ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىگىسى: alip

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىڭىز نېمە؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
305
ئاقچا
166
توردا
291 سائەت
تىزىملاتقان
2011-4-19
نادىر
0
تېما
15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 16:34:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 14:50
تېمىنىڭغۇ ئىملاسىنى باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ ئوڭشاپ ق ...

مەنغۇ مۇشۇ ئىملاسى خاتا تېمىلارنى كۆرسەملا تەستىقلىمايلا ئۆچۈرۋىتىدىغان بولدۇم ، ئانا تىلىنى تولۇق ئىگىلىمەي تۇرۇپ ، ماڭا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بېرىڭلار ، ئۇيغۇرچە روم يېزىپ بېرىڭلار ، ئۇيغۇرچىنى قانداق تۇنۇتىمەن دېگەندەك نۇرغۇن سۇئاللارنىڭ ئىچىدە ئىملاسى توغرا ھەم تەھرىرلىنىشى رەتلىك بولغان ، شۇنداقلا تورداشلار كۆپ يولۇققان مەسلىلەر يېزىلغان تېملارنى تەستىقلاپ ، قۇربىمنىڭ  يېتىشىچە تەھىررلەپ ۋە جاۋاب بېرىپ مېڭىۋاتىمەن ... ئاندىن بىرلا قۇر خەتنى تېما قىلىپ يوللىغانلارنىڭ تېمىسىنى قەتئئىيلا تەستىقلىماي ئەخلەتخانىغا تاشلاۋاتىمەن ... ئىشقىلىپ مۇشۇ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلمىغانلار كۆرسەم شۇنداق نىرۋام قاينايدۇ . قايسى كۈنى شىياۋمىي ھەۋەسكارلىرى دەيدىغان بىر توپقا بىر بۇرادەر ئىلكيۇرىت خەت كىرگۈزگۈچىسىدە خەت يېزىپ يوللىغان ئىدى ، مەن ئۆلچەملىك ULY بىلەن خەت يازسام ئۇيغۇرچىنى بىلمەمسىز دەيدۇ تېخى ؟ خەنزۇچە سۇئال سورايدىغانلار ئىچىدىن كىچىكدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇيغۇرچىنى سۆزلىيەلەيدىغان ئەمما يازالمايدىغانلار ، خەنزۇچە جاۋاب بېرىپ تېلىفۇندا يولۇققان مەسلىلەرنى ھەل قىلىشىپ بەردىم ....
گەپنىڭ قىسقىچى نېمە دېمەكچى دېگەندە : سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قوشۇلىمەن ... خەۋىرىڭىز بارمىكىن ، بىر ئىككى ئەپنى ئاقچىغا ساتقىنىم ، مەندە ھەرگىز پۇل كەم ئەمەس ، ھەم ئۇ ئەپلەرنى ئۆزۈم ياساپ چىققان ئەمەس ، لېكىن بىر قانچە قېرىندىشىم ھەتتا مېنى مۇناپىق قاتارىغا چىقىرۋەتتى ... مەقسىتىم ئەمگەك مېۋسىنى قەدىرلەشنى تەۋسىيە قىلىش ئىدى ، ئەپسۇس بەزى قېرىنداشلار تىللەپ دېگىنى قالمىدى ، ئۆزى قىلالماي ، قىلغاننى ياراتماي ، قاچانغىچە مۇشۇنداق غەيۋەت شىكايەت بىلەن ئۆتەرمىزكىن تاڭ ؟؟؟؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 16:39:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xaydayi يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 16:34
مەنغۇ مۇشۇ ئىملاسى خاتا تېمىلارنى كۆرسەملا تەستىقلىم ...

مېنىمۇ كۈندە نەچچىسى تىللايدۇ، ئۇنداق ئىت مىجەزلەر بىلەن كارىمىز بولمىسۇن.
ئىملاسى توغرا ياخشى ئەپلەرنى داۋاملىق ئاقچىغا ساتىمىز. ئۇنىڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا پايدىسى بار، شۇنداقلا ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەشنى ئۈگىندۇ.

