سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئاياللارغا 100 نەسىھەت

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-25 14:46مەنبە:ئالمىزار تورى يازغۇچى:ئىلى گۇزىلى زىيارەت سانى: قېتىم

1  . ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، سەن ئۈچۈن مەرتىۋە ، ئەڭ بۈيۈك پەزىلەت - ئىپپەتلىك بولۇشتۇر . ئىپپەتلىك ئايال گەرچە كەمبەغەل بولسىمۇ ،  بىراق مەنىۋى جەھەتتىن بەدۆلەت ھېساپلىنىدۇ . ئىپپەتسىز ئاياللار ھەر قانچە بەدۆلەت بولسىمۇ ، كىشىلەر نەزىرىدە پەقىر ۋە ھۆرمەتسىز سانىلۇر . بۇينىغا تاقىغان مارجانلار ، باش ۋە كۆكرەككە قادالغان گۆھەرلەر ، مىليونلىغان پۇل - پۇچەكلەر بىلەنمۇ ئىپپەتنى سېتىۋالغىلى بولماس . ئىپپەت شۇنداق زور بايلىقكى ، ئۇنىڭ باھاسى يوق . خوتۇن - قىزلار گۈزەل ۋە چىرايلىقلىقىغا ، پۇل - ماللىرىغا ئەمەس ، بەلكى ئۆزلىرىدىكى ئىپپىتى بىلەن قۇۋانماقلىرى لازىم .
                  

2 . ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ، ياخشى تەھسىل كۆرگەن ۋە ئىلىم نۇرى بىلەن خۇلقىنى ياخشىلىغان ئايال ھەر يەردە ئىززەت تاپقاي . ئىلىم - ئايال ئۈچۈن زىننەت .  ئەقلىنى دادانلىقتىن قۇتۇلدۇرغان ھەر بىر ئايال نومۇس ، ئىززەت ، ئاياللىق قەدىرنى چۇشۇنۇپ يەتكەي . بۇنداق ئايال ھېچبىر ئىشتا ئاداشمىغۇسى . ئىلىمسىز ئايال بولسا بالا تەربىيسىدە تۈرلۈك كەمچىلىكلەرگە يول قويىدۇ . ئادەم ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر نەرسىلەر - نومۇس ، ئىززەت ، ھايا قاتارلىق پەزىلەتلەر ئىلىم - مەرىپەت ئارقىلىق كەسىپ قىلىنۇر بەدخۇلىق ۋە تېتىقسىز ئەرگە ئۇچىرغان ئايال بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ئىرىگە ئۇنىڭ ناتوغرا يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۇرشى ، ئۇنىڭغا ۋەز-نەسىھەت قىلمىقى زورۈر .
                  

3 . ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال ، شۇنى بىلگىنكى ئۆز ئەيىپىنى كۆرۇپ يېتەلمەيدىغانلارلا باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرمەسكە سالىدۇ . اللانىڭ تەقسىماتىغا رازى بولغان كىشىلا قولدىن كەتكەن نەرسىگە قايغۇرۇپ يۈرمەيدۇ . تاجاۋۇزچىلىق قىلىچىنى سۇغارغان كىشى شۇ قىلىچ بىلەن ئۆلتۇرۇلىدۇ . بۇرادىرىگە ئورا كولىغان كىسى ئۇنىڭغا چوقۇم ئۆزى چۈشىدۇ . كىمكى بۇرادىرىنىڭ ھۆرمەت پەردىسىنى يىرتسا ، ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ ئەيىبىنى ئاچقان بولىدۇ . كۆپ  سۆزلىگەن كىشىنىڭ خاتالىقى كۆپ بولىدۇ ، خاتالىقى كۆپ كىشىنىڭ ھاياسى ئاز بولىدۇ  ھايا ئاز كىشىنىڭ تەقۋالىقى ئاز بولىدۇ . قەلبى ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كىرىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئىيىبىنى كۆررۈپ ئۆزىنىڭ شۇ خىلدىكى ئەيىبىگە رازى بولغان كىشى ئەخمەقنىڭ دەل ئۆزى .
                  

4 . ئەي ھاياتنىڭ گۈلى بولغان ئايال شۇنى بىلگىنكى ، كىمكى تەپەككۇر قىلىدىكەن ئىبرەت ئالىدۇ ، ئىبرەت ئالغان كىشى ناچار ئىش-ھەركەتلەردىن يىراق بولغان كىشى كېلىشمەسلىكلەردىن سالامەت قالىدۇ . ئادەمنىڭ شان - شەرىپى باشقىلاردىن بىھاجەت بولۇش بىلەندۇر . كۆڭلى - كۆكسى كەڭ بولۇش پۈتمەس - تۇگمەس بايلىقتۇر . قانائەتچان بول ، تەمە قىلما ، تىرىشچان بول ، يېلىنما ، ئېسىڭدە تۇتقىنكى ، تۆۋەندىكى قولدىن ئۇستۇنكى قول ياخشىدۇر . بايلىقنىڭ ئەڭ ئالىسى ئەقىلدۇر . يوقسۇللۇقنىڭ ئەڭ تۆۋىنى نادانلىق - ئەخمەقلىقتۇر . ئەخمەقلەر بىلەن دوستلىشىشتىن ساقلان . ئۇ ساڭا پايدا يەتكۇزمەن دەپ زىيان سالىدۇ ، يالغانچىلار بىلەن دوستلىشىشتىن ھەم ساقلان .(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)

ياخشى باھا
(14)
82.4%
دەسسەش
(3)
17.6%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !