سىز ئالىمكامغۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

سىز ئالىمكامغۇ؟

[ تاغدىن-باغدىن ]

بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىشلىرىم تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ماشىنامنىڭ بۇ يىللىق سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇردۇم، مۇلازىمەت ئورنىغا ئاپىرىپ چاقلىرىنى يازلىق چاققا ئالماشتۇردۇم، موتۇرنىڭ ئاپتۇلىنى يازلىق ئاپتۇلغا ئالماشتۇردۇم، چوڭ بازاردىكى قۇرۇلۇش بانكىسىغا بېرىش زۆرۈر بولۇپ قالدى، مەن ماشىنا توختىتىش ئۈچۈن چوڭ بازاردىكى كەررىفور تاللا بازىرى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كەلدىم، ئىشىك تۈۋىدە بىرسى ئىشارەت قىلدى، ئۇلار قائىدە بويىچە ماشىنىنى تەكشۈرۈپ كىرگۈزىدىكەن. مېنى كۆرۈپلا «ھە، سىزمۇ؟»-دەپ بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، «بولدى، ماڭسىڭىز بولىدۇ»-دەپ كىرگۈزۈۋەتتى.

ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا، ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى چوڭ ئۆيىگە ماڭدۇق. ئاز قالغاندا، مەكتەپ ئارقا دەرۋازىسىدىكى پۈتۈشكە ئاز قالغان رۈيدا (瑞达) بىناسىدىن ئۆي ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ بېقىش ئۈچۈن كىردىم. بىر بالا ئالدىمغا كېلىپ، «ۋوي ئالىمكامغۇ سىز؟ بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇڭ، سىزنى مەن تېلېۋىزوردا كۆرگەن»-دەپ ئۇرۇندۇققا مەرھەمەت قىلدى.

چوڭ ئۆيدىن يېنىپ، يەنئەن يولى كىتابخانا بىناسىدىكى ئىشخانامغا كىرىپ ئازىراق ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ ماڭدۇق. ساي يولى رېمۇنت قىلىنىۋاتقان بولغاچقا، ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى، ئالدىمىزدىكى ئاچال يول ئېغىزىغا كەلگەندە، دوقمۇشتىكى ۋەزىپە ئىجىرا قىلىۋاتقان ساقچىلار ماشىنامنى توستى، ئاندىن خەنزۇچە «پىراۋىڭىز بىلەن كىملىكىڭىزنى كۆرسىتىڭ»-دېدى. پىراۋامنى ۋە كىملىكنى كۆرۈپلا، ئۇيغۇرچە «ئوخخو، ئالىمكام ئىكەنسىزغۇ؟»-دېدى، ماشىنامنى بىرەر قۇر تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن «ماڭسىڭىز بولىدۇ»-دېدى. مەن: «ھاراق ئىچكەن شوپۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈۋېتىپسىلەر-دە؟ مەنغۇ ئۇنداق زىيانلىق نەرسىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن»-دەپلا ئاستا كېتىپ قالدىم. يېنىمدا ئولتۇرغان قىزىم، ماڭا قاراپ: «دادا، سېنىڭ دوستۇڭ بەك كۆپ ئىكەن-ھە؟ ئۆتكەندىمۇ بېيجىڭغا مېڭىشتىن بۇرۇن ياڭاق مېغىزى ئالغاندا، ھېلىقى ئاكاش ماڭا بىر سىقىم مېغىزنى بېكارغا بەرگەن ئىدى، ھەممىسى سېنىڭ دوستۇڭما؟» دەپ سورىدى. مەن: «شۇنداق، ئۇلار مېنىڭ دوستۇم، بىز ھەممىمىز ئەسلىدە دوست ئىدۇق، لېكىن، بىز باشقىلارنىڭ خىزمىتىنى چۈشەنسەك ئەڭ توغرا بولاتتى، مەنمۇ بىر سىقىم مېغىزغۇ دېمەي، ئۇ باققال ئاكاشقا ئاز بولسىمۇ پۇل بەرگەن بولسام، ياخشى بولار ئىدى»-دېدىم.

لېكىن، باشقىلار تۇنۇۋالسىمۇ ياخشى ئەمەس جايلىرىمۇ بار ئىكەن. قۇرۇلۇش بانكا كارتام ماگنىتىسىزلىنىپ ئىشلەتكىلى بولمىغاچقا، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كارتامنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بانكىغا بارسام، بىر ئۇيغۇر قىزى بار ئىكەن، مەن بارلىق جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ بەردىم، مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ بەردىم، قالدۇق سوممىنىمۇ توغرا ئېيتىپ بەردىم، ھەر ئايدا مۇئاش كىرگەندە، تېلېفونۇمغا كېلىدىغان ئۇچۇرنىمۇ كۆرسەتتىم، ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم قاچان ئىشلەتكەنلىكىمنىمۇ دەپ بەردىم. ئەمما، ئۇ قىز «ئەينى ۋاقىتتا بېجىرگەندە، كىملىك نومۇرى خاتا ئىكەن، ئالماشتۇرۇپ بېرەلمەيمەن»-دېدى. مەن: «ئۇنداقتا، بايا ئۇنى-بۇنى سورىماي نەق گەپنى دېسىڭىز بولمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن يەنە گۇمانلىنىسىلەر؟ بۇ مېنىڭ كارتام تۇرسا، ھەر ئايدا مۇئاشىم مۇشۇ كارتىغا كىرىدۇ، تېلېفوندىمۇ ھەر ئايدا كېلىدىغان ئۇچۇرمۇ بار»-دېدىم، لېكىن، ئۇ قىز: «سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز، كومپيۇتېردا بىر نومۇر خاتا بولسا، كېيىنكى مەشغۇلاتقا ئۆتمەيدۇ»-دەپ تۇرىۋالدى، مەن بارلىق ئۇچۇرلارنى ئىنتايىن توغرا دەپ بەردىم، ئەمما، كارتا بېجىرگەندە، مەن كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىمۇ بەرگەن ئىدىم، بۇنى كومپيۇتېرغا ئەلۋەتتە سىلەر كىرگۈزىسىلەر، بۇ مەندىكى خاتالىق ئەمەس»-دېدىم، لېكىن، ئۇ قىزمۇ شاتۇتىدەك «كىملىك نومۇرى خاتا ئىكەن»-دەپلا تۇرىۋالدى. مەن يەنە گەپ تالىشىشتىن، جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋېلىشتىن خىجىل بولدۇم. چۈنكى، بايا: «سىزمۇ بىلىسىز، كومپيۇتېردا،…» دېدى، مېنى تۇنۇپ قالسا، سەت ئەمەسمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، بۇ مەندىكى خاتالىق ئەمەس ئىدى، ئىچىمدە ھەرگىز قايىل ئەمەس ئىدىم. لېكىن، مەن: «سىز بىلەن گەپ تالاشقىم يوق، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشقا بولىدۇ؟ ئامالىنى كۆرسىتىڭ»-دېدىم. ئۇ قىزنىڭ دېگىنى بۇيىچە، مەكتەپكە بېرىپ، بىر سائەتنىڭ ئىچىدە ئىسپات ئېلىپ كەلدىم. ئىسپاتنى كۆرۈپلا بىردەمدە بېجىرىپ بەردى. مەن ئىچىمدە: «ھازىر تەشۋىقاتلاردا ئادەمنى ئاساس قىلىمىز دەيتتۇق، ئەمما، بۇلار بىر ۋاراق ئىسپاتنى ئاساس قىلدى، ئىسپات دېگەننىڭ يالغىنىمۇ بولىدۇ، نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ساختىسى بار تۇرسا؟ ھەي، مەن كارتىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ھەقىقىي دەپ بەرسەممۇ بېجىرىپ بەرمىدى، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئادەمنى ئاساس قىلىش دېگەندەك يوليۇرۇقنى ئاڭلىمىغان ئوخشايدۇ بۇلار»-دېدىم.

يەنە بىر مىسال: بىر كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تېز تاماقخانىغا كىرىپ، «چوڭ تەخسلىك توخۇ قوردىقى» بۇيرۇتتۇم، ئەمما، دەل شۇ ۋاقىتتا تېلېفون كېلىپ، مېھمانلار كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن دەرھال ئاۋۇ تاماقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆي لەغمىنىگە ئۆزگەرتىپ بېرىڭ دېدىم، بۇ ۋاقىتتا مۇلازىمەتچى قىزچاق مەندىن پۇلنى ئېلىپ بولغان، لېكىن يېنىمدىن تېخى كەتمىگەن ئىدى. ئەمما، ئۇ مۇلازىمەتچى قىزچاق «ئاكا سىزمۇ كومپيۇتېرنى ئوبدان بىلىسىز، قۇلۇمدىكى بۇ ئالقان كومپيۇتېردا كۇنۇپكىنى باسقان ھامان، كەينىدىكى ئاشپەز ئۇستاملار توخۇنى قازانغا سېلىپ قۇرۇشقا باشلايدۇ، لەغمەنگە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ»-دەپ تۇرىۋالدى، لېكىن، بۇ تاماق يېرىم سائەتتىن كېيىن ئاران تەستە چىقتى، مەن ئۆزەم يالغۇز بىر چوڭ تەخسىلىك توخۇنى يەپ ئولتۇرسام، باشقىلار كۆرسە، نەدە ئاچ قالغاندۇ، بۇ بالا-دەپ قېلىشى ئېنىق ئىدى. شۇڭا، يېمەيلا تاماقنى خالتىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدىم.

يەنە بىر مىسال: بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ماشىنا ھەيدەپ يۇرتۇمغا قايتتىم، ئەتىگەن مېڭىپ، كەچ بولاي دېگەندە ئاران كەلدۇق، ئەمما، كىرىش ئېغىزىدا تەكشۈرۈش قىلىۋېتىپتىكەن، ساقچى بالىلار «ۋوي ئالىم مۇئەللىم، قارشى ئالىمىز، ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ كەپسىزدە، بولدى، مېڭىۋېرىڭ»-دەپ ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئالدىراپ ماڭغاندا بۇ ئەلۋەتتە خۇشياقتى.

يەنە بىر مىسال: 6 يىلنىڭ ئالدىدىكى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، يېڭى ماشىنا ھەيدىگەن چاغلىرىم ئىدى. ماشىنا ھەيدەشنى مەشىق قىلىپ، سېرىق چىراقتىن قىزىل چىراققا ئالماشقانلىقىنى كۆرۈپلا تۇرمۇزلىماي ئۈتۈپ كەتتىم، ناۋادا، تورمۇزلىغان بولسام مۇزدا تېيىلىپ يانغا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بار ئىدى، لېكىن، بىر ئوتتۇرا ياشلىق قاتناش ساقچىسى قوغلاپ ئالدىمنى توسۇۋالدى، ئاندىن پىراۋام ۋە كىملىكىمنى تەكشۈردى، ئۇ ۋاقىتتا پىراۋام چىققىلى تېخى بىر قانچە ئاي بولغان ئىدى، ئۇ ساقچىمۇ مۇنداق دېگەن ئېسىمدە: «ئەسلىدە يېڭى شوپۇر ئىكەنمىزدە، تېلېۋىزوردا كومپيۇتېردا مۇنداق مەشغۇلات قىلىمىز، ئۇنداق مەشغۇلات قىلىمىز-دەپ سۆزلەيمىز، ماشىنا ھەيدىگەندىمۇ مەشغۇلات تەرتىپى ۋە قائىدىسى بولىدۇ، قىزىل چىراقنى كۆرسەك دەرھال توختايمىز، ماۋۇ قوش سېرىق سىزىقنى دەسسىمەيمىز، قارىسام تېخى شىنجاڭ داشۆنىڭ ئوقۇتقۇچىسىكەنمىز، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تېخىمۇ ئاڭلىق بولۇش كېرەك ئىدى، بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىڭلار، يەنە تۇتىۋالماي جۇمۇ»-دەپ قاتتىق گەپ قىلىۋەتتى، بەك خىجىل بولۇپ كەتكەن ئىدىم.

يۇرۇتقا بارغاندا، بەزىلەر مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا، شىركەت ئىسمىنى توغرا دېيەلمىسىمۇ، سىز ھېلىقى «ئۇيغۇرچە مېتال شىركىتى»نىڭ باشلىقىغۇ؟-دەپمۇ قويىدۇ، يەنە بەزىلەر بۇ كىشى «ئۈرۈمچى ئەلكاتىپ شىركىتى»دىن ئالىم ئەھەت دەپ تونۇشتۇرىدۇ، شۇڭا، باشقىلار تۇنۇۋالسا يامان تەرەپلىرىمۇ خېلە بار ئىكەن، ھەقىقەت سىز تەرەپتە تۇرسىمۇ، باشقىلار بىلەن تىللاشقىڭىز، ئۇرۇشقىڭىز كەلمەيدىكەن، ناۋادا، بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسىڭىزغۇ تۈگىشىدىكەنسىز، ئېغىر گەپلەر بىلەن سىزنى قاتتىق خىجىل قىلدۇرىدىكەن. زادى دىققەت قىلمىسا بولمايدىكەن. مەن ئىچىمدە «قارىغاندا، ئادىل ھوشۇر، ئابدۇكېرىم ئابلىز، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،….قاتارلىقلاردىمۇ روھىي بېسىم خېلە بار ئوخشايدۇ»-دەپ ئويلۇدۇم.

لېكىن، تۇنۇمايدىغانلارمۇ بار. ئۆتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە يۇرتۇمغا قايتقاندا، بىزنىڭ ناھىيەدىكى چوڭ بازارغا جايلاشقان مەلۇم بىر كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورنىغا USB سىمىنى ئىزدەپ كىردىم، بۇ بالىلار بۇ مۇلازىمەت ئورنىنى تېخى يېڭىدىن ئېچىپتىكەن، قارىسام «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» نى تىزىپ قۇيۇپتۇ. باھاسىنى سورىسام 200 يۈەن دەيدۇ (ئەسلى باھاسى 220 يۈەن ئىدى)، مەن: «سىلەر بىر تۇتاش باھادا ساتمامسىلەر؟»-دەپ سورىسام، «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى يۇمشاق دېتاللارنى بىزگە كۆپ ئەرزان بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2010» چىققان ئىدى، شۇڭا، كونىسىنى دەرھال سېتىپ چىقىرىپ، يېڭىسىدىن مال كىرگۈزمەكچى بولۇۋاتىمىز، ئالسىڭىز يەنىمۇ ئەرزان بېرىمەن-دەيدۇ. مەن ئىچىمدە لۇغەتنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى ياساش تېخى ئەمدىلا باشلانغان تۇرسا، بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۇلار مېنى بەرىبىر تۇنىمايدىكەن، بۇلارنى بىر گەپكە سېلىپ باقاي-جۇمۇ دەپ ئۇيلاپ، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2010» نىڭ قانداق يېڭى ئىقتىدارلىرى بارلىقىنى سوراپ باقتىم. ئۇلار: «سۆزلۈك مىقدارى كۆپەيدى، ئىزدەش سۈرئىتى تېزلەشتى، ئېكراندىن سۆز تۇتۇش ياخشىلاندى، لۇغەتلەرنى تاللاپ ئىزدەش قوشۇلدى،…»-دەپ چۈشەندۈرۈپ بەردى. مەن بۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئەستايدىللىق بىلەن ئاڭلاپ، لۇغەتنىڭ يېڭى نۇسخىسىغا مۇشۇنداق ئىقتىدارلارنى قوشسام بولغۇدەك-دەپ بۇ دۇكاندىن ئايرىلدىم.

ئالدىمىزدىكى ھەپتە تېلېۋىزىيەدە يەنە كومپيۇتېر توغرىسىدا زىيارەت بار دەيدۇ، قانداق قىلسام بولار؟ چىقماي دېسەم يەنە بولمىسا، چىقاي دېسەم ھېلىقىدەك «سىز ئالىمكامغۇ؟» دەپ تۇرسا، ھەي!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
39 پارچە باھا يېزىلدى
  • سىزگە تۈنجى قىتىم ئىنكاس يوللىيالىغىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. سىزگە ئاتاپ قويغان بىرتەكلىپىم بارئىدى، ئۇزۇن بولغان. مۇشۇ تىمىغا يوللىسام مۇۋاپىق كەلگۈدەك .قاراپ باقارسىز.
    سىزنىڭ بانكا كارتىڭىزنىڭ ماگىنىتسىزلىنىپ ئاۋارىچىلىققا يولۇققانلىقىڭىزدىن خۇش بولدۇم(چاقچاق-ھە).سەۋەپ شۇكى ، مەنمۇ ھەم باشقا تالاي كىشىلەر بانكاكارتىسىنىڭ بۇزۇلىشى،يوقاپ كىتىشى…..قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەپلەردىن نۇرغۇن ئاۋارىچىلىققا يولۇققانمىز . مىنىڭ تەكلىۋىم مۇنداق :بانكىدىن كارتا بىجىرىپ بولغاندىن كىيىن ، كارتىنى ئۆيدە ساقلاپ قويۇپ، كارتانومىرى ۋەمەخپى نومۇرئارقىلىقلا مۇئامىلەقىلىشقاتامامەن مومكىن.ئۇسۇلى تولىمۇ ئاددى، بانكىنىڭ ئالاقىدارمەشخۇلات سېستىمىسىنى قايتىدىن تۈزۈپ بەرسىڭىزمىكىن. ئەلبەتتە بانكاتەرەپ بىلەن بولغان ئالاقەۋەھەمكارلىق ھەم مەشخۇلات سېستىمىسىنى تۈزىتىش ياكى قايتىدىن ئىشلەش ئۆزىڭىزدىن بولغاي. بۇئارقىلىق كىلىدىغان ئىختىسادى-ئىجتىمائى ئۈنۈم ، ھەشقاللا-رەھمەتلەرۋەباشقا تالاي…….ئۇ-بۇ لارمۇ ئۆزىڭىزگە نىسىپ بولغاي.خوش، ئامان بولۇڭ. خۇشخەۋىرىڭىزنى كۈتىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:43
    • تور بانكىسى ئىشلەتسە ئەلۋەتتە كارتىنىڭ ئۆزى لازىم بولمايدۇ، پەقەت نومۇرى بىلەن پارولى بولسىلا بولىدۇ، لېكىن تام تۈۋىدىكى پۇلبەرگۈدىن پۇل ئالغاندا كارتا سالماي، نومۇرنى كىرگۈزۈپ پۇل ئالىدىغان قىلسا، پايدا ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن بانكا تەرەپ ۋە خېرىدارغا كەلتۈرىدىغان ئاۋارىچىلىقى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، مۇشۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەر مۇشۇنداق ئامالنى ئويلاپ تاپقان. ئاندىن يەنە پات-پات بانكىنى يوقلاپ تۇرىسىز، قۇلىڭىزدا كارتا بولغاچقا، كارتا ھەققى دەپ بىر ھەقنى ئىجاد قىلىپ يىلدا 10 يۈەن پۇل تۇتالايدۇ. بىر يىلدا 100 مىليون ئادەمدىن بىكاردىن بىكار بىر مىليارد پۇل تاپالايدۇ. كارتامنىڭ ئۆزلىگىدىن ماگنىتسىزلىنىپ كېتىشىنى ئۇلاردىن كۆرىمەن، ئۇلار قەستەن قىلىپ قويغاندەك بىلىنىدۇ، چۈنكى مېنىڭ ئۇ مائاش كارتام يانچوقۇمدا تۇرمايدۇ، ماگنىت بار جايغىمۇ قويغان ئەمەس، بەزىدە يېرىم يىلدىمۇ بىرەر قېتىم قاراپ قويىدىغانغا ۋاقتىم چىقمايدۇ. ئۇلار ئاشۇنداق دەپ ئاۋۇ بولۇپتۇ. ماۋۇ بولۇپتۇ دەپ، ئالماشتۇرۇشقا سېلىپ، ئۆزلىرىنى ئىشلىگەن قىلىپ كۆرسىتىپ، كارتا ھەققى دەپ پۇل تۇتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 23:11
  • ئالم مۇئەللم.. سالامەت تۇرۋاتامسىز… مەن بۇندىن نەچچە يىل ئاۋال سىزنىڭ .. ئاكڭىز ياسن ئەھەد بىلەن بىرلشپ يازغان كومپىيوتىر ئىنگلز تىلى دىگەن كتابڭىزنى كۈرگەندىن كىيىن كومپىيوتىر دىگەن بۇ نەرسەھەققدە يۈزەكى چۈشەنچگە ئىگە بولغان .. ھەم كومپيوتىر كەسپدە ئۇقۇش قارارىغا كىلپ ھەتتا خىزمتمدىنمۇ ۋازكىچپ ئۈرۈمچگە يول ئالغان ئىدىم..كىشلك ھاياتتا ئادەتتكى بىر قېتملق تاللاشمۇ بىر ئادەمنىڭ تەقدىرنى ئۆزگەرتشكە تامامەن يېتپ ئاشدىكەن.. شۇنىڭ بىلەن منىڭ تەقدىرىم تۈپتىن ئۈزگرىپ كەتتى… بەزىدە بۇ ئىشلارنى بىر چۈشتەكلا ئويلاپ قالمەن… ئويلاپ باقسام شۇ قېتملق تاللشىم منىڭ ھاياتمدا ئۈزەم پەخرلندىغان بىردىنبىر قلغان توغرا ئىشم بولسا كىرەك….. بلۈگڭىزنى ئوبدان ياسۋاپسىز.. سىزگە سالامەتلك تىلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى am 01:10
  • چولپانلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى .مەن جېنىمدا ئۆيۈمدىن بازارغا بارماقچى بولسام ئەسلىدىكى ۋاقىتتىن ئاز بولغاندا يېرىم سائەت كىيىن بارىمەن ، كەچتە ئۆيگە كەلسەم كۆپىنچە ۋاقىتتا بىر ئىككى ئادەم ئىزدەپ كىلىدۇ .
    بۇلارغا بىر تۇرۇپ ئاچچىغىم كىلىدۇ، ئاچچىغىم كەلسىمۇ قۇلۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن . ئاچچىغىم كېلىشىنىڭ سەۋەبى يانفۇنىنىڭ سائىتى خاتا بۇلۇپ قالسىمۇ ، كەلگەن تىلفۇن ناخشىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىمۇ تاغدىن باغدىن گەپ قىلىپ ، شۇ ماركىنى سۈرۈشتۈرۈپ (دۆلەت تەۋەلىكىدىن تارتىپ ) ئاۋارە قىلىدۇ ، بىر يىل ئىلگىرى يان قوشنىمىزغا كومپىيۇتېردىن بىرنى ئېلىشىپ بەرگەنىدىم ، بېشىمغا پىت تېرىۋالدىم… شۇنىڭدىن كېيىن مۇ مەھەللەمدىكىلەر تىنىچ قويماي كومپىيۇتېر، يانفۇن، DVD ئاپاراتلىرىدىكى مەسىلىلەر چىقسا مىنى ئىزدەپ ، ئىلىكتىرونلىق ئۈسكىنىلەرگە بولغان قىزىقىشىم تۈۋەنلەپ كىتىۋاتىدۇ … بىر كۈن ئارامچىلىق يوق ، قاقشايمەن … قاقشايمەن … شۇنداق تۇرۇقلۇق تاماق يەۋاتقان بولسام ساقلاپ تۇرۇڭ دىمەي ، تاماقنى قۇيۇپ ماڭىمەن ، بەزى تېخى تىلفۇن قىلىپ ئۆيىگە كىلىشىمنى ئېيتىدۇ زاڭلىق قىلغاندەك …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى am 01:27
  • ئالىم ئاكا ،سىزنىڭ ئۇيغۇر كومپيوتىرچىلقغا چوڭ تۆھپىلةرنى قوشقانلىقڭزغا كۆپ رةھمةت .سىزنىڭ بۇ بىلوگڭىزنى پات -پات ئارلاپ تۇرمةن.ھةم سىزنىڭ قىزىق ،قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ سورۇننى قىزتىپ تۇرشڭىزنى ،بىزگة ياخشى بولغان ئىديلةرنى تةشۋىق قىلىپ تۇرشڭىزنى ئۈمۈد قىلمةن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:08
  • شۇنداق، ماشىنا يۇيغاندا دېمىگەن بولسا، كارىم يوق مېڭىۋېرىدىكەنمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:06
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    يازلىق چاقنى ئەمدى ئالماشتۇرغانما ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:12
  • ئالىمكا ، سىز مىللىتىمىز ئۈچۈن ئاز ئەجىر سىڭدۈرمىدىڭىز، كۆڭلۈمدىكى گەپنى قانداق ئىپادىلىشىمنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. ئىشقىلىپ سىزگەبولغان ھۆرمىتىم بەك چوڭقۇر.باسقان ھەربىر قەدىمىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن ، سىزنى بىز ئۇيغۇر خەلقى قوللايمىز!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 19:44
  • سىز ئالىمكامغۇ؟ مەن بولسام ئەسسالامۇئەلەيكۇم دەيتتىم ياكى مېنى تۇنۇمىغاندىكىدىن ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاۋارە قىلماي ئۆتۈپ كېتەتتىم. بۇ يازمىڭىز ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن.
    ئاق نەرسە ئاسان كىرلىشىدۇ، ئۇزۇن تاياق ئاسان سۇنىدۇ. ئاق كىيىمىڭىزنى ئاۋايلاپ كىيىڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 13:48
  • نېمىشقا شۇنداق چوڭ سۈپەت ، ئېسىل چىققان بلوگكىن دېسەم ، ئەسلى شۇنچىلىك ئاددىي ئىكەنغۇ ، ئەسلى قانچە ئاددىي بولسا ، شۇنچە ئېسىل چىقىدىكەندە !
    بۇ ھەقىقەتەن چىنلىققا تولغان ، تۇرمۇشتىكى قىززىقارلىق ھەم ئويلانغۇدەك ئىشلار ئىكەن !

