Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى
Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى، Microsoft تور بېكىتىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە چۈشۈرۈش ئادرېسى ئېسىڭىزدە بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 21,045 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى am 7:36
- ئالدىنقى يازما :Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :«ئۇيغۇرسوفت ھاۋالىلىك توشۇش» باشقۇرۇش (بۇلۇت) دېتالى ئېلان قىلىندى
تېخىمۇ كۆپ
مۇئەلىم، Office 2013نىڭ ھەقىقى نۇسقىسىنى قانداق سىتىۋالىمىز؟
سىتىۋىلىش بەك ئاسان . ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسى باشقا نۇسخىلارغا قارغاندا كۆپ ئەرزان 699يۈەن ،،،توردا مال سىتىۋالدىغان مۇلازىمىتىنى ئاچقۇزغان بانكا كارتىسى بولسىلا بولدى http://www.microsoftstore.com.cn/office?WT.mc_id=MSCOM_ZH_CN_HP_Shop_Office
بۇ ئادىرىستىن ئالسىڭىزمۇ بولىدۇhttp://office.microsoft.com/zh-cn/FX102918374.aspx?WT%2Eintid1=ODC_ZHCN_FX010064710_XT103927681
ئالىم مۇئەللىم، ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز Office 2013 نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى سىزدىن سېتىۋالساق، مەن توردىن سېتىۋالاي دېگەن، بىراق سېتىۋالالماي قالدىم.
سىزگە تەشەككۈر ئالىم ئەھەت مۇئەللىم!!!!!
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ئالىم مۇئەللىم ! مانا ھازىر ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ بولۇپ ئانا تىلنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ ئولتۇرۇپتىمەن . ئىشخانامدىكى بۇرادەرلىگە كۆرسىتىپ قويسام كۆزلىرىدىن ئوت چىكەتتى !
مۇبارەك بولسۇن، ئۇلۇغ ئىشتىن يەنە بىرسى روياپقا چىقىپتۇ.
بۇ كاتتا خۇشاللىقنى راۋۇرۇس تەبرىكلىمەي بولمايدۇ. دىيارىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋە شىمالى شىنجاڭنىڭ چەت نامرات رايونلاردىكى ئاساسى مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تىل سەۋەبلىك ئۆگۈنەلمەسلىكىگە باھانە قالمىدى .
بۇ يەردە يەنە بىر ئەسكەتىپ قويىدىغىنىم : شەخسى بىكەت ۋە ھەرخىل بلوگلارنى ئېچۋاتقانلار Microsoft نىڭ ئورگان بېكىتىدىن چۈشۈرۈپ ھەرخىل ئىشەنچىسىز تور دىسكىلىرىغا Winrar ئارقىلىق مەخپى نومۇرنى بىكەت ئىسمى قىلىپ سېلىپ ‹مىنىڭ بېتىمدىن چۈشۈرۈڭلار› دەپ ۋاشاڭ قىلىپ ساپاسىز ئىشنى قىلىپ تاشلىماڭلار . چىرايلىقچە ئىگە تەرەپتە ئۇيغۇرچە ئارا يۈزى بولغاندىكىن شۇ جايدىن چۈشۈرسۇن. قانچە قىتىم چۈشۈرگەننىڭ قېتىم سانىغا بولسىمۇ پايدىسى بولسۇن.
بىسمىللاھ …
بەك ياخشى بوپتۇ.
سىزدىن سۆيۈندۈم
بەك ياخشى ئىش بولدى. قاچان ئىلان قلىنا دەپ بەك تەقەزا بولغانتىم.
مۇئەللىم تەپسىلىراق بىر چۈشەنچە بەرمەمسىز؟
بۇگۇن بىرىنچى بوپ كۆرۇپتىمەندە ، ھەجەپ خوش بولدۇم ، ھې ھې ھې …. دەرھال Office 2013 نى چۇشۇرەي
خۇشاللىق دىگەن بۇنىڭدىن ئوشۇق بولمايدۇ. رەخمەت مۇئەلڭم سىزگە.
مۇبارەك بولسۇن. خوش خەۋەر ئارقا ئارقىدىن كەلگىلى تورۇپتۇ.
پاھ، ئەمدى ھەقلىق نەشىرىنى سېتىۋالىمەن. بەك ياخشى بولدى. خوش -خەۋەر دىگەن ئۈزۈلمەي چىقۋاتىدىغۇ.
بۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىمۇ قوشۇلغانمىدۇ؟
ۋاھ، بۇمۇ ئېلان قېلىنىپتۇ مانا، ئەجەپ ياخشى، مەن Office 2013 ئىشلىتىپ بېقىش نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقان.