Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچى تارقىتىلغاندىن كېيىن توردىن چۈشۈرگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، كۈندە ئاكتىپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى 4000 مىڭدىن ئېشىپ، كۈندە %10 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق بىر دېتالغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ ئاساسەن بىريەرگە بېرىپ توختىدى. ھازىر بۇ دېتالىمىز %95 دىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېرىدا راۋان خىزمەت قىلىپ، يەنە بىر قېتىم چوڭ يېڭىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاساسلىقى يەنە بىر قىسىم كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىملارنىڭ شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىشى قوشۇلىدۇ، يەنە تورداشلار خاتا يېزىۋاتقان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۈچەيتىلىدۇ، ئەڭ توغرا نامزات سۆزنى ئەڭ ئالدىغا كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلىدۇ.

ئەمما تۆۋەندىكى بىرنەچچە سۆزنىڭ ئىملاسى تېخى قېلىپلاشمىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا قوشۇلمىغان ئىدى، تورداشلارمۇ بۇ سۆزلەرنى بىرنەچچە خىل يېزىۋېتىپتۇ، بۇنىڭ توغرا ئىملاسىنى ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:

(1) يان تېلېفوندىكى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىنگلىزچە نامى Android نى ئۇيغۇر تىلىدا قانداق يازىمىز؟ خەنزۇچە 安卓 دەيدۇ. ئۇنىڭ توغرا ئىملاسى زادى قانداق بولىدۇ؟
1. ئاندروئىد
2. ئاندىروئىد
3. ئاندرويىد
4. ئاندىرويىد
5. ئەنجو
6. ئەنجورئىد
7. ئەنجوريىد
8. ئەنجۈر

بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى توغرا بولۇشى كېرەك. ئەرەب، پارس يېزىقلىرىدىن ئىزدەپ باقسام ئۇلار «ئاندرويد» دەپ يازىدىكەن. بۇنداق دۇنياۋى ئاتالغۇلاردا ئوخشاش يېزىق سىستېمىسى ئىشلىتىدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسا بولمايدۇ دەيدىغان ئۆلچەم بارمۇ-يوق؟ مەسىلەن، بەزىلەر ئاندروئىد دېسە، بەزىلەر ئاندوريىد دېيىشمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا «-يىد» بىلەن ئاخىرلاشقان بىرمۇ سۆز يوق. مەن بۇ جەھەتتە دىيارىمىزدا ئەڭ بۇرۇن Android بىلەن ھەپىلەشكەن بىلكان شىركىتى بىلەن بىردەك بولۇشنى ئويلاشتىم. ئەمما ئۇلاردىمۇ 2 خىل يېزىلىۋېتىپتۇ، ھازىرچە مېنىڭ تەكلىپىم «ئاندرويد»، سىلەرنىڭ قانداق پىكىرىڭلار بار.

(2) يەنە بىرسى دۇنيادىكى داڭلىق ئىزدەش ماتۇرى Google نىمۇ تۆۋەندىكىدەك يېزىۋېتىپتۇ.
1. گوگېل
2. گوگىل
3. گوگول
4. گوگۇل
5. گۇگول
6. گۇگۇل
7. گوگلې
بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىرسى توغرا بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر تىلىدا «ۇ» دىن كېيىن «و» كېلىدىغان سۆزلەر پەقەت كىرمە سۆزلەردە كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: جۇڭگو، گىلۇكوزا،….دېگەندەك.
بۇنىڭ ئەسلىدىكى تىلدىكى توغرا تەلەپپۇزىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ئۇيغۇرچە يېزىلىشى گۇگول بولۇپ، باشقىلىرى سەل يىراقلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ھازىرچە تەكلىپىم گۇگول دەپ يېزىش ئىدى.

3. Chrome تور كۆرگۈچ
1. كىروم (مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇشۇ)
2. خىروم

4. Skype پاراڭلىشىش دېتالى
1. سىكايپى
2. سىكايپ (مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇشۇ)

5. Yahoo
بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخۇ دەپ ئاتايدۇ، گېزىتلەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ سەۋەبى خەنزۇچە 雅虎 دېگەن تەرجىمىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ تەلەپپۇزى «ھ»غا يېقىن كېلىدۇ، شۇڭا «ياھۇ» دېسەك بولامدۇ-يوق؟ ياكى خاتا ئادەت كۈچىگە بويسۇنامدۇق؟
قېنى تەكلىپ-پىكىر بولسا بېرەرسىلەر، رەھمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
81 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مۇئەللىم :
    1.ئەنجرويىد
    2.گۇگول
    3.كروم
    4.سىكايپ
    5.ياھۇ
    دەپ ئالايلى ، ئىسىملارنى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئېلىشقا رۇخسەت بولغاندىكىن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 21:32
  • بۈگۈن مەن windows 8.1نىڭ رەسىم كۆرۈش يومشاق دىتالىنى ئىشلىتىپ مۇنداق بىر سۆزنى بايقىدىم, بۇ سۆز رەسىم تەھرىلىگەندە كۆرۈلىدىغا سۆز ,يەنى «قىزىق نوقتا» , بۇسۆز ئەسىلىدە فىزىكىدىكى «فوكىس نۇقتىسى » ياكى «فوكىس نوقتىسىنى تەڭشەش» دەپ ئېلىنىشى كېرەكقۇ دەيمەن.ئالىم مۇئەللىم قاراپ باقسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى am 08:30
  • سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،
    تورلاردا 21-يانۋار مىكروسفت شېركىتىنىڭ Windows 10 نى تارقىتىش يىغىنى ئېچىپ، يىغىندا Windows 10 نىڭ يېڭى ئقتىدارلىرى تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىپتۇ. مۇمكىن بولسا سىزمۇ Windows 10 دىكى ئۇيغۇرچە ھەققىدە ئازراق ئۇچۇر بېرىپ، بىزنىڭ تەشنالىرىمىزنى ئازراق قاندۇرغان بولسىڭىز، رەھمەت.
    تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالدى، كەچۈرەرسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى am 07:15
    • بەزى ئۇچۇرلارنى ئاشكارلىيالمايمەن، ئاشكارلاشقا بولىدىغان ئۇچۇرلار ھازىرچە مۇنداق:
      بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىغا ئورتاق بولغان ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئۇسلۇبى يېتەكچىسى(Style Guide)نى تاماملاپ تاپشۇردۇم، بۇ Windows 10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەستىقلاندى، بۇ يىل ئىچىدە چىقىدۇ دېگەن گەپ. بۇ خىزمەتنىڭ تەييارلىق باسقۇچلىرى تاماملاندى، پات يېقىندا باشلىنىش ئالدىدا، ئەمما ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئاشكارلاشقا ئاجىزمەن، بەزى ئۇچۇرلارنى مەنمۇ بىلمەيمەن. ئەمما سىلەرگە ئاشكارلاشقا رۇخسەت قىلىنغان ئۇچۇرلار بولسا، ئىمكانقەدەر بىلوگىمدا ئېلان قىلىمەن، ئىشلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:16
  • مەنمۇ ئاندىرويىد بولسىكەن دەپ تىلەپ ئولتۇرغان…
    مېنىڭ تىلىم ھەر قانچە قىلساممۇ گۇگۇل دىن بەكرەك گوگۇل غا كېتىپ بارىدۇ. ئۆزۈم قەشقەردىن.
    تىلچىلار مۇشۇ ئىھتىماللىقنىمۇ بىر دەڭسەپ باقسا…لېكىن ئومۇملۇققا بويسۇنىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 23:10
  • بەك ياخشى بوپتۇ……باش بارماق ئىپادىسى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:24
  • مەن بۇ پىكرىمنى ۋە سىلەرنىڭ پىكرىڭلارنى تىلچىلارغا يەنە بىر كۆرسەتتىم، ھازىر بۇ ئاتالغۇ ئىچىدە پەقەت مۇشۇ «ئاندىرويىد» بىلەن «ئانجىرويىد» دەپ يېزىشنىڭ قايسىنى تاللاش بولۇپ قالدى.

    بايا مەن بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ كۆردۈم
    «ئاندىرويىد» نىڭ ئىشلىتىش قېتىم سانى 32300
    «ئانجىرويىد» نىڭ ئىشلىتىش قېتىم سانى ئاران 4 ئىكەن،

    تىلچىلار سورونىدىكى ئۇستاز تىلچىلار تىلچىنىڭ يامىنى يانغاق (گېپىدىن يېنىۋالىدىغان) كېلىدۇ دېدى. شۇڭا مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسەم «ئاندىرويىد» بولدى، كۆپچىلىككە رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:59
  • dr نى در دەپ ئېلىشقا تامامەن بۇلىدۇ ، يەنىلا ئوخشاش ئىنگىلىزچىغا يىقىن كىلىدۇ، بىلىشىمچە ھىندىستانلىقلار ئىنلىگىلىز چە مۇشۇنداق ئايرىپ تەللەپپۇز قىلىدىغۇ دەيمەن ، بەزىڭلار بىز ھىندىستانلىق ئەمەس دەپ قوپماڭلار يەنە ، ئۇلارنىڭ بەزى سۆزلىرىمۇ بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش كەپ قالىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:56
  • يەنە كىلىپ ئانجىرويىد نىمە دەپ ئانجىرويد دەپ ئېلىنمىدى؟
    نىمە ئۈچۈن سىكايىپ ، سىكايپ دەپ ئېلىندى؟
    بۇ يەردە يەنىلا بىردەكلىك يوقمۇ نىمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:42
  • Android نى ئانجىرويىد دەپ ئېلىش خاتا، ‹dr›نىڭ تەلەپپۇزى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ج ›غا يىقىن دىسە يىقىن يىراق دىسە يىراق ،بىراق بۇنداق ج بىلەن ئېلىنسا ئۇقۇش تەس كىلىدۇ ،كىيىن يەنىلا كۆپ ئىشلىتىلمەي قاپقالىدۇ.ياكى بۇرۇن ئىشلىتىپ كەلگەن يۇسۇندا ئىشلىتىلىپ كىلىنىدۇ،بۇنداق مىساللار بەك كۆپ ، بىزنىڭ مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىپ كەلگەن خىمىيە، فىزىكىدىكى ئاتالغۇلار تاشلىنىپ قالغانلار كۆپ .Android نى ئاندرويد دەپ ئىلىش ئەڭ توغرا، كەينىنى ئىد دەپ ئالساقمۇ كىيىن يەنىلا يىد دەپ ئوقۇيمىز، يىزىشتا باشقا ئوقۇشتا باشقا بولسا ئاشۇنداق جىق ئىملا خاتالىغى كۆرۈلىدۇ، شۇڭا بۇ قايتىدىن ئويلانسا.
    Google نى گۇگۇل دەپ ئېلىش توغرا ، بۇنىڭغا مەن قۇشىلىمەن .گۇگول گەرچە ئىنلىگىزچە ئوقۇلىشى بىلەن ماس كەلگەن بولسىمۇ ، ئۈستە دىگەندەك ئوقۇغاندا يەنىلا گۇگۇل دەپ ئوقۇلىدۇ، ھىچكىم ئىنىق تەلەپپۇز قىلىپ گۇگول دىيەلمەيدۇ ،شۇڭا قىينالمايلا تەلەپپۇزغا توغرا كەلگىنى تاللاش كېرەك .
    شۇڭا ئىنگىلىزچە تەلۇپپۇزغا يىقىن ھەم بىزنىڭ تەلەپپۇزغىمۇ يىقىن بۇلىشى كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:38
  • بۇ ئاخىرقى قارار ناھايىتى ياخشى چىقىرىلىپتۇ، ئالىم مۇئەللىم، جاپا چەكتىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:44
  • بىريەرگە كەلگىنى ياخشى بولاپتۇ، بىر-ئىككى ئايدىن بىرەر يىلغىچە سوزساق بىزگىمۇ پايدىسى يوق، كۆپلىگەن كىشى يەنىلا دەيشى دەۋالغاندىن ياخشى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 21:21
  • «ئانجىرويىد» نىڭ مېنىڭ تەكلىپىم بىلەن ئوخشاش بولغانلىقىدىن خوشھال بولدۇم. شۇنداقلا بۇندىن كېيىن يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ بۇرۇنراق قېلىپلىشىشىغا تىلەكداشمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:06
  • تىلچىلار سورۇنىدىكى تىلچى ئۇستازلار ۋە تىلكوم لۇغەت بۈلۈمىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مېنىڭ ئاخىرقى قارارىم مۇنداق:
    چەت تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى ئۇلارنىڭ ئەسلىي تىلىدىكى تەلەپپۇزىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكا قانۇنىيەتلىرى بويىچە چەكسىز يېقىنلاشتۇرۇپ يېزىش، پۈتۈنلەي شۇ يات تىل بويىچە يېزىش ياكى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ ئۇيغۇرچە يېزىشقا بولمايدۇ.

    1. Google
    گۇگۇل (ئىنگلىز تىلىدىكى توغرا ئەينەن تەلەپپۇزى گۇگول، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا «ۇ» دىن «و» كېلىدىغان ئەھۋال يوق، شۇڭا «گۇگۇل»نى تاللىدىم)

    2. Android
    ئانجىرويىد (ئىنگلىز تىلىدىكى توغرا ئەينەن تەلەپپۇزى ئانجرويد، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا تەلەپپۇز قىلىش ۋە يېزىش بىر ئاز قىيىن، شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى قائىدىسى بويىچە «ئانجىرويىد»نى تاللىدىم)

    3. Chrome
    كىروم (ھازىرقى ئىملا قائىدىسى بويىچە سۆز بېشىدىكى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا بىر «ى» قوشۇلۇپ، «كىروم»نى تاللىدىم)

    4. Skype
    سىكايپ (ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ئاخىرىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش كېلىدۇ، شۇڭا كەينىگە ئارتۇق بىر «ى» قوشۇلماي، «سىكايپ» دەپ يېزىشنى تاللىدىم)

    5. Yahoo
    ياخۇ (ئىنگلىز تىلىدىمۇ «ھ» ئەمەس، «خ» دەپ ئاتايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرچە «ياخۇ» دەپ يېزىشنى تاللىدىم)

    پىكىر قاتناشتۇرغان بارلىق تورداشلارغا سەمىمىي رەھمەت،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:25
  • قوللايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:11
  • بايا مەن يەنە لوندۇندا تۇرۇۋاتقان دىلشات ھېۋىزۇللادىن سوراپ باقتىم. (دىلشات ھېۋىزۇللا لوندوندا يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئىنگلىزلار بىلەن بىللە ئىشلەيدۇ.) ئۇلار ھەممىسى گۇگول دەپ تەلەپپۇز قىلىدىكەن، ئەمما ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن گۇگۇل دەپ يېزىلسا، بىر قەدەر توغرا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    يەنە «ياخۇ» دىكى «h» نى خورازدىكى «خ» ئوقۇيمىز دېدى.
    شۇنداق قىلىپ بۇ تېما مۇشۇ يەردە خۇلاسىلەندى.
    1. گۇگۇل
    5. ياخۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:30