ئىسىم قويۇش — ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئادىتى بويىچە ، بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئۆيگە ئاخۇنۇم تەكلىپ قىلىنىپ ئىسىم قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ . ئىسىم قويۇش مۇراسىمىغا ئادەتتە بوۋاقنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ چوڭ ياشتىكى يېقىن تۇغقانلىرى قاتنىشىدۇ . بوۋاقنىڭ چوڭ ئانىسى چىرايلىق يۆگەككە يۆگەلگەن بوۋاقنى ئانىسىنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئاخۇنۇمنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ . ئاخۇنۇم جاينامازدا ئولتۇرۇپ ، ئىككى بولىدا بوۋاقنى تۇتقان ھالدا دۇئا ئوقۇپ ئىسىم قويىدۇ . ئىسىمنىڭ رەت تەرتىپى بالىنىڭ ئىسمى ئالدىدا ، دادىسىنىڭ كەينىدە بولىدۇ . ئاندىن بوۋاقنى يەرگە يېنىككىنە دومىلىتىدۇ ، بوۋاق يىغلايدۇ . بوۋاقنىڭ چوڭ دادىسى بوۋاقنى يەردىن ئېلىپ ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ تۇرۇپ ئۇنى بەزلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا بەخت – سائادەت تىلەيدۇ . ئاندىن بوۋاقنى يېنىدىكى ئادەمگە بېرىدۇ . مېھمانلار ھۆرمىتى ۋە يېشى بويىچە بوۋاقنى بىر – بىردىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ كۆتۈرۈپ قويىدۇ . ئاخىرىدا دادىسى بوۋاقنى ئاپىسىغا بېرىدۇ . قازاقلاردا ئىسىم قويغاندا بۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭ ئالدىدىكى بالىنىڭ ئىسمىغا قاپىيداش قىلىپ قويىدىغان ياكى ئاخىرقى بوغۇمىنى ئوخشاش قىلىپ قويىدىغان ، ئەگەر قىز پەرزەنت كۆرسە كېيىن ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈشنى تىلەپ ، ئۇنىڭغا ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمىنى قويىدىغان ئادەت بار . تاجىكلار بالىغا دادىسىنىڭ ئىسمىنى قويىۋېرىدۇ . ئەمما شەرت دادىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولۇشى كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىم قويغاندا ئايلارنىڭ نامىنى قويىدىغان ئىشمۇ بار . مەسىلەن ، ھوشۇر ( ھوشۇر ئاي ) ، يەنە ئۇچار قوش ، گۈل – گىياھ ، يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسمىنى قويىدىغان ، سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ئىسىم قويىدىغان ئىشلارمۇ بار . خۇيزۇلار خەنزۇچە تىل ئىشلىتىدىغان بولغاچقا ، خەنزۇچە ئىسىم قويىدۇ . بەزى سورۇنلاردا خەنزۇچە ئىسىمنىڭ ئالدىغا دىنىي ئىسمى قوشۇۋېلىپ تەڭ ئىشلىتىلدۇ . تاتارلارنىڭ ئالدىدا ئۆز ئىسمى ، ئارقىسىدىن دادىسىنىڭ ئىسمى ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قەبىلىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ ئاتايدىغان ئادەت بار . |