Windows 8.1 Preview نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8.1 Preview نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟

[ IT خەۋەرلىرى ]

Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش) نەشرىنى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟

Windows 8.1 Preview (كۆرۈپ بېقىش) نەشرى مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنى (چارشەنبە) ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ Windows 8 نى ئىشلىتىلىۋاتقانلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر Windows دۇكىنى ئارقىلىق چۈشۈرەلەيدۇ.

Microsoft بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەنىلا سىناق نۇسخىسى بولغاچقا، بەزى يېتەرسىزلىكلەر بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھازىرچە ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرغا ئاساسىي مەشغۇلات سىستېمىسى قىلىپ قاچىلاشنى تەشەببۇس قىلمايدىكەن، ئەڭ ياخشىسى باشقا كومپيۇتېرغا ياكى مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالى ئارقىلىق قاچىلاپ كۆرۈپ باقساق بولىدىكەن. ئىشلەتكۈچىلەر 6-ئاينىڭ 26-كۈنى Windows Update ئارقىلىق يېڭىلانما ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالىدىكەن، يېڭىلانما ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن قاچىلاشنى بېكىتسە بولىدىكەن. 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا ئىلگىرى Windows 8 نى سېتىۋالغانلار ھەقسىز يېڭىلاپ ئىشلەتسە بولىدىكەن، ئەمما بارلىق ئەپلەرنى چوقۇم قايتىدىن قاچىلاشقا توغرا كېلىدىكەن. قارىغاندا ئۆزگەرتىش خېلە باردەك قىلىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
77 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئەمىسە سىناپ ئشىلتىپ بىقىشقا چىشىمنى بىلەپ ئولتادىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى am 06:51
  • مەۋھۇم كومپىيوتىر ياساشنى يېڭىلا ئۆگۇنۇپ تۇرغان ، ئەمدى سىنايدىغان Windows8.1 مۇ چىقىپ بوپتۇ مانا ، نېمە دېگەن ياخشى… !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:29
  • مەۋھۇم كومپىيوتېر ياساشنى يېڭلا ئۆگۇنۇپ تۇرغان ، ئەمدى Windows 8.1 نى سىناشقا تەييارلىنىپ تۇراي !!! كۆڭۇلنى شادلاندۇرىدىغان خەۋەر كۇندە بولسا ھە… !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:23
  • http://item.taobao.com/item.htm?id=22573064474&ali_trackid=2:mm_40617315_0_0:1371485452_3k5_162559613&clk1=46a8edf41d22c4d78f02760ec8926141&spm=a3300.2168033.5636241.125.DTfXhO بۇ توبو تورىدا باركەن ئىشەنچى قىلالمايمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:18
  • ئالىم مۇئەللىم Windows 8 نىڭ ئاچقۇچى روىلاندا تۈگەپ قاپتۇ سىزدە ئارتۇقى بولسا سېتىۋالسام بولاتتى . ياردەم قىلسىڭىز . باشقىلار بىلەنمۇ ئالاقىلشىپ تاپالمىدىم ؟ سىزنى ئاۋارە قىلار بولدۇم ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:11
  • بولسا كۆپرەك يېڭىلىنىپ تۇرسا ياخشى . بۇلۇپمۇ Windows8.1 دە چ چ غا ئوخشاش ھۆججەت ۋە ۋېدىيولۇق پاراڭلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا ناھايتى ياخشى بۇلىتى. بىزمۇ ئويغۇرتېلىنى قوللىمايدىغان چ چ دىن كۈچۈپ كەتسەك !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:45
    • Skype بۇپاراڭلىشىش قورالىمۇ qq دىن قىلىلشمايدىغۇ يەنەكىلىپ ئۇيغۇرچە تىلبولىقىمۇبار كەچىللىكىqqغائوشاش يۇلتۇز ئاي قۇياش دەرىجىسى يوق Skype لىكىن قىمىەت قاچىلاش ئارقىلىق تىلفۇن قىلغىلى بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:25
      • Google talk مۇ بوپ قويىدىكەن، ئۆزى كىچىككىنە، ئەمما قولاي. ئۇيغۇر يېزىقىنى راۋرۇس قوللايدۇ، ئاندىن بەھۇزۇر ئاۋازلىق پاراڭلاشقىلى بولىدىكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:11
      • راست جۇمۇ،مىكروسوفت شۇنداق دېتال چىقىرىدىغان بولساQQغا ئوخشاش قەستەن تىل يەكلەيدىغان بىرنىمىنىڭ دەرىجىسى5قۇياشقا چىقىپ كەتسىمۇ تاشلىۋىتىمەن.Skypeنى باشقا دوستلىرىم ئىشلەتمەيدۇ-دە؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:34
    • ئەمەلىيەتتە skypeنىڭ ئىقتىدارى qqغا قارىغاندا خېلى كۈچلۈك. qqدا يالغۇز بىرلا ئادەم بىلەن سىنلىق پاراڭلاشقان بىلەن، skypeدا كۆپ كىشىلەر بىرلىكتە سىنلىق پاراڭلىشالايدۇ، يىغىن ئاچالايدۇ. skydriveنى ئۇنىڭغا يانداشتۇرسىڭىز، تېخىمۇ رازى بولۇپ كېتىسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:18
    • مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم Windowsنىڭ ئۆزىدىكى ئۇچۇر دىگەن قورالنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كېڭەيىتسە دىمەكچى. skypeغۇ ياخشى دىتال.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:08
  • ئالىم مۇئەللىم Windows 8.1 Preview نىڭ رەسمى نەشىرى قاچان چىقىدۇ،،،،،،،بىلگەن بولسىڭىز خەۋەردار قىلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 12:38
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا تېمىغا مۇناسىۋەتىسىز بولسىمۇ سۇئال سورىۋالسام مەن بىر توربەت قۇراي دىگەن ئىسىمنى ئويلىشىپ بولدۇم ئەمما قانداق سېتىۋېلىشنى بىلمىدىم شۇڭا يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن ئاۋارە قىلدىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 12:33
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم ئالىم ئاكا تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سورىمىسام بولمايدىغا بىر سوئال چىقتى ،ئەيىپ كۆرمىگەيسىز !مەن ئۆتكەن يىلى windows8نى سىتۋىلىپ ئىشلەتكەن لىكىن تۇيۇقسىز كۇمپىيۇتىرىمنى باشقىلار ئوغىرلاپ كەتى ، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا win8نىڭ ئاكتىپلاش نۇمۇرىمۇ بىرىقلا ئوغىرلاپ كەتكەن بولامدۇ ياكى microsoftتور بىكىتى بىلەن نۇمۇرنى ساقلىغىلى بولامدۇ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 12:01
    • قائىدە بويىچە شۇنداق بولىدۇ، سېتىۋالغاندا Microsoft تىن ئېلېكتىرونلۇق خەت تاپشۇرۇۋالغان بولسىڭىز، شۇ خەتنى ئىسپات قىلىپ تۇرۇپ، يەنى بىر تېلېفون نومۇر تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، مۇمكىن بولسا ئۇلارغا تېلېفون بەرگەندە ئاۋۋال ئۇيغۇرچە سۆزلەپ تۇرۇۋېلىڭ، بۇ كېلەر يىلى جۇڭگودىن نەچچە 10 مىڭ خادىم ئالغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ Microsoft تا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پايدىلىق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 13:42
      • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم ئالىم مۇئەللىم مەنwindows8نى سىتىۋالغان ئىدىم .ھازىر windows8نى قاچىلىغان كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسى دىسكىسىنى بىرمەزگىلدىن كېيىن ئالماشتۇرۇپ قايتا قاچىلاش ئمكانىيتى بارمۇ ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:21
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم
    ئالىم مۇئەللىم سىزدە ۋىن8 نىڭ ئىلگىرى ئېلىپ قويغان ئاچقۇچى بامۇ ؟ھازىرغچە ئىزدەپ يۈرۈيمەن . باشقىلار دىن ئالسام ئالدىنىپ كىتدىكەن مەن بىلمىگەن دىكىن ، باربولسا 754410020چچى خەت ساندۇقۇمغا باردەپ خەت قالدۇر سىڭىز سېتىۋالسام . ياردەم كىلسىڭىز ئوقۇغۇچىڭىز….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:59
    • http://www.rohlan.com/thread-19982-1-1.html
      ماۋۇ ئادرېسقا كىرىپ قاراپ بېقىڭ، تورداشلار ئارتۇق ئېلىۋالغانلىرىنى پايدا ئالماي سېتىپ بېرىۋاتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 14:02
    • قايسى كۈنى دوستۇمنىڭ كومپىيۇتىرىنىڭ ئەسلىدىكى سىستىمىسىنى ئوڭشىيالماي قايتا قاچىلىماقچى بولۇپ مەكتەپ ئاۋانگارتلىرى تورىدىن بىر ئاچقۇچ نۇمۇرى ئالغان، 248 يۈەنگە، كىيىن ئەسلىدىكى سىستىمسىنى ئوڭشىۋالدۇق، يىڭى ئاچقۇچ نۇمۇرىنىمۇ ئىشلەتمىگەن، ئەگەر ئىشەنسىڭىز ئالاقىلىشىڭ. دوستۇمنىڭ ئىسمى ئابدۇسالام، تىلىفۇن نۇمۇرى: 18101339147

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى am 06:46
    • مەن بىرنى ئارتۇق ئېلىپ قويغان، ئالامسىز؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 20:21
  • ئالىم مۇئەللىم، بۇنىڭ تىل بولىقىمۇ ئايرىم ئېلان قىلىنامدۇ ياكى ئىلگىرىكى تىل بولىقى ئىچىگە بىۋاستە تولۇقلىۋېتىلەمدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:24
  • Windows 8.1 Preview سىناپ بېقىشقا مەن تەييارلاندىم.

    مۇئەللىم Windows 7 قاچىلانغان كومپيۇتېردىمۇ سىناشقا بۇلامدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى am 11:23
  • ئاساسى سېستىما قىلىپ ئىشلەتمەي تۇرۇڭلار دېگەن بولسا سەل ئالدىرماي تۇرساق بۇلامدۇ نېمە ؟؟ رەسمىي نۇسخىسىنى 10-ئايلاردا ئېلان قىلىشى مۇمكىن دېگەن گەپ باركەن . بىر نەچچە كۈن ساقلاپ بېقىپ باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ ئاندىن سىناپ باقسام بولغۇدەك .
    ھە راسىت ، مەن كومپىيوتېرىمغا 4 كۈن بولدى يېڭىلانما قاچلىيالمىدىم ، 23.4مىگابايىتلىق بىر يېڭىلانما باركەنتۇق ، ھەر قېتىم قاچىلاپ يېرىمىغا كىلەي دېگەندە 80070003 نۇمۇرلۇق خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ پەقەتلا قاچلىيالمىدىم ، 4 كۈن بولدى ، بۇنى قانداق ئوڭشايمىز ؟؟ بىلىدىغانلار دەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:34
    • http://answers.microsoft.com/zh-hans
      بۇ يەردىن ئىزدەپ بېقىڭ. يەنە جاۋاپ تاپالمىسىڭىز سۇئال قالدۇرۇپ قويۇڭ. تېزلا جاۋابقا ئېرىشەلەيسىز…

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:20
    • ئاۋۋال ئاشۇ خاتالىق چىققاندىن كىيىن ئاستىدىكى خاتالىقلارنى تەكشۇرۇش دىگەن يەرنى چىكىپ كۆرۇپ بېقىڭ ، مىنىڭمۇ شۇنداق چىقىۋالغان ، ئاشۇنداق قىلىپ يۈرۈپ بوپ قالدى…

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى am 01:55
  • قارىغاندا يېڭىلىقلار ئاز ئەمەسكەندە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:16
  • سازدەك قىلىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:01
    • ئالىم مۇئەللىم ۋېن 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچان ئىشەتكىلى بولدىغاندۇ بەكلا ئالدىراپ كىتىۋاتىمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 17:49
      • ۋاي نېمىگە ئالدىرايسىز، ھازىرلا ئىشلەتمىسىڭىزلا، نەپەستىن قالىدىغان جىددىي خەتەرلىك ئىش يوقتۇ؟ بۇنداق گەپنى دېمەي دېسە ئەسلى، دەپ قويسام، قاچان چىقىدۇ؟ ۋاي ئېلان قىلىندىمۇ؟ ئىشلىتەي دېگەن ئىدىم-دەپ سوراپ كېتىدىكەنسىلەر، رەسمىي ئېلان قىلىنسا، جىم-جىمىتلا يوقاپ كېتىدىكەنسىلەر. بۇنداق قىلساڭلار بۇ خىزمەتنى ئىشلەۋاتقانلارنى يۈرەك كېسىلى قىلىپ قويغۇدەكسىلەر. بىرەرسىڭلار تېخى Windows 8.1 نى سىناپ ئىشلىتىش تەسىراتىڭلارنى يوللىمىدىڭلار، بۇنىمۇ مەن يوللاپ يۈرىمەنمۇ ئەمدى؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:31
باھا بېتى: 1 2 3