ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بازارغا سېلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بازارغا سېلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى

 

بۇ يۇمشاق دېتال دىيارىمىزدىكى ئوتتۇرا-كىچىك ئاشخانا، تېز تاماقخانا، ئارامگاھ ۋە رېستورانلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن، كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر، تېلېفون، ئۈندىدار ۋە تور بېكەت قاتارلىق كۆپ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلگەن كارخانا دەرىجىلىك كەسپىي دېتال بولۇپ، بىرنەچچە ئاشخانىلاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

 

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

بۇ يۇمشاق دېتال ئۈستەليۈزى، سەزمە ئېكران، تېلېفون، تور بېكەت ۋە ئۈندىدار نۇسخىسى قاتارلىق 5 چوڭ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تور (ياكى ئۈندىداردا) ئۈستەل ۋە تاماق زاكاز قىلىش، (تاختا كومپيۇتېرلاردا) تاماق تىزىملىكى كۆرسىتىش ۋە تاللاش، (تېلېفونغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەردە) بۇيرۇتۇلغان تاماقلارنى خاتىرىلەش ، پۇل ئېلىش، ئۈستەل ئالماشتۇرۇش، خادىم ۋە ئۈسكۈنە باشقۇرۇش، ئىستاتىستىكا، (ئايرىمخانا ياكى قەۋەتلەردىكى سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېردا) مۇلازىمەتچىلەرنى چاقىرىش، تاماق سۈيلەش،…قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەركىزىي يۇمشاق دېتالدا ئاشخانا، ئۈستەل، تاماق، خادىم ۋە تالون قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قوشۇشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ھەربىر تاماقلارغا ئوخشىمىغان ئىزاھلارنى (مەسىلەن: لەغمەن ئۈچۈن قوشۇمچە ئاش بىرگە چىقسۇن، چۆپى ئىسسىق بولسۇن، قىزىلمۇچ سېلىنمىسۇن،…دېگەن ئۇچۇرلارنى) قوشقىلى ۋە بۇ تاماقنى بېسىپ چىقىرىدىغان پىرىنتېرغا باغلاشقا بولىدۇ. يۇمشاق دېتال ئارايۈزى كۆپ تىللىق، ئېكران كۆرۈنۈشى ئازادە، مەشغۇلاتى ئاددىي بولۇپ، مەخسۇس تەربىيەلەنمىگەن خادىملارمۇ ئاسانلا ئىشلىتەلەيدۇ.

دىيارىمىزدىكى يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن ھەرۋاقىت ۋە ھەرجايدا ھەرقانداق مۇددەت ئىچىدىكى خالىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىستاتىستىكا ئەھۋالى ۋە كىرىم-چىقىم ئانالىزى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

1. كىچىك تىپتىكى ئاشخانىلار ئۈچۈن
يۇمشاق دېتال:
(1) ئۈستەليۈزى نۇسخىسى (ئاممىباب ئاشخانا نەشرى) ، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(2) تېلېفون نۇسخىسى، Android 4.0, Windows Phone 8.0, iOS 6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
قاتتىق دېتال:
(1) 1 دانە كومپيۇتېر (خېرىدار ئۆزى تەييارلايدۇ)، مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(2) 1 دانە تېلېفون (خېرىدار ئۆزى تەييارلايدۇ)، خالىغان ماركىدىكى ئېكرانى 5 دىيومدىن يۇقىرى تېلېفون.
(3) 2 دانە پىرىنتېر، LAN ئېغىزلىق، 80mm ياكى 58mm كەڭلىكتىكى ئىسسىققا سېزىمچان قەغەز ئىشلىتىدىغان پىرىنتېر (热敏纸打印机).
(4) روتېر، TP-Link ماركىلىق سىمسىز ۋە 4 دانە LAN ئېغىزلىق روتېر.

