نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت  >  چۈشۈرۈش  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز نۇسخىسى) لازىممۇ؟

[ چۈشۈرۈش ]

ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز) نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن خېرىدارلار ۋە تورداشلار ئەلكاتىپ 5.5 (ياكى 5.6) نى Windows7 نىڭ 64 بىتلىق نەشىرىگە قاچىلىيالمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن WindowsXP گە كۆچۈۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئەمما، مەن Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلساممۇ، خەت نۇسخىلىرى ئاز تۇرسا، ئېھتىياجدىن چىقالمىدى-دەيدۇ. مەن يەنىلا Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەمما، Windows7 مۇھىتىدا قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزۈش، كود ئالماشتۇرۇش ۋە Photoshop قا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار، ئەلكاتىپنىڭ بۇ نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ باقسىمۇ بولىدۇ،

بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر
(1) ئۇيغۇرچە، قازاقچە ۋە قىرغىزچە كىرگۈزگۈچ ۋە 6 خىل خەت نۇسخىسى تەمىنلەندى.
(2) ئوچۇق ۋە يېپىق ھالەتتىكى كود ئالماشتۇرۇش تەمىنلەندى. Word مۇھىتىدىكى كود ئالماشتۇرۇشنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ماكرو بىخەتەرلىكىنى تەڭشەش ھاجەتسىز.
(3) ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ تەمىنلەندى، Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاشقا بولىدۇ. سۆز بېشىدا ھەمزەنى بېسىش ھاجەتسىز، SHIFT+X نى باسسا ۋە SHIFT+Z نى باسسا نېمە چىقىدىغانلىقىنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ. «چ» نى كېڭەيتىلگەن رايونغا تەتۈر ئايلاندۇرغاندىكى كود خاتالىقى تۈزىتىلدى.
(4) قاچىلاش پىروگراممىسى ئىنگلىزچە ۋە خەنزۇچە ياسالدى.
(5) Windows XP غا قاچىلىغاندا، ئوڭدىن-سولغا ئىقتىدارنى قوشالايدۇ، ئايرىم تەڭشەش ھاجەتسىز.
(6) Windows 7 نىڭ 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نۇسخىسىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

شۇڭا، تەڭشەش ھاجەتسىز، قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، يېشىل ھالەتتە لايىھەلەنگەن بولۇپ، قىستۇرما ئېلان ياكى باشبەتنى ئۆزگەرتىۋالىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ. خاتىرجەم ئىشلىتىڭ. پەقەت ئۈرۈمچى ۋاقتى GMT+6 نى قوشىدۇ. ئۆچۈرۈپ تاشلىسىڭىز پاكىز ئۆچىدۇ، قالدۇقى قېلىپ قالمايدۇ.

ھەقسىز نۇسخىسىدا، يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولغان ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى يوق، بۇ ئىقتىدارلارغا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز، ھەقلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ھەقسىز نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
[چۈشۈرۈڭ]

تەكلىپ-پىكىرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
125 پارچە باھا يېزىلدى
  • ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىق كىرگۈزگۈچكە قۇشقان تۆھپىڭىزگە مەن ئالامەت قايىل لىكىن مەن فوتوشۇپ ۋە درامىۋېر مۇھىتىدا بىۋاستە تۇنۇتۇش ئىقتىدارىنى تۇنۇتالمىدىىم ئەگەر ئېغىر كۆرمىسىڭىز ئېلىخەت ساندۇقۇمغا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مەنمۇ سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە ئۇيغۇر ئېلانچىلىق ساھاسىگە ئانچە مۇنچە تۆھپە قۇشۋالسام~~ رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:28
    • بىۋاسىتە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ھازىرچە Adobe Photoshop Middle east (ئوتتۇرا شەرق) نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ بېقىڭ، بىر قىسىم كىشىلەر ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچ ئارقىلىق Photoshop قا كۆپ قۇرلۇق ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ كىرگۈزۈۋاتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 20:59
  • اياباي قىزىپ كەتكەن تۇرا بۇل تەما

