دوكتۇر دىلشات ھېۋىزۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

دوكتۇر دىلشات ھېۋىزۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

دوكتور دىلشات ھېۋىزۇللا ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنىڭ تەكلىپى بىلەن 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى (چارشەنبە) چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات بىناسىدا كومپيۇتېر كەسپىدىكى ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارغا كومپيۇتېر ساھەسىدە قىزغىن تېما بولۇۋاتقان بۇلۇت تېخنىكىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا قىزغىن جاۋاب بەردى. لېكسىيە تېمىسى «بۇلۇت، توپلاشتۇرۇش، مېدىيا تارقىتىش» ھەققىدە بولۇپ، دوكتور دىلشات ھېۋزۇللا ئۆزىنىڭ ئەنگلىيەدە قىلىۋاتقان بۇلۇت تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىنى تونۇشتۇردى.

ئالدىنقى ئايدا دوكتۇر دىلشات ھېۋزۇللا تۇغقان يوللاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بىر ئايلىق دەم ئېلىشقا كەلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى ئۇستازى ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىمۇ يوقلىدى. 1993-يىلى ماگىستېر ئاسپىرانت دىلشات ھېۋزۇللانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى «ئۇيغۇرچە بىرلىككە كەلگەن مەشغۇلات سىستېمىسى-UDOS»، «ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە كۆپ خىل يېزىقنى ئارىلاش تەھرىرلىگۈچ-DWZ Editor»، «ئۇيغۇرچە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش»، «ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش»، «ئۇيغۇرچە چاقىرغۇ» قاتارلىق تەتقىقاتلارنى تاماملىغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى MS-DOS مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان ئىدى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «دۆلەت ئىچى سىرتىدا يېڭىلىق ياراتقان ۋە خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيە» دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشىپ، دۆلەت پەن-تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى.

1995-يىلى دىلشات ھېۋىزۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇشنى تاماملاپ، ئەنگلىيە شەرقىي لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا ئىمتىھانىسىز قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپ، تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2000-يىلى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، كومپيۇتېر ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن شەرقىي لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، تەبىئەت پەنلىرى تارىخى موزىيى، قىزىل ھەرە مېدىيا شىركىتى،….قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. كېيىن يەنە پەيدىنپەي يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەردە خىزمەت قىلىپ، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان، پۇختا ئىگەللىگەن ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا قوللىنىپ، نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسلىق پىروگراممېر، يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى، يۇمشاق دېتال ئارخىتېكتورى (قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلغۇچى)،…قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى لوندوندا ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇرۇپ، ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەرنىڭ مۇھىم تۈرلىرىنى ئېلىپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى چەتئەلدە ئۆگەنگەن بىلىملىرى ۋە تەجرىبىسىنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى، يۇرتىغا كېڭەيتىش بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ نىشانى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
66 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالدىن بىرەر ئۇقتۇرۇش قىلىپ قويغان بولسا بىزمۇ قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولامىدۇق ؟ ياكى بىزدەك ئۇششاقلارنى كىرگىلى قويمامدۇ ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:27
    • بۇ بەكلا تويۇقسىز بولۇپ قالدى، ئورۇنلاشتۇرغۇچى تەرەپمۇ ھازىرچە ئاسپرانت ئوقۇغۇچىلار قاتنىشىدۇ دېگەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:03
  • ئۇزۇندىن بويان نامىنى ئاڭلىغان بۇ ئاكىمىزنىڭ، ئاخىرى رەسىمىنى بولسىمۇ كۆردۇق ، ھەرقېتىم مۇشۇنداق ئۇيغۇر ئاكىلارنى كۆرگەندە ، ئۆزۇمنىڭ ئۇيغۇرلىقىمدىن پەخىرلىنىپكېتىمەن ….، كەلگۇسىدە شۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭسام دەيمەن ….. ، …………›››

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:22
  • ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئاتامانلىرى جەم بولۇپتۇ دە !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:39
  • بىلوگنىڭ يېڭىلانمىغانلىقىغا قاراپلا ئالىم مۇئەللىمنىڭ قاتتىق ئالدىراش ئىشلەپ كەتكەنلىكىنى ئويلىغانىدىم ، قۇربان ھېيىتتىمۇ تۈزۈك دەم ئالماي ئىشلەپتۇ ئەمەسمۇ ! ئەمما يەنە بىر قانچە يېڭى سېستىما پۈتكەن ئوخشايدۇ ، مۇبارەك بولسۇن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى am 07:53
  • ئالىم مۇئەللىم ھەممىدىن ئېگىز ئىكەن ئاۋۇ رەسىمدە .. يەنە بىر گەپ بۇ لىكسىيەگە باشقا ئوقۇغۇچىلار قاتناشماپتىغۇ شۇنچە چوڭ بىلىم يۇرتىدىن ?

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:33
  • ۋاھ! ئۇزۇنىڭياقى يۇقاپ كىتىپ مانا شۇنداق ئەھىيەتلىك بىر ئالىمىمىزنى تۇنۇشتۇرغانلىقىڭىزدىن شۇنداق خۇرسەن بولدۇق. دىلشات ئەپەندى ئىشلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان، لىكىن ئۆزىنى كۆرۈپ باقمىغان. رەسىمىدە بولسىمۇ سىمايىنى كۆردۈم. تۇمۇرىدا ئاققىنى ئۇيغۇرنىڭ قېنى بولغاچقا يۈرەك ئۇيغۇر دەپ سۇقىدۇ-دە! دىلشات ئەپەندىنىڭ ئانا دىيارىدا قىلىشنى ئويلىغان ئىشلىرىنىڭ خەيرلىك بۇلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:45
  • 3 ئاي سىز بىلەن بىللە تۇرۇپ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ئىدۇق. ھەييييييي شۇ ۋاقىتلاردا كەلگەن بولسىچۇ ……… بىزلەرگىمۇ ئىككى تۆت ئىغىز يىڭى تېخنىكىلىق گەپلەردىن قىلىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلار بولغىيدىڭىز ھە …………….

    رەسىملەردىن قارىغاندا لىكسىيە ئاددىيلا، قاتناشقان ئادەم نەچچە ئون ئادەم بىلەنلا چەكلەنگەن ئوخشىمامدۇ……..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:37
    • ئەلۋەتتە شۇنداق بولاتتى-دە، لېكسىيەگە 40-50 ماگىستېر ۋە دوكتۇر ئاسپرانت قاتناشتى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:46
    • مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ كەتتىم ، ئالىم مۇئەللىمنىڭ قولىدا بىر بىلىم ئالسام دىگەن ئارزۇيۇم بار ئىدى ئۇمۇ ئەمەلگە ئاشتى ، ئارزۇيۇمدىكىدەك تەربىيلىنىپ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ چىقتىم . دىلشاد مۇئەللىم بىلەن بىر يۈز كۆرۈشۈش ، شۇ ئادەم بىلەن بىردەم يىرىمدەم بولسىمۇ پىكىرلىشىش ئارزۇيۇم بار ئىدى ئاللاھ خالىسا ئۇمۇ نىسىپ بوپ قالار .
      ئالىم مۇئەللىم سىلىگىمۇ كۆپ رەھمەت ، مۇشۇنداق ئالىم مالىم توغۇرلۇق ، ئالىم – تەتقىقاتچىلىرىمىز توغۇرلۇق خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈپ بىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرغانلىرىغا كۆپ تەشەككۈر .
      ئاللاھ تەنلىرىنى ساق ، ئۆمۈرلىرىنى ئۇزۇن ، ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 21:03
  • مانا،بىز ئالىم ئاكىمىزنىڭ باھانىسىدە بۇ ئاكىمىزنىمۇ تونىۋالدۇق ، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ يازمىنى يازغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئاكا ! مۇشۇ ساھەدە تىرىشىپ مىللىتىمىز تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىۋاتقان ئاكىلار ، اللاھ تىنىڭلارنى سالامەت،ئىشلىرىڭلارنى ئاسان،تۇرمۇشۇڭلارنى خاتىرجەم بەخىتلىك قىلسۇن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:18
  • ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدىلا دىلشات ھېۋىزۇللا توغرلىق كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئىزدىنىش ۋە ئىجاد قىلىش روھىغا باي ياش ئىكەنلىكىگە ھەممىمىز قايىل ئىدۇق. چۈنكى، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان چاقىرغۇلارنى ئىشلەتكەن ئىدۇق. ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇنىڭ تېنىگە سالامەت، ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمەن. ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ سىلەرگە ئوخشاش تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە دەۋىر تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ماڭالايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن. ھارمىغايسىلەر، سۈيۈملۈك ئۇستازلار، جاپاكەش ئاكىلار، مىھنەتكەش قەدىردانلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:06
  • ئالىم مۇئەللىم، سىزمۇ ئەينى چاغدا دىلشات ھېۋىزۇللا ئاچقان كومپيۇتېر كۇرسىدىكى 150 كۇرسانتنىڭ بىرى بولۇپ تەربىيەلىنىپ چىقىپتىكەنسىز. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئالىم مۇئەللىم ئەگەر كومپيۇتېرغا ئامراق بولماي بولكىغا ئامراق، دىلشات ھىۋىزۇللا ئاچقان كۇرستا ئوقۇماي ھازىرقى مەمۇرىيلىق ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ مەمۇرىي بولغان بولسا ھازىر نېمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرەر ئىدى،دەپ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:18
    • شۇڭا بۇنى تەقدىر دەيمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:47
      • ۋاي مۇئەللىم ۋاي دەپ بەسسە (دانىمۇ دانە 31.5 تال چىش ) دەۋىرىدكەللا ، تۇرمۇشىڭىزدىن ئازراق سىرمۇ قالغاي ، بوممىسا ھەممىز تويغا بېرۋالمايلى يەنە … ھې ھې ھې …

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:53
    • مۇشۇ ئىنكاس ماڭا مايدەك ياقتى … خۇدايىم بۇيرىسا مەنمۇ مەكتەپ پۈتكەندىن كىيىن مەمۇرلىقنى ئەڭ ئاخىردا ئويلۇشىمەن خۇدا خالىسا …

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:51
  • مۇبارەك نامىنى كۆپ ئاڭلىغانتىم، لېكسىيەنى ئاڭلىيالىغان بولسام …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:10
  • ماڭىمۇ قاچانمۇ كىلەر ئاشۇنداق بىلىملىك بولۇپ كىشلەرنىڭ ئالدىدا تۇردىغان كۈنلەر . ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:33
  • ئۇزۇن بولغان ئىدى يېڭىلىقلاردىن خەۋەر قىلمىغىلى …. ئاخىر بىر خەۋەر ئەپكەپلا….
    كومپىيۇتىر ئىشلىرىمىز سىلىدەك ئىقتىساسلىقلارغا بەكمۇ مۇھتاج ئالىم مۇئەلىم ……. ھارمىغايسىلەر …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:51
    • سىلەرمۇ بىلىسىلەر، مۇشۇ 10-ئايدا بەكلا ئالدىراش ئىشلەپ كەتتۇق، ئاتۇشتىكى شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ سىستېمىسىنى تاماملىدۇق، ئىشلىتىۋاتىدۇ، ھازىر يەنە ھاۋالىلىك مال توشۇش سىستېمىسىنى قىلىپ بولدۇق، مۇشۇ ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرسوفت ماقالە سىستېمىسىنى باشقا رادىيو ئىستانىسى ئۈچۈن قاچىلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز. يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىدا ھەتتا قۇربان ھېيتتىمۇ يېرىم كۈن دەم ئالدۇرماي ئىشلەتكۈزدى. ئۇيغۇرسوفت تولۇق 7 كۈن دەم ئالغان ئىدى، ئەمما مىكروسوفت دەم ئالمايدىكەن ئەمەسمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:58
      • مالىم تىل بولىقىغمۇ ئىشلەپ قويدۇڭلىمۇ يا … چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تىلىغا ياما كۈنەلمەي كەتتۇق …

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:57
  • ئاللاھ باسقان ۋا باسماقچى بولغان قەدىمىڭىزنى خەيىرلىك قىلسۇن. بولسا مۇشۇ يۇرتىمىزدا تارماق شىركەتلەر قۇرۇلسا ئارمىزدىن كۆپرەك ئەلگە سايە بولدىغانلار چىقسا…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:38
  • دوكتۇر دىلشات ھېۋزۇللا ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئالىم مۇئەللىم دوكتۇر دىلشات ھېۋزۇللا ئەپەندىنىڭ تور بېكىتى ياكى بلوگى بولسا ئادرېسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولساق…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:34
    • رەھمەت، ئەمما ھازىرچە دوكتۇر دىلشات ھېۋىزۇللانىڭ بىلوگ يازىدىغان ۋاقتى يوق ئوخشايدۇ، ئالىم مالىمدەك بىكارچى ئەمەس جۇمۇ، ئەمما توردىن Dilshat Hewzulla دەپ ئىزدىسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:06
باھا بېتى: 1 2 3