باھاسى: 8500 يۈەن، ئېتىبار باھاسى: 6000 يۈەن (قاتتىق، يۇمشاق دېتال ۋە بىر يىللىق مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

ئىزاھات: ناۋادا يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى يېڭىدىن باشلىغان بولسىڭىز، ئىجارە شەكىلدە ئورناتسىڭىزمۇ بولىدۇ يەنى 1 ئۈستەلگە 1 يۈەن ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاشخانىڭىزدا 10 ئۈستەل بولسا، كۈنلۈك ئىجارە ھەققى 10 يۈەن بولىدۇ، 2 يىل ئىشلىتىشكە توختام ئىمزالاپ، ھەر پەسىلدە ئالدىنئالا 900 يۈەن تاپشۇرسىڭىزلا، بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتەلەيسىز. ناۋادا 6 ئايدىن كېيىن تىجارىتىڭىزگە ئىشەنچىڭىز ئاشقاندا، بىراق سېتىۋالىمەن دېسىڭىز، ئالدىنئالا تۆلىگەن پۇلنى تۇتۇپ قېلىپ، كەم پۇلىنى بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

2. ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى تېز تاماقخانىلار ئۈچۈن
يۇمشاق دېتال:
(1) ئۈستەليۈزى نۇسخىسى (قەۋەتلىك ياكى ئايرىمخانىلىق تېز تاماقخانا نەشرى(، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(2) تېلېفون نۇسخىسى، Android 4.0, Windows Phone 8.0, iOS 6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
قاتتىق دېتال:
(1) 1 دانە كومپيۇتېر، DELL ياكى HP ماركىلىق داڭلىق كومپيۇتېر ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(2) 1 دانە سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېر، مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(3) 2 دانە تېلېفون، خالىغان ماركىدىكى ئېكرانى 5 دىيومدىن يۇقىرى تېلېفون.
(4) 3 دانە پىرىنتېر، خېرىدار بۇيرۇتقان تاماق تىزىملىكىنى باسىدىغان پىرىنتېر، ئارقا ئاشخانىدىكى ئاساسىي تاماق (قورۇما ۋە خېمىر تاماقلىرى تەييارلايدىغان ئاشپەزلەر) ۋە كاۋاپچىلار (ياكى ئىچىملىك تەييارلىغۇچىلار ئۈچۈن) تاماق ئۇچۇرى باسىدىغان پىرىنتېرى، LAN ئېغىزلىق  80mm ياكى 58mm كەڭلىكتىكى ئىسسىققا سېزىمچان قەغەز ئىشلىتىدىغان پىرىنتېر (热敏纸打印机).
(5) روتېر، TP-Link ماركىلىق سىمسىز ۋە 4 دانە LAN ئېغىزلىق روتېر.

باھاسى: سەپلىنىدىغان ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن يۈز تۇرانە كېلىشىمىز.

3. چوڭ تىپتىكى كۆلەملەشكەن، تارماق دۇكانلارغا ئايرىلغان تاماقخانىلار ئۈچۈن
يۇمشاق دېتال:
(1) ئۈستەليۈزى نۇسخىسى (قەۋەتلىك ياكى ئايرىمخانىلىق تېز تاماقخانا نەشرى)، Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(2) تېلېفون نۇسخىسى، Android 4.0, Windows Phone 8.0, iOS 6.0 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ.
(3) ئۈندىدار نۇسخىسى: خېرىدارلار ئاشخانىڭىزغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە تۇرۇپلا تاماق تىزىملىكىنى كۆرەلەيدۇ، ئايرىمخانا، ئۈستەل ۋە تاماقلارنى زاكاز قىلالايدۇ، ھەتتا ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.
(4) تور بېكەت نۇسخىسى: خېرىدارلار ئاشخانىڭىزغا بېرىشتىن بۇرۇن ئۆيىدە تۇرۇپلا تاماق تىزىملىكىنى كۆرەلەيدۇ، ئۈستەل ۋە تاماق زاكاز قىلالايدۇ
ئىزاھات: ئۈندىدار ۋە تور بېكەت نۇسخىسىنى 2014-يىلى 6-ئايدا تاماملانغان بولۇپ، شىنجاڭ تۇمارىس ئالىي مېھمانسارىيى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

