بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟

[ تاغدىن-باغدىن ]

يېڭى يىل كىرىپلا سوئال چىقىرىش، ئىمتىھان ئېلىش، قەغەز تەكشۈرۈش، نەتىجە يوللاش، ئىمتىھان قەغىزىنى تىكىش يەنە باشقىلارغا ئىمتىھان ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم. ئىككى كۈندىن كېيىن رەسمىي تەتىل بولىدۇ. شۇڭا، نەچچە كۈندىن بېرى ماۋۇ (ماكرو) بىلوگىمنى تېخى يېڭىلاپ بولالمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ ھازىر دېگەن ئىمتىھان مەزگىلى تۇرسا، يېڭى تېما يازماي تۇرۇڭ دەپ تۇرۇۋالدى، لېكىن بىلوگ تەتىل قىلسا بولمايدۇ-دە؟

شۇڭا، بۇ (ماكرو) بىلوگىمدا قانداق تېما يېزىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتسام، نەچچە كۈندىن بېرى مېنى كۆرگەن ئادەملەر «ئوخشاپتۇ-ھە؟ ئالامەت سىزىپتۇ-جۇمۇ، كارامەت ئۇستا رەسسام ئىكەن»-دەيدىغان بولۇۋالدى. كۆرگەنلەر ھەممىسى پىخىلداپ كۈلۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى تاپتىم. قېنى سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار. بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟

ئەسلىدىكى رەسىم مانا، ئەلكۈيى تورى بېيجىڭدىكى لېكسىيەنى خەۋەر قىلغاندا تارتقان سۈرەت


ئادىلجاننىڭ مېنى سىزىدىغانلىقىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، رەسىمگە تېخىمۇ كېلىشكەن چۈشۈپ ئەۋەتىپ بەرمەمدىم-دەيمەن.
ئەسلىي مەنبەسى: ئىزدىنىش تورى
ئەسلىي مەنبەسى ئىزدىنىش تورى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
37 پارچە باھا يېزىلدى
  • «ئېگىلىدىكەن ئالما شاخلىرى،مىۋىسى قانچە ئوخشىغانسىرى»دېگەن ماقال تەمسىلنى سېلىدىن كۆرىۋاتىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 09:54
  • چ چ شىركىتنىڭ باشلىقى ما خۇاتىڭغا ئوخشاپتۇ .(چاقچاق جۇمۇ)قەدىردان مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:05
  • ئۇييۇ،بەك ئوخشىتىپتۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:46
  • سىز سەمىرىپ قالدىڭىزمۇ يا رەسىمنى ئۇرۇقلىىتىپ سىزدىمۇ…ھې ھې ھې…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:33
  • سىزغان رەسىم ئەسلى رەسىمدىن كېلىشكەن چىقىپتۇ، ھا، ھا…
    ئالىم مۇئەللىم ئىشلىرىڭىزغا تىخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:41
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئاكا.. بۇ رەسىم بىلەن سىتېۋىن جوبىزنىڭ رەسىمىگە ئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ قاپتۇ.. بۇ رەسىمدىن ھېس قىلىشىمچە سىتۋېىن جوبىزغا ئازراق ئوخشايدىغاندەك قىلىسىز جۇمۇ ھى ھى.. بولسا شۇ ئادەمدەك روناخ تېپىپ كەتسىڭىز پەيزى ئىش بولىتى دە.. ھى ھى.. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىشىگە ئاسانلىق قىلسۇن..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 17:56
  • سىزمۇ ئىزدىنىشقا چىقىپ قويىدىكەنسىز ھە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:51
  • ياخشى سىزىپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:10
  • مەن ياساشنى ئۆگۇنۇپ بولۇپ سىزگە ياردەملەشسەم بولامدۇ؟ ئەگەر بولۇپ قالسا ماڭ ئۆگۇنۇشنىڭ يوللىرىنى ئازراق بولسىمۇ كۆرسىتىپ قويسىڭىز !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 20:52
  • ئالىم ئاكا مىنىڭ سىزنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيمەن
    سىز ئانا تىلمىزنى كومپىيۇتىرغا تونۇتۇش …….. قاتارلىق نۇرغۇن ساھالەردە مىللىتمىزگە خېلى ئاسانچىلىق ۋە قۇلايلىق ئېلىپ كەلدىڭىز ، ئاخىردا ئىشلىرىڭزغا ئۇتۇق ، ئائىلىڭىزگە خاتىرجەمىل تىلەيمەن
    ئامان بولۇڭ ؟؟
    مىنىڭ بىرتەكلىپىم: ئۇيغۇر سوفىت تورىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ قۇيۇڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ تور بىكتىڭلاردىن زوق ئالالسۇن ، ھازىر ئۇيغۇر چىنى قۇشۇپسىلەر 2-3ئاينىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە يېزىق پۈتۈنلەي يوق ،ئازتولا چۈشەنچە بەرگە بولسىڭز؟؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 16:38
    • ماڭا شۇ ياساپ بېرىدىغان، مەزمۇن قوشىدىغان ئادەم لازىم، بۇنداق ئادەم تېپىلمىدى. ئۆزەم قىلاي دېسەم، مېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى يەنە بىرسى تېخىمۇ قىلالمايدۇ. بىزدە پىلان، مەسلىھەت كۆرسىتىدىغانلار زىيادە كۆپ، ئەمما، بېسىپ ئولتۇرالايدىغان، قولىدىن بىر ئىش چىقىدىغانلار سەل ئاز ئىكەن،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 22:10
  • ئاۋۇ سۆرەتتىكىسى سىزما؟ بىر قارىسام ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە ئوخشايدىكەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى am 11:23
  • بوينى ئوخشىماپتۇ، تارتقان رەسىمدە بوينى سىمىز، قىسقا ئىكەن، سىزغىنىدا ئۇزۇن ئورۇق ئىكەن.(ھى ھى ھى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:19
  • يەنە بىر قاراشتىن سىتىۋ جوبىز غا ئوخشاپمۇ قاپتۇ، بىشىغا ئالمىدىن بىرنى قويۇپ قويان بولسا كارامەت ئوخشاركەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:53
  • شۇنداقمۇ ئوخشىغان بارمۇ! ئالىم ئەھەت ئاكىمىز تولىمۇ كىلىشكەن جۇمۇ! ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي مۇئەللىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى am 06:49
  • ھەجىۋى رەسىمنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇشۇنداق بولىدۇ، ئوبرازىڭىزنى ئاشۇرۇپراق ئىپادىلەيدىغان گەپ، مەنچە ناھايتى ياخشى سىزىپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:37