باھا سۆز

arwah  ئاستى قەۋەتتىكى ئىنكاسنى سىزمۇ كۆرۈپ قويۇڭ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 17:37:12
xaydayi  قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 17:15:28
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
156
ئاقچا
6
توردا
67 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-6
نادىر
0
تېما
11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 17:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xaydayi يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 16:34
مەنغۇ مۇشۇ ئىملاسى خاتا تېمىلارنى كۆرسەملا تەستىقلىم ...

سىز باشقۇرغۇچىما؟  باشقۇرغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى نېمە ؟ قانداقتۇر بىر تېمىنى كىرىپ تەستىقلاپ قويۇشما؟   باشقۇرغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى پەقەتلا تەستىقلاش بولسا، ئۇ ھالدا مۇنبەردىكى تېمىلارنى تەستىقسىز چىقىدىغان قىلىپ قويسا باشقۇرغۇچىنىڭ نېمە كېرىكى ؟
ئالىپ ئەپەندى ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلار، سىلەر باشقۇرغۇچى بولغان ئىكەنسىلەر ئۇھالدا سىلەرنىڭ بىر شەرەپلىك ۋەزىپەڭلار بار بولغان بولىدۇ، يەنى، سىلەر شۇنداق ئۆچ بولغان ئىملا خاتالىقىنى بىر-بىرلەپ تۈزىتىش. خاتا بوپ قالغان يەرلىرىنى تۈزىتىش. بۇنداق ئىملاسى خاتا تېمىلارنى كۆرسەملا ئۆچۈرىدىغان بولدۇم دەپ ئىملا تەھرىرىلەشكە ۋاقىت چىقىرالمايدىغان باشقۇرغۇچىلارنى ئاستا ئالماشتۇرۇپ قويۇشقا تېگىشلىك. مەنمۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىقى قىلىپ يۈرگەنگە تەخمىنەن ئۈچ يىل بوپتۇ، بەزىدە بىر تېمىنى يېرىم سائەت ئولتۇرۇپ ئىملا تۈزەتكەن يەرلىرىممۇ بار. ئۇنداق ئەزالاردىن ۋايسايدىغان، قېيدايدىغان ئىشلار باشقۇرغۇچىنىڭ ئىشى ئەمەس.
مەن ئۆزۈمغۇ ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنىش جەھەتتە خېلى ياخشى، بەلكى سىزمۇ شۇنداق ،ئالىپ ئەپەندىمۇ شۇنداق. ئەمما ھەممە ئادەم سىز بىزلەرگە ئوپئوخشاشما؟
ھەممە ئادەم يېزىپ ئۆگىنىدۇ، ئۇيغۇرچە خەتنى بېسىپ ئۆگىنىدۇ. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلىرىمىزدە سۆزلۈك ئامبىرى يوق، خەنزۇچە كىرگۈزگۈچلەردەك  ك  ن  دەپ بېسىپ قويساق  تەييار تاللايدىغانغا 可能   困难دېگەنلەر چىقىپ تۇرمايدۇ. بىر ھەرپتىن بىر ھەرپتىن كىرگۈزىدىغان گەپ .   ھەممە ئادەم ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشكە شۇنداق پىششىق بولۇپ كەتسىدى، ئاندىن ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىمىز دېمەي بىۋاستە ئۆچۈرسەڭلا بۇلاتتى.  ئەمما ئويلاپ باقايلى، مىللىتىمىزدە ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى بىلىدىغانلار قانچىلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ؟ شەيدايى ئەپەندى خاتالاشمىسام سىزمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇيسىز، مەكتىپىڭىزدىكى ئۇيغۇر سىتۇدېنتلاردىن سوراپ بېقىڭ،ئۇيغۇرچە خەتنى ياخشى باسالايمەن دەيدىغان ئۇقۇغۇچىدىن ئون نەپەر چىقالامدۇ يوق.
مەنمۇ ئارتۇقچە سۆزلىمەي، ئىملا خاتالىقىغا ھەممەيلەن قارشى تۇرىمىز، ئەمما باشقۇرغۇچىلار ئەسكەرتكەن ئاساستا تەھرىرلىمىەستىن بىۋاستە ئۆچۈرىشى مۇنبەر تەرەققىياتىغا زىيانلىق. مۇھىمى ،شۇنداق بىر ھەركىتىڭىز ئۇيغۇرچى خەت كىرگۈزۈشنى ئۆگىنىۋاتقان بىر قېرىندىشىمىزنى ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈشنى ئۆگىنىش يولىدىن توختىتىپ قويىشى مۇمكىن.

ھەممەيلەن ئالدىرىماي، سوغۇققان بولايلى، تېما يوللىغاندا  ئالدىرىمىساق ئىملا خاتالىقى ئازىيىدۇ.تېما تەستىقلىغاندا ئالدىرىمىساق مۇنبەردىكى تەستىقلانغان تېمىلاردىكى ئىملا خاتالىقى تۈگەيدۇ.   

ھەر قانداق ياردەم-كۆكلەم گۇرۇپپىسىدا،چ چ:84495084

Rank: 4

جۇغلانما
156
ئاقچا
6
توردا
67 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-6
نادىر
0
تېما
11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 17:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىكەت قۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تېمىڭىزدىكى بەزى ئوق-دورا پۇرىقىدىكى سۆزلەرنى ئالماشتۇرىۋىتىڭ ياكى ئۆچۈرىۋىتىڭ. مۇنبەردە سىزىك بولۇپ قالغان خوتۇن كىشى يوق. بۇ تېمىڭىزمۇ شۇنداقلارغا قىلىنغان شۇنداقراق دوق بوپ قاپتۇ.
ھەر قانداق ياردەم-كۆكلەم گۇرۇپپىسىدا،چ چ:84495084

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 18:04:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arwah يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 17:40
بىكەت قۇرغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تېمىڭىزدىكى بەزى  ...

تەكلىپىڭىز بويچە تەھرىرلىۋەتتىم. سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ، ئىملايىڭىز خاتاكەن دېگەن ئىنكاسقا پۈتۈن تېمىنى تەھرىرلەپ ئۆچۈرۋېتىش ئوغۇل بالىنىڭ قىلىقىما؟
خاتانى خاتا دېمەي نېمە دەيمىز.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
192
ئاقچا
6
توردا
50 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-20
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 18:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى گەپلەرنى سىلىق-سىپايە دېيىشىنى ئۆگىنەيلى .
ئىملارىڭىز بەك خاتاكەن تۇزىۋىتىڭ دېگەندىن ئىملارىڭىزدە بەزى خاتالىقلار باركەن ، بىر قاراپ باقمامسىز دەپ ئۇچۇر يوللاپ قويساڭلار ، مېنىڭچە ھەرقانداق ئادەم ئىملارىنى سىلەر دىگەندەك توغرىلاپ بېرىدۇ ..
مەن ئەرەب تىلى بىلەن شۇغۇللىنىمەن ، ئەرەب تىلى ۋە خەنزۇ تىلى قاتارلىق تىللاردا ئىملا خاتالىقى دېگەن نەرسە ئاساسەن بولمايدۇ ، نېمىشقا دېگەندە بىر ھەرىپنى ئالدى كەينى يازسىڭىزلا پۈتۈن بىر مەنە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ، لېكىن بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا (ى ې و ۇ ۈ ۆ  غ گ ) لار قالايمىقان كەلسە مەنە ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ لېكىن ئوقۇشقا بولىدۇ .
بەك ئەيىبلەپ كەتمەڭلار ئالدىرىماي ئۆگىنىۋالمىز.

Rank: 4

جۇغلانما
156
ئاقچا
6
توردا
67 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-6
نادىر
0
تېما
11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 18:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 18:04
تەكلىپىڭىز بويچە تەھرىرلىۋەتتىم. سىزمۇ ئويلاپ بېقىڭ، ...

خاتانى خاتا دېيىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە ،ئەمما ئالىپ ئەپەندى، بۇنى سىز ئويلىسىڭىز بولىدۇ،ئەمما تېما قىلىپ ئۇنداق گەپلەرنى قىلىپ تېما يوللىمايسىز.    باشىقىلار دەيدۇ ،  ئەمما  بىكەت قۇرغۇچىسى سىز  دېمەيسىز، گېپمنىڭ مەنىسىنى چۈشەندىڭىزغۇ دەيمەن
ھەر قانداق ياردەم-كۆكلەم گۇرۇپپىسىدا،چ چ:84495084

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
113
ئاقچا
1
توردا
24 سائەت
تىزىملاتقان
2011-8-13
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 19:00:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى ئايدا شىركىتىمىز نامدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن -تېخنىكا ئىدارىسىگە مەلۇم بىر يۇمشاق دىتالنى تىزىملىتىش ئىېچىشقا ئىلتىماس قىلىپ باردۇق ،بۇ دىتال ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان دىتال ئىدى ، ئۇيەردە شىركىتىمىزدىكى خادىمدىن ئىككىمىز بارغان ،باشقىلار نىڭ ھەممسى خەنزۇيولداشلار ئىدى . ئۇلارمۇ بىزدەك تۈر ئىلتىماس قىلغىلى بارغانلار ئىدى . بىز يېغىنغا 1سائەت بۇرۇن كەلدۇق . قارساق سىراتتا 6-7 خەنزۇ يولاداش بارئىدى .  ئۇلار بىز دىن سىلەر ئازسانلىق مىللەتمۇ دىدى ،بىز ھە بىز ئۇيغۇر مىللىتى دەپ جاۋاپ بەردۇق .كىيىن  شىركەتىمىز ۋە ئۈزىمىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان تور، شىركىتىمىز مەھسۇلاتىمىز نى بىر ھازا چۇشەندۇرۇپ كەتتۇق . ئۇلار بىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان يۇمشاق دىتالنىڭ ئىسمنى ئاڭلاپ  ھەممىسى كۈلۇپ كەتتى ، بىز ئىككىمىز نىمىش بولغۇننى بىلمەي ئۇلاردىن سۇرۇساق ئۇلار بىز گە ، سىلەر ئۇيغۇرلار ئۇنداق يۇمشاق دىتالنى تۇزۇپمۇ يۇرمەيسىلەر بىزنىڭ خەنزۇ دوسلار تۈزگەن سىستىمىنى تەرجىمە قىلساڭلار بولدىغۇ ، سىلەر ھىلىمۇ خەنزۇلار تۇزگەن توربەت يۇمشاق دىتال قاتارلىق نۇرغۇن يۇمشاق دىتاللارنى تەرجىمە قىلىپ چىرايلىق دوپپا كەيدۇرۇپلا ئىشلىتىسىلەر ،بىزچە بۇ دىتالنى سىلەر تۈزمەي تەرجىمە قىلىڭلار تۈر دەپ مۇ ئىلتىماس قىلماڭلار ،تەستىقتىنمۇ ئۆتمەيدۇ ،  دەپ كۈلۇشۇپ كەتتى ، ئەمىليەتتە بىز تۈزگەن ئۇ يۇمشاق دىتال پۈتۈنلەي cتىلىدا يېزىلىپ قاتتىق دىتال ئۈستىدە نۇرمال ئانا تىل يېزىقتا ئىشلەيتى ، ئۇنى تەرجىمە قىلساق بەرىبىر قاتتىق دىتال ئۈستىدا ئۇيغۇرچە ئىشلىشى ناتايىن . چۈنكى ئۇ تىگىدىن ئۇيغۇرچە ئەمەسدە . يېرىم سائەتىن كىيىن بىز كىردۇق ، ئۇيەردە باھالغۇچى ، يۇمشاق دىتال تۈزگۈچى ھەممىسى بار ، ئۇلار بىز دىن سۇراشقا تىگىشلىك بارلىق  تېخنىكىلىق سۇئاللارنى سۈرىدى بىزمۇ توغرا جاۋاپ بەر دۇق ، ئاخىردا بۇ تور تەستىقلانمىدى ، چۈنكى بۇ تورگە مەبلەغ ئاجرات مىسىمۇ بۇلىدۇ ، خەنزۇچە بۇلامدۇ قانداق بولسا ئۇخشاش ، بەرىبىر تەرجىمە قىلغاندەك بۇلىدۇ . دەپلا بۇ تۇر بىكار قىلىندى . دىمەك بىز بۇندىن كىيىن يۇمشاق دىتال تۈزمەي تەرجىمە قىلساقلا بولدى . بىز دە يۇمشاق دىتال تۈزدىغانغلار ساناقلىق ، ئەمما تور بەت تەرجىمە قىلىپ رەڭ ياساپ ، كود كۇچۇرۇپ توربەت ياسايدىغانلار ساماندەك ، قارسا بىز دەك 10يىل سەرىپ قىلىپ سىستىما تۈزۇشنى ئۇگەنگەنلەر ئاچ قالغان ، ئاۋۇ تور بەت تەرجىمانلار بولسا كىچىككىنە بىر كود نى بىلىىۋېلىپ بىزنى ياراتمىغان ، قارسا تىلەم چىدەك 50 ، 100 ، 200، 300 ، 400 يۈەن لەرگە تور بەت تەرجىمە قىلىپ ساتقان ، بىز كىچىچە ئوتۇرۇپ ساپ ئۇيغۇرچە توربەت ۋە سىستىما تۈزسەك بەك قىممەتكەن دەپ 300يۈەن گە بەتنى ئىلىپ قالغان پۇلغا ھاراق ئىچىپ شۇپاڭ خانىدا يۈرگەن ،  قېىنى قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۈتىمىز ، ھەممسى 100 يۈەن گە بەت ئىلىپ 100 يۈەن گە بۇشلۇق ئېلىپ ناخشا ، كىنو ، سېرىق ئېلان بەتلىرنى ئاچقان ، بىز ئۇيغۇرلاردا ناخشىچى ئازما ، بىز ئۇيغۇرلاردا  ناخشا ،كىنو بەت ئازما . تەرجىمە قىلغان ۋاقىتتا ئالىپ ئۇستاز دىگەندەك توغرا ياخشى تەرجىمە قىلىڭلار ، بولمىسا قىسڭلار ، بىر ھەپنى تەرجىمە قىلساڭلار ، 1ھەپتە كەتسە شۇنىڭ ئورنىغا بىر ھەپتە سەرىپ قىلىپ بىر تىل نىڭ 3 باب مەزمۇننى كۈرۈڭلار ، بارا-بارا سىلەرمۇ شۇ نەرسىلەرنى ئۈگۈنۈپ قالسىلەر ، بىزدە كەسپى تور بەتلار يوق تەكلا ، توربەت ئاچىدىغانلار شۇنداق بەت ئېچىڭلار ، بولدى سۆزلىگەنگە پۈتەمدۇ ئۇ!
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
UyghurWeb + 50

