەتتە ئىلغار ئۇسلۇب ياسىغىلى بولمايدۇ، بەلكى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان رەڭلەرنى ئىشلىتىپ بىر تەرەپتىن ئۈنۈمىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئاددى بىر ئۇسلۇب ياساپ چىقالايسىز، ئازراق ئىزدەنسىڭىز تىخى css مۇ ئۈگىنىۋالالايسىز،
قىنى ئاۋۋال بۇ توربەتكەا كىرىڭ
http://www.yvoschaap.com/wpthemegen
ئىنگىلىزچىنى تازا چۈشەنمىدىم دىسىڭىز خەنزۇچە تەرجىمە قىلىنغىنىغا كىرىڭ http://www.yvoschaap.com/wpthemegen
كىرگەندىن كىيىن ئىككى سىتونلۇق بەت ئىچىلىدۇ، ئوڭ تەرەپتىكىسى سىز ياساۋاتقان ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنۈشى سول تەرەپتىكىسى ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ رەڭ تەڭشەش ئورۇنلىرى، رەڭلەرنى ئۆزىڭى ياقتۇرغان بويىچە تەڭشەپ ئاندىن save دىگەننى باسسىڭىز تەڭشىگەن رەڭنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز.
ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ رەڭلىرىنى ئۆزىڭىز رازى بولغىچە تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن ئەڭ ئاستىدىكى save نى بىسىڭ
چىققان بەتتىن بۇنى باسسىڭىز ئۇسلۇب چۈشىدۇ، قاچىلاپ تەرجىمە قىلىپ ياكى قىلدۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ
قىنى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان رەڭلەرنى ئىشلىتىپ بىر ئۇسلۇب ياساپ بىقىڭە،
يازما خەتكۈچى:
يازما ئادرىسى:3332.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ
ئاۋال باش ئورۇننى ئېلىپ قوياي.
مەن سىز دېگەندەك قىلغان لىكىن ئۇسلۇبنى چۇشۇرۇپ ،قاچىلىسام مەغلۇب بولدى.يەنى style.css چاتاق چىقتى دېگەندەك گەپلەر چىقىۋالدى
ياخشى تىما،ئەجرىڭىزگە رەھمەت…
ما ئۇسۇلنى سىناپ باققۇلۇقكەن جۇمۇ رەھمەت ئەلشاتجان