سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

گىرىم بويۇملىرىنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا بولغان تەسىرى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-27 16:52مەنبە: يازغۇچى:مەنبەسى:شىنج زىيارەت سانى: قېتىم

 گۈزەللىكنى سۆيۈش  ئاياللارنىڭ تەبىئىتى . بۈگۈنكى كۈندە ، ھۆسۈن تۈزەش ، گىرىم قىلىش ھازىرقى زامان  ئاياللىرىنىڭ بىر خىل ئادىتى بولۇپ قالدى . بىراق ھامىلىدار ئاياللار  قېنىق گىرىم قىلماسلىقى كېرەك . ئاياللاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىچكى ئاجراتمىنىڭ ئۆزگىرىشى  سەۋەبىدىن قارا پېېگمېنتنىڭ  چۆكۈشىدىن  ئاسانلا سەپكۈن پەيدا بولىدۇ.  بۇ سەپكۈنلەرنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بەزى ھامىلىدار ئاياللار  ھەرخىل گىرىم  بويۇملىرى بىلەن گىرىم قىلىش ئارقىلىق بۇرۇنقى چىرايىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئويلايدۇ. گىرىم بويۇملىرى زىيادە سېزىمچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، بەلكى بەزى گىرىم بويۇملىرى ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك:

     چاچ بوياش مەلھىمى: چاچ بوياش مەلھىمى بىر خىل ئالاھىدە بوياق بولۇپ، ئۇنىڭدا ئادەتتىكى بوياقلاردا بار بولغان خىمىيەلىك ماددا بولۇشتىن باشقا، يەنە تېخىمۇ مۇرەككەپ  خىمىيەلىك تەركىپلەر بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى دىئامىن مېتىل بېنزول، ئامىنو دىنوزام قاتارلىقلار ئەڭ زىيانلىقتۇر. بۇ ماددىلار ھۈجەيرىدىكى خروموسومىنىڭ غەيرىي تەبىئىي بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېرە راكى، سۈت بېزى راكى ۋە ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىشىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەڭ ياخشىسى چاچ بويىماسلىق كېرەك.

    چاچ بۈدۈر قىلىش قىيامى: فېرانسىيەلىك تىببىي مۇتەخەسىسلەر كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، چېچىنىڭ ناھايىتى ئاجىزلىشىپ ۋە ئاسان چۈشىدىغان بولۇپ  قالىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەگەر يەنە خىمىيەلىك بۈدۈر قىلىش قىيامىنى ئىشلىتىپ چاچ بۈدۈر قىلغاندا، چاچنىڭ چۈشىشىنى تېزلىتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خىمىيەلىك بۈدۈر قىلىش قىيامى ھامىلىدار ئايالنىڭ ھامىلىسىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئاز ساندىكى ئاياللارغا قارىتا زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيەسىنى پەيدا قىلىدىكەن. شۇڭا، ھامىلىدار ئاياللار چاچ بۈدۈر قىلىش قىيامىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

     لەۋ بويىقى: لەۋ بويىقى كۆپ خىل ماي، موم ۋە خۇشپۇراقلىق ماددا قاتارلىق تەركىپلەردىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى  ماي ئۈچۈن ئادەتتە  لانولىن ئىشلىتىلىدۇ.  بۇ بىر خىل لانولىن سۇيۇقلىقىنى يىغىۋېلىش ۋە ئايرىش ئارقىلىق ياسالغان سۈزۈك مايدىن ئىبارەت. لانولىن ھاۋادىكى ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ئېغىر مېتاللار، مىكرو ئېلىمېنت توزانلىرى ھەمدە ھامىلىنىڭ  تېنىگە كىرەلەيدىغان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق  مىكروبلارنى يېپىشتۇرىۋېلىپ، شۆلگەي ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار لەۋ بويىقى سۈرمەسلىكى كېرەك.

     يۇيۇش خۇرۇچى: ھەر خىل چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق،  ئۇلارنىڭ تەركىۋىدە تۈز زەنجىرلىك ئالكىل سولفونات قاتارلىق خىمىيەلىك تەركىپلەر بار بولۇپ،  بۇ تەركىپلەر ھامىلە ۋە ئانىنىڭ ھەر ئىككىسىگە زىيانلىق. 150 نەپەر پەرزەنت كۆرۈش يېشىدىكى  ئاياللارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك  تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشچە،  بۇ ئاياللارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن،  ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىنىڭ تېنىدە ئۆلۈپ قالغان. بۇنىڭ سەۋەبى، تەركىۋىدە ئىسپرتلىق سولفات كىسلاتاسى بولغان بەزى ماددىلار تېرە ئارقىلىق ئانىنىڭ تېنىگە كىرىپ، بەلگىلىك قويۇقلۇققا يەتكەندە، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ ئۆلۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىكەن. شۇڭا  ھامىلىدار ئاياللار چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىنى ئىشلەتكەندە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك

مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(3)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !