سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سۈيۈملۈك ئاياللاردىن بولۇش ئەخلاقى!

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-26 14:52مەنبە: يازغۇچى:تۇمار زىيارەت سانى: قېتىم

 

 
 
بەزى ئاياللار :شەخسىيەتچىلىك قىلماي،چوڭ سۈپەت بولۇپ ،چىرايلىقراق ياسانساملا چوقۇم سۆيۈملۈك ئاياللاردىن بولالايمەن ،ئەرلەرنىمۇ جەلىپ قىلالايمەن.دەپ ئويلايدۇ.ئەمەلىيەتتە ،ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ نازاكەتلىكى جەلىپ قىلغاندىن باشقا ،ھازىرقى زامانغا خاس جاسارىتىمۇ جەلىپ قىلالايدۇ.
1.ئىقتىدار ئاياللارنى سۈيۈملۈك قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىر تەرەپ
.بەزى قىزلار مەلۇم ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانسا ئەرلەرگە تەھدىت بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ،ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش تۇيغۇسىدا بولىدۇ.ئەمما تەتقىقاتلار ئەرلەرنىڭ ئىقتىدارلىق ئاياللارغا تېخىمۇ قايىل بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.چۈنكى ئەر ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئايال قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلىشىنى كۈتىدۇ.بۇ،ئەرنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆمۈر بويى خەۋەر ئېلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.ئەمەلىيەتتە ،ھېچقانداق ئەر بۇنداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدۇ.ئەكسىچە ،مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا مادارى يەتمىگەن چاغدا ،قەيسەرلىك بىلەن ئوتتۇرغا چىقىپ،ئائىلىنڭ تۈۋرۈكى بولالايدىغان ئايالنى ھەسسىلەپ قەدىرلەيدۇ.شۇڭلاشقا ،ئاياللار ھەرگىز كەسىپ بىلەن مۇھەببەتنىڭ بىرىگىلا ئەھمىيەت بېرىپ،يەنە بىرىگە سەل قارىماسلىقى كېرەك.
2.ئىتائەتمەن ئاياللار سۈيۈملۈك بولماستىن بەلكى قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە ئاياللار سۈيۈملۈكتۇر.ئائىلىدە پەقەت ئىشلەشنىلا بىلىدىغان ،ئەرنىڭ قولىدىكى تاماكىنىڭ قالدۇقى يەرگە چۈشكەن ھامان يۈگرۈپ بېرىپ تېرىۋالدىغان ئاياللار باشقىلارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەلمەيدۇ.ئەكسىچە باشقىلارغا بىچارە ئىكەن دىگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ.بۇ خىلدىكى ئاياللار گەرچە ئۆي ئىشلىرىغا پىششىق بولسىمۇ ،لىكىن ئەرلەر ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشنىڭ نىشانى دەپ قارىمايدۇ.
3.خۇشخۇي ،يۇمۇرىستىك ئايال سۈيۈملۈك ئايال بولىدۇ.بۇنداق ئاياللار ئالدىغا ئۇچۇرىغان مەسىلىلەرنى يىڭىپ ماڭىدۇ.ئەمما نۇرغۇن ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى تەشۋىشلىنىش،غەم يېيىشكە سەرىپ قىلىۋېتىدۇ.بۇنداق ئاياللاردا باشقىلارنى جەلىپ قىلىش كۈچى كەمچىل بولىدۇ.
4.مەسىلە كۆرۈلگەندە ئېتىراپ قىلىدىغان ھەمدە ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىدىغان ئايال سۈيۈملۈك ئايال بولىدۇ.بۇنداق ئاياللار بېشىغا كۈن چۈشكەندە خۇدادىن ياكى باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ئولتۇرمايدۇ.شۇنىڭدەك مۈشكۈل شارائىتلاردىمۇ مۇھەببەتنى ئىپادىلەيدىغان بىرەرئېغىز سۆز ياكى قارشى تەرەپنى رىغبەتلەندۈرىدىغان بىرەر ھەرىكەت ئارقىلىق قارشى تەرەپنى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرۈشنى بىلىدۇ.
5.بىر سۆيۈملۈك ئايالدا ئائىلىدە يىڭى كەيپىيات يارىتىش قابىلىيىتى بولىدۇ.مەسىلەن:ئېرى قايتىپ كىلىشتىن ئىلگىرى ئۆي ئىچىنى پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇپ،ئېرىنى يىنىكلىك ھېس قىلدۇرىدۇ،كەچلىك تاماقنى دائىم ئۆيدە يەيدىغان ئادەتنى ئۆزگەرتىپ،ئېرى ۋە بالىلىرىنى يىقىن ئەتىراپتىكى ئاشخانىلارغا باشلاپ بېرىپ غىزالاندۇرىدۇ ياكى مەلۇم مەزگىلدە بىر قېتىم چېچىنىڭ پاسونىنى ئۆزگەرتىدۇ.يىغىپ ئېيتقاندا ،تەسەۋۋۇرغا باي ،يىڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىىگە ئايال ئۆيدە مىسسىلداپ يۈرىدىغان ئايالدىن كۆپ سۈيۈملۈك.
6.ئاددىي ۋە تەبىئي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئايال سۆيۈملۈك ئايال بولىدۇ.چەتئەللىك بىر يازغۇچى:سۈيۈملۈك ئايال ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىك تەرەپلىرىنى ،ئەپۇ قىلىشىنى بىلىدىغان ئايالدۇردېگەن ئىكەن.
 
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(26)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !