ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىگىسى: alip

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
39
ئاقچا
20
توردا
169 سائەت
تىزىملاتقان
2011-7-31
نادىر
0
تېما
9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 22:54:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار! مەنمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سالاھيىتىم بىلەن ئالىپكامنىڭ بۇ تىمىسى ۋە تورداشلارنىڭ بۇ تىمىغا يوللىغان ئىنكاسلىرى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي...

alip  يوللىغان ۋاقتى 7 سائەت ئالدىدا  
سىزگە بىرسى چوقۇم ئۇيغۇرچىلاشتۇرسەن دەپ ۋەزىپە قىلىپ بەرمىگەندىكىن خاتا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرمايلا قويۇڭ.



ئالىپكامنىڭ بۇ سۆزلىرى بىر ئاز قۇپال كەتكەن بولسىمۇ لىكىن يەنلا ئۇرۇنلۇق، چۈنكى ؛ مەيلى كومپىيوتىر ياكى يانفۇن دىتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان تورداشلار بولسۇن (ھازىرچە ) ھەممىمىز پارتىزانلارچە ئىشلەۋاتىمىز. ھېچبىر كىشى بىزگە ئۇلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىپ بەرگىنى يوق ۋە ياكى ئەشۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بىرەر دىتالىمىز ئۈچۈن بىرتىيىن ھەق بەرگىنىمۇ يوق.

alip   يوللىغان ۋاقتى 7 سائەت ئالدىدا

... ھەتتا «ئۇيغۇر» دېگەن مىللەت نامىنىمۇ توغرا يازالمىغان ئەپتىگە ئەپ تەرجىمە قىلدىغانلار باركەن.


ئەمما بۇ سۈزىڭىز ھەقىقەتەنمۇ قۇپال كىتىپتۇ، چۈنكى تىمىڭىزنى ئۇقىۋاتقان ۋاقىتتا بۇ سۈزىڭىز ماڭا باشقىلارنى تۆۋەن كۆرگەندەك تەسىر بىرىپ قويدى. لىكىن يەنلا سوغوققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرۈپ يەنلا ‹ توغرا › دەپ قارىدىم . چۈنكى؛ مۇنبەرنىڭ ‹ ئۇقتۇرۇش › سەھىپىسىدە بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇنلا ‹ ئالپ تورىدا تەستىقلانمايدىغان تېمىلار › دىگەن تىمىدا ئېنىق سۆزلەنگەن. مىنىڭ ئاشۇنداق قېيدايدىغان ،ئۆزى يازغان  تىمىسىنى ئۆزى ئۆچۈرۋىتىدىغان دوسلارغا دەيدىغىنىم مەيلى تور دۇنياسىدا بولسۇن ياكى كىشلىك تورمۇشىمىزدا بولسۇن ‹ نەسىھەت ئاچچىق،مىۋىسى تاتلىق ›

alip   يوللىغان ۋاقتى 5 سائەت ئالدىدا  

ئىملاسى توغرا ياخشى ئەپلەرنى داۋاملىق ئاقچىغا ساتىمىز. ئۇنىڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا پايدىسى بار، شۇنداقلا ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەشنى ئۈگىندۇ.


بۇ پىكىرنى تۇلۇق قوللايمەن، ‹ بۇنداق ئىسلامىي دىتاللارنىمۇ پۇلغا ساتامسىز؟... › دەيدىغانلارغا تەۋسىيەم باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ. چۈنكى؛ ھسازىرقى بۇكۈنلەردە ھەقسىز نەرسىلەرنى تاپماق ناھايىتى قىيىن. (ئەمما ھېچكىم سىزنى بۇ ھەقلىق ماتىرىياللارنى سېتىۋېلىڭ دەپ مەجبۇرلىمايدۇ) ئەگەر قۇلىڭىزدىن كەلسە سىزمۇ شۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى يۇقرى ماتىرىياللارنى ھەقلىق قىلىپ يوللاڭ !!!


Koresh   يوللىغان ۋاقتى 2 سائەت ئالدىدا يانفوندا يوللانغان

ئىملاغا كەلسەك بىر ئەپنى چۇۋۇپ بولالقلىيالىغان تېخنىكقا ئىملا تەكشۈرۈش ئۇنچە قىيىن ئىش ئەمەس .بىزنىڭ ئىملا تەكشۈرۈش قوراللىرىمىز ئاز ئەمەس...!



دەرۋەقە ھازىر ئىملا تەكشۈرۈش قۇراللىرىمىز ئاز ئەمەس. مىنىڭ ئالىپكام ۋە باشقۇرغۇچىلارغا قىلىدىغان تەۋسىيەم مۇمكىن بولسا بۇ مۇنبەرگىمۇ تور يۈزىدىلا ئىشلەيدىغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بولغان دىتالدىن بىرنى قۇشۇپ قويغان بولساڭلار، شۇنداق بولغاندا تىما يازغۇچىلارنىڭ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئەشخۇلاتىمۇ قۇلايلىق بولغان ۋە يۇقىرقىدەك ئۇقۇشماسلىقلارمۇ تۈگىگەن بۇلاتتى...








تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-21 23:35):
ئاللا، مەنمۇ ئىملادا خاتالىشىپتىمەنغە ...

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-21 23:37):
مۇنبەرنىڭ يازما تەھرىرلەش ئىقتىدارى ئېچىۋىتىلسە ياخشى بولغىدەك...

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
305
ئاقچا
166
توردا
291 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-19
نادىر
0
تېما
15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 23:09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arwah يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 17:36
سىز باشقۇرغۇچىما؟  باشقۇرغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى نېمە ؟ قان ...

مەنمۇ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن ، لېكىن مەن دەپ ئۆتكەن ئىملا خاتالىقى بار ھەمدە ئۆچۈرۈلگەن تېمىلار ساپلا باش ئاخىرى يوق ، بىرلا قۇر ھەتتا بىر قۇرغىمۇ يەتمىگۈدەك يېزىلغان ھەمدە ئىملاغا دىققەت قىلىڭ دەپ ئىملاسىنى تەھرىرلەپ قويساممۇ يەنە ئۆزى كىلىپ تەھىرىلەپ ئالامەت تەھىررلەپ قىلىپ قويىدىغانلاردۇر ، مە ھەرگىزمۇ ئىملاسى خاتا دەپلا تېمىلارنى ئۆچۈرمىدىم ، ھەقىقەتەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ياكى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سۇئاللار بولسا تەسىتقلاپ بولغاندىن كېيىن ئىملاسىنى تۈزىتىپ ئاستىغا باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى دەپ ئەسكەرتمە بېرىپ ماڭدىم ...
مەن ئىملانى تۈزەشنى تەشەببۇس قىلىمەن ، لېكىن باسالمىدىم دەپ خۇددىي باشقا مىللەتنىڭ يېزىقىدەك يېزىپ قويغانلارنى كۆرسىڭىز ھەقىقەتەن ئۇنداق تېمىلارنى تەستىقلىغۇسى كەلمەيدىكەن ...
توغرا مەن ئىچكىردە ئوقۇيمەن ، مەكۋىتىمىزدىكى بالىلارغا پايدىسى بولامدىكىن دەپ مۇشۇ ھەقتە بىر قانچە قېتىم تەربىيلەشمۇ ئېلىپ بارغان ، شۇلاردىن ھازىر بىر قانچسى چىقىپ تور بەت ياساشتا ۋە مۇشۇ ئىملا جەھەتتە مېنىڭ ئالدىمغا ئۆتۈپ كەتكەنلەمۇ يوق ئەمەس ، گەپ نېمە دېگەندە خەتنى توغرا يازغىلى بولمايدۇ ئەمەس ، تىرىشچانلىق ۋە ئىرادە كەمچىل ... باشقىلاردىن مەيلى سۇئال سورىسۇن ياكى ئاددىي بولسىمۇ تۆت قۇر خەت يېزىپ بىلگىنىنى دەپ بەرسۇن ، مېنىڭچە ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك دەپ قارايمەن ...

تەكلىۋىڭىزنى توغرا چۈشەندىم ، ئەسكەرتكىنڭىزگە رەھمەت ... سىز مېنىڭ تونۇيدىغان ئوخشايسىز ، لېكىن مەن سىزنى تونۇيالمىدىم ...