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 50   باھا خاتىرىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 19:14:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Android يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 19:00
ئالدىنقى ئايدا شىركىتىمىز نامدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پەن ...
  1. سىلەر ھىلىمۇ خەنزۇلار تۇزگەن توربەت يۇمشاق دىتال قاتارلىق نۇرغۇن يۇمشاق دىتاللارنى تەرجىمە قىلىپ چىرايلىق دوپپا كەيدۇرۇپلا ئىشلىتىسىلەر ،بىزچە بۇ دىتالنى سىلەر تۈزمەي تەرجىمە قىلىڭلار تۈر دەپ مۇ ئىلتىماس قىلماڭلار ،تەستىقتىنمۇ ئۆتمەيدۇ ،  دەپ كۈلۇشۇپ كەتتى
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن windowis, ios, ubuntu دەك  سېستىمىلارنى ئۆزى تۈزەلمەي، ئېنگىلىز تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىۋاتقىننى ئۇنتۇپ قاپتىما؟

سۆزىڭىز ئىنتايىن ئورۇنلۇق. شارائىتىمىز يار بەرسە تەرجىمە قىلىش بىلەن بىرگە يۇمشاق دېتالنى ئۆزىمىز تۈزۈشنى ئۆگەنسەك تېخى ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

جۇغلانما
140
ئاقچا
96
توردا
312 سائەت
تىزىملاتقان
2011-5-12
نادىر
2
تېما
33

Medal No.1

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 19:51:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللىغان ۋاقتى  2012-4-21 14:50
تېمىنىڭغۇ ئىملاسىنى باشقۇرغۇچىلار تەھرىرلەپ ئوڭشاپ ق ...

ئالىپ ئەپەندىم ، مېنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم دەل شۇ دېتالدىكى خەتنىڭ ئىملاسى . تېمىنىڭ ئىملاسىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ  تەكشۈرۈپ تۈزىتىشى بۇ ھەرقانداق مۇنبەردە بار ئىش دەپ قارايمەن . بۇنىڭغا ئىنكاس يېزىش كەتمەيدۇ . مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ، ئاشۇ تەرجىمە قىلىنغان دېتال ياكى ئەپلەرنىڭ ئىملاسى . ئەگەر شارائىت يار بەرسە ، ئاشۇ تەستىقلاشقا سۇنۇلغان تېمىدىكى دېتال ياكى ئەپنى سىناپ بېقىپ ، ئىملا ياكى باشقا خاتالىق بولمىسا ئاندىن تەستىقلاش ، ئەگەر خاتالىق بايقالسا ، تېما يوللىغۇچىغا ئۇچۇر قىلىپ ، خاتالىقنى ئوڭشىۋېتكەندىن كېيىن ئاندىن تەستىقلاشنى دەۋاتىمەن .(ئەلۋەتتە ، ھەرقانداق تەرجىمە ئەپ ياكى دېتالنى سىناشقا ، خاتالىقنى تېپىشقا ئىمكان بولماسلىقى مومكىن . مەسىلەن ، بىرقىسىم چوڭ ھەجىمدىكى دېتاللار ، تەرجىمە سۆزلۈك مىقتارى كۆپ دېتاللار دېگەندەك).
      يىغىشتۇرۇپ ئېيتساق ، مەيلى تەرجىمە قىلىش بولسۇن ، ياكى خاتالىقىنى كۆرسىتىش بولسۇن ھەممەيلەننىڭ مەسئولىيىتى بار . تەرجىمە قىلمىغاندىن قىلغان ياخشى . مېنىڭچە بۇ يازمىڭىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى نۇرغۇن تەرجىمىلەرگە بولغان رولى ناھايىتى چوڭ . ھېچ بولمىغاندا ، دېتال ياكى ئەپ تەرجىمىسىدە ئىشلىتىدىغان سۆزلۈكنىڭ ئۇنداق ئىختىيارى ، ئۆز مەيلىچە ئىشلىتىلسە بولمايدىغان كۆپ تورداشلار تۇنۇپ يىتەلىدى دەپ قارايمەن .
پەخىرلەن دۇنياغا مەھموت ۋەتىنى....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 04:23 , Processed in 0.100718 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش