ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىغا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) Windows XP نىمۇ قوللايدىغان بولدى، چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://imla.uighursoft.com سىغىمى: 2.38 مېگابايت، نەشرى نومۇرى: 1.0.0.45
بەزى كومپيۇتېرلاردا نورمال قوزغىلىپ، 3چېكىت چىقىپ توختاپ قالىدىغان قاتارلىق نۇقسانلار تۈزىتىلدى، ئازادە مۇھىتتا ئىملا تەكشۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
========================================================================
1-سوئال: ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى بارلىق ئىملا خاتالىقىنى بايقىيالامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بەزى ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ گۇمانلىق دەپ قىزىل رەڭدە بوياپ قويىدۇ؟ قانداق خاتالىقلارنى ھازىرچە بايقاپ بولالمايدۇ؟
ئۇيغۇر تىلىدا ئىملا خاتالىقلىرى باشقا تىللارغا ئوخشاش مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ.
1. سۆز بولمىغان خاتالىق (非词错误, non-word error)
بۇنداق سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئىزدىسەك چىقمايدۇ. مەسىلەن: كومپىيۇتېر (بىر «ى» ئارتۇق يېزىلىپ قالغان)، شىنقاڭ (SHIFT كۇنۇپكىسى سەۋەبىدىن «ق» ھەرپى كىرگۈزۈلۈپ قالغان)، پروگرامما (يېڭى ئىملادا سۆز بېشىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارىسىغا بىر «ى» ھەرپى قوشۇلىدۇ دېيىلگەن).
بۇنداق خاتالىق ئادەتتە مەلۇم بىر سۆزگە بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنى ئارتۇق يېزىش، كەم يېزىش، ئالماشتۇرۇپ يېزىش سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. بۇنداق خاتالىقلارنى ئوڭشاش دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلاردا ئادەتتە كوررېكتورلۇق باسقۇچىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. ئاز دېگەندىمۇ 3-4 قېتىم كوررېكتورلۇق قىلىش تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالى مۇشۇنداق خاتالىقلارنى بىرلا قېتىمدا بايقاپ، بەزىلىرىنى ئاپتوماتىك توغرىلىسا، بەزىلىرىنى نامزات سۆزنى كۆرسىتىش ئارقىلىق توغرىلايدۇ. ھەرقانداق ماقالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىدا تەكشۈرۈشكە ئادەتلىنىڭ.
ئادەتتە 60 بەتلىك A4 فورماتىدىكى پۈتۈن بىر ژۇرنالنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلسىڭىز، ئاز دېگەندە 2 كۈن (جەمئىي 16 سائەت)، نورمال بولغاندا بىر ھەپتە (5 كۈن ياكى 40 سائەت كېتىدۇ)، ئەمما ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1~1.5 مىنۇت ئىچىدە (ھەقىقىي سۆز بولمىغان) بارلىق خاتالىقلارنى تېپىپ بېرەلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ %50~%30 غىچە خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. باشقا خاتالىقلارنى نامزات سۆز ئارقىلىق توغرىلىسىڭىزمۇ بىر 1-2 سائەت ئىچىدە توغرىلاپ بولالايسىز. بۇ يۇمشاق دېتال چارچىمايدۇ، خىزمەت ئۈنۈمى داۋاملىق بىر خىل بولۇپ، كەيپىياتقا قاراپ ئىش تۇتمايدۇ، 16 سائەتتە تاماملايدىغان خىزمىتىڭىزنى 2 سائەتتە تاماملىيالايسىز، خىزمەت ئۈنۈمىڭىز نەچچە ھەسسە كۆتۈرۈلىدۇ.
نېمە ئۈچۈن بەزى ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ گۇمانلىق دەپ قىزىل رەڭدە بوياپ قويىدۇ؟
جاۋاب: 10 توغرا سۆزنى لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق) سۆز دەپ بايقاشقا رۇخسەت بېرىلسىمۇ (ھەرگىز قەستەن ئەمەس، پەقەت سۆزلۈك ئامبىرىغا تولۇقلاپ كىرگۈزۈلۈپ بولالماسلىق سەۋەبىدىندۇر)، ئەمما بىرمۇ خاتا سۆزنى قاچۇرۇپ قويماسلىق بۇ دېتالنىڭ ئاساسىي خىزمەت پىرىنسىپىدۇر.
2. ھەقىقىي سۆز خاتالىقى (真词错误, real-word error)
بۇنداق (تۈپ) سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتلىرىدىن ئىزدىسەك چىقىدۇ. ئەمما بەزى سۆزلەرنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەر بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشچانلىقى يوق، دىققەت قىلىپ ئوقۇسىڭىز مەزمۇنى تاقا-تۇقا. مەسىلەن:
«تىز تاماقخانا» (خاتا)، توغرىسى «تېز تاماقخانا» بولىدۇ. بۇ يەردىكى تىز (پۇت-قولدىكى تىز بولۇپ ئىسىم) ۋە تېز (چەبدەس، چاققاندىكى تېز بولۇپ سۈپەت) دېگەن سۆزلەر لۇغەتتىن ئىزدىسەك چىقىدۇ، ئەمما «تاماقخانا» دېگەن سۆز بىلەن پەقەت «تېز» دېگەن سۆز ماسلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى سەۋەبلەردىنمۇ ھەقىقىي سۆز خاتالىق كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن:
1. مېنىڭ (مەن، ئالماش)، مىنىڭ (مىن-، پېئىل)
(1) بۇ مىنىڭ كىتابىم (خاتا)
(2) بۇ مېنىڭ كىتابىم (توغرا)
(3) ئەپەندىم قېنى ئېشەككە مېنىڭ (خاتا)
(4) ئەپەندىم قېنى ئېشەككە مىنىڭ (توغرا)
2. ئېلىش (تومۇرى ئال-، پېئىل)، ئىل (تومۇرى ئىل-، پېئىل)
(1) ئۆي ئىلىش ئۈچۈن قەرز ئالدىم (خاتا)
(2) ئۆي ئېلىش ئۈچۈن قەرز ئالدىم (توغرا)
(3) چاپىنىڭىزنى قۇزۇققا ئېلىڭ (خاتا)
(4) چاپىنىڭىزنى قۇزۇققا ئىلىڭ (توغرا)
3. كېيىن (تۇرغۇن سۆز)، كىيىن (كىيىن، پېئىل)
(1) قىزىم ئوبدان كېيىن (خاتا)
(2) قىزىم ئوبدان كىيىن (توغرا)
(3) بۇنىڭدىن كىيىن ئۆي باھاسى چۈشىدۇ (خاتا)
(4) بۇنىڭدىن كېيىن ئۆي باھاسى چۈشىدۇ (توغرا)
قانداق خاتالىقلارنى ھازىرچە بايقاپ بولالمايدۇ؟
ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تىلىدا بايقالغان بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 3000 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، بەزى كەسپىي خادىملارمۇ ئوڭاي خاتالىشىدۇ. ئەمما بۇنداق خاتالىقنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى %10 دىن ئاز بولىدۇ. بۇنداق خاتالىقلارنى ئوڭشاش دىيارىمىزدىكى نەشرىياتلاردا ئادەتتە تەھرىرلىك باسقۇچىدا تاماملىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ھەقىقىي سۆز خاتالىقىنى بايقاش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ كېيىنكى نەشرىلىرىدە پەيدىنپەي ئېچىۋېتىلىدۇ، ھازىرچە پەقەت «سۆز بولمىغان خاتالىق»نى بايقايدۇ ۋە توغرىلاپ بېرەلەيدۇ.
============================================================
2-سوئال: نېمە ئۈچۈن ئىملا تەكشۈرۈش يۇمشاق دېتالى شۇنچىلىك زۆرۈر؟
كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىنى ئۆزگەرتتى، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كومپيۇتېر ئارقىلىق يېزىقچىلىق قىلىدىغان بولدى. ئەمما خەت كىرگۈزگۈچىلەرنىڭ بىخەستەلىكى ۋە خەت كىرگۈزگۈچى يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىقتىدارى سەۋەبىدىن ھەرخىل ئىملا خاتالىقى سادىر بولۇۋاتىدۇ. پەقەت نەشرىيات ساھەسىنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ ھەريىلى رەسمىي نەشرىدىن چىقىدىغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ تۈرى 10,000 خىلغا يېتىدۇ. ناۋادا پۈتۈنلەي ئادەم كۈچى ئارقىلىق كوررېكتورلۇق قىلساق، ئىملا خاتالىقىنى تېپىش ۋە تۈزىتىش جەريانى ئىنتايىن جاپالىق بولۇپ، نۇرغۇن ۋاقىت، زېھىن ۋە مەبلەغ كېتىدۇ. شۇڭا كومپيۇتېر ياردىمىدە كوررېكتورلۇق قىلىدىغان يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىقىش بەك زۆرۈر.
============================================================
3-سوئال: بۇ يۇمشاق دېتال ئادەمنىڭ ئورنىنى باسالامدۇ؟ ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي ئىشەنسەك بولامدۇ؟
جاۋاب: ياق، بۇ پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىشقا بولىدىغان قورال دېتال بولۇپ، ھازىرچە يۇقىرىدا دېيىلگەن ھەقىقىي سۆز بولمىغان خاتالىقلارنى يەنى بىر يەككە سۆزدىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە چۈشۈپ قېلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلىدىغان ئىملا خاتالىقىنى بايقاش ۋە توغرىلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ، ئۇ ئادەمنىڭ ئورنىنى مەڭگۈ باسالمايدۇ، ياسالغۇچى ھەرگىزمۇ ياسىغۇچىسىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ پەقەت كىشىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئۇنى قوشۇمچە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىپ ماقالىنىڭ تۇنجى كوررېكتورلۇقىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى ماقالىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىڭ يەنى يۇقىرىدا دېيىلگەن 2-تۈردىكى ھەقىقىي سۆز خاتالىقى بارمۇ-يوق تەكشۈرۈپ چىقىڭ.
============================================================
ئوخشاش بىر خەنزۇچە ماقالىنى 10 تەرجىمان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلسا پۈتۈنلەي ئوخشاش چىقمايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدا بىر قېتىم تەكشۈرۈلگەن كىتاب-ژۇرناللارنى نەشرىياتقا بەرسەك ئېتىراپ قىلامدۇ؟ ئوخشىمىغان نەشرىياتلارنىڭ ئىملا ئۆلچىمى ئوخشاش بولامدۇ؟
========
جاۋاب: قارىغاندا سىز ئىملا تەكشۈرگۈچنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتمەكچى بولۇۋېتىپسىز، قارىغاندا بەزى ساۋات مەزمۇنلارنى چۈشەندۈرۈپ باقاي. سىز دېگەندەك ئەھۋال تەرجىمىدە مەۋجۇت، ئەمما كوررېكتورلۇق قائىدىسى بىر خىل بولىدۇ. ھەممە نەشرىياتلار تىل-يېزىق كومىتېتى 2010-يىلى 1-ئايدا رەسمىي يولغا قويغان ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسىنى قوللىنىۋاتىدۇ ھەممە كوررېكتور مۇشۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىدۇ، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىمىزمۇ دەل مۇشۇ ئۆلچەمنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: ئوخشاش بىر سۆز «كىتاپ» نى چوقۇم «كىتاب» توغرىلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يېزىلىشى پۈتۈنلەي خاتا بولىدۇ. كوررېكتورلۇق 1 نى 1 دەيدىغان ئېنىق قائىدە بولۇپ، سىز دېگەندەك نەچچە خىل كوررېكتورلۇق قىلىش ئۇسۇلى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، ھەرقانداق ماقالىنىڭ تۇنجى كوررېكتورلۇقىنى بۇ دېتالدا تەكشۈرۈپ ۋە توغرىلاپ، ئاندىن يەنە بىر قېتىم ئوقۇۋېتىپ، نەشرىياتقا بەرسىڭىز، ئۇلار ئۆزگەرتىدىغان خاتا سۆزلەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ. سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ كۆپ ۋاقتىنى تېجەپ بېرەلەيسىز.
سىزنىڭ يەنە قانداق سوئاللىرىڭىز بار؟ بۇ يەردە ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ، مەن بۇ يەردە ئاۋۋال مۇھىملىرىنى تاللاپ بىربىرلەپ جاۋاب بېرىمەن، رەھمەت.
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,131 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 01-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 21:37
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى
- كېيىنكى يازما :Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟
دىئابىت دىگەن خەتنى دىيابېت دەپ ئۆزگەرتىپتۇ، راستىللا (دىيابېت) مۇ. يەنە قۇر بېشىدا كەلسە (ددىيابېت )قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن.
دىئابىت دىگەن خەتنى دىيابېت دەپ ئۆزگەرتىپتۇ، راستىللا (دىيابېت) مۇ
============
شۇنداق
قۇر بېشىدا كەلسە (ددىيابېت )قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن.
=================
ئەڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلىتىڭ
ئۇيغۇر سوفت كوررېكتورنى بىر قانچە كۈنلۈك خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ئىشلىتىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك پىكىرنى بېرىشنى توغرا تاپتىم :
1.مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان ماقالىلەرنى تەھرىرلەش ئېلىپ بارغان ۋاقىتتا ئىملا توغرىلاش جەريانىدا [ ئۆتكۈزۈش ] [ھەممىنى ئۆتكۈزۈش] [ لۇغەتكە قوشۇش ] ۋە ئاستى تەرەپتىكى توغرىلاشقا مۇناسىۋەتلىك كۇنۇپكىلىرىنىڭ ئورنى ئامال بار پەرقلەندۈرۈپ قويۇلسا ، چۈنكى خىزمەت مىقدارى كۆپ بولغان ۋاقىتتا كۇنۇپكا ئېھتىياتسىزلىقتىن خاتا بېسىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى دائىم يۈز بېرىپ قالىدىكەن .
2.لۇغەتكە قوشقان سۆزلىرىمىزنى قايتا تەھرىرلەش ھەمدە تەستىقلانغان-تەستىقلانمىغانلىقنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇپ قويۇلسا ، بۇنداق بولغاندا بىرىنچىدىن ئېھتىياتسىزلىقتىن خاتا ھالدا لۇغەتكە قوشۇلۇپ قالغان سۆزلۈكلەرگە قارىتا تەھرىرلەش ئېلىپ بارغىلى ، ئىككىنچىدىن لۇغەتكە قوشقان سۆزىمىزنىڭ ئىملاسىنىڭ زادى توغرىمۇ-ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىپ كىيىنكى خىزمەت جەريانىدا قايتا خاتالىقتىن ساقلانغىلى ياردىمى بولۇشى مۇمكىن .
3.ئىنگلىزچە ھەرپ ئارىلاشقان ماقالىلەر چاپلانغان ۋاقىتتا يېزىق يۆلىنىشى ئوڭدىن سولغا توغرىلىنىپ كېتىدىغان مەسىلە ھەل قىلىنسا .
قىسقىسى مەن بۇ يۇمشاق دېتالدىن ناھايىتى رازى بولدۇم . مىللىي تىل-يېزىق ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تىنىمسىز خىزمەت قىلىۋاتقان ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ۋە ئۇيغۇر سوفت شىركىتىدىكى باشقا خىزمەتچىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت .
تىلفۇن نۇسخىسىمۇ چىقامۇ مۇئەللىم؟
بۇلدۇ … دىگەن گەپنى زادى خاتا دەپ تۇرۋالدى … بۇلىدۇ دىسەممۇ خاتا دەيدۇ … ئاخىرى بولدى دەپ ئوڭشاپلا ئارام تاپتى بۇ …
ئەلۋەتتە خاتا دەيدۇ-دە، سىز يازغان «بۇلدۇ»، «بۇلىدۇ» دېگەن پۈتۈنلەي خاتا سۆز تۇرسا.
چۈنكى سۆز تومۇرى: بول- (بولماق، بولۇش، بولۇپ، بول+ئىدۇ=بولىدۇ…) ، شۇڭا بولىدۇ دەپ يازىسىز.
مەن ‹ئىملا توغرىلاش›دېگەن تىزىملىكنى باسسام«Error:102外部组件发生异常» مۇشۇ جۈملە بار كىچىك كۆزنەك چىقىپ توغرىلىيالمىدى. ‹ئاپتۇماتىك توغرىلاش›نى باسسام تۈزىتەلەيدۇ.
قايسى سىرتقى بۆلىكىدە مەسىلە باردۇ؟
بۇ يەردىن ئەڭ يېڭى نەشرىنى قاچىلاپ، قايتا سىناپ بېقىڭ.
http://imla.uighursoft.com/ug-CN/
مۇئەللىم ئەگەر ئۇيغۇرسوفىت كورىكتورىنىڭ شەخىسلەر نۇسخىسىنى سېتىۋالساق ئەگەر يەنە يېڭىدىن ئاتالغۇلار قوشۇلسا سۆزلۈك ئامبىرىنى توردىن يىڭىلىغىلى بولامدۇ؟
ھەقىقەتەن ياخشىكەن رەھمەت…
ئازراق كىتاب ئوقۇپ قويۇش كېرەككەن ھەر ئادەم. ئۈستىدىكى « باققا » دەپ ئالايلى دېگەن گەپنى كۆرۈپ دەششەت چۆچۈپ كەتتىم ئەمما.
ئاندىن ھەقلىق نەشىرى Office2010 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرىدە نۇرمال ئىشلەمدۇ؟
پىرگرامما كودلىرى بىلەن مەزمۇن ئارلاش كەلگەن بىر كىتاب بار ئىدى. شۇنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھەقسىز نۇسخىسىنى ئىشلەتسەم بۇ كىتابنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىنى قايتىدىن قول سېلىپ تۈزەشتۈرۈشكە توغرا كىلىدىكەن. شۇڭا كورىكتورنىڭ شەخىسلەر نۇسخىسىدىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم. ئۇ نۇسخىسىدا كومپىيۇتىر كەسپىگە ئالاقىدار ئاتالغۇلار ۋە تۈرلىنىش شەكىللىرى بارمۇ يوق؟
ئۇ دىتال ئارقىلىق كورىكتورلىغاندىن كىيىن ھۆججەتنىڭ بەت تىزىلىشى، جەدىۋەل ۋە مەزمۇننىڭ فورماتلىرىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ ياكى ئەسلى ھالىتىگە تەسىر كۆرسەتمەمدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا، ئوبدان ئىشلەپسىز بۇ دېتالنى، ياخشى ئىشلەپسىز، ھەقىقەتەن بۇرۇنقى كوررېكتورلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۈنۈمى تېز بولىدىكەن، بىر نۆۋەت بولسىمۇ ئىملا تەكشۈرۈشتىن قۇتۇلغان بولساممۇ ،لېكىن يەنىلا توغرىلاپ بولغان ماقالىنى يېزىق بىر تەرەپ قىلىش دېتالىدا ئېلىپ كىرىپ يەنە بىر قىتىم بەت يۈزى لايىھەلەشكە توغرا كېلىدىكەن. ئاندىن بۇرۇنقى كوررىكترورغا ئوخشاش بارلىق تەكشۈرۈش بەلگە سىزىق، رەڭلىرىنى بىرلا كۇنۇپكا بىلەن ئۆچۈرىدىغان ئىقتىدارى بارمۇ يوق؟ ئاندىن ئەڭ مۇھىم مەسىلە: بۇ دىتالنىڭ مەشغۇلات پىرىنسىپى قانداق، مەن ئىملاسىنى تەكشۈرتكەن ماقالىنىڭ بارلىق مەزمۇنى مۇلازىمىتېرغا يوللىنامدۇ ياكى بىر قىسىم خاتا سۆزلەرنىلا تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرامدۇ، ماقالىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنامدۇ؟ خاپا بولماي جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت.
ئاندىن بۇرۇنقى كوررىكترورغا ئوخشاش بارلىق تەكشۈرۈش بەلگە سىزىق، رەڭلىرىنى بىرلا كۇنۇپكا بىلەن ئۆچۈرىدىغان ئىقتىدارى بارمۇ يوق؟
========================
بۇ ئىقتىدارنى قوشۇپ قوياي.
==========================
بۇ دىتالنىڭ مەشغۇلات پىرىنسىپى قانداق، مەن ئىملاسىنى تەكشۈرتكەن ماقالىنىڭ بارلىق مەزمۇنى مۇلازىمىتېرغا يوللىنامدۇ ياكى بىر قىسىم خاتا سۆزلەرنىلا تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرامدۇ، ماقالىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنامدۇ؟ خاپا بولماي جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، رەھمەت.
============
جاۋاب: قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەر مۇلازىمىتېرگە يوللىنىدۇ، ئاندىن سىز ئۇنى توغرىلىسىڭىز ياكى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىز، بۇ سۆزنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئاپتوماتىك توغرىلاندى ياكى ئامبارغا ساقلاندى دېگەندەك. مەن شۇ ھەممە نەرسىنى يوللىۋەتمىسۇن دەپ 10،000 ھەرپ-بەلگىگە چەكلىمە قويغان، ئۇنىڭدىن ئارتۇق نەرسىنى چاپلىسا، ئېشىپ كەتكەن قىسىمى چاپلانمايدۇ. بۇلۇت مۇلازىمىتېر بىخەتەر، خاتىرجەم بولۇڭ،
مەندە يېتەرلىك سۆزلۈك بار، كېيىنكى قېتىم ئۆلچەملىك نۇسخىسىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى چاتىمەن، يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي كەسپىي نۇسخىسىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى چاتىمەن، بەزى ئىقتىدارلىرىنى پەيدىنپەي ئېچىۋېتىمەن ياكى يېڭىلايمەن.
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؟ كىچىك مەسىلىدىن بىرنى ئېيتاي: (تەرلەپ كىتىشتى)دېگەن سۆز(تەرلەپ كىيىشتى) دەپ چىقىپ قالدىيا، بۇقانداق ئىشتۇ؟
ئەڭ يېڭى نەشرىدە كۆپ مەسىلىلەر تۈزۈتۈلۈپتۇ. ئەمگىكىڭلارغا رەھمەت.
1.0.0.45 نەشىرىدىن بايقىغىنىم تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە:
1) مەزمۇندىكى تۇنجى سۆزنى توغرىلىغاندا ئەسلىدىكى سۆزنىڭ باش ھەرپى قوشۇلۇپ قېلىش.
2) قىزىل بويالغان سۆزنىڭ ئۈستىدە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى ئىككى قېتىم (تىز ياكى ئاستا) چەكمىسە تەۋسىيە سۆز تىزىملىكى كۆرۈنمەسلىك.
3) قۇرالنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغاندا C دىسكىدا IMLA ناملىق مۇندەرىجە ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ھۆججەتلەر ئۆچۈرۈلمەي قالىدىكەن.
سىنالغان مەشغۇلات سىستېما: WINDOWS8.1
كۆپ رەھمەت، بىز يەنە داۋاملىق تەكشۈرۈپ باقايلى
program نى پىروگرامما دەپ نېمىشقا زورمۇزور «ئى» نى قوشۇۋالىمىز؟ پروگرامما دېسەك بولمامدۇ؟
ساۋاقداشلار، ساۋاقداشلار باققا بارايلى،
باققا بىرىپ كىتاپ ئوقوپ بىلىم ئالايلى دىگەن مىسرالاردىكى : باققا سۆزى مىنىڭچە توغرا.
بۇ يەردىكى باققا سۆزىنى مەجبۇرىي ئاجىزلىتىپ باغقا دىيىش توغرا ئەمەس.
بۇ يەردىكى باققا دىگىنى جاراڭلىق ئىيتىلغان بولۇپ، تولىمۇ يىقىملىق ئاڭلىنىدۇ.
ئەگەر جاراڭسىز ئىيتىلسا باغقا بولىدۇ. مىنىڭچە بۇ خاتا بولغان سۆزكەن.
سۆز تومۇرى «باغ» دەپ بېكىتىلگەن ئىكەن، شۇڭا باغقا دەپ يېزىلىدىكەن ھازىرقى ئۆلچەمدە، بىزنىڭ بۇ دېتالىمىز مەلۇم بىر شەخسنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس بەلكى تىلكوم تارقاتقان لۇغەتلەرنى ئۆلچەم قىلىپ ئىشلىدۇق، توغرا چۈشەنگەيسىز. ئۇيغۇر تىلىدا يېزىش بىلەن تەلەپپۇزدا پەرق يەنىلا بار.