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 12:14
  • رەخمەت قاچىلىۋالدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى am 09:59
  • ئەسىلامۇئەيكوم ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئالىم ئەپەندى: مەندە باشقىلارنىڭ Uighursoft 3L Song نى ئىشلىتىپ ئۇرۇلغان بىر پارچە ئورگىنال بارئىدى ،لېكىن بۇخەت نۇسخىسى كومپىيوتېرىمدا يوق بولغاچقا نورمال كۈرۇنمەيۋاتىدۇ ھەم بۇنى ئەلكاتىپ خەت نۇسخىغا ئايلاندۇرۇشقىمۇ بولمىدى ، قانداق قىلغاندا ئەلكاتىپ خەت نۇسخسىغا ئايلاندۇرغىلى بۇلىدۇ ؟ رەھمەت !!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى am 10:22
    • سىز سەل تەپسىلى كۆرۈڭ،بۇ دىتالنى قاچىلىسىڭىز كود ئالماشتۇرۇش پىروگىراممىسىنى بىللە قاچىلايدۇ،شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خەت نۇسخسىنى ئالماشتۇرۋالسىڭىزلا بۇلىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 21:44
  • ئەسىلامۇئەيكوم ھۆرمەتلىك ئۇستاز ئالىم ئەپەندى.مەن بۇلتۇر رەھمەتلىك ئاپامنىڭ زورىدا دۇرۇت مۇئەززەمنى يازغان ئىدىم (يۇلغۇن خەت شەكلىدە يازغان) ھازىر بۇ ئەلكاتىپ نوسقىغا قەتئى چۇشمىدى . ئۇمىدىم ھەممە خەت نوسخىلىرى بىر قەدەمدە چىقسا بەك ياخشى بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 16:40
  • سالام ئالىم ئاكا ، ماڭا بىر قانچە سۆزنىڭ ھۆسىنخەت نۇسخىسى كېرەك ئېدى ، كومپىيۇتىردا ھۆسىنخەت لاھيلەيدىغان دىتال بارمۇ ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:14
  • ۋىندوۋس8دىمۇ ئشلىتەلىدىم،بولمىسا خىلى بۇرۇن چۈشۈرگەن نۇسخىسى ئىدى~

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:57
  • مەن 5ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ ئاتامنىڭ قوللىرىمغا مەشنىڭ سىمى بىلەن ئۇرۇپ ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۆگەتكىنىدىن باشلاپ «ئەلكاتىپ باسما توم» بۇ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن ، تولۇقسىز 2لەرگە چىقىپ توربەتچىلىككە قىزىقىپ قالدىم ، شۇ چاغلاردا مەن دىققەت قىلىپ باقسام ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ ، بىرلىككە كەلگىنى بەكلا ئاز . ئاتامنىڭ مەكتىپىدىكىلەر ماتىرىياللىرىنى ئەكىلىپ ئۆيىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىغا سېلىپ ئاچالمايدۇ(خەت نۇسخىسى مەندە يوق بولغاچقا) ، ئۇلار ئىنتايىن قاقشاپ يېنىشىدۇ ، مەكتەپ كومپىيۇتېرلىرىنىڭ سىستىمىسىدىن چاتاق چىققاندا مەن بېرىپ ئوڭشاپ بېرىمەن ، ئۇلار ماڭا «ئەلپىدا ، خۇشقەلەم،يۇكىئايجى » دېگەندەك خەت نۇسخىلىرىنى قاچىلاپ بېرىشىمنى ئېيتىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئاشۇ كونىراپ دەسمالغا سۈرتسە چىۋىننىڭ 10كۈنلۈك تامىقىدەك بولۇپ قالغان پىلاستىنكىنى بېرىدۇ ، مەنمۇ ئامال قىلىپ كىر يۇيۇش پاراشوكلىرىدا پىلاستىنكىنى يۇيۇپ يۈرۈپ قاچىلاپ بېرىمەن ، دىققەت قىلىپ باقسام يېزا مەكتەپلىرىدە كومپىيۇتېر ئوڭشىيالىغۇدەك مۇئەللىم بولمىغاچقا كومپىيۇتېر مۇلازىمەت ئورۇنلىرى نېمە قاچىلاپ بەرسە شۇنى ئىشلىتىدىكەن ، مېنىڭچە ئۇيغۇر خەت نۇسخىلىرىنى بىر مۇقىملىققا ئەكېلىش ئىنتايىن زۆرۈر ، تۈنۈگۈن مەكتەپتىكى بېرى يوق 4كومپىيۇتېرنى يىغىۋېلىپ يېڭىدىن 3كومپىيۇتېر ئەكىلىنىپتىكەن ئۇلار 3يىللىق باسقان ھۆججەتلىرىمىز يوق بولدى دەپ ئەپسۇسلىنىپ قاقشاپ يۈرىيدۇ ، ۋورد ھۆججىتىدە ئېچىپ قارىسام «چۋەر» دېگەن خەت نۇسخىسىكەن ، توردىن تېپىپ قاچىلاپ بەرسەم ئوڭشالدى ، ئۇلار شۇنداق خوشال بولۇپ كەتتى ، مېنىڭچە يەنىلا خەت نۇسخىلىرىنى ۋە كىرگۈزگۈچنى بىرلىككە ئەكېلىش ئىنتايىن مۇھىم (ئەلۋەتتە ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يېزىغا چۈشۈرۈش بىلەن بىرلىكتە) .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:20
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ مەن چاغاتايچە يېزىقنى كىرگۈزۈشكە ئېھتىياجلىق ئىدىم، بىراق كىرگۈزەلمىدىم؟ قانداق قىلسام بولار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 13:07
  • Windows7 ئۆزى تەمىنلىگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىنى قانداق تاپىمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:09
  • 5.7ئۆزى تەمىللىگەن كىرگۈزچۈچتە خەت يازسام ئىملا خاتالىقى كۆرلىۋاتىدۇ…مىسال خالمۇرات …دىگەن خەتنى باسسام ئىخالمۇرات دەپ چىقىۋېلىۋاتىدۇ….نەشىرى قاچان يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى am 11:40
    • تورغا تېخى يوللىماپتىمەندە؟! ئۇنى ئۆزگەرتىپ بولغان ئىدىم، مەن ۋاقتىم چىققان ھامان يوللاپ قوياي،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:12
  • ئەگەر كومپىيوتىرنىڭ بارلىق دىسكىللىرىدىكى ماتىرىياللار

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى am 11:11
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندىم ! سىزنىڭ ئەلكاتىپ 5.7 نىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى تەمىنلىگىنىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت !
    ئەلكاتىپنىڭ قىرغىزچە كىرگۈزۈش ئۇسۇلىدا ، ئۇيغۇر سوفت ئزچىل قىرغىزچە ھەرىپنىڭ «ۅ» ھەرىپىنى كونۇپكا تاختىسىدىكى « V » گە ، « ۉ » ھەرىپىنى بولسا كونۇپكا تاختىسىدىكى « Shift+K » گە ئورۇنلاشىتۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بىز كۆنۈپ قالغان ئۇسۇلىمىز دەل ئەكىسچە يەنى «ۅ» ھەرىپىنى كونۇپكا تاختىسىدىكى « Shift+K » ( ياكى كونۇپكا تاختىسىدىكى« A » ) ، « ۉ » ھەرىپىنى بولسا كونۇپكا تاختىسىدىكى « V » ئارقىلىق كىرگۈزىمىز ، ئاپتونوم رايونلۇق تىل يىزىق كومتىتى ھەقسىز تارقاتقان UKK دىتالى ۋە باشقا ئۆزىمىز ئاچقان يۇمتاللاردىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىمىز . دىمەكچى بولغىنىم ئەلكاتىپنىڭ 5.7 نۇسخىسىدىن باشلاپ بىز ئۆزىمىز كۆنۈپ قالغان ئۇسۇل ئارقىلىق يوقارقى ھەرىپلەرنى كىرگۈزىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىپ قويۇشۇڭىزلارغا تەكلىپ – پىكىر بىرىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:45
    • سەمىمىي تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت! ناھايىتى ياخشى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپسىز، مەن ئۇزۇنغا قالماي شۇنداق ئۆزگەرتىپ يېڭىلاپ قوياي،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 17:39
  • ياخشىمۇسىز. Wordئويغۇرچە خەت يازسام نۇر بەلگە خەتنىڭ كەينىدە تۇرماي بەلكى شۇ خەتنىڭ ئالدىدا تۇرۋالىدۇ. ھۆججەتنى ساقلاپ بولۇپ قايتا ئاچسام خەتلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كىتىدۇ .نىمە سەۋەبتىن. تەلىم بەرسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 18:02
  • ئۇيغۇر سوفت، جۈملىدىن ئالىم مۇئەللىم ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر قىلدى، ھەم جاپا چەكتى. ھەربىر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى ئۇيغۇر ئىنسانلىرى بۇلارنىڭ ئەجرىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:25