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
80
ئاقچا
3
توردا
117 سائەت
تىزىملاتقان
2011-11-19
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 23:27:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kiqik_bala يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 16:06
ئالىپ ئەپەندىمنىڭ پىكىرىنى قەتئي قوللايمەن، ئەپ ۋە يۇ ...

قوللايمەن .  مەنمۇ پەقەت كۆنەلمىدىم بۇيرۇق بويىچە تەرجىمە قىلىشقا.........

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
52
ئاقچا
10
توردا
69 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-19
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 23:28:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتالغۇلار   دەپ سەھىپە تەسسىس قىلىنسا،تۆۋەندىكىدەك ئىختىدارلىرى بولسا
1)ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە سېلىشتۇرمىسىنى قوشقىلى بولسا،تەرجىمىسىنى بىلىدىغانلىرىمىزنى قوشساق،بىلمەيدىغانلىرىمىزنى قالدۇرۇپ قويساق،
2)ئەگەر كۆپرەك ئاتالغۇلارنى قوشۇشتا   xls  ھۆججىتىنى يۈكلىگىلى بولسا،
3)بىر ئاتالغۇنىڭ بىر نەچچە خىل تەرجىمىسى بولسا ،باھالاپ مۇۋاپىقراقىنى تاللىۋالساق،
4)بەزى ئاتالغۇلارنى ئوخشىمايدىغان ئورۇندا ئوخشىمايدىغان تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ،شۇڭا ئىشلىتىش ئورنى دىگەندەك ئېزاھاتىنى قوشقىلى بولسا،
5)ئاتالغۇلارنىڭ ئالدىدا تاللاش رامكىسى بولسا،بىزگە لازىملىرىنى ياكى ھەممىسىنى xls  ھۆججىتى شەكلىدە ساقلىۋالغىلى بولسا،
6)ئاتالغۇلار كۆپەيگەندە بىر-بىرلەپ ئىزدەش تەس بۇلىدۇ،شۇڭا ئزدەش ئىختىدارى قوشۇلسا،
7)ئاتالغۇ قوشۇشتا تۆھپىسى زور بولغانلارنى جۇغلانما ياكى ئاقچا بىلەن مۇكاپاتلىساق،
ھازىرچە ئويلىغانلىرىم مۇشۇلار،

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
52
ئاقچا
10
توردا
69 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-19
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 23:44:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lost يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 20:46
مەن تەرجىمە قىلالماي تاشلاپ قويغان بىر ئەپ بار ئىدى ،  ...

发送应用程式 نى باسقاندا تېلىفۇندىكى ئۆزىمىز قاچىلىغان ئەپلەر كۆرىنىدۇ،بىز بۇنىڭدىن تاللاپ باشقىلارغا ئەۋەتەلەيمىز،شۇڭا ‹ئەپ ئەۋەتىش/ئەپ يوللاش› دەپ تەرجىمە قىلساق،
باشقا خەتلەرنى ئۇچراتماپتىمەن،قايسى جايدا چىقىدۇ دىگەندەك ئېزاھاتى بولسا شۇنىڭغا قاراپ مۇۋاپىق تەرجىمە قىلساق،

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
79
ئاقچا
5
توردا
99 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-22
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 23:50:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىسى ئالتۇننى زەگەنىڭ سوققىنى ياخشى ، بۇنداق دىگەنلىك ئاز-تۇلا بىلىمگە ئىرىشىپلا % 100 نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ . شۇڭا ئۈزۈمىزنى تېخىمۇ پىشىپ يىتىلدۈرۈشىمىز كىرەك ~

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 23:55:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇن بۇيرۇق پېئىلى بويچە تەرجىمە قىلىشنى توغرا دەپ قاراپ شۇ بويچە قىلغانتۇق، ئۇبۇنتۇنىمۇ شۇ بويچە تەرجىمە قىلدى. كۆچۈر، ئۆچۈر، بىكار قىل... دېگەندەك.
لېكىن windows8 نى ئۈچۈنچى شەخىس تىلىدا تەرجىمە قىلىپتۇ. كۆچۈرۈش، ئۆچۈرۈش، بىكار قىلىش دەپ.
مېنىڭچە windows نىڭ ئومۇملىشى بەك كەڭ دائىرلىك بولغاندىكىن، windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى بۇندىن كېيىنكى يۇمشاق دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
ئاندرويد ئەپلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۈچۈنچى شەخىس تىلىدا ئالساق بولارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. كۆچۈرۈش، ئۆچۈرۈش... دېگەندەك.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
257
ئاقچا
69
توردا
252 سائەت
تىزىملاتقان
2011-11-21
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 00:05:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلا ئاللاھ ھەممىمىزگە بىرلىك،تىرىشچانلىق،مىھرىبانلىق،كەڭقورساقلىق
مۇۋاپىقىيەت ئاتاقىلسۇن!
بۇتېما ئارقىلىق ئەپتۈزۈش،ئەپتەرجىم قىلىشتا كۆرۈلىۋاتقان ئازبىرقىسىم ئاتالغۇ ،ئىملا قائىدىس ئۇستازلارنىڭ
مۇھاكىمىسى، مۇنازىرىسى ،يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ھەلبولىشى مۇمكىن ؛
مىللىتىمىزدىن چىققان ئىختىساس لىق ئۇستازلار بىرلىكتە تىرىشىدىغانلا بولساكەلگۈسىمىز ياخشى بوپكىتىدۇ ھازىر چەتئەلنىڭكىنى‹‹فۇيىن››قىلىپ ماختىنىۋاتقانلارنىڭ زور گۈللىنىش دەۋرى،ئەرگىمۇ بىرنۆۋەت يەرگىمۇبىرنۆۋەت تارىختا ئەجداتلىرىمىز ئۈگەنگۈچى بولماستىن ئۈگەتكۈچى بولغان ئىكەن بىلىم ئۈچۈن تىرشايلى !
قىلىپ ماختىنىۋاتقانلار

باشقۇرغۇچى

korash uyghur

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
104
ئاقچا
25
توردا
49 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-11
نادىر
2
تېما
15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 00:11:48 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lost يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 20:46
مەن تەرجىمە قىلالماي تاشلاپ قويغان بىر ئەپ بار ئىدى ،  ...

مەن تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن ئاشۇ ئەپنى كۆرۈپ سىناپ قانداق ئورۇندا ئىشلىتىلدى شۇخەتلەر باركۇنۇپكىنى باسقاندا قانداق ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ !شۇلارنى بىلمەي تۇرۇپ تەرجىمىگە قول تىقالمايمەن  ۋاھالەنكى قولۇمدا ئاندرويد سېستىمىلىق يانفون يوق !
شۇڭا قارىسىغا تەرجىمە قىلسام بولماس !

يەنى 开   关  بۇ ئىككى سۆزئوخشىمىغان ئورۇندا ئوخشىمىغان شەكىلدە قوللىنىلىدۇ   
مەسىلەن: ئوچۇق، ئېتىك،  ئچېىش ،ئېتىش(تاقاش
) ئېچىلدى ،ئېتىلدى   تاقالدى!
تەرجىماننىڭ مۇھىم ئۆتكىلى مۇشۇيەردە،
مىنىڭچە مەقسىدىمنى چۈشىنىپ بولدىڭىز!
مەن سىزيوللىغان سۆزگە سۆز ياساپ باقسام بولىدۇ ، لىكىن
سىزمەندىن ئۇستا شۇڭا يەنىلا سىز تەرجىمە قىلسىڭىز ياخشى
كەمىنىنىڭ يەنە باشقا يازمىلىرىغا قىززىقسىڭىز:بلوگىمغا مەرھەمەت قىلىڭ:www.korash.net

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
52
ئاقچا
10
توردا
69 سائەت
تىزىملاتقان
2011-10-19
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 00:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 23:55
بۇرۇن بۇيرۇق پېئىلى بويچە تەرجىمە قىلىشنى توغرا دەپ قا ...

34- قەۋەتتىكى ئىنكاسىمنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىز،ھازىرچە ئاتالغۇلار سەھىپىسى قوشۇشقا بولمامدۇ-يا؟

باھا سۆز

alip  ئاتالغۇلار سەھىپىسى قوشۇشقا تامامەن بولىدۇ. بۇرۇنمۇ بارتى  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 10:43:45
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 02:50 , Processed in 0.123586 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش