نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 10 ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئۈرۈمچى ۋاقتى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى كەچ سائەت 11:00 دە مىكروسوفت شىركىتى سان-فىرانسىسكو شەھىرىدە كىچىك كۆلەملىك مەھسۇلات تارقىتىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسى Windows 10 نى ئېلان قىلدى. يېڭى سىستېمىدا باشلاش تىزىملىكى قايتۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، باشلاش تىزىملىكىدە يەنە جانلىق تىزمىلارنى كۆرەلەيمىز. شۇنداق قىلىپ Windows 7 دىكى باشلاش تىزىملىكى ۋە Windows 8 دىكى جانلىق تىزمىلار بىرىكتۈرۈلۈپ، بىر سىستېما قىلىندى. بۇنداق بولغاندا Windows 7 ۋە Windows 8 نىڭ ئىشلەتكۈچىلىرى Windows 10 غا تېزلا كۆنۈپ كېتەلەيدۇ.

Windows 10 يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One نى ئومۇمىيۈزلۈك قاپلىغان تولۇق سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى بولۇپ، ئىقتىدار جەھەتتە Windows 8 نىڭ سەزمە كونترول ئىقتىدارىنى ساقلاپ قالغان.

پۈتۈن سۇپىلىق مەشغۇلات سىستېمىسى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مىكروسوفت Windows 10 نى «تارىختىكى ئەڭ مۇرەككەپ سۇپا» دەپ تەرىپلىدى. Windows 10 بارلىق قاتتىق دېتاللارنى قاپلىغان بولۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى بېرىدۇ. ئىجادىيەتچىلەر بۇ سۇپا ئارقىلىق كۆپ سۇپىلىق (سۇپا ئاتلىغان) ئەپلەرنى ئاچالايدۇ. يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، ئۈستەل كومپيۇتېرى ۋە Xbox One قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ئوخشاش مەشغۇلات ئارايۈزى ۋە ئوخشاش بىر دۇكان بولۇپ، سۇپا ئاتلىغان ئۈسكۈنىلەردە ئىزدىيەلەيدۇ، سېتىۋالالايدۇ ۋە دەرىجە ئۆستۈرەلەيدۇ.

Windows 10 ھەرقانداق ئۈسكۈنىلەردە ئىجرا بولىدىغان بولۇپ، ئەشيا تورى (物联网) ئۈسكۈنىلىرىدىن كارخانا مەلۇمات مەركىزىدىكى مۇلازىمىتېرلار، 4 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەردىن 80 دىيۇملۇق ئۈسكۈنىلەرگىچە، تاقالما بويۇم(可穿戴设备)، چوڭ تىپتىكى سودا ئۈسكۈنىلىرى، يەنە تېخى ئېكرانسىز ئۈسكۈنىلەردىمۇ نورمال خىزمەت قىلالايدۇ. بۇ ئۈسكۈنىلەردە كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس، سەزمە ئېكران ۋە قول ئىشارىسى قاتارلىق ھەرخىل مەشغۇلات شەكىللىرى بىلەن مەشغۇلات قىلىشقا، خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

 Windows 10

 

cebMQmJdtNRk

(بىر مەھسۇلات ئائىلىسى، ئوخشاش سۇپا، ئوخشاش دۇكان)

قارىغاندا يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە ئۈستەل كومپيۇتېرىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ھەقىقىي بىرلەشتۈرگەن ئوخشايدۇ.

ce23anH4NUVSc

 قايتۇرۇپ كېلىنگەن باشلاش تىزىملىكى

ceYVzrbjADnnwقاراڭ بۇ يەرگە، باشلاش تىزىملىكىدىمۇ جانلىق تىزملار بار

 ceA3n3NyI57po

(بۇ ئېكراندىكى ئىنگلىزچە خەتلەرنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق)

كارخانا قىممىتى

تونۇشلۇق، ماسلىشىشچان، ئۈنۈمدار

زامانىۋى باشقۇرۇش

ئىختىيارىلاشقان دۇكان

كارخانا مەلۇماتلىرىنى قوغداش

 

چۈشۈرۈش ئادرېسى مانا:

http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/preview-iso

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
121 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم! بەك ئادىراش بوپكەتتىڭىزمۇ نىمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 08:51
  • مەن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم ،يىڭىلىق راستىنلا كۆپكەن،لىكىن ماسلىشىشچانلىقى تازا ياخشى ئەمەسكەن،شۇنىڭ بىلەن ئۇچقاندەكلا 8 گە كۆچۈۋالدىم يەنە

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 15:43
  • MSPA_PRC@MICROSOFT.COM Windows 8نىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى سىتىۋىلىپ تىلفۇن ئارقىلىق ئاكتىپ لىيالمىسىڭىز يۇقىردىكى ئىمائىل ئارقىلىق ياردەم سورسىڭىز بولدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:52
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىمجان مۇئەللىم،
    سىزدىن بىر ئىشنى سوراي دىگەن،مەن كۆزنەك 8 نىڭ ھەققىي نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ،مۇشۇ بىر ئاينىڭ ئالدىدا بىر ياماق تۇلۇقلاش بىلەن كومپىيوتىرغا سىرتتىن قاچىلىغان فىلىم قويغۇچنىڭ ھەممىسى ئىشلىمەس بولۇپ قالدى،ئۇلارنى قاچىلىسام نورمال قاچىلىنىدۇ،ئەمما قوزغاتسام قوزغىلىپلا چىكىنىپ چىقىىپ كىتىدۇ،مۇشۇنى قانداق قىلسام ئوڭشىيالايمەن،بىرەر يۈز قېتىم قويغۇچ قاچىلاپ بولغاندىمەن ،پەقەتلا ئوڭشالمىدى،رەنجىمەي بىر جاۋاب بەرگەن بولسىلىرى،،رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:49
  • رەھمەت ئالىم مۇئەللىم ،رەھمەت تورداشلار،،،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى am 09:21
  • مەن بىر مەزگىل ۋىن 8 نى بەيدۇدا تەمىنلەنگەن ساختا ئاكتىپلاش قورالى ئارقىلىق ئاكتىپلاپ ئشلەتكەن چۈنكى مىكروسوفىتنىڭ سېتىش توربىتىدە 支付宝 ئارقىلىق ئالغىلى بولمايدىكەن ، شۇنداق قىلىپ ئېتىۋار باھالىق 248يۇەندىن سېتىش پائالىيەت ئۈتۇپ كەتتىدە … كىيىن تاوباۋدا 318يۇەنگە سېتىۋالدىم . مەنمۇ 校园先锋 نىڭ تاۋباو سېتىش دۇكىنىدىن ئاپتىمەن ئېلىخەت ئادىرسىمغا ئاچقۇچ نۇمۇرىنى ئەۋەرتىپ بەردى 18ئايدىن بۇيان ھەقىقى ئاچقۇچ نۇمۇرى بىلەن ئاكتىپلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن .
    مىنىڭچە مىكروسوفىت سېتىش تارمىقىدىكىلەر سېتىش يوللىرىنى سەل كەڭرەك قىلسا ياخشى بۇلاتتىكەن ، سرتىۋالالمىغانلىقتىن نۇرغۇن كىشىلەر ئىشلىتەلمىگەن يەنە نۇرغۇنلىرى مەندەك ساختا ئاكتىپلاپ ئىشلەتكەن بۇلىشى مۇمكىن.
    جاۋاپنىڭ قىسقىسى : 校园先锋 ئىشەنچىلىك

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى am 05:26
  • مۇئەللىم مەن ئۇزۇندىن بېرى Alkatip نىڭ خەت نۇسخىلىرىدىكى مۇنداق بىر مەسىلىنى بايقىغانتىم سىزگە ئىيتىپ قويىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسىىلىرىنى ئىشلەتكەندە Corel draw دە بىر نەرسە لايىھەلىگەندە سانلار ئەرەپچە رەقەم شەكلىدە چىقىۋالىدىكەن ، ئەلكاتىپنىڭ ھەممە خەت نۇسىىسىدا شۇنداق ئەمما Ukij دە ئۇنداق ئەمەس لىكىن UKIJ نىڭ ھەرىپلەرنىڭ ئۇلانغان يىرىدە ئازراق مەسىلە بار شۇڭا لايىھە گە ئەلكاتىپنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ سانلارغا Ukij نى ئىشلىتىۋاتىمىز ، شۇڭا مۇشۇ مەسىلىنى ئوڭشاشقا ئىمكانىيەت بوپ قالسا خەت نۇسخىسىنىڭ يىڭى نەشىرىنى ياساشنى ئويلىشىپ باقارمىكىن دىگەن ئۈمىدىم بار ئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:18
  • ئالىم مۇئەللىم ،سىزگە كۆپ رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:15
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ،توردىكى قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر ،،،،كەچۇرگەيسىلەر تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىش بار ئىدى ياردەم قىلساڭلار،،،،،،،ماڭا Adobe Premiere Pro CS6 نىڭ ھەقىقى نۇسخىسى كىرەك بوپ قىلىپ Adobeنىڭ تورغا كىرىپ قارىسام 6000يۈەندىن يۇقرى ئىكەن ،،،،،بۇنى ئىلىشقا ھازىرچە قۇربىم يەتمىدى ،،شۇنىڭ بىلەن تىيەنماۋ تورغا كىرىپ قاراپ باقسام 329يۈەن تۇردۇ ،مەن ئۇلارغا ئېلىكتىرۇنلۇق خەت ساندىغىمنى ،كىملىك نۇمرىمنى ،تىلفۇن نۇمرىمنى ،ئىسىم فامىلەمنى دەپ بەرسەم ماڭا 329يۈەنگە 校园先锋دىن چۈشۇرۇپ بىردىكەن ،،..دىمەكچى بولغىنىم 校园先锋 تورى ئىشەنچىلىكمۇ ؟ مەن ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋانقان تۇققانلىرىمنىڭ نامىدا مۇشۇ توربەتتىن adobe premiere pro cs6 نى ئۆزەم سىتىۋالالامدىم ؟ 校园先锋دىن سىتىۋالغان سىستىمىلار ھەقىقى نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟ شۇنىڭغا مەسلىھەت بەرسەڭلا ؟ ماڭا شۇنداق جىددى لازىم ئىدى،،،،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى am 09:46
  • بۇنىڭ چىققىنىمۇ ياخشى بوپتۇ، 8نى ئىشلىتىپ خېلى ھۇزۇر تاپقان. تور سۈرئىتى تېخىمۇ تىزلەشكەندۇ بەلكىم!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:17
  • تۈنۈگۈن windows 7 بىلەن قوش سىستىما قىلىپ قاچىلىۋالدىم، ئەمما windows 10 نىڭ قوزغاتقۇچ پىروگراممىللىرىنى تاپالمىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 20:05
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
    Windows 8.1 دە ،ھۆججەت قىسقۇچ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە قويۇپ «مەسىلەن يۇمشاق دىتال» دىگەندەك. ئىچىگە يۇمشاق دىتاللارنى ساقلاپ قويۇپ ،قاچىلاش ،ئىجىرا قىلىش بۇيرۇقلىرىنى بەرسەك خاتالىق چىقىدىكەن ،غول مۇندەرىجە ئاستىغا كۆچۈرۈپ ئىجراقىلساق نۇرمال ئىكەن ،بۇ ئەھۋال ئوڭشىلامۇ يا

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:40
    • خەنزۇچە دېتاللاردىمۇ دۆلەت ۋە رايوننى ئەرەب دۆلەتلىرىگە تەڭشەپ قويسىڭىز، ئۇلاردىمۇ شۇنداق ئەھۋال بار، سىز بۇنداق ئەھۋالدا دۆلەت ۋە رايونى جۇڭگۇ-ئۇيغۇر دەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، بۇ خاتالىق ئەمەس، نورمال ئىش

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:59
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
    مەن Windows 10 نى قاچىلىغانتىم ،تور تەڭشكىنى قانداق تەڭشەشتىن قەتئى نەزەر تورغا ئۇلانمىدى ،مەن بىلمىگەن بىرەر جاي بولسا تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.
    ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا Windows 8 نى قاچىلاپ قاچىلاپ ئىشلەتسەم photoshopنىڭ سىرىتماق دەيدىغان قورالى ئۆزلىكىدىن چېكىلىپ كىتىپ ،رەسىم تەھىرلەشكە ئامالسىز قالغان ،ۋە WindowsXPگە يىنىپ كەلگەن،ئەمدىلىكتە Windows 8.1گە كۆتەرسەممۇ ،ئەھۋال ئوخشاش،قايتا قايتا قاچىلاپ باقتىم . photoshopنىڭمۇ يىشىل نۇسقا ،ھەققى نۇسقا ،بۇرۇنقى نۇسقا ،كىيىنكى نۇسقىلىرىنى سىناپ بولدۇم ،ئەھۋال ئوخشاش.قانداق قىلسام بولا

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:24
    • تورغا چىقالمىسىڭىز چوقۇم Windows 8 دىن كۆرۈشكە بولمايدۇ، تور سىمى، تور مۇلازىمىتى، مودېم (ياكى رۇتېر)،…دېگەندەك نەرسىلەرنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 12:01
  • ئالىم مۇئەللىم،Skype نىڭ ئۇيغۇرچىسى قاچان چىقىدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 14:56
  • ياخشىمۇسىز مۇئەللىم .مەن سىزگە E_mailيوللىغان ئىدىم لىكىن Google E-mail تاقىۋىتىلگەچكە تاپشۇرۇپ ئا لالمىغان ئوخشايسز،مەن E_mail ئادرىسىمنى قالدۇرۇپ قۇياي ۋاقتىڭىز چىققاندا جاۋاپ قايتۇراسىز
    almj@mail.ustc.edu.cn/almj077@gmail.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:13