ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016 نى سېتىۋېلىش
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]«ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2016»نىڭ يېڭى نەشرى تاماملاندى، پات يېقىندا (تەخمىنەن بىر ھەپتە ئىچىدە) ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ لۇغەتتە ئۆزگىرىش كۆپ بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى تېخىمۇ كۆپەيتىلدى، ئىملا ۋە تەرجىمىدىكى خاتالىقلار ئاساسەن تۈگىتىلدى، ئەڭ يېڭى ئاتالغۇلارمۇ تولۇقلاپ كىرگۈزۈلدى، خېرىدارلارمۇ ئىشلىتىش ھەققىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدۇ.
لۇغەتنىڭ سۆزلۈك مىقدارىنى ھېسابلاپ كۆرەيلى، بۇ لۇغەتكە جەمئىي 2 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق سۆز-ئىبارە كىرگۈزۈلگەن.
ھەر بىر بەتكە 3 ئىستون، ھەر بىر ئىستونغا 33 دىن سۆز تىزىپ، بېسىپ چىقارساق، بىر بەتكە تەخمىنەن 100 سۆز پاتىدۇ. بۇ A4 قەغىزىنىڭ بىر ۋارىقىدۇر.
ئەگەر ھەممە سۆزنى بېسىپ چىقارساق، تەخمىنەن 24,123 بەت بولىدۇ. بىر بولاق A4 قەغەز 500 بەت بولۇپ، جەمئىي 42 بولاق A4 قەغەز كېتىدۇ، تەخمىنەن 800 يۈەن ئەتراپىدا قەغەز كېتىدۇ.
ئەگەر بۇ 42 بولاق A4 قەغەزنى ئۈستىلەپ قويساق، ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2 مېتىر 40 سانتامېتىر بولىدۇ. (ئەمەلىيەتتە قەغەزنى بېسىپ چىقارساق كۆپىدۇ، تېخىمۇ ئېگىز چىقىدۇ، ئۆيىڭىزنىڭ تۇرۇسىغا تاقىشىدۇ)
مۇشۇنداق قىممىتى بار لۇغەتنى 180 يۈەندىن بىر ئاي ئېتىبار باھادا ساتماقچى، بىر ئايدىن كېيىن ئەسلىدىكى باھاغا قايتىدۇ.
=======================================
تۆۋەندە ئۈندىدار ۋە ئەلى چىقىمدانىدا سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىمىز.
- يازما كۆرۈلۈشى: 2,293 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2016-يىلى 07-ئاينىڭ 18-كۈنى am 10:14
- ئالدىنقى يازما :How-to Stop a Research Paper
- كېيىنكى يازما :Critical Evaluation Document Topics
ئالىم مۇئەللىم ، مەن قارانچۇق نۇسقىسىنى سېتىۋالماقچى ئىدىم. ئۇنى قانداق سېتىۋىلىش ھەققىدە باشقا گەپ قىلماپلا………. مەندە كوررېىتور قارانچۇق نۇسقىسى بار ئىدى. مۇمكىن بولسا بىر قارانچۇق بىلەن ھەم كوررېكتور ھەم لۇغەتنى تەڭ ئىشلىتەي دەپ ئويلىغان ئىدىم. مۇمكىنچىلىك بولارمۇ ؟
قارانچۇق نۇسخىسى مۇشۇ لۇغەت ئېلان قىلىنىپ، يەنە بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىدۇ. شۇ چاغدا بىر ئايلىق ئېتىبار باھادا سېتىۋالسىڭىز، بىر قارانچۇق بىلەن ئىشلىتەلەيسىز
ئاۋارە قىلدىم مۇئەللىم، ئەلۋەتتە دىيىشى كىتەمدۇ؟ ماڭا ئۈچيۈز نەچچە يۈەن پۇلدىن كۆرە دەرسلىك بەك مۇھىم، ئەلۋەتتە بۈگۈن كېچە ئۇخلىماي كومپيۇتېر ئالدىدا ماراپ ئولتۇرىمەندە….
نىسىپ بولسا بىزمۇ بۇنداق ئۆتىۋەرمەسمىز، ياخشى ئۆگۈنۈپ سىلنىڭ قوللىرىغا قول بولۇپ يۈكلىرىنى يىنىكلىتىشكە تېرىشىمىز…
بارىكاللا، ئۇنداقتا تىرىشىپ ئۆگىنىڭ، ئالىم مۇئەللىم بىز قىلىدىغان ئىش بارمۇ دېسىڭىز، مەن تەييار.
بەك ياخشى بولدى، تېزراق چۈشۈرسەك بولاتتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مالىم، لوغەتكە روسچە قوشمامسىز؟
رۇسچە-خەنزۇچە لۇغەت قوشۇلدى، پەيدىنپەي ئېلان قىلىمەن
ئالىم مۇئەللىم ياخشى تۇرۋاتاملا؟ مەن قايتا-قايتا دەپ خىجىلمۇ بولۇپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ يەنە دىمىسەم ئۆزۈمگە زىيان بولغۇدەك، ۋاقتىمغا زىيان بولغۇدەك، ئۆگىنىش ئۈچۈن يۈزۈمنى قىلىنراق قىلىشنى لايىق كۆردۈم…
«ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى دەرسلىكى» نى تىڭشۈن دەرسخانىسىدىن ئۆچۈرۋىتىپلا، سىلى «بۇ دەرسلىكنى ئوخشاشلا سىنغا ئېلىپ سۆزلەشنى ئاساس قىلىمەن، تىزىملاتقانلار دەرس مەزمۇنىنى كومپيۇتېر، يان تېلېفون،…قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە قايتا-قايتا ياندۇرۇپ كۆرەلەيدۇ..» دىگەنتىلە، ھازىر قايتا-قايتا كۆرۈش ئەمەس، بىرقېتىم كۆرۈشكىمۇ ئىمكانىيەت بولمىدى، سىلى توپقا يوللاپ قويىمەن دىگەنتىلە، ئون تۆت كۈندىن بېرى كۈندە توپقا قاراپ بېقىۋاتىمەن… مۇشۇ يوللاپ قويسىلا بولاتتى، دەرسلىكنى تاللاپ تاللاپ بۇيرۇق بېرىپ قويسا ئۆزى يوللىندىغان بولغاندىكىن، سىلىنىڭ بەك كەتسە 20 مىنۇتمۇ ۋاقىتلىرى كەتمەس بەلكىم….
كەچۈرسىلە، ئەدەبسىزلىك قىلغىنىم ئەمەس، مەن پەقەت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دەرسلىكنى كۆرىۋالاي دىگەن شۇ….
مەن يوللاپ قويدۇم، ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق، مەن ھازىر لۇغەتنىڭ يېڭى نەشرى بىلەن ئالدىراش خىزمەت قىلىۋاتىمەن، پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي ياكى بۈگۈن كەچ 10:00 دىن بۇرۇن شۇ دەرسنىڭ QQ توپىغا كىرىپ، سىز ئاڭلىيالمىغان 19-قىسىمدىن باشلاپ 25-قىسىمىغىچە دەرسنى چۈشۈرۈۋېلىڭ،
مەن دەرسنىڭ ھەممىنى QQ توپىغا يوللاپ قويدۇم، بۈگۈن كەچ سائەت 10:00 دىن كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن، يەنە ئۇنى بۇنى دەپ باھانە كۆرسەتمەڭ، مەن لۇغىتىمنى ئىشلىۋالاي.
ئالىم مۇئەللىم ، ئىملا تەكشۈرگۈچنىڭ قارانچۇق نۇسقىسىنى سېتىۋالغانلار ئۈچۈن ئاشۇ بىر قارانچۇقنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ يېڭى لۇغەتنىڭمۇ يەرلىك ساندان نۇسقىسىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى بارمۇ ؟ قارانچۇق بىر مەھسۇلات بىر نەچچە ، ھەر بىر مەھسۇلات ئۈچۈن ئايرىم ئىجازەت ھەققى تاپشۇرساق دىمەكچى.
ئەلۋەتتە بار، يېڭى لۇغەتنىڭ يەنە قارانچۇق ئارقىلىق ئىشلەيدىغان نۇسخىسىمۇ بار. باھاسى بۇنىڭدىن سەل قىممەت چىقىدۇ
180يۈەن بىر يىللىق ئىشلىتىش ھەققىمۇ ياكى بىر قېتىم سېتىۋالساق، ھەكسىز ئىشلەتكىلى بۇلامدۇ؟
ئىككى يىللىق ھەققى، 730 كۈن، بۇ ئىككى يىلدا قازاقچە، قىرغىزچە، تۈركچە، ئەرەبچە،…لۇغەتمۇ قوشۇلىدۇ،
ئالدى بىلەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىزلەرگە ئۈلگە بولغۇسى.بەك ياخشى بوپتۇ.تېلىفۇننىڭ كۆرۈنمە يۈزلۈك نۇسخىسىنىڭ ئىشلىتىش ھەققى 10يۈەن دېگىنىڭىز يىللىق ئىشلىتىش ھەققىمۇ ياكى؟
10 يۈەن يىللىق ھەققى
مېنىڭ ئۈندىداردا رىمدا لۇغەت چىقمىدىغۇ؟ پەقەت 5.9 خەتكۈچلا چىقتى، ماڭا تۈركچە ۋە ئۆزبېكچىسىمۇ بولغان ئىدارە-ئورۇن نۇسخىسىنى ئالماقچى ئىدىم، بولىدىغاندۇ؟
لۇغەت تېخى ئېلان قىلىنمىدى، ئۇزۇن بولغاندا بىر ھەپتە، قىسقا بولغاندا 2 كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.
مۇبارەك بولسۇن! مەن ئۇيغۇرسوفىت لۇغىتىنىڭ 2008 نۇسخىسىنى سېتىۋالغان، 2016 نۇسخىسىغا قانداق كۆتۈرىمەن؟ قانچىلىك ھەق تۆلىسەم بولىدۇ؟
بۇرۇنقى خېرىدارلار ئاۋۋال سېتىۋالىدۇ، يېڭى مۇلازىمەت نومۇرى بىلەن لۇغەتنى ئىشلىتىدۇ، ئەگەر ئۇلاردا بۇرۇنقى مۇلازىمەت نومۇرى بولسا، قايتا ئاكتىپلاپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى ھەقسىز ئۇزارتالايدۇ.
بىر قىتىم پۇل تۆلەپ قويۇپ، تېلېفۇن ۋە كومپىيۇتېردا تەڭ ئىشلىتەلىسەك، بۇ ياخشى بولغۇدەك. ئۈندىدار لۇغىتىنى تەرجىمە قىلىشقىلا ئەمەس، ئىملا لۇغىتى قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم. يېڭى ئىملا قائىدىسى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، ئۆزەم ئىشلىتىۋاتقان بەزى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىغا ئىشەنچ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم.
تېلىفۇن نۇسخىسىمۇ بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
بۇمۇ چىقىدۇ، بىر قېتىم پۇل تۆلەپ قويۇپلا، كومپيۇتېر، تېلېفون (ئۈندىدار، ئاندىرويىد، iOS) ۋە توردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، قانداقلا نەرسىدە ئىشلىتىمەن دېسىڭىز تامامەن بولىدۇ، ئەمما ھەممە تېلېفون نۇسخىسىمۇ ئىنتېرنېتتا ئىشلەيدۇ، يەرلىك ساندان يوق
ئەلى چىقىمدانى بىلەن پۇل تۆلەيمىز دېسەك، ئالدى بىلەن لوغەتنى قاچىلاشقا تۇغرا كېلىدىكەندە. پۇل تۆلىمەي تۇرۇپ لۇغەتنى قاچىلاشقا بولامدۇ؟
پۇل تۆلىمەي ئەلۋەتتە قاچىلىغىلى بولىدۇ، ئەمما بىرنەچچە سۆز ئىزدەپ بولغاندىن كېيىن ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. شۇ چاغدا ئەلى چىقىمدانى ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بەلكىم بىز يەنە ئايرىم بەت ئېچىپ قويۇشىمىز مۇمكىن
بۇ لۇغەتنىڭ تېلىفۇن نۇسخىسىمۇ بارمۇ؟
بار، ئۈندىداردا ئىشلەتسىڭىز ھەقسىز، كۆرۈنمە يۈزلۈك نۇسخىسى 10 يۈەن، ئۈندىدار قاچىلىنىدىغان ھەرقانداق تېلېفوندا ئىشلىتەلەيسىز، تېلېفوندىن ھېچقانداق سىغىم ئېگەللىمەيدۇ،
باشقا كومپىيوتېرغا يۆتكەپ ئشلەتكىلى بولسا بەك ياخشى بولغۇدەك. بەزى شىركەتلەرنىڭ دىتالىنى سىتىۋالساق قايسى كومپىيوتېرغا ئاكتىپلىغان بولساق مەڭگۈ ئاشۇ كومپىيوتېردىلا ئىشلىتەتتۇق، تاسادىپىي ئاشۇ كومپىيوتېرنىڭ قاتتىق دىسكىسى ئۆلۈپ قالسا ئاشۇ ئاكتىپلىغان دىتالمۇ يوق بولاتتى.
سوراپ باقسام، ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى(http://www.uighursoft.com/ug-cn/dukan) غا بۇ دىتالنى سالمامسىلەر؟ پەقەت ئۈندىداردىنلا سىتىۋالامدۇق؟
شۇنداق، لۇغەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپلا ئەلى چىقىمدانى ئارقىلىق سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. ئۈندىدار ۋە تور دۇكىنىدا ساتىمىز. ئۈستىدىكى يازمىنىڭ ئاخىرىغا قاراڭ.