مانا مال كەلدى، HP Stream
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]مانا ھازىرلا تاپشۇرۇپ ئالدىم، ھازىرچە رەسىملەردىن ھوزۇرلانغاچ تۇرۇڭلار.
بىرىنچى تەسىراتىم: ھەقىقەتەن قالتىس.
مانا ھازىر ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاۋاتىمەن، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە كوررېكتورىنى قاچىلاۋاتىمەن.
سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز،ئېكران ئېنىقلىقىمۇ بەك ياخشى، ناۋادا 9 سۇڭ ياكى 10 سۇڭ بولسا كېلەڭسىز بولۇپ قالاركەن دېدىم ئۆزەمچە.
===================
ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنىغا بۇ مال ئۆز باھاسى بويىچە تىزىلدى، 3 تىللىق لۇغەت ئالغانلارغا ئۆز باھاسىدا ئېلىپ بېرىمىز.
===================================
(1) خۇيپۇ (Stream 7) تاختا كومپيۇتېر
باھاسى: 669 يۈەن
(2) ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 (3 تىللىق)
باھاسى: 90 يۈەن
(3) يەتكۈزۈش ۋە مۇلازىمەت
باھاسى: 21 يۈەن
====================================
جەمئىي 780 يۈەن ئەۋەتسەڭلار، بىز سىلەرگە ۋاكالىتەن ئېلىپ ئەۋەتىپ بېرىمىز. مال يەتكۈزۈش ۋاقتى ئادەتتە 5 كۈندىن 7 كۈنگىچە ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ.
ئۈرۈمچىدىكىلەر ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىدىن ئېلىۋالساڭلار بولىدۇ، باشقا جايدىكىلەرگە تېز يوللانمىدىن ئەۋەتىپ بېرىمىز. پېچەتنى سۆكمەيمىز.
مىكروسوفت تور دۇكىنىدىن ئۆزۈڭلار بىۋاسىتە ئالالىساڭلار تېخىمۇ ياخشى، لېكىن ئالالمايدىغانلار بولسا بىز ئۆز باھاسى بىلەن ياردەملىشىپ بېرىمىز.
ئۈندىدار دۇكاننىڭ ئادرېسى: dukan.uighursoft.com
ئەمما بۇ ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى كومپيۇتېر ئەمەس، گەرچە Photoshop, Word, Excel ۋە ئۇيغۇرسوفت لۇغەتلىرىنى ئىشلەتكىلى بولسىمۇ، ئېكرانى سەل كىچىك. ئەمما ئىچىگە نەرسىلەرنى قاچىلاپ قويۇپ، توردا خەۋەر كۆرىدىغان، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايدىغان، مەندەك كۈندە Email نى تەكشۈرىدىغانلار كۆپرەك ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېردۇر.
ئۆيۈڭلاردا ئۈستەل كومپيۇتېرى، سومكاڭلاردا خاتىرە كومپيۇتېرىڭلار بارلار يەنە بۇنىڭغا قانائەت تاپماي، 3 ياكى 4 كومپيۇتېرلىق بولسام بولاتتى، زادى ئالمىسام بولمايتتى دېسەڭلار، بىز ۋاكالىتەن ئەكەلتۈرۈپ بېرەيلى.
مانا ھازىر تىركەش ئىسىملىك بىرەيلەن بىزنىڭ تۇنجى خېرىدارىمىزغا ئايلاندى.
===============
=============
ماڭا قايلاپ قالماي، ئېۋۇ كومپيۇتېرغا ئوبدان قالاڭلا،
مال
========
- يازما كۆرۈلۈشى: 13,095 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 02-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:46
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى تىجارەت باشلىدى (تىجارەت قىزىپ كەتتى!)
- كېيىنكى يازما :WordPress نىڭ 4.1 (ئۇيغۇرچە) نەشرى ئېلان قىلىندى
كىرگۈزگۈچ بولغاچقا ,ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىمۇ بۇلىدۇ دىگەن گەپ ,خۇددى ھازىرقى سەككىز سېستىمىغا ئوخشاش, يانفۇن بىلەن كومىيوتىرنىڭ سېتىمىسى بىر, تىل بۇلاق ,كىرگۈزگۈچ دىگەن ئادەتتىكى ئىش 。
ئەلۋەتتە ئىشەنچىلىك مەن لۇمىيا929غاWindows10 نىڭ سىناق نەشىرنى قاچىلىدىم .
مەنمۇ2-چىسلا سېتىۋالغان ئۈرۈمچىدىن خوتەنگەيۈندا تىزيوللانمىسىدىن ساپتۇ.
لىكىن ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە بىرھەپتىدىمۇ كەپبۇلالمىدى ،سۈرۈشتۈرسەم خوتەنگە سېلىپ يوللاپ بەردۇق دەپ ئۇچۇر چىقتى.
مەن ئالدىنىپ قالدىممۇ يا .
رەھمەت تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن قېرىنداشلىرىمغا
ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان خوش خەۋەر ئىكەن…….ئىشەنچىلىكمىدۇ
ۋىندوۋىسفونغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قېتىلىپتۇ ئالىم مۇئەللىم ئۇچۇر بەرمەيدىغۇ
Windows10 غا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قېتىلغانلىقى سېستىما ھەقىقى نەشرىگە ئۇيغۇرچە قېتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمۇ ?
خوش_خەۋەر windows10 يانفۇن نۇسقىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قېتىلىپتۇ
win10 for phone توغرىسىدا ئۇيغۇرتىلىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ خوشخەۋەر !
win10 for phoneغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلۇپتۇ. تەپسىلاتى ئالىپ تورىدا http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=37686
سىم بىلەن كومپىيۇتېرغا چاتساق تونىمايدىكەن ، بۇ تېلىفۇن بولمىغاندىكىن ،
كۆچۈرمەكچى بولغان كىتابلىرىڭىز PDF فورماتىدىكى كىتابلار بولسا بارماق دىسكا ئارقىلىق كۆچۈرۈڭ ، بۇنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار ،
1 . بىر دانە كۆپ ۋاستىلىق كارتا ( دو مېي تى كا ) نى كارتا ئوقۇغۇچ ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا چېتىپ ، سىز كۆچۈرمەكچى بولغان كىتاب ، ۋە كۆرمەكچى بولغان كىنو ، ئاڭلىماقچى بولغان ناخشا ، قاچىلىماقچى بولغان بارلىق يۇمشاق دېتاللار ، exe .. ھۆججەتلىرى … قاتارلىقلارنى كۆچۈرىۋېلىپ ، ئاندىن بۇ كۆپ ۋاستىلىق كارتىنى بۇ كىچىك كومپىۇتېرنىڭ كەينىنى ئېچىپ ، كارتا ئوقۇرىغا سالسىز . ئاندىن « بۇ كومپىيۇتېر » كۆزنىكىدە كارتىدىكى بارلىق كۆچۈرۈلگەن نەرسىلەر كۆرۈنىدۇ . شۇ يەردىن ئىككى چېكىپلا ئىجرا قىلىسز .
2. كومپيۇتېر ، تېلىفۇن ئۈسكۈنىلىرى ساتىدىغان دۇكانچىلاردا بىر تەرىپ كىچىك ، بىر تەرىپى چوڭ ئېغىزلىق بارماق دىسكا ، دىسكا ئوقۇغۇچ بار ، بۇنىڭدىن بىرنى ئالسىڭىز ئاۋۇ كىچىك كومپىيۇتېرنىڭ كىچىك USB ئېغىزى ( يەنى توك قاچىلايدىغان ئېغىزى شۇ ) غا بىۋاستە چاتسىىڭىز بىۋاستىلا تونۇيدۇ . « كومپىيۇتېرىم » كۆزنىكىدە ئاۋۇ بارماق دىسكا كۆرۈنىدۇ . ئانىدىن ئىككى چېكىپلا ئىچىگە كىرىپ ئىچىدىكىلەرنى بىۋاستە ئىجرا قىلسىىڭىز بولىدۇ . كومپيۇتېرنىڭ كەينى قاپنى ئېچىش كەتمەيدۇ .
يەنە ، كىچىك USB ئېغىزنى ئۆلچەملىك USB ئېغىزغا ئالماشتۇرىدىغان سىم بار ، 5 كويلارغا بېرىدۇ . شۇنىڭ بىرنى ئېلىپ كىچك ئېغىزغا چاتقاندىن كىيىن ، يەنە بىر ئۇچىدىكى ئادەتتە بىز ئىشلىتىپ كۆنگەن USB ئېغىزغا قانداقلىقى نەرسىنى چاتىسىڭىز بولىۋېرىدۇ . مەن شۇنداق قىلىپ سىمسىز مائۇس ،كونۇپكا تاختىسى … دىگەندەكلەرنى چېتىپ ئىشلىتىپ باقتىم ،شۇنداق ئاسان ..
تەپسىلى بولغاندۇ ھە …
ۋىن 10نىڭ يانفون نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ قۇشۇپتۇ.
بىر مىكرو ئېغىزلىق بارماق دىسكا سىتۋالسىڭىزلا بۇلدىغۇ ، ھازىر كومپىيوتىرغا ھەم تىلفۇنغا چاتقىلى بۇلدىغان قوش ئېغىزلىق بارماق دىسكا چىقتى شۇنىڭدىن بىرنى ئالسىڭىز، ھەم تىلفۇنغا ھەم كومپىيوتىرغا چىتىپ تىلفۇن ۋە كومپىيوتىردىكى نەرسىلەرنى بىرسى بىرسىگە چاتماي تۇرۇپلا شۇ دىسكىغا كۈچۈرۈپ ئالماشتۇرۇپ ئىشلتەلەيسىز ،مەن ئالدىدىمۇ دىگەنتىم بۇ گەپنى يەنە تەكرارلاپ قۇياي.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكوم
سىم ئىلىپ كومپىيۇتىرغا چاتاتسام ھىچقانداق ئىنكاس يۇق ، كومپىيۇتىردىكى كىتاپنى مۇشۇنىڭغا قاچىلاي دىگەن قانداق قىلىشىمنى بىلمىىدىم . ئالىم مالىم ۋە بىرە سىناپ باققانلار يول كۈرسەتسەڭلار رەھمەت
ئالىم مۇئەللىم يۇقىردا بەزى تورداشلار win10 for phoneتوغرىلىق بەزى سۇئاللارنى سوراپتۇ،،،،،،،،تىلفۇن نۇسخىسى بىلەن كومپىيۇتېر نۇسخىسىنىڭ يادىرو قىسمى ئوخشاش بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتېر نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە قىتىلغاندىن كىيىن تىلفۇن نۇسخىسىمۇ تەبىئىيلا ئۇيغۇچە بولامۇ؟ خاپا بولماي مۇشۇنىڭغا بولغان كۆز قارشىڭىزنى دەپ باقسىڭىز؟
قىتىلمىسا مەيلى ،،،،،سىزگە ھەرگىز مۇنداق دىگەن ئىدىڭىز دىمەيمىز،،،،،،،،ئالدىنقى قىتىم بىلەت تاشلىغان ئىشتا بەزىلەر سەل ھاياجانلىنىپ كىتىپ قالدى،،،،،،يەنىلا سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىزنى چۇشىنىدىغان سىزنى قوللايدىغانلار كۆپ،مىكروسوفىت يا سىزنىڭ شىركىتىڭىز بولمىسا،،،،شۇڭا مۇشۇ توغرىسىدا كۆز قارشىڭىزنى دەپ باقسىڭىز؟
ئۈچ تىللىق لۇغەتنى سىتىۋالغانلار نەچچە كومپىيۇتىرغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىغاندۇ؟