«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى»(كۆرۈپ بېقىش نەشرى) 19-ئاپرىل (يەكشەنبە) 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى»(كۆرۈپ بېقىش نەشرى) 19-ئاپرىل (يەكشەنبە) 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۇ ھەقسىز يۇمشاق دېتالنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

تەرجىمىدە نۇرغۇن تەكرار ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەر ئۇچرايدۇ. ئادەم ئارقىلىق تەرجىمە قىلغاندا ئەڭ ئاددىي جۈملىنىمۇ يەنە قايتا تەرجىمە قىلىپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» يۇمشاق دېتالىدا ئاپتوماتىك ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئىزدەش ئىقتىدارى بولۇپ، ئىشلەتكۈچى تەرجىمە قىلغان جۈملىلەرنى ئاپتوماتىك ساقلايدۇ. ئىشلەتكۈچى مەلۇم بىر جۈملىنى تەرجىمە قىلماقچى بولغاندا، بۇ يۇمشاق دېتال ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ تاماملانغان جۈملىدىن ئىزدەيدۇ، ئەگەر ھازىر تەرجىمە قىلماقچى بولغان جۈملىنى ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ بولغان بولسا، خاتىرە ئامباردىكى ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان نەتىجىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇنداق نەتىجە چىقمىسا، تەرجىمىسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان جۈملىلەرنى كۆرسىتىپ تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئەسكەرتىپ تۇرغاچقا، ئوخشاش ئاتالغۇنى قالايمىقان تەرجىمە قىلىشتىن ساقلىنالايسىز، تەرجىمىسى پۈتكەندە ئەسلىدىكى ماقالە بىلەن ئوخشاش فورماتتا تەرجىمە ماقالىڭىزنى ھاسىل قىلالايسىز.

UCAT

تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى سول تەرەپتىكى تەھرىرلىگۈچكە چاپلىسىڭىز، ئابزاس ۋە جۈملە بويىچە پارچىلايدۇ، ئاندىن شۇ جۈملىلەردىكى مۇھىم ئاتالغۇلارنى بايقاپ سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەگەر بۇ جۈملىنى ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان بولسىڭىز، ئاستىدىكى جەدۋەلدە ئوخشاشلىق نىسبىتى بويىچە تىزىلىپ تۇرىدۇ، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا، ئاستىدىكى جۈملىنى بىرلا چەكسىڭىز بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا تەرجىمە رايونىغا قايتىدىن تەرجىمە قىلىسىز.
=============
href=“../wp-content/uploads/2015/04/UCAT-1.png“>UCAT
ئۈستىدىكى جۈملىنى چەككەن ھامان مۇشۇ جۈملىدىكى بارلىق ئاتالغۇلار (ھازىرچە تەرجىمىسى بىردىنبىر بولغان سۆزلەر)نىڭ تىزىملىكى سول تەرەپتىكى كىچىك جەدۋەلدە كۆرۈنىدۇ. سىز تەرجىمە رايونىدىكى «ھەممە ئاتالغۇنى ئەكېرىش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز(ماۋۇ رەسىمدە خاتا بولۇپ قاپتۇ، ئەسلىدە سول تەرەپ 3-كۇنۇپكا ئىدى)، بۇ ئاتالغۇلارنى تەرجىمە رايونىغا چاپلايدۇ، بىرمۇبىر كىرگۈزۈشتىن خالاس بولىسىز. ناۋادا خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئەكېرمەكچى بولسىڭىز، شۇ قۇردىكى بىر ئاتالغۇنى تاللاپ، «بىر ئاتالغۇنى ئەكېرىش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
=============
UCAT
ئاتالغۇ جەدۋىلىدىكى خالىغان بىر ئاتالغۇنى چەكسىڭىز، ئەسلىدىكى جۈملىدىكى بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
=============
UCAT
ناۋادا سىز مەلۇم بىر ئاتالغۇنى ئاتالغۇ ئامبىرىغا قوشماقچى بولسىڭىز، ئەسلىدىكى جۈملىدىكى قوشماقچى بولغان ئاتالغۇنى بوياڭ، ئاندىن ئاستىدىكى تەرجىمە رايونىغا ئۆلچەملىك تەرجىمىسىنى يېزىپ، ئۇنى بوياپ، قورالبالداقتىن «ئاتالغۇ قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ 抗日战争 دېگەن ئاتالغۇ ئاتالغۇ ئامبىرىغا كىرىپ كەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن جۈملىدە مۇشۇ ئاتالغۇنى بايقىسا سىزگە تەۋسىيە قىلىپ بېرىدۇ، بۇ رەسىمدە سىز قوشقان 抗日战争 دېگەن ئاتالغۇنى تەۋسىيە قىلىپ بەردى.
=============

UCAT
ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ھەقسىز تارقىتىلغان «ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ»نى قاچىلىغان بولسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتەلەيسىز. چۈشۈرۈش ئادرېسى: imla.uighursoft.com
=============
UCAT
ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئىملانى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ.
=============
UCAT
تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، تىنىش بەلگىلەرنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ.
=============
UCAT-9
ئاتالغۇ ئامبىرىدىن چىقمىسا، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»دىن ئىزدەپ تاپالايسىز. بۇ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە ئۈندىدار لۇغىتىگە ئۇلانغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى سۆزلەر داۋاملىق قوشۇلۇۋاتىدۇ.
=============
UCAT-10
ناۋادا سىز مەلۇم ماقالىنى بىرلا قېتىمدا تەرجىمە قىلىپ بولالمىدىڭىز، ئەمما كېيىن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز، %100 ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىشنى بىر باسسىڭىز، ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان جۈملىلەرگە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاندىن داۋامىدىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.
=============
UCAT
تەرجىمە پۈتكەندە تەرجىمىنى Microsoft Word ھۆججىتىگە ھاسىللاپ بېرىدۇ.
=============
UCAT-11
تەرجىمە تامام بولغاندا Microsoft Word ھۆججىتى ھاسىل قىلىش. بۇنىڭدا ئابزاس سانى ۋە جۈملە سانى ئەسلىدىكى ماقالە بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

=============
UCAT-13
قوش تىللىق سېلىشتۇرما ھالەتتە Microsoft Word ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىش
=============

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
80 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئالدى بىلەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت. جۈملە ئامبىرىنى ئالىم مۇئەللىمگە توپلاپ بەرگەندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزگە توپلايمىز. گۇگۇلغا ئۇيغۇرچە قېتىلسا دەپ كۈچەپ دەيمىزيۇ، ئەمما ئىشلارنىڭ ۋاقتى سائىتى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىمىز. دېگەنگىلا قوشۇلىدىغان ئىش بولغان بولسىدى، 10 يىل بۇرۇنراق ئالىم مۇئەللىم Microsoft دىكىلەرگە Windows Xp گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۇلار قوشقوللاپ ماقۇل دېسە بولاتتى، ئەمما ئۇنداق بولمىدى، 10 يىلدىن كېيىن Windows 7 گە كەلگەندە ئاندىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا كىردى. گۇگۇلغا ئۇيغۇرچىنى قوشۇش بۇ تامامەن مۇمكىن بولىدىغان ئىش، ئەمما بىزدە شۇلارنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان ئامبار بولۇشى كېرەك، بۇ ئامبار بىر- ئىككى يىلدا پۈتىدىغان ئامبار ئەمەس. بۇ بىر ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئىشى ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ ئىشى.
    =============================
    ئابلىمىت مۇھەممەت ئەمىننىڭ «ھايات تەلقىنلىرى» دىن بىر رۇبائىينىڭ ئاخىرى ئېسىمدىن كەچتى

    جاھاندىن رەنجىشكە نە ھەققىمىز بار،

    بىرلاپ گەپ : ھەممىدىن ئۆزىمىز يامان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:03
  • ئېلان قىلىندىمىكى دەپ كۈندە نەچچە رەت مارايمەن تور بەتنى… ئەمدى خەۋىرىنى ئۇقۇپ قالدىم يەكشەنبىگىچە قانداق قىلارمەن؟ بۈگۈنلا تۇخۇمدىن چىقسا بولماسما…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:00
  • مەن بەك تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتىمەن مۇشۇ دېتالغا…
    ھازىرنىڭ ئۆزىدە 40-50 بەتلىك بىر ماتىرىيال تەرجىمە قىلىشىمنى كۈتۈپ گۆشۈيۈپ قاراپ تۇرىدۇ. ئارىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپلىرى تەكرارلىنىدۇ ياكى ئوخشاپ كېتىدۇ. مۇشۇ دېتالنىڭ خەۋىرى چىققاندىن بېرى توردىن تاپالىغانلىرىمدىن دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇننىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»، رەھبەرلەرنىڭ سۆزلىرى ۋە چوڭ تىپتىكى سىياسىغا ئائىت ھۆججەت-ماتىرىياللارنىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ماتىرىياللىرىنى «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە سىلىشتۇرما جۈملە ئامبىرى» ھالەتتە ۋورد ۋە ئېكسىل ھۆججەت شەكلىدە تەييارلاپ قويغان. جۈملە سانى 2000 غا يېتىدۇ. ئالىم مۇئەللىمگە قانداق يوللاپ بەرسەم بولىدۇ؟
    بۇ يەردىكى بىردىنبىر مەقسەت: مەزكۇر دېتالنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىگە ئازراق بولسىمۇ ياردەمدە بولۇش. ھېلىمۇ ئالىم مۇئەللىم نۇرغۇنلىغان خالىس ئىشلارنى قىلىپ كەلدى، ھېچقاچان مىننەت قىلىپ باقمىدى. «تاما-تاما كۆل بولۇر»، «كۆپنىڭ كۈچى كۆپ» دېگەندەك ھەر بىرىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولالىساق، چۈشىمىزدىمۇ چۈشەيدىغان «ماشىنا تەرجىمە» نى بالدۇرراق كۆرەلەيتۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:53
  • مەكتىپىمدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار نامىدىن ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇرسوفت شىركىتىدىكى بارلىق خادىملارغا سالام يوللايمەن. مۇبارەك بولسۇن سىلەرگە. سىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىق خىزمىتى ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىڭلار چوقۇم تارىخ بەتلىرىگە يېزىلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:38
  • ئۇنداق بولسا شەخىسلەر ئامبىرىغا تاللاش تۈرى لايىھەلەپ،قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن ئاممىۋىې ئامبارغا قوشۇلسا بولىدىغانلىقىنى، يەنى باشقىلار «تەييارغا ھەييار بولسا بولۇۋېرىدىغانلىقىنى »بەلگىلىگىلى بولىدىغان قىلىپ بىر تەڭشەك ئورۇنلاشتۇرۇلسا بولغىدەك. چۈنكى يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرى قىلغان تەرجىمە ئامبىرىنى دەل ۋاقتىدا باشقىلىرنىڭ پايدىلىنالىشىنى ئۈمىد قىلىشى مۇمكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:25
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم، سىزنىڭ ئەجرىڭىزگە كۆپلەپ تەشەككۈرلەر بولسۇن. لۇغەتنىڭ تېخنىكىلىق تەلىپىگە ئائىت سوئالدىن بىرنى سوراپ باقسام: بۇ دېتال ئۇيغۇرچىدىكى بىرىنچى شەخس ئىگىلىك كېلىشكە «ىم، ىمىز»، ئىككىنچى شەخسكە «ڭىز، ىڭ، ىڭلار»، ئۈچىنچى شەخسكە «ى، سى» كېلىدىغان مەسىلىنى ھەل قىلالامدۇ؟ مەسىلەن «维软大词典»نى «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغەت» دەپ ئەمەس. بەلكى «ئۇيغۇرسوفت چوڭ لۇغىتى» دەپ تەرجىمە قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ بۇ مەسىلە بىلەن ئىنگىلىزچىدىكى book ۋە the book مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىش پىرىنسىپى ئوخشامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:59
    • مەن ئەزەلدىن دەپ كېلىۋاتىمەن، بۇ ئاپتوماتىك تەرجىمە دېتالى ئەمەس، مەن پەقەت 300 مىڭدىن ئارتۇق ئاتالغۇنى ھەقسىز تەمىنلىدىم، جۈملىنى دەسلەپتە ھەممىنى ئۆزىڭىز قىلىسىز، كېيىن ئۆزىڭىز نەچچە ھەسسە نەپكە ئېرىشىسىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:45
  • بۇنى قانداقمۇ ئاپتوماتىك تەرجىمان دېگىلى بولسۇن ؟
    بۇ دېتالنى ئىشلىتىش مىسالغا ئۆزىمىزنىڭ ئەمگەك مىۋىسى خەققە بىكارغىلا بېرىدىكەنمىز؟
    بىز جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغان ماتېرىياللارنى ئالمىكام بىكارغىلا ئېلىۋالىدىكەن ؟
    ئاڭلاپ بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىپتىكەندۇقمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:35
    • مەن ئەزەلدىن ئاپتوماتىك تەرجىمان دەپ باقمىدىم، ئادەملىك تەرجىمە دېتالى دەپ كېلىۋاتىمەن، ھازىرچە بەلگىلىك ئامبار توپلانمىسا، كەلگۈسىدە ئاپتوماتىك تەرجىمىنى قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولسۇن؟ گۇگۇلمۇ ھازىرغىچە توختىماي ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئامبار توپلاپ كېلىۋاتىدۇ، كىرىش مەۋجۇت بولمىسا، چىقىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بۇنچىلىك ئىشنىغۇ چۈشىنىدىغۇ دەپ ئويلۇدۇم ئۆزەمچە

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 19:41
  • دەسلەپتە ھېچقانداق خەنزۇچە جۈملە تەرجىمە قىلالمامدا ؟
    مەسىلەن مەن خەنزۇچىنى تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيمەن بەيدۇ ئىزدەش ماتورىدىن ئاندرويىد قا ئەپ ئېچىشقا دائىر مەزمۇن ئىزدىسەم ئاشۇنىڭغا دائىر مەزمۇنلار خەنزۇچە چىقىدۇ ئەمەسمۇ
    ئاشۇ مەزمۇنلارنى بۇ دېتالدا تەرجىمە قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولامدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:59
    • شۇنداق، بۇ پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىدىغان دېتال ئەمەس، ئەمما ئامبىرىمىزدىكى 300 مىڭدىن ئارتۇق ئاتالغۇدىن چىققانلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز، شۇنىڭدىن تاققا-تۇققۇ بولسىمۇ بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۆزىڭىز راۋان قىلىپ قوراشتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:14
  • “ھازىرچە ھەممە ئادەم ئۆزى قوشقان مەزمۇنلاردىن ئۆزى پايدىلىنالايدۇ، باشقىلار قوشقان مەزمۇنلارنى كۆرەلمەيدۇ ياكى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلدۇرۇپ تەييارغا ھەييار بولۇۋالالمايدۇ، خەۋەر تەرجىمە قىلىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمىساق بولمايدۇ. بۇنى ماڭا خەۋەر تەرجىمە قىلىدىغان تور بېكەتنىڭ بىر خادىمى شۇنداق دېدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى تەرجىمانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك نەتىجىسىنى باشقىلارنىڭ تەييارلا ئېرىشىۋېلىشىنى خالىمايدىكەن.

    شۇڭا بۇ دېتالدا تۆھپە قوشماي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ئېرىشىۋېلىشنى توغرا تاپمىدۇق، دەسلەپتە ئىشلەتكەندە جۈملە ئامبىرىدىن تەۋسىيە جۈملە چىقماسلىقى مۇمكىن، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يەنى خەۋەرنىڭ قىممىتى قالمىغاندا ئاندىن ئورتاق ئامبارغا قوشۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا خەۋەر تەرجىمە قىلىدىغانلار باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق غەيرىي مەقسەتتە بولماڭلار، پەقەت ئۆزۈڭلار ئەستايدىللىق بىلەن ئىشلىتىپ، ئامبارنى بېيىتساڭلار ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلارغا، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن كۆپچىلىككە پايدىسى بولىدۇ.“
    تىخى بۇنداقمۇ ئېشلار باركەندە. بۇ گەپلەرمۇ ئورۇنلۇق،لىكىن بۇمۇ بىر توسالغۇ بۇلۇپ قالدىغاندەك قىلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:51
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم.
    بۇ دېتالنى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتەمدۇق ياكى تور ئارقىلىق ئۇيغۇر سوفتنىڭ تور بېتىگە كىرىپ ئىشلىتەمدۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:20
  • مۇبارەك بولسۇن ، جاپا چەكتىڭىزلەر … !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:36
  • ۋاھ ئەجەپ ياخشى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 13:35
  • ئاخىرى روياپقا چىقتى .يوللورۇڭغا تولا قاراپ كۆزۈم تىشىلىپ كىتەي دەپ قالغان

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:15
  • جاپا چەكتىڭىز ئالىم مۇئەللىم ، خەلقىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشىڭىزنىڭ ئوتۇقلۇق ئاسان بولىشىنى ئۈمۈد قىلمەن . ئەمدى خەۋەر يوللايدىغان تور بېكەتلەر ئانچە جاپادا قالمايدىغان بولدى دە . مەنچە ئۆزىمىزدە يىتەرسىز بولغان ماتىرىياللارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە تولۇقلاشقا بۇ دىتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىمىزدە بار بولغان قامۇس تۈرىدىكى كەم بولىۋاتقان يەنە نۇرغۇن جايلارنى تولۇقلىساق بىزگە ئويلاپ باقمىغان يۇقىرى ئىش ئۈنىمى تەمىن ئەتكۈدەك . ئەمىسە «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى تورداشلار بىلەن بىرلىكتە كۈتەيلى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:11
    • ھازىرچە ھەممە ئادەم ئۆزى قوشقان مەزمۇنلاردىن ئۆزى پايدىلىنالايدۇ، باشقىلار قوشقان مەزمۇنلارنى كۆرەلمەيدۇ ياكى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلدۇرۇپ تەييارغا ھەييار بولۇۋالالمايدۇ، خەۋەر تەرجىمە قىلىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىمىساق بولمايدۇ. بۇنى ماڭا خەۋەر تەرجىمە قىلىدىغان تور بېكەتنىڭ بىر خادىمى شۇنداق دېدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرىدىكى تەرجىمانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك نەتىجىسىنى باشقىلارنىڭ تەييارلا ئېرىشىۋېلىشىنى خالىمايدىكەن.

      شۇڭا بۇ دېتالدا تۆھپە قوشماي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ئېرىشىۋېلىشنى توغرا تاپمىدۇق، دەسلەپتە ئىشلەتكەندە جۈملە ئامبىرىدىن تەۋسىيە جۈملە چىقماسلىقى مۇمكىن، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن يەنى خەۋەرنىڭ قىممىتى قالمىغاندا ئاندىن ئورتاق ئامبارغا قوشۇلىدۇ. بۇنداق بولغاندا خەۋەر تەرجىمە قىلىدىغانلار باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق غەيرىي مەقسەتتە بولماڭلار، پەقەت ئۆزۈڭلار ئەستايدىللىق بىلەن ئىشلىتىپ، ئامبارنى بېيىتساڭلار ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلارغا، مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن كۆپچىلىككە پايدىسى بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:20
  • بەك ياخشى بوپتۇ! مۇبارەك بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:43
باھا بېتى: 1 2 3 4