    ئالىم مۇئەللىم ، مۇبارەك بولسۇن ، مەن بلوگ ئارىلىمىغاچقا ، ئەمدى كۆرۈپتىمەن ! بۇندىن كېيىن ئۆزلۈكۈمدىن ئادىرىس بېسىپ ، پات – پات كېلىپ تۇرغايمەن ! اللە ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ! تېخىمۇ زەپەر قۇچۇڭ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى am 05:40
  • ھازىر نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار ئېنگلىز تىلى ئۆگۈنۈش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ، باشقا بىلىملەرنى ئۈگۈنۈشكە سەل قاراپ قېلىۋاتىدۇ. كومپىيۇتىر مەلۇم بىر تىلىدا ياخشى پىروگىرامما يازالايدىغان بالىلارنى تاپماق خېلى تەس.ئېنگلىز تىلىنى ياخشى ئۈگۈنۈپ بولساق، پەن-تېخنىكا ۋە كومپىيۇتىر (چ چ لا ئەمەس) ئۈگۈنۈشكە ۋاقىت چىقىرايلى.شۇنداق قىلساق ئالىم مۇئەللىمنىڭ تەلىپىگە ئويغۇن كىلىدىغانلار چىكىپ قالار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى am 02:10
  • ھا ھا ھا!!! راستىنلا قىزىقارلىق ئىشلاركەنغۇ بۇ!! ئارتىس بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋايكەن ئەمىسە ھى ھى ھى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 14:53
  • ياخشىمۇسىز ئالىمجان مۇئەللىم،ئالىمجان مۇئەللىم دېسەم تازاياخشى ئاڭلانمايدىكەن ،خۇددى ئالىمجان بولۇمسىزمۇ دىكى ئالىمجان دەپ ئاتىغاندەك يانىلا ئالىم مۇئەللىم دېسەم بولغىدەك،سىزدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن سوراپ باقسام شېركىتىڭىزگە بېرىپ پىراكتىكا قىلىپ باقساق بولامدۇ،ئەلۋەتتە ھەقسىز ،لېكىن كومپيۇتىربىلىمىم ئانچە چوڭقۇرئەمەس،شۇڭا مەنمۇ ئىش قىلىشنى ئۆگەنگەچ يەنە بىرتەرەپتىن ئۆزەمگە ئازراق بېسىم ئېلىپ كەلسەم تېزراق ئۆگىنەلەيمەنمىكىن دەپ ئويلىغانتىم .
    ھەركۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېرىپ پىراكتىكا قىلىپ قىلسام قانداق بولار ؟بىرھەپتە بولسىمۇ مەيلىتى . قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:25
  • ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال شېركەتلىرى يېڭى ئېچىلغاندا، كۆپرەك جەنۇبى شىنجاڭدا بازار ئەھۋالىنى تەكشۈرگىلى كېلەتتى. ئەمما «ئالىمكام»نى ئاقسۇغا تەكلىپ قىلىپمۇ زادىلا ئەكىلەلمىدىم دېسە…..
    ئەسلى «ئالىمكام»شايارغا كېلىپلا ، ماشىنىنىڭ مېيى تۈگەپ كەتمىسۇن دەپ ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېتىدىكەن ئەمەسمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 02:03
    • نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئاتا-ئانامنى كۆپ يوقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، ۋاقتىم بولسىلا ئۇدۇل شايارغىلا بېرىپ تۇرىۋاتىمەن، باشقا يەرلەرگە بېرىشقا پۇرسەت كۆپ بولمىدى. يازلىق تەتىلدە خۇدايىم بۇيرىسا، ئاتا-ئانامنى ئېلىپلا ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەنلەرنى ئايلىنىپ كېلەي دەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:16
  • سىزنىڭ بلوگ يېزىشتىكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبىڭىز بەك ياقتى، ئادەمگە كۆڭۈل ئازادىلىك بېغىشلايدىكەن، بلوگنىڭ خەