نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسى دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Dr. Mitalipov’s stem cell discovery named a Top 10 Medical Breakthrough of 2013

../wp-content/uploads/2013/05/67619413_p6800679-human_blastocyst-spl.jpg

ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يىل 5-ئايدىكى دۇنياۋى زور بايقىشى بولغان «ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى كىلونلاش» ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىللىق دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى!

http://www.ohsu.edu/blogs/researchnews/

بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دەۋر (Time) ژۇرنىلى 2013-يىلىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشنى ئېلان قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئورېگون دۆلەتلىك پىرىماتلار (ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار) تەتقىقات مەركىزىدىكى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا قولغا كەلتۈرگەن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى زور نەتىجىسى بار. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئىنسان تېرە غول ھۈجەيرىسىدىن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى كىلونلىغان نوپۇزلۇق ئالىم دەپ ئېتراپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ بايقاش پاركىنسون كېسەللىكى، كۆپ خىل قېتىشىش، يۈرەك-مۇسكۇل كېسىلى ۋە يىلىك زەخمىنىلىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ نەتىجىسى بۇ يەردىمۇ خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بالدۇرراق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمىز.
../?p=2723
========
http://v.youku.com/v_show/id_XNjA0MjQxNjM2.html

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
18 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • مۇبارەك بولسۇن ! ھەقىقەتەن خوشخەۋەر ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:20
  • ئالىم مالىم vb2012 دىكى me بىلەن e نىڭ نىمە پەرقى بار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 16:17
  • بۇنداق ئۇتۇق قازانماق خلى تەس، پولاتتەك ئىرادە بولسا ئاندىن بولىدۇ، بارىكاللا.ئەمدى مۇشۇ تىخنىكا مايان تەرەپلەرگىمۇ بالدۇرراق يىتىپ كىلىپ بەزى داۋالاش قىيىن بولغان كىسەللەرنى داۋالىسا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 10:05
  • ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ نەتىجىسىدىن دىلىم چەكسىز سۆيۇندى . مۇشۇنداق تەبئى پەن ئالىملىرمىز كۆپلەپ بولسا ئاندىن بىز كۈچلىك مىللەت بولۇپ ھىسابلىنىمىز ،،،،ناخشا مۇزىكا بىلەن ھىچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ،،،،بارغانسىرى بىخۇتلىشىپ تۈگىشىمىز شۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:50
  • بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەك ھاياجانلىنىپ كىتىۋاتىمەن…….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:30
  • بۇ كاتتا خۇشخەۋەر ئىكەن. شۆھرەت ،ئالىم ئۇستازنىڭ خەلق قەلبىدىكى ئورنى ناھايىتى بۈيۈك. خەلق سىلەرگە قەلىب تۆرىدىن نوبىل مۇكاپاتى بېرىپ بولدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:13
  • ئاللاھ خالىسا نوبىل مۇكاپاتى پەقەتلا ۋاقىت مەسلىسى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:29
  • ئالىمنىڭ تۆككەن تەرلىرى بىكارغا كەتمەپتۇ ، بولسا نوبىل ساھىبى بولۇپ قالسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:24
  • قۇتلۇق بولسۇن، بۇرۇنراق مۇكاپاتقا ئىرششىگە تىلەكداشمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:53
  • خۇشخەۋىرىڭىزگە كۆپتەشەككۈر جانا ئاللاھتىن مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىۋاتقان،ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى،ساغلاملىغى ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتاۋاتقان شۇ ئالىملىرىمىزنىڭ تەپەككۇر بۇلاقلىرىنى تېخىمۇ ئېچىپ ھەرجەھەتتىن خاتىرجەم قىلىشىنى سورايمەن ئامىن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:12
  • قۇتلۇق بولسۇن! ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بارچە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى، ئۇلارنىڭ ھەم ئالىمنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاتا-ئانىسىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ئۆمۈرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى am 06:57
  • شۆھرەتلىك ئالىمىمىزنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:16
  • بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۇچۇن زور خۇشخەۋەركەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:29
  • مۇبارەك بولسۇن! بۇ خەۋەرنى بۇ يەردە كۆرۈپ ‹‹ ئالىملار ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى›› دېگەن مىسرا ئېسىمگە كەلدى. دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ، ئالىم مۇئەللىم ۋە ھەممە ئۇيغۇر دوكتور – ئالىملىرىنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:08
  • دېگىنىڭىز كەلسۇن مۇئەللىم . تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا سالاملار بولسۇن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:04
باھا بېتى: 1 2