تور بىكەت ئادرېسى: http://www.tumaris.biz/ug-CN/

تۇمارىس ئۈندىدار نومۇرى: tumaris01

قاتتىق دېتال:
(1) 1 دانە كومپيۇتېر، DELL ياكى HP ماركىلىق داڭلىق كومپيۇتېر ۋە مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(2) 1 دانە سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېر، مەشغۇلات سىستېمىسى 8.1 (ئۇيغۇرچە).
(3) 2 دانە تېلېفون، خالىغان ماركىدىكى، ئېكرانى 5 دىيومدىن يۇقىرى تېلېفون.
(4) 4 دانە پىرىنتېر، خېرىدار بۇيرۇتقان تاماق تىزىملىكىنى باسىدىغان پىرىنتېر، ئارقا ئاشخانىدىكى ئاساسىي تاماق (قورۇما ۋە خېمىر تاماقلىرى تەييارلايدىغان ئاشپەزلەر) ۋە كاۋاپچىلار (ياكى ئىچىملىك تەييارلىغۇچىلار ئۈچۈن) تاماق ئۇچۇرى باسىدىغان پىرىنتېرى،  LAN ئېغىزلىق، 80mm ياكى 58mm كەڭلىكتىكى ئىسسىققا سېزىمچان قەغەز ئىشلىتىدىغان پىرىنتېر (热敏纸打印机).
(5) روتېر، TP-Link ماركىلىق سىمسىز ۋە 4 دانە LAN ئېغىزلىق روتېر.

باھاسى: سەپلىنىدىغان ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەت ھەققى ئۈچۈن يۈز تۇرانە كېلىشىمىز.

 

قوشۇمچە: ئۈستەليۈزى يۇمشاق دېتالىنىڭ ئارايۈزى

ash-0

تېلېفون نۇسخىسى

(ئېكرانى 5 دىيوم ياكى ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان، سىمسىز تور WiFi قوللايدىغان خالىغان ماركىدىكى تېلېفون)
 
1
باش ئېكرانى
2
ئۈستەل تاللاش
3
تاماق تاللاش
4
تاماق سانى ۋە باشقا ئۇچۇرلىرىنى تاللاش
5
ھېسابات قىلىش

يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىڭىزدە يەنە قانداق ئېھتىياجىڭىز بار؟ قانداق زامانىۋى ئۇسۇلدا باشقۇرماقچى بولۇۋاتىسىز؟ بىز سىز ئۈچۈن تېخنىكىلىق مۇلازىمەت قىلىشقا ھەرۋاقىت تەييار.

ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمى.
2014-يىل 17-دېكابىر

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
31 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن c#经典编程220例 نى ئۆگىنىۋاتىمەن، بۇنى ئۆگىنىپ بولسام ساندان توغرىسىدىكى كىتابلارنى ئۆگىنەمدىم؟ ياكى مۇشۇنىڭ يۇقۇرى قىسىمىنى ئۆگۈنەمدىم؟ بىلىدىغانلار ئېغىر كۆرمەي يول كۆرسەتسەڭلار!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:21
  • مۇمكىن بولسا شىركەت مالىيەباشقۇرۇش ، ئۇچۇر باشقۇرۇش دىتالنى تۈزۈپ ئېلان قىلساڭلار ياخشى بۇلاتتى . ئەمما ئۇنىڭغا بەك جىق ۋاقىت كىدىغاندەك تۇردۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:02
  • ئەپسۇس بۇ دىتالنى ئۇيغۇر سوفت بەك كىيىن ئېلان قىلىپ قالدى،
    بۇدىتالنىڭ ئىقتىداردىنمۇ ياخشى بولغان دىتاللار بازارنى بېسىپ بولدى ،
    شۇنداقتىمۇ مۇبارەك بولسۇن ! ئالىم مۇئەللىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:59
  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت مۇئەللىم مەن ئاشپەز تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سەمەتجان بۇلىمەن مەن سىز بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇيۇم بار ئىدى سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 18:53
  • ئىقتىدارلىرى تولۇق بولغاندەك تۇرىدۇ،ھازىرقى كومپىيوتېرلارنىڭ سەپلىمىسى ياخشى بولغاندىكىن كۆرۈنمە يۈزى،كۆزنەك ئالمىشىش،رەڭ تۈزۈلۈشى دىگەندەكلەرگىمۇ ئوبدانراق كۈچەپ قويساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.مەن تۈزەلمىسەمۇ تەلەپ قويۇپ قوياي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:02
  • سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،
    يەنە بىر ئاممىباپ، ئىقتىدارى كۈچلۈك يۇمشاق دېتالدىن بىرسى بارلىققا كەپتۇ، قۇتلۇقلايمىز.
    بۇنداق يۇمشاق دېتاللار ئاسان ئومۇملىشىدۇ. يۇمشاق دېتال ئىشلىتىپ باققان خوجايىنلار بىلىدۇ، ئىش ئۈنىمىنى قانچىلىك يۇقىرى كۆتۈرىلگەنلىكىنى. تورداشلار ھەممىمىز تونۇشلىرىمىزغا تەۋىسىيە قىلىشىپ بېرەيلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:00
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم ئەھەت ئەپەندىم مەن ۋىندوۋس 8 نىڭ ھەقىقى نەشرىدىن بىرنى سېتىۋالاي دىگەنتىم ، كەسپى نەشرى بىلەن ئادەتتىكى نەشرىنىڭ قانداق پەرقى بار ، ئادەتتە بۇ سېستىمىغا ۋىروس كىرەمدۇ كىرمەمدۇ ئېغىر كۆرمەي ئازراق چۈشەنچە بىرۋەتكەن بولسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:16
  • مۇبارەك بولسۇن ! تېخىمۇ كۆپ قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تىلەكداشمەن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:09
  • مۇبارەك بولسۇن! كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئانا تىلىمىزنى قوللىنىشىمىزغا يەنە بىر بۈسۈش خاراكتىرلىك تۆھپە قۇشۇپسىزلەر!
    قۇشۇمچە قىلىپ ئېيتسام ئالىم مۇئەللىم، ئاتالغۇ توغرىسىدا ئاشخانا ساھاسىگە ھۇجۇم قىلىپ باقسىاق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ جۇمۇ……

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:38
  • ئالىم مۇئەللىم مەن بىر خاتىرە كومپىيوتىر ئالاي دىگەن ماۋۇ سىز تەۋسىيە قىلغان HP نى قانداق سىتىۋالىمەن. بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز. xp دىن قول ئۈزەي دىگەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:04
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مۇبارەك بولسۇن ، توردا تەربىيلەش دەرسى ئۆتىلەمدىغاندۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 16:53
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، قانداق ئەھۋاللىرى ياخشى تۇرىۋاتاملا ،سىلىنىڭ توردا سۆزلىنىدىغان دەرسلىرى قاچانراق باشلىنار ؟ تەلىم ئالاي دىگەنتىم ، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ماتىماتىكا فاكۇلتىتىدا دەرسلىرىنى ئاڭلىغاندىن بۇيان دەرسلىرىنى ئاڭلاپ باقمىغانتىم مۇمكىن بولسا بىر ئۇچۇر بىرىۋەتسىلە بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 16:50
  • مۇبارەك بولسۇن

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 14:17
  • مۇبارەك بولسۇن. يەنەبىر كۆپ ئىقتىدارلىق يۇمشاق دېتالنى ياساپ چىقىپسىلەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 14:13
  • مەن بىرىنجى بولۇپ كورۈپتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 14:04
باھا بېتى: 1 2