Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچى تارقىتىلغاندىن كېيىن توردىن چۈشۈرگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، كۈندە ئاكتىپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى 4000 مىڭدىن ئېشىپ، كۈندە %10 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق بىر دېتالغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ ئاساسەن بىريەرگە بېرىپ توختىدى. ھازىر بۇ دېتالىمىز %95 دىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېرىدا راۋان خىزمەت قىلىپ، يەنە بىر قېتىم چوڭ يېڭىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاساسلىقى يەنە بىر قىسىم كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىملارنىڭ شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىشى قوشۇلىدۇ، يەنە تورداشلار خاتا يېزىۋاتقان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۈچەيتىلىدۇ، ئەڭ توغرا نامزات سۆزنى ئەڭ ئالدىغا كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلىدۇ.
ئەمما تۆۋەندىكى بىرنەچچە سۆزنىڭ ئىملاسى تېخى قېلىپلاشمىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا قوشۇلمىغان ئىدى، تورداشلارمۇ بۇ سۆزلەرنى بىرنەچچە خىل يېزىۋېتىپتۇ، بۇنىڭ توغرا ئىملاسىنى ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
(1) يان تېلېفوندىكى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىنگلىزچە نامى Android نى ئۇيغۇر تىلىدا قانداق يازىمىز؟ خەنزۇچە 安卓 دەيدۇ. ئۇنىڭ توغرا ئىملاسى زادى قانداق بولىدۇ؟
1. ئاندروئىد
2. ئاندىروئىد
3. ئاندرويىد
4. ئاندىرويىد
5. ئەنجو
6. ئەنجورئىد
7. ئەنجوريىد
8. ئەنجۈر
بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى توغرا بولۇشى كېرەك. ئەرەب، پارس يېزىقلىرىدىن ئىزدەپ باقسام ئۇلار «ئاندرويد» دەپ يازىدىكەن. بۇنداق دۇنياۋى ئاتالغۇلاردا ئوخشاش يېزىق سىستېمىسى ئىشلىتىدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسا بولمايدۇ دەيدىغان ئۆلچەم بارمۇ-يوق؟ مەسىلەن، بەزىلەر ئاندروئىد دېسە، بەزىلەر ئاندوريىد دېيىشمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا «-يىد» بىلەن ئاخىرلاشقان بىرمۇ سۆز يوق. مەن بۇ جەھەتتە دىيارىمىزدا ئەڭ بۇرۇن Android بىلەن ھەپىلەشكەن بىلكان شىركىتى بىلەن بىردەك بولۇشنى ئويلاشتىم. ئەمما ئۇلاردىمۇ 2 خىل يېزىلىۋېتىپتۇ، ھازىرچە مېنىڭ تەكلىپىم «ئاندرويد»، سىلەرنىڭ قانداق پىكىرىڭلار بار.
(2) يەنە بىرسى دۇنيادىكى داڭلىق ئىزدەش ماتۇرى Google نىمۇ تۆۋەندىكىدەك يېزىۋېتىپتۇ.
1. گوگېل
2. گوگىل
3. گوگول
4. گوگۇل
5. گۇگول
6. گۇگۇل
7. گوگلې
بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىرسى توغرا بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر تىلىدا «ۇ» دىن كېيىن «و» كېلىدىغان سۆزلەر پەقەت كىرمە سۆزلەردە كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: جۇڭگو، گىلۇكوزا،….دېگەندەك.
بۇنىڭ ئەسلىدىكى تىلدىكى توغرا تەلەپپۇزىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ئۇيغۇرچە يېزىلىشى گۇگول بولۇپ، باشقىلىرى سەل يىراقلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ھازىرچە تەكلىپىم گۇگول دەپ يېزىش ئىدى.
3. Chrome تور كۆرگۈچ
1. كىروم (مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇشۇ)
2. خىروم
4. Skype پاراڭلىشىش دېتالى
1. سىكايپى
2. سىكايپ (مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇشۇ)
5. Yahoo
بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخۇ دەپ ئاتايدۇ، گېزىتلەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ سەۋەبى خەنزۇچە 雅虎 دېگەن تەرجىمىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ تەلەپپۇزى «ھ»غا يېقىن كېلىدۇ، شۇڭا «ياھۇ» دېسەك بولامدۇ-يوق؟ ياكى خاتا ئادەت كۈچىگە بويسۇنامدۇق؟
قېنى تەكلىپ-پىكىر بولسا بېرەرسىلەر، رەھمەت.
- يازما كۆرۈلۈشى: 7,807 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 01-ئاينىڭ 11-كۈنى am 9:29
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب
- كېيىنكى يازما :Value and Groups of Cell Division
Chrome نى كىروم دەپ ئاتاشنى قوللايمەن.چۈنكى خىروم بۇ بىزنىڭ تىلىمىزدا بار نەرسىنىڭ ئىسمى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە سۆز ئويۇنىغا ئۇستا كىشىلىرىمىزنىڭ قالايمىقان قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا خىروم دەپ ئىشلىتىلسە مەلۇم تور بەتنىڭ ئىسمىدەك تۇيغۇ بىرىدىكەن. كىروم (تور كۆرگۈچ) دىگەن يىڭى بىر ئاتالغۇ ئارقىلىق ئىدىيۋى بىر نوقتىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
1. Yahoo
بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخۇ دەپ ئاتايدۇ، مەنمۇ ھەم شۇنداق . ئۇزۇندىن بىرى شۇنداق ئاتاشقا ھەممىمىز كۆنۈپ كەتتۇق . ياھۇ دەپ ئاتىساق ھىلىقى خەقنىڭ مىكى دەپ قالىدىكەن كىشى . ئۆزەمچە تەكلىۋىم : ئۇزۇندىن بىرى ھەممىمىز كۆنگەن ئىددىيۋى ئۇقۇمنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان ياخۇ دىگەننى ئىشلىتىۋەرسەك . يىڭىدىن ياھۇ دەپ ئۆزگەرتىش ،ھەممىمىزدە يەنە بىر مەزگىل گاڭگىراش ھالىتى پەيدا بولۇپ قىلىشتىن ساقلىغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن .
ئاندىن دائىم يولدا كۆپ ئۇچرىتىدىغان ماشنىلارنىڭ ئىسمنى بىكىتىسە بولىتى ئۆلچەملىك قىلىپ ..
بۇ بەك ياخشى تەكلىپ بولدى، مەن دەرھال تىلچى ئۇستازلارغا يەتكۈزەي.
ئاندرويت دەپ يىزىلسا خەتنىڭ كۆرۈلۈشى جەھەتتىنمۇ ئاتالغۇغا خاس كۆرۈنىدىكەن ،تەلەپپۇز قىلىش بىلەن بىردەك چىقىدىكەن .مۇشۇنداق ئاتاشنى قوللايمەن . Google دىگەن سۆزگە كەلسەك گوگول ،گوگۇل،گۇگول دىگەن سۆزلەر نى بىز ئاسانلا ئارلاشتۇرىۋىتىمىز ،ھەم ئارىمىزدا تېلىنىڭ ئىلىنچىقى بار دوسلارنىڭ خاتا تەلەپپۇز قىلىشى بىلەن ئاڭلىغاننى يازالماسلىقدەك ئەھۋالنىڭ ئىھتىماللىقى چوڭ ، شۇڭا تەكلىبىم گوگىل دەپ ئىشلەتسەك . بۇنداق قىلغاندا تەلەپپۇزمۇ ئېنىق ،چۈشۈنۈشكە تىز بولىدۇ . Skype غا كەلسەك سىكايپى دەپ يىزىشنى توغرا دەپ قارايمەن.
سالام ،
مەن ئالىم مۇئەللىم كۆرسەتكەن نامزاتلارنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئالىم مۇئەللىممۇ IT ئاتالغۇلىرى ھەققىدە كۆپ ئىزدەندى، چوقۇم بەلگىلىك ئاساسى بار. ئەگەر تىلشۇناسلارنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتىكى باشقا تەكلىپى بولمىسا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ نامزاتى بويىچە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنچە دادىسى نېمە دەپ قويسا شۇ پىتى ئاتىساق…قانداق تەلەپپۇز قىلىنىپ ئېيتىلسا شۇنداق تەلەپپۇز قىلساق.. بىزنىڭ تىلىمىز ئىلمەك بولىمغانتىكىن…..
گوگول ياكى گۇگۇل دەپ ئالساق مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن. مەن بۇ يەردە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسىنى چىقىش قىلدىم. باشقىلىرىدا ئالىم مۇئەللىمنىڭكىنى قوللايمەن.
مېنىڭ تەكلىپىم:
1. Android : ھازىر تور دۇنياسىدا بىر قەدەر ئوموملاشقان ئاتالغۇ«ئەنجۈر» ئاتالغۇسى بولۇپ قالدى، ئىلگىرى نوپۇزلۇق تور بىكەتلەردىن ئالىپ تور بىكىتى، ئەندىزە تور بېكىتى(مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تور بىكەت نامى ئۆتۈنۈپ بېرىلىپ سودا ئىشىغا ئىشلىتىلىۋېتىپتۇ) دە دائىم دېگۈدەك ئاندروئىد، ئاندىروئىد دېگەن سۆزلەرنى ئۇچراتقىلى بولاتتى، ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن «ئەنجۈر» دەپ ئىلىنۋاتىدۇ، ھەرقايسى ئەقلىيفون ھەۋەسكارلىرىمۇ ئەپ ياكى سېستىما تەرجىمە قىلغاندا «ئەنجۈر» دەپ ئىلىۋاتىدۇ. خەنزۇچە 安卓 دەپ ئالغان بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولغان تۈپكى مەنىسىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا «بىخەتەرلىكى ئالاھىدە يۇقىرى، ئالاھىدە بىخەتەر، ناھايتى بىخەتەر» دېگەن مەنىدە كىلىدۇ. بۇنداق ھالەتتە ئۇيغۇر تىلىدا چۈشىنىشلىك قىلىپ ئېلىش تەس.
يەنە بىرى بۇ Android نى ئېنگىلىزچە تەلەپپۇز قىلغاندا ئەن+ج+ روئىد = ئەنجروئىد دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئەرەب تىلى ۋە پارس تىلىدا «ئاندرويد» دەپ ئېلىنىشى مېنىڭچە بىۋاستە ئېنگىلىزچە يېزىلىشىنى بىراقلا قوبۇل قىلغان بولۇشى(ئابدۇكىرىمچە تەرجىمە) مۇمكىن، يەنە بىرسى يېزىقنى قويۇپ تۇرۇپ ئېغىزدا تەلەپپۇز قىلغاندا تاۋۇش چىقىرىش ئىپادىسىنى كۆزدە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن مەن تۈنۈگۈن Mac نى ۋېندوۋس مۇھىتىدىكى مەۋھۇم ماشىنىغا قاچىلاش جەريانىدا ئالما سېستىمىسىنىڭ باشلام بېتىدە ھەرخىل تىللاردىكى قارشى ئالىمىز دېگەن سۆزلەرنى كۆردۈم، «قارشى ئالىمىز» سۆزىنىڭ ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى «Welcome» بولۇپ يەنە بىر نەچچە تىلدا (ئۆزۈمچە ئېنگىلىز تىلىمۇ شىۋىلەرگە ئايرىلىپ كەتكەندەك ئويلاپ قالدىم)Welcom ، Welcum قىلىپ يېزىلىپتۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ سۆزنى تەلەپپۇز قىلساق چىققان تاۋۇش بىرخىل بولىدۇ.
باشقا تىللارنى تەرجىمە قىلىشتىمۇ شۇ سۆزلەرنى ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئاددىي ئىپادە بىلەن ئىپادىلەش مەقسەت قىلىنسا، چۈشىنىش، كاللىغا سىڭدۈرۈشمۇ شۇنچە تىز بولىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا Apple ئېنگىلىزچە ئالما دېگەن سۆز بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ بىر مېۋىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىنى بىلىمىزيۇ، ئەمما بىر شىركەتنىڭ نامى قىلىنغان ھالەتتىمۇ بىز ئۇنى ئۆز پېتى ئېلىپ Appele (ئىپپول) دەۋالمىدۇق. شۇڭا Android سۆزىنى ئوموملاشتۇرغاندا ئاۋۋال ئۆزىمىزگە ئەڭ ئاسان ھەزىم قىلالايدىغان ھالەتتە «ئەنجۈر» دەپ ئالساق مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.
2. Google ئاتالغۇسىدا مەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىمەن.
3. Chrome ئاتالغۇسى: بۇ سۆز ئەمەلىيەتتە مېتال ئىلمىنت خروم Chromium غا يېقىن كىلىدىكەن، ئېنگىلىزچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنسا __ خروم، يەنى مېتال ئىلمىنت، ئېنگىلىزچە توغرا يېزىلىشى Chromium، بەلگىسى:Cr، ئۇبىرخىل كۈمۈشكە ئوخشاش كۈلرەڭ كىستال ماددا بولۇپ، قاتتىق ۋە چۈرۈك كېلىدۇ، ئادەتتە داتلاشماس پولات ئىشلەشتە خام ئەشيا قىلىنىدۇ، سانائەتتە تۆمۈر، مانگان، ۋە خروملار قارا مېتال ھېسابلىنىدۇ(بىلمەيدىغانلار بولۇپ قالسا بىلىۋالسۇن دەپ تولۇق چۈشەندۈرۈلۈشىنى يازدىم)،
بۇ سۆزنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا 酷容 يەنى «بالا قازانى ئاسانلاشتۇرغۇچى»، «داغدام يول ئاچقۇچى » دېگەن مەنانى كىلىدىكەن.
بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان Chrome سۆزى باشقا مەنا ئىپادىلىمەستىن Google تور كۆرگۈچىنىڭ ئېكران ئۇسلۇبىغا تېخىمۇ ماس كەلگەچكە شۇنداق ئېلىنغان، يەنە كىلىپ ئەينى چاغدا لايىھىلەش پىلانىنىڭ نامى Chromium قويۇلغاچقا پۈتكەندىن كىيىن مۇشۇنداق ئىلىشنى لايىق كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇيغۇر تىلىدا مۇستەقىل مەنا ئىپادىلىمىگەچكە ئۆز پېتى ئېلىنسا بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
4. Skype ئاتالغۇسىغا كەلسەك، بۇ ھەممەيلەنگەن تونۇشلۇق بولغان تور ئارقىلىق ئاۋازلىق پاراڭلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان پاراڭلىشىش دىتالى، ئېنگىلىزچە توغرا تەلەپپۇز قىلىنغاندا ئالىم مۇئەللىم دېگەندەك ___ سىكايىپ دەپ چىقىدۇ. بۇنىڭدا مەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن.
شەخسىي قارىشىم: بولسا مۇشۇ دېتالغا ئۈندىدارغا ئىسىم قويغاندەك چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئىسىم قويساق ياخشى بولاتتى مەسىلەن مۇڭدىدار دېگەندەك (ھىيجايغان چىراي ئىپادىسى)
5.Yahoo ئاتالغۇسىغا كەلسەك، بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچە بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىدىغاندەك تۇرىمەن. ھازىرغىچە دۆلەت ئىچىدىكى خېلى داڭقى بار بلوگ ۋە تور بەتلەرمۇ ئۆز ئەينى قوبۇل قىلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن بەيدۇ، تېڭشۈن، شىنلاڭ،سىينا … ۋەھاكازالار. بۇنىڭدا تىل يېزىق كومىتېتىنىڭ بەزى ئىسىملارنى ئۆز ئەينى ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە ياخو دەپلا ئىلىۋەرسەك بولارمىكىن دەيمەن، بۇ توغۇرسىدا دەپ كەلسەك گەپ كەلسەك گەپ جىق، تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلسە گوۋۇيۈەن __ دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتى(ئورنى)، فاڭجېن (يېتەكچى پىرىنسىپ) دەپ ئېلىنسا توغرا بولىدۇ….
قالغىنى باشقا تورداشلار نېمە دەيدىكىن، پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىمەن.
ئاي بىلگە ئالما دۇنياسىدىن: پېشۋا
مىلادىيە 2015- يىل قەھرىتان ئىينىڭ 11- كۈنى
شۇنداق قىلىپ «ئاندرويد» بولامدا ئەمدى؟؟؟
1.ئاندىروىد دېگەن سۆز ئىنگىلىسچىدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا(ياكى نەدە بارلىققا كەلگەن بولسا شۇ يەرنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە)ئالساق،
2.گۇگېل مۇۋاپىق
3.كىروم مۇۋاپىق
4.مەنچە سىكايپى دەپ ئالغىنىمىز تۈزۈك(ئەسلى تەلەپپۇز بويىچە)
5.ياھۇ دەپ ئالغان مۇۋاپىق(ياخۇ دېگەن سۆز خەنزۇچىغا كىرىپ شۇ بۇيىچە تەرجىمە قىلىنغان. بىز خەنزۇچىدىن ئەمەس ئەسلى مەنبەدىن ئۆزلەشتۈرىشىمىز كېرەك.)
مېنىڭ پىكرىم شۇ.
باشقىلىرى مېنىڭ پىكىرىم بىلەن ئوخشاش بولۇپتۇ، قوللايمەن. ئەمما ماۋۇ سۆزلەردە كۆز قارىشىم مۇنداق:
1.ئاندىروىد دېگەن سۆز ئىنگىلىسچىدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنسا(ياكى نەدە بارلىققا كەلگەن بولسا شۇ يەرنىڭ تەلەپپۇزى بويىچە)ئالساق،
تەلەپپۇزى ئاندرويد دېگەنگە يېقىن كېلىدۇ.
4.مەنچە سىكايپى دەپ ئالغىنىمىز تۈزۈك(ئەسلى تەلەپپۇز بويىچە)
كەينىدىكى ى ئالمىساق، Photoshop نى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىم فوتوشوپۇ دەيدۇ، كەينىگە بىر ۇ نى قوشۇۋالىدۇ. ئىنگلىزچە Alise دېسەم ئۇلار ئەيلىسې دەپ كەينىگە بىر ې نى قوشۇۋالىدۇ، بىز ئۇنداق قىلمىساق دېمەكچى، ئەسلىي تەلەپپۇزى سىكايپ دېگەننى بىز چىقىرالايمىز.
2. گوگۇل
3. كىروم
4. سىكايپى
5. ياخۇ
بۇ مېنىڭ ئويلىغىنىم .
شۇنداقكەن مۇئەللىم، راست گۇگول بولسا توغرا بولغۇدەك.
1.ئاندروئىد
2.گۇگول
3.كىروم
خىرومنى ئاز ئاڭلاپتىمەن، يەنە بەزىلەرنىڭ چىروم دېگىنىنى كۆردۈم.
4.سىكايپ
بىر ئېنگلىزتىلى ئوقۇتقۇچۇم بىلەن پاراڭلاشقاندا مەنمۇ سىكايپى دېسەم ماڭا سىكايپ دەپ ئېلىشىمنى ئەسكەرتكەن.
5.ياخۇ
(يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى پەقەت شەخسىي قاراش)
google نىڭ ئىنگلىزچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە گۇگول دېسە توغرا بولامدىكىن.
ئاندروئىد بولسا ئەڭ توغرا بولامدىكىن، دەپ ئويلايمەن.
1. ئاندرويد
2. گۇگۇل
3. كىروم
4. سكايپ
5. ياھۇ
بۇ مېنىڭ شەخسىي قارىشىم، مۇشۇنداق ئالساق بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن
مايكول دەپ ئالاتتۇق، مايكۇل ئەمەس ئىدى، ئاۋۇ Google نىڭ تەلەپپۇزىغا قارىساقمۇ مايكول بىلەن ئوخشاش يەنى gl، بۇنى گول دەپ ئوقۇيمىز. شۇڭا گۇگول بولامدىكىن دېدىم.