ئالىم دەرسخانىسىدا «ئاشخانا باشقۇرۇش» دېتالىنى ياساش ئۆگىتىلىدۇ، تىزىملاش باشلاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئالىم دەرسخانىسىدا «ئاشخانا باشقۇرۇش» دېتالىنى ياساش ئۆگىتىلىدۇ، تىزىملاش باشلاندى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئالىم ئەھەت (تېڭشۈن) دەرسخانىسىدىكى «VB.NET ئاساسىي بىلىملىرى» دەرسىنى ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، سودا خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتال − «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنى ياساشنى تەپسىلىي ئۆگەتمەكچى بولدۇم. دەرس مەزمۇنى SQL Server ساندان باشقۇرۇش دېتالى؛ دائىم ئىشلىتىدىغان SQL جۈملىسى؛ ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى(UI)نى لايىھەلەش؛ «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا» يۇمشاق دېتالىدىكى تاماق تىزىملاش، سېتىش، ئىستاتىستىكا، بېسىپ چىقىرىش،…قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاخىرىدا «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەسلىي كودى تەمىنلەيمەن.
بۇ دەرسلىكنى ئوخشاشلا سىنغا ئېلىپ سۆزلەشنى ئاساس قىلىمەن، تىزىملاتقانلار دەرس مەزمۇنىنى كومپيۇتېر، يان تېلېفون،…قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە قايتا-قايتا ياندۇرۇپ كۆرەلەيدۇ، شۇڭا بۇ ساندانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە كەسپىي يۇمشاق دېتال ياساشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ، دەرسنى تولۇق ئاڭلاپ چىقساڭلار بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە بەلگىلىك سەۋىيەگە يېتەلەيسىلەر، ئاخىرىدا مەن تەمىنلىگەن «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا» دېتالى ئەسلىي كودىدىن «ئۇيغۇرسوفت» بەلگىسىنى چىقىرىۋېتىپ، قايتىدىن ھاسىللاپ ئۆزۈڭلارنىڭ نامىدا مۇۋاپىق باھادا سېتىپ كىرىممۇ قىلالايسىلەر، مەلۇم بىر سىستېمىنى ياساشنى ئۆگىنىمەن دېگەنلەر ۋاقتىدا تىزىملىتىڭلار.
دەرس 2-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ، 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە تىزىملاتقانلار ئۈچۈن باھاسى 399 يۈەن، ئۇنىڭدىن كېيىن 500 يۈەن بولىدۇ.

پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى مۇنداق:
p-1

p-2

p-3

p-4

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
97 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئايالىم بىلەن ئىككىمىز دەرسىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتىمىز مۇئەللىم. كۈندە بىر دەرىس سۆزلەمسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 23:58
  • 54 ئادەم دەرسنى سېتىۋاپتۇ…ئاز كۆرمەي دەرسنى باشلاپ كېتەيلى جۇمۇ…. پۇلنى ياندۇرۇپ بەرسىڭىز چاغان كۆڭۈللۈك ئۆتمەي قالىدۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 21:35
    • ئەسلىدە بۇ ئاشخانا دېتالىنىڭ ئەسلىي كودىنى سورىسا 50 مىڭ يۈەنگىمۇ ساتماس ئىدىم، ئەمما ماۋۇ بالىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ دەرسنى باشلىۋەتتىم ئاخشام (2015.1.31)
      دەرس تۈنۈگۈن باشلىنىپ بولدى، شۇڭا سىز نەدە قالدىڭىز؟ (ھا!ھا!!!)

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:08
  • بۈگۈن تىزىملىتىۋالدىم. دوختۇرخاندا بوپ قېلىپ تاس قېپتۇ ۋاقىت ئۈتۈپ كەتكىلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 21:28
  • ھەقسىز دەرسلەرنى قاچان ئېلان قىلىسىز تېزراق ئېلان قىلسىڭىز بوپتىكەن مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 16:46
  • مۇئەللىم، تەكرار دەرسىدىكى خەتنى ئوڭدىن سولغا ماڭغۇزىدىغان قىسمىدا خەت ئوڭغا تاقاشقاندىن كىيىن سولغا ، سولغا تاقاشقاندىن كىيىن ئوڭغا توختىماي ھەركەتلىنىدىغان قىلىش توغرىسىدا تاپشۇرۇق بەرگەنىدىڭىز، ھەپىلىشىپ قانچە قىلساممۇ بولمايۋاتىدۇ. ئۆزۈمنى بۇنچىۋالا دۆت چاغلىمىغانىدىم، بۇنى كىيىنكى قېتىمقى مەشىق دەرسىدە چۈشەندۈرۈپ قويامسىز؟ مەنمۇ بۇ ئۈنۈمنى قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى داۋاملىق ئويلىنىۋاتىمەن. توختىماي سىناق قىلىۋاتىمەن. رەھمەت !

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 13:43
    • ماقۇل، زادى قىلالمىسىڭىز يەنە بىر Timer ئىشلىتىڭ، ئوڭغا تاقاشقاندا Timer 1 نى توختىتىپ، Timer 2 نى قوزغىتىڭ، Timer 2 سولغا تاقاشقاندا Timer 1 نى قوزغىتىڭ دېگەندەك، لېكىن بۇنى بىر Timer ئىشلىتىپ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدىمۇ قىلىشقا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 20:36
  • رەھمەت مۇئەللىم تىزىملىتىپ بولدۇم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:07
  • ياخشى خەۋەر بوپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى am 00:59
  • كۆپ رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:11
  • ھەقسىز دەرسلەرنى سۆزلىمەمسىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:26
    • ۋوي ياق، بۇنى توختىتىپ قويسام بولمايدۇ، مەن داۋاملىق سۆزلەۋاتىمەن، ئاساسىي بىلىم ۋە ماھارەت چوقۇم ھەقسىز بولۇشى كېرەك، پەقەت شۇ ئېلان قىلمىغانلا يېرىم بار،

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:10
  • رەھمەت مۇئەللىم مەنمۇ تىزىملىتىپ بولدۇم دەرىسنىڭ باشلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:11
  • | windows 10 mobile جۇڭگودا مەغلۇب بولدىمۇ؟
    http://www.uyghurweb.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44523
    مۇشۇ ھەقتە ئويلىغانلىرڭىزنى دەپ باقسىڭىز بوپتكەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:33
    • كۆرمەيلا جاۋاب بېرەي، بۇنداق ئېلىپ قاچتى گەپلەرگە ئىشەنمەڭلار، (مۇشۇ خەۋەرنى تارقاتقان دۆلەتنىڭ) باشقىلارنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى (يەنى دۆلىتىنىڭ كارخانلىرىنى) كۆتۈرۈش ياكى داڭلاش ياخشى ئىش ئەمەس،

      Surface تاختا كومپيۇتېرى چىقىپ، iPad لەرگە تەسىر كۆرسەتتى، ھەتتا ئەزەلدىن باشقىلارنى دورىمايمىز دېگەن ئالما شىركىتىمۇ iPad كە قەلەم ئىشلەتتى، ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار iPhone نى ئېلان قىلىش يىغىنىدا قەلەم ئىشلەتكەنلەرنى مازاق قىلغان، مانا ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي دېگەن ئىش تەكرارلىنىۋاتىدۇ.
      ناۋادا Surface Phone ئېلان قىلىنسا، ھازىرقى داڭلىق تېلېفونلارغا ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدا ئۇلار دېگەندەك كومپيۇتېرنىڭ دېتاللىرى يەنى exe پىروگراممىلار ئىجرا بولىدىغان ئىش بولسا، مەنمۇ نۇرغۇن ئۈسكۈنىلىرىمنى تاشلىۋېتىپ، شۇنى ئىشلىتىشكە رازى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:09
  • VB。netدەرسلىكىنىڭ ئاخىرىنى قاچان سۆزلەيسىز مۇئەللىم؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 18:07
  • ۋىندوۋىس 10 نىڭ ئەپ دۇكىنىغا ئەلكاتىپ 6 نى تەمىنلەشكە ۋاقتىڭىز يىتەرمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:53
  • ۋىندوۋىس 10 ئۈچۈن ئەلكاتىپ 6 نى ھەقسىز ئىلان قىلماقچى بوپتىكەنسىز؟
    ۋىندوۋىس 10 غا ئەلكاتىپ 6 نى قاچىلىغاندىن كىيىن، ۋىن 10 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ خەت شەكلى ۋە ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندىكى ئۇيغۇرچە خەت شەكلىنى ئاپتۇماتىك چىرايلىق كۆرسىتىدىغان قىلىپ بەرسىڭىز بوپتىكەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:51
  • مۇئەللىم ، بولسا دەرسلىكنى ئازراق قىممەت قىلسىلىمۇ مەيلى ئىدى . دەرسلىكتىكى مىسالنىڭ سەزمە ئېكران، تېلېفون، تور بېكەت ۋە ئۈندىدار نۇسخىسى قېتىپ سوزلەپ بەرسىڭىز بۇلاتتى
    سىلنىڭ دەرسنى ھەقىقەتەن ياخشى سوزلەيدىغانلىقلىرغا 100% ئىشىنىمەن ، ئوگىنەلمەسمەنمۇ دەپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:09
    • ئۇلارنى بىربىرلەپ قىلىمەن، ھازىرچە كومپيۇتېردا تاماق تىزىملاش،….ئىشلىرىنى سۆزلەيمەن، سىز دېگەندەك قىلىش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:34