WordPress نىڭ 4.1 (ئۇيغۇرچە) نەشرى ئېلان قىلىندى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]WordPress نىڭ 4.1 نەشرى داڭلىق جاز ناخشىچىسى دىناھ ۋاشىڭتون (Dinah Washington) نى خاتىرىلەش ئۈچۈن دىناھ (Dinah) دەپ ئاتالدى، ھازىر چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ياكى WordPress نىڭ باشقۇرۇش تاختىسىدىن يېڭىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يېڭى ئىقتىدارى پۈتۈن زېھنىڭىزنى يېزىقچىلىققا قارىتىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
Twenty Fifteen (ئىككى مىڭ ئون بەش) باشتېمىنى تونۇشتۇرۇش
Twenty Fifteen ئوچۇق ۋە پاكىزىلىقنى مەركەز قىلغان بىلوگلارغا يۈزلەنگەن ئەڭ يېڭى باشتېما.
ئاددىي بەت تىزىلىش ھەرقانداق ئېكراندا ئاسان ئوقۇشقا بولىدۇ. مەزمۇنىڭىز مەيلى يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ياكى باشقا كومپيۇتېرلاردىمۇ مۇشۇنداق كۆرۈنىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://ug.wordpress.org/
سىغىمى 6.85 مېگابايت
https://ug.wordpress.org/wordpress-4.1.1-ug_CN.zip
ئۇيغۇرچە سىناق بەتنى كۆرۈش ئادرېسى:
http://wp...//
http://wp...//
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,671 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 02-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:04
- ئالدىنقى يازما :مانا مال كەلدى، HP Stream
- كېيىنكى يازما :Different charges of emotional illness have already been described in cultural groups in the UK (Nazroo, 1997).
يىڭىدىن WordPress نى نۇرمال قاچىلاپ بۇلۇپ ئېئوتنى قانداق تۇنىتىشنى بىلەلمىدىم ، ياردەم قىلغان بولساڭلار ، رەخمەت .
ئالىم مۇئەللىم. مەن ئۈستى تىزىملىكتىن يېڭى يازما يازاي دەپ تاللاشقا قارىسام چاپلاش دەپ تۇرىدۇ. يېڭى يازمىنىڭ تەرجىمىسى ئۆزگەردىمۇ ياكى بۇنىڭدىن كېيىن چاپلاپ ئىشلىتەمدۇق ؟ ھې..ھې.. چاقچاق.
تۆۋەندىكى رەسىمگە نەزەر سالغايسىز:
http://www.uyapple.com/wp-content/uploads/2015/02/wp_ug_411_top_menu_new_post_error.jpg
بۇ تەرجىمە خاتالىقىمۇ ياكى باشقا ئەھۋالمۇ؟ بۇ ئەھۋالنى بايقاپ سىزگە ئىنكاس قىلىشنى لايىق تاپتىم.
WordPress 4.1.1 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىماقچى بولۇپ تىل تاللاش باسقۇچىدا قاچىلاشقا بولىدىغان تىللار تىزىملىكىدە «ئۇيغۇرچە» دېگەن خەت «Uyƣurqə» بولۇپ كۆرۈندى، ئەمما «داۋاملاشتۇرۇش» كۇنۇپكىسى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈندى.
Türkçe
Uyƣurqə
繁體中文
简体中文
WordPress 4.1.1 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىماقچى بولۇپ تىل تاللاش باسقۇچىدا قاچىلاشقا بولىدىغان تىللار تىزىملىكىدە «ئۇيغۇرچە» دېگەن خەت «Uyƣurqə» بولۇپ كۆرۈندى، ئەمما «داۋاملاشتۇرۇش» كۇنۇپكىسى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈندى.
Türkçe
Uyƣurqə
繁體中文
简体中文
بۇنى ئۆز ۋاقتىدا يەنى تۇنجى تەرجىمە قىلغانلار يەرلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرغاندا شۇنداق يېزىپتىكەن، مەن ئالاقىلىشىپ باقاي.
كۆپ رەھمەت ئالىم مۇئەللىم ! مەنمۇ چۈشۈرۈپ بىر ئوبدان قىلىپ تەڭشىۋالدىم ، ئوغلان ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئورگان تور بېكىتىنى مۇشۇنىڭدا قۇرۇپ چىقتىم مانا ، ياخشى بىر ئۇسلۇبنى ئۆزلەشتۈرىۋاتىمەن . تەشەككۈر !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم، سىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۇچۇر ۋاستىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىز مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ، سىزگە كۆپ رەھمەت.
مەن بۇ يېڭى نەشىر ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن سىناپ باقاي دېگەن ئىدىم، قاچىلىسام ئىئوت تونۇمىغاندەك، خەتلىرى چىرايلىق چىقمىدى، قانداق قىلىشنى بىلمىدىم. ئەگەر بۇ ئىنكاسىمنى كۆرسىڭىز، بىر ئىغىز جاۋاپ بىرىۋەتكەن بولسىڭىز.
تۈنۈگۈن 4.1.1 گە مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆچۈرىۋالدىم. رەسىم تەھرىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلغاندەك قىلىدۇ. يازما يازغاندا ئەتراپتىكى قۇراللارنى كۆرۈنمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇكەن.
كۆپرەھمەت…
Joomla نى 2012 يىللىرى تەرجىمە قىلىپ بولدىغۇ دەيمەن ئۇيۇرچە ئورگان بىتى http://www.joomlauy.org/ قىزقىسىڭز مۇشۇ تور بەتكە كىرىپ كۈرۈپ بېقىڭ
ئادرىسى باركەن كۆرمەپتىمەن كەچۈرۈڭ!(ئاناردەك قىزارغان چىراي ئىپادىسى)
ئالىم مۇئەللىم، WordPress تىكى ئۇسلۇب نېمىشقا «باشتېما» دەپ ئاتالدى؟
ئېسىمدە قېلىشىچە ئىلگىرى «ئۇسلۇب» دەپ ئاتالغان ئىدى. ھازىر مۇشۇ WordPress تىن باشقا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ھەممە سېستىمىلاردا دىگۈدەك «ئۇسلۇب» دەپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
Style بىلەن Themes نىڭ پەرقى بار. Windows نىڭ ئاتالغۇلىرىدىمۇ شۇنداق ئالغان ئىدىم.
يېزىق بىرتەرەپ قىلغۇچما بۇ
مەن ئەسلىدە 4.1 EN نەشرىنى قاچىلاپ 3.8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى باستۇرۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم،.بۈگۈن ئارقا بەتكە بىر كىرگەن ئىدىم، چېكىنىپ چىقىپ كېتىپ بىرەر سائەتتىن كېيىن ئېلخەتكە بلوگ نەشرىنىڭ 4.1.1 ئاپتوماتىك يېڭىلانغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر كەلدى. بۈگۈن كۆرگەن ئەڭ خۇشاللىنارلىق خەۋەر بولدى.
jooomla ،drupal نىمۇ تەرجىمە قىلغىلى بولغان بولسىمۇ ھە ! تور بىكەت تەرجىمە قىلىش توغۇرسىدا ساۋات سۆزلەپ بەرگەن بولسىلا بىزمۇ قول تىقىپ باققان بولساق ،ئۇلارندىن باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇچۇق كودلۇق سېستىمىلار بار ئىكەن ،شۇلارنىمۇ قولدىن بەرمىسەك دىگەن ئۇمۇتتە ،چوڭ تىپتىكى مەخسۇس ئۇچۇق كودلۇق تور بەت سېستىمىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ،ۋارىسلىق قىلىش ،كېڭەيتىش،ئېچىش ،يەرلىكلەشتۇرۇش ،ئىشلىتىش ،ئۇنىڭدىكى ئىدىيە ،تەپەككۇر توغۇرسىدا بىر تاللا مەخسۇس تور بىكەت ئېچىلسا ھەممىمىز شۇ تور بەتتىلا دىدارلاشساق ،تەرەققى قىلدۇرساق بەك ياخشى بۇلاتتى ،بۇنداق سېستىمىنى ئۇيەردىن ،بۇيەردىن تىرىپ ئۆگىنىپ ناھايتىمۇ بەك ۋاقىت ھەم زىھىن كىتىدىكەن ،مۇشۇ 中关村,太平洋 دەك مەخسۇس قاسساپلار يىغىلغان تور بەت مۇشۇ كەگىچە يوق بولسامۇ بەك ئاز ،ساناقلىقلار ،ھەم تەرەققىياتى بەك ئاستا ،ئېھتىياجدىن چىقىپ بۇلىشى بەك تۆۋەن ،سىزنىڭ بۇگۇن يوللىغان مەزمۇنىڭىزنى بۇگۇن مۇشۇ يەردىن كۆرسەك بولدى ،لىكىن ھەممىلا تور بەت ئۇزى ئەمگەك قىلماي كۇچۇرۇپ ئەكىلىپلا مەزمۇن توشقۇزغان ،ئۆزىنىڭ يېڭىلىقى يوقلا ، بولسىمۇ بەكلا ئاز ،ناخشا تور بەتلىرىمىز بەكلام جىق ،كىنو مۇ ھەم ، ئاز يوللىسىمۇ بىر ساز يولىسا ،ئەخلەت ئۇچۇرلارنى يوللا ۋەرگەن ،بىرنىڭ تور ساھەيىمىز راسلا بىر رەتلەشكە ھەم بىر تۇزەشكە بەكلام ئېھتىياجلىق بۇلۇپ قاپتۇ ، نۇرغۇن تورچىلار تور بىكەت قۇر دىسە بىرەر سېستىمىنى ئىشلىتىپلا قۇرۇپ ئاندىن باشقا توردىن مەزمۇن كۇچۇردۇ ،ئەجىبا شۇنچىلىك تور بەتنى ئۇنداق بۇنداق قىلىپ قۇرالىغان ئادەمدە ھىچقانداق تەپەككۇر يوقىدۇ ، ھېلىمۇ سىزنىڭ مۇنۇ كىچىك تۇرايىڭىز بوپ قاپتۇ ،بولمىسا نەدىن تاپا ئۇلار ،مەن ئويلايمەن ھەر بىر ئادەم ئىنسان نوقتىسىن ئوخشاش ،لىكىن فىزولوگىيە نوقتىسىدىن ،تەپەككۇر جەھەتتىن ئوخشىمايدو ،شۇنداق بولغان سەۋەپلىك ئادەم ئوخشىمايدۇ ،دۇنيا شۇڭا گۇزەل ،نىمىشقا تور ساھەمۇ مشۇنداق بولمايدۇ ،ماھىيتى ئوخشاش تېخنىكا لىكىن مەزمۇن جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان گۇزەل تور ساھەسى ھاسىل بولمايدۇ ..
رەھمەت سىزگە! چۈشۈرۈش ئادرىسى بولغاندا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى