ئالىم دەرسخانىسىدا «ئاشخانا باشقۇرۇش» دېتالىنى ياساش ئۆگىتىلىدۇ، تىزىملاش باشلاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئالىم دەرسخانىسىدا «ئاشخانا باشقۇرۇش» دېتالىنى ياساش ئۆگىتىلىدۇ، تىزىملاش باشلاندى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئالىم ئەھەت (تېڭشۈن) دەرسخانىسىدىكى «VB.NET ئاساسىي بىلىملىرى» دەرسىنى ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، سودا خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتال − «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنى ياساشنى تەپسىلىي ئۆگەتمەكچى بولدۇم. دەرس مەزمۇنى SQL Server ساندان باشقۇرۇش دېتالى؛ دائىم ئىشلىتىدىغان SQL جۈملىسى؛ ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى(UI)نى لايىھەلەش؛ «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا» يۇمشاق دېتالىدىكى تاماق تىزىملاش، سېتىش، ئىستاتىستىكا، بېسىپ چىقىرىش،…قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاخىرىدا «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەسلىي كودى تەمىنلەيمەن.
بۇ دەرسلىكنى ئوخشاشلا سىنغا ئېلىپ سۆزلەشنى ئاساس قىلىمەن، تىزىملاتقانلار دەرس مەزمۇنىنى كومپيۇتېر، يان تېلېفون،…قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە قايتا-قايتا ياندۇرۇپ كۆرەلەيدۇ، شۇڭا بۇ ساندانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە كەسپىي يۇمشاق دېتال ياساشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ، دەرسنى تولۇق ئاڭلاپ چىقساڭلار بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە بەلگىلىك سەۋىيەگە يېتەلەيسىلەر، ئاخىرىدا مەن تەمىنلىگەن «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا» دېتالى ئەسلىي كودىدىن «ئۇيغۇرسوفت» بەلگىسىنى چىقىرىۋېتىپ، قايتىدىن ھاسىللاپ ئۆزۈڭلارنىڭ نامىدا مۇۋاپىق باھادا سېتىپ كىرىممۇ قىلالايسىلەر، مەلۇم بىر سىستېمىنى ياساشنى ئۆگىنىمەن دېگەنلەر ۋاقتىدا تىزىملىتىڭلار.
دەرس 2-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ، 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە تىزىملاتقانلار ئۈچۈن باھاسى 399 يۈەن، ئۇنىڭدىن كېيىن 500 يۈەن بولىدۇ.

پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى مۇنداق:
p-1

p-2

p-3

p-4

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
97 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم،مەن ھەقلىق دەرىسكە پۇل تاپشۇرۇپ بولۇپ توپقىمۇ كىرگەن ئىدىم، لىكىن بۈگۈن قارىسام مەن چىكىندۈرۈلۈپتىمەن، ئەگەردە مەن پۇل تاپشۇرمىغان بولسام توپقىمۇ كىرەلمەس ئىدىم، تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز.
    1249372020

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:44
    • ئالدىنقى كۈنى تىزىملاتقانلار 60، توپقا كىرگەنلەر 80 نەچچە تۇراتتى، شۇڭا تېڭشۈن تەمىنلىگەن ھەق تاپشۇرغانلارنىڭ تىزىملىكى بويىچە بىر قىسىم ئەزالار توپتىن چېكىندۈرۈلگەن ئىدى، قارىغاندا مەن دەرس سۆزلىمەي، تىزىملىتىشنى دەرھال توختىتىپ، ئاندىن ئۇلارنى توپقا قوشۇپ، توپنى قۇلۇپلاپ، خاتىرجەم دەرس سۆزلىسەم بولغۇدەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 17:44
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم
    مەن 1 ئاينىڭ 31 كۈنى سائەت 20:51 ئۆتكەندە ئاشخانا باشقۇرۇش دىتالىنى ياساش دەرىسلىكىگە ئۈندىدارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق مۇئاپىقىيەتلىك ھەق تاپشۇرغان ئىدىم.تور كۆرگۈدە ھەق تاپشۇرۇش مۇئاپىقىيەتلىك بولدى دەپ ئۇچۇر كۆرۈندى،ئارقىدىنلا بەتنى يىڭىلىسام ،يەنە ھەق تاپشۇرۇشنى كۈتىۋاتىدۇ،دىگەن ئۇچۇر چىقىۋالدى.ھەر قانچە قىلىپمۇ دەرىسلىكنىڭ داۋامىنى كۆرەلمىدىم.
    ئالىم ئەھەت مۇئەللىم سىزنىڭ چ چ نومۇرىڭىزنى قوشماي تۇرۇپ خەت يازغىلى بولمىغاچقا،نىمە قىلارىمنى بىلەلمەي،بىلوگىڭىزدىن مۇشۇ تىمىنى تاپتىم ،ھەم چ چ توپ نومۇرىنىمۇ تپىپ ،توپقا كىرىشكە ئىلتىماس قىلىپ كىردىم ،بىر كۈندىن كىيىن توپتىن چىكىندۈرۈلۈپتىمەن،ئۈندىدار ھەق تاپشۇرۇش سۇپىسىنىڭ چىقىم خاتىرىسى ۋە بانكا مۇلازىمىتىردىن ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرنى،مۇشۇ ئىنكاس ئارقىلىق يوللاي دىسەم رەسىم قىستۇرغىلى بولمايدىكەن،قىستۇرغىلى بولسىمۇ مەن قىستۇرالمىدىممۇ بىلمىدىم.
    ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ھىسابات خاتىرىڭىزنى تەكشۈرۈپ بىقىپ مۇشۇ ئىش توغۇرلوق ماڭا ئىنىق چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن
    چ چ دىكى ئىسمىم qin sirdax
    چ چ نومۇرۇم 345079898

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:07
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بۈگۈن قارىسام تىزىملاتقان ئادەم 65، ئەمما توپقا قوشۇلغانلار 70 دىن ئېشىپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تېڭشۈن دەرسخانىسىنىڭ ئارقا سۇپىسىدىن ھەق تاپشۇرغانلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىپ، بىزنىڭ بىر خادىمغا بۇ ئىشنى تاپشۇرغان ئىدىم، يەنى مۇشۇ تىزىملىكتە بولمىغانلارنى چىقىرىۋېتىڭلار دەپ، مەن ھازىر تېڭشۈن دەرسخانىسىنىڭ ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ قايتا قارىساممۇ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ياكى سىزنىڭ قالدۇرغان 345079898 نومۇرىڭىزدا ھەق تاپشۇرغان ئۇچۇر يوق ئىكەن، ھەتتا ھەق تاپشۇرۇش بېتىگە كىرىپ مەغلۇپ بولغانلارنىڭمۇ ئىچىدە سىز قالدۇرغان 345079898 نومۇرى يوق ئىكەن، شۇڭا سىزمۇ بانكا كارتىڭىزدىكى ئۇچۇرنى قايتا تەكشۈرۈپ باقسىڭىز،
      ئەگەر سىزدە ھەق تاپشۇرغان ئۇچۇر بولسا، QQ خەت ساندۇقىمغا رەسىمنى ئەۋەتىپ بېقىڭ، مەن تېڭشۈن تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي، لېكىن ئۇلار 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ 10 كۈن دەم ئالىدىكەن. مەن سۆزلىگەن دەرسلىرىمنى QQ بوشلۇقىغا يوللايمەن، ئەگەر ئۇقۇشماسلىق بولسا مەن توپقا قوشۇپ قوياي، لېكىن تېڭشۈن تەرەپنىڭ پۇلنى سىزدىن ئېلىپ، سىزنى كىرگۈزمەيدىغان ئېھتىماللىقى بەك تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:58
  • مۇئەللىم مىنى قىتىپ قويسىڭىز بولاتتى ئۈندىداردا پۇل تولىگەنتىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 21:47
  • مۇئەللىم VB。netنىڭ چچ توپىدىن يەنە بىرنى قۇرغان بولسىڭىز 1000ئادەملىكى توشۇپ كېتىپ ئۆگەنگۈسى بارلار پەقەت كىرەلمەيدىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:31
    • مەن ھەقسىز دەرسنى چ چ توپىدا سۆزلىمەيمەن، دەرسخانىدىن بىۋاسىتە ئاڭلىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما ھەقلىق دەرسلەرنى ئاۋۇ توپتا سۆزلەۋاتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:01
  • ياق مەن 1000ئادەملىك توپقا يوللىغان دەرسنى چۈشۈرەلمىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:26
  • ئالىم مۇئەللىم مەن جەنۇبى شىنجاڭدىن بۇيەردە كومپىيوتىردا سىزنىڭ دەرىسخانىڭىز ئىچىلمايدىكەن، شۇڭا تىڭشۈن دەرىسخانىنىڭ يانفۇن نۇسخىسىنى قاچىلاپ wifi دا ئاچقانتىم نۇرمال ئىچىلدى. لىكىن سىزنىڭ دەرىسخانىڭىزنى تاپالمىدىم، 请输入课程名称 غا ھەممە گەپنى سىلىپ باقتىم سىزنىڭ دەرىسخانىڭىزنى تاپالمىدى. دەرىسخانىڭىزنىڭ ئسىمىنى دەپ بەرسىڭىز….

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 13:35
  • مۇئەللىم ياخشمۇ سىز ؟
    مەن ھەقلىق دەرىسكە تىزىملاتقان تېخىچە توپقا كىرەلمىدىم ، قۇشۇپ قويغان بولسىڭىز 1824440266

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 13:35
  • قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر، ئالىم مۇئەللىمنىڭ دەرىس سۆزلەيدىغان ۋاختىدىن خەۋەر بەرگەن بولساڭلار.رەخمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:44
    • مەن ئاخشام سىناق سۆزلەپ باقتىم، ھەم Visual Basic .NET 程序设计 群号: 390039985 ماۋۇ توپنىڭ بوشلۇقىدا ئېلان قىلىدىم، مەن ئادەتتە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە دەرس سۆزلەيمەن، شەنبە يەكشەنبە ئارام ئالىمەن. تەخمىنەن 3 ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىن. ئەمما قاچان تىزىملىتىپ كىرسەڭلار شۇ چاغدىن باشلاپ، قايتا كۆرەلەيسىلەر،

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:08
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكوم

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:36
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن دەرىسلىككە پۇلنى تۆلىگەن لىكىن يەنىلا سىتىۋىلىڭ دەپ چىقىۋالدى ئالىم مۇئەللىم بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى دەپ بەرسەڭلا بوپتىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:34
    • سىز پۇلنى قايسى ئۇسۇلدا تۆلىگەن؟ ئۈندىدار ياكى QQ دا؟ ئۈندىدار نومۇرىڭىز (ياكى نامىڭىز) ياكى QQ نومۇرىڭىز نەچچە؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:07
  • چ چ توپىنىڭ نومۇرى قانچە؟ مەن تېخىچە بىلمەي يۈرۈپتىمەن. مەنمۇ تىزىملاتقان ئىدىم– چۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:43
  • مۇئەللىم مەن سىز قۇرغان توپقا كىرەلمىگەنتىم. سىز توپقا يوللاپ قويغان دەرسلىكنى چۈشۈرەي دېسەم «ئېرىشكەن چۈشۈرۈش ئادرىسى مەغلۇب بولدى» دەپ چىقىۋالدى获取下载地址失败

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:29
    • Visual Basic .NET 程序设计
      群号: 390039985
      ناۋادا پۇل تاپشۇرۇپ بولغان بولسىڭىز، مۇشۇ توپقا كىرىمەن دەپ ئىلتىماس قىلىڭ، مەن تەستىقلاپ قوياي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:06
  • Timer دىن بىرنىلا ئىشلىتىپ ئەمەلگە ئاشۇردۇم، لىكىن يەنە بىر مەسىلە ئوڭغا تاقاشقاندا سولغا ماڭىدىغان قىسمىنى Do…Loop بىلەن قىلغانىدىم، سولغا يۆتكىلىش سۈرئېتى ناھايتى تېز بولۇپ قالدى. Timer دىن ئىككىنى ئىشلەتسەم قىلالىدىم.
    يېڭى دەرسنى توپتا ئېلان قىلدىم دەپسىز، لىكىن مەن قانچە ئىلتىماس قىلساممۇ توپقا قوشۇلالمىدىم. مۇشۇ ئاشخانا باشقۇرۇش دېتالىنى سۆزلەيدىغان دەرسكە تىزىملاتقانلار ئۈچۈن ئايرىم بىر توپ قۇرۇپ شۇنىڭغا تىزىملاتقانلارنىلا قوشۇپ قىلىشقا مۇمكىن بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى am 11:34
    • ئاشخانا باشقۇرۇش دېتالىنى سۆزلەيدىغان دەرسكە تىزىملاتقانلارنىڭ ئايرىم توپى بار، ھەقلىق ئەزالار ئىلتىماس قىلسا شۇ يەرگە قوشۇپ قويۇۋاتىمىز، دەرس تەستىقلانغۇچە بوشلۇققا يوللاپ قويۇۋاتىمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:06
  • ئوڭغا تاقاشقان ياكى سولغا تاقاشقاندا يۆتكىلىش قىممىتىگە 1- نى كۆپەيتىڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى am 08:48
  • بۇرۇن سۆزلىگەن ھەقسىز دەرسىڭىزنى دەرىسخانىڭىزدىن تاپالمىدىميا؟ 5 دەرىس بار دەپ تۇرىدۇ بىراق 4 دەرىس كۆرۈندى ھەقسىز سۆزلىگىنىڭىز كۆرۈنمىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى am 00:06