Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى

Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى، Microsoft تور بېكىتىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە چۈشۈرۈش ئادرېسى ئېسىڭىزدە بولسۇن.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
106 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھازىر نەشىرياتقا سۇنۇلىغان كىتاپ ژورناللارنى قايسى سېستىمىدا تەھرىلەپ بەت ياسايدۇ، 超极本 دەپ بىر سېستىما ئىشلىتىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم، بەلكىم بۇ office نىڭ 2010 نۇسخسىمى، مۇشۇ توغرىلىپ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، قوش تىللىق كىتاپ ئىدى، شۇڭا تەھرىرلەپ چىقىرىشتا بىر ئاز قىيىنچىلىققا يولۇقتۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:19
    • 超捷 دېگەن سىستېمىنى ئىشلىتىدۇ، لېكىن بۇ ھازىرغا قەدەر بىردىنبىر ئۆلچەمسىز سىستېما بولۇپ، پەقەت خەلق نەشرىياتى قاتارلىق بىرنەچچە نەشرىياتتىلا ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە كىتابنى PDF قىلىپ بەرسىڭىز، دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى باسما زاۋۇتلىرى باسالايدۇ. ئۆلچەمگە ئايلانغان، ئاممبىاب نەرسىلەرنى ئىشلىتىڭلار

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:47
  • ئۇيغۇرچە چۈشۈرۈش ئادرىسىدىن چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:39
  • بۈگۈن ئىشخانىنڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ، pptنىڭ لاھىلەش رايۇندا ، ھەممىسگە قوللۇنۇش بىلەن بىكار قىلىش دىگەن ئىككى بۇيرۇقنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قاپتۇ . ھەرقېتىم ھەممىسىگە قوللۇنۇش دىگەننى باسسام چىكىنىپ كىتىپ بىئارام قىلىپ ، ئېھتىياتسىزلقتىن بىكار قىلىش بۇيرۇقى بېسلىپ كىىتىپ ئاندىن تامام بولدى . شۇڭا بۇنى يېزىشتىكى مەخسەت : 1- مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇققانلار قورقماي بىكار قىلىش دىگەنىنى بېسىپ ئىشىڭىزنى پۈتۈتۈرۈڭ …2- خاتا كەتكەن يېرنى ئىنكاس قىلىپ قۇياي دەپ … كۆپچىلىككە رەھمەت….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 18:05
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇ ئالىم مۇئەللىم بۇ تىل بۇلىقى office 365 دە ئىشلىمەمدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:27
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،ئۇستازلار ماڭا ھەقلىق بولسىمۇ بىر ياردەم قىلساڭلا،مەن ۋىن8نى بىر ئاي بولدى نۇرمال ئاكتىپلاپ ئشلىتىپ كىلۋاتقان،تۆت كۇن بولدى پەقەتلا ئاكتىپلىيالمىدىم،ھەممە ئامالنى قىپ باقتىم بولمىدى،ئەمدى شۇ مىكروسوفىتقا تىلفۇن قىلپ ئاكتىپلاپ بېردىغانلار بولسا بۇ كىيۇ كىيۇ نۇمۇرۇمنى1085128800 قۇشۇپ ،ئاكتىپلاپ بەرسەڭلا،مەن خەنزۇچىنى پەقەتلا بىلمەيمەن،مىنى قوشقاندا،ئاكتىپلاش دەپ قۇشۇڭلار،ئۇستازلا

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 01:11
  • مۇئەللىم ، microsoft project نىڭمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بارمۇ ؟يا كى چىقامدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 17:03
  • multiling ھەممە باب كىرگۈزگۈچ نىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغان windows phone 8 نۇسخىسى چىقتىمۇ ؟ بىلىدىغانلار بولسا چۇشۇرۇش ئادىرسىنى يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 12:13
  • مىكروسوفىتنىڭ تورىمۇ ئۇيغۇرچە بوپ كىتىپتا!~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 19:09
  • ۋىندوۋىس يەتتىگىمۇ ماس كېلەمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 13:08
  • ئۇيغۇر :
    سىزنىڭ ئۆيىڭىز ژورنال باسىدىغان زاۋۇتقا يېقىن ئوخشايدۇ ئەمىسە……مەن قاقشىمىدىم، راست گەپنى دېدىم. مەن بۇ ژورنالنى ئۇيغۇرسوفت شېركىتى تۇنجى نەشىر قىلغاندىن باشلاپ، كۆرۈۋاتىمەن. بۇرۇنقى ژورنال بىلەن ھازىرقىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۈرۈپ بېقىڭ ۋاقىتىڭىز چىقىپ قالسا…. بولمىسا، جەنۇپتىكى كىتاپخانىلاردىن، مۇشتىرلاردىن سوراپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ…بۇ يەردە ماڭا سۇئال قۇيۇپ يۈرمەي
    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:55
    ______________________
    ماقۇل، گېپىڭىزگە قوشۇلدۇم.
    «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنى ئىشلەۋاتقان «ئەبلەخ»لەر ژۇرنال ئىشلەيمىز، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، ئاپتورلارنى تەربىيىلەيمىز، شۇ ئارقىلىق ژۇرنالنى ئوبدان چىقىرىمىز دېگۈچە ئۇمىچىنى ئىچسە بولمامدىغاندۇ؟ تازا قاملاشمىغان خەقكەن بۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 20:10
    • ئۆتكەن ئىشلارغا سالىۋات، بۇ يەردە ئۇرۇشماڭلار، بۇنداق پەن-تېخنىكىلىق ژۇرنال دۆلەت ئىچىدە پەقەت ئۇيغۇرلاردا بار، ئۇيغۇر تىلى ھازىر جۇڭگودىكى 2-چوڭ تىل، بىز ئىمكانقەدەر بۇ ژۇرنالنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ياخشى ئىدىيە، تەكلىپ-پىكىرلەرگە مۇھتاج.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 20:29
  • ھىس قىلدىڭلارمۇ office2013 دە ئويغۇرچە كوررىكتور باردەك قىلىدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:43
  • ئالىم مۇئەللىم، office دىكى ئېھتىياتسىزلىقتىن بولغان تەرجىمە خاتالىقىنى بايقىغان ئىدىم. بۇ خاتلىقلارنى سىزگە ئەۋەتىپ بەرسەم بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 14:13
  • OneNote نىڭ ئۇيغۇرچىسى بارمىدۇ قاراپ باقاي..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:29
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدە كاتتا ئىشلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.مەنمۇ كىچىككىنە ھەەمنى قوشۇپ قېرىنداشلارنىڭ رەسمى تەرەپ ئېلان قىلغان ھەقسىز ئەپلەردىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىشىنى مەقسەد قىلىپ سىقىلما ھۆججەت سىقىش يېشىش ئېپى Bandizip نىڭ 3.08نەشرىنى تەرجىمە قىلدىم. ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمى تەرەپ توربېتىدە ئېلان قىلىندى.
    http://www.bandicam.com/forum/viewtopic.php?f=17&t=215 بۇيەردىن چۈشۈرۈپ Bandizip نىڭ ياردەم تىزىملىكىدە Bandizip ھۆججىتىنى ئېچىش دېگەن تۈرنى چەكسىڭىز بىر قىسقۇچ ئېچىلىدۇ شۇنىڭدىكى lang قىسقۇچىغا كۆچۈرۈپ تەڭشەكتىن ئۇيغۇرچىنى تاللسىڭىز بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن (C:\Users\User name\AppData\Local\Bandizip\lang\) ئۇيغۇرچە تىل بولىقى Bandizip نىڭ كېيىنكى نەشرىدە ئەپنىڭ ئۆزىگە قوشۇلىۋىتىلمەكچى بولدى.
    بۇ ئەپنى چۈشۈرۈش ئورنى: http://www.bandicam.com/bandizip/downloads/.
    ئۇندىن باشقا يەنە كۈچلۈك ئقتىدارلىق كۆپ تىللىق تەرجىمە لۇغەت ئېپى lingoes مۇ بار .مەنزىل: http://lingoes.net/en/translator/download.htm . تەرجىمە قىلىش تەۋسىيەسى: Free Download Manager ھەقسىز،سۈرئېتى تېز، توردىكى سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ.مەنزىل: http://www.freedownloadmanager.org/download.htm.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى am 05:51
    • Free Download Manager نىڭ تىل تاللايدىغان يىرىدە ئۇيغۇرچە يوق تۇرىدىغۇ؟ ، قانداق تەڭشەيمىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:57
    • ئۈستىدىكى ئۈچ دىتالنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرچىنى نۇرمال قوللايدىكەن، ئاستىدىكىسىدە يوقكەن، رەھمەت سىزگە ھەممىنى قاچىلىۋالدىم

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:51
    • ئىنكاسىڭىزدىن ئۇنى چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم. قاچىلاش باشلانغاندىلا Uyghur تاللانغان ھالدا چىقتى، پروگرامما ئۇيغۇرچە قوزغالدى. رەھمەت قېرىندىشىم. «..ھەققىدە» چۈشەندۈرۈلۈشىنىمۇ تەرجىمە قىلىۋەتكىلى مۇمكىن بولسا.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:37
    • مۇشۇ ئوبدان گەپ بوپتىكەن ئالىىمكام بىلەن ئالاقىلشىپ مەخسۇس تىما قىلىپ يوللىسىڭىزمۇ ياكى http://www.alip.biz غا كىرىپ شۇ يەرگە تىخىمۇ تەپسىلى قىلىپ يولاپ قويغان بولسىڭىز تېخمۇ كۆپ ئۇيغۇر پايدىلناتىى ئەمەسمۇ … ئالدىراش بولسىڭىز ئالىپ تورىغان مەن ياكى باشقىلار يوللاپ قويسىمۇ بۇلدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:20
    • مەنمۇ قاچىلىۋالدىم، رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:24
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدە كاتتا ئىشلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ.مەنمۇ كىچىككىنە ھەەمنى قوشۇپ قېرىنداشلارنىڭ رەسمى تەرەپ ئېلان قىلغان ھەقسىز ئەپلەردىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىشىنى مەقسەد قىلىپ سىقىلما ھۆججەت سىقىش يېشىش ئېپى Bandizip نىڭ 3.08نەشرىنى تەرجىمە قىلدىم. ئۇيغۇرچە تىل بولىقى رەسمى تەرەپ توربېتىدە ئېلان قىلىندى.
    http://www.bandicam.com/forum/viewtopic.php?f=17&t=215 بۇيەردىن چۈشۈرۈپ Bandizip نىڭ ياردەم تىزىملىكىدە Bandizip ھكججىتىنى ئېچىش دېگەن تۈرنى چەكسىڭىز بىر قىسقۇچ ئېچىلىدۇ شۇنىڭدىكى lang قىسقۇچىغا كۆچۈرۈپ ئىشلىپ تۇرۇڭلار. مىسال ئۈچۈن (C:\Users\User name\AppData\Local\Bandizip\lang\) ئۇيغۇرچە تىل بولىقى Bandizip نىڭ كېيىنكى نەشرىدە ئەپنىڭ ئۆزىەگ قوشۇلىۋىتىلمەكچى بولدى.
    بۇ ئەپنى چۈشۈرۈش ئورنى: http://www.bandicam.com/bandizip/downloads/.
    ئۇندىن باشقا يەنە كۈچلۈك ئقتىدارلىق كۆپ تىللىق تەرجىمەلۇغەت ئېپى lingoes مۇ بار .مەنزىل: http://lingoes.net/en/translator/download.htm . تەرجىمە تەۋسىيەسى: Free Download Manager ھەقسىز،سۈرئېتى تېز، توردىكى سىن ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرەلەيدۇ.مەنزىل: http://www.freedownloadmanager.org/download.htm.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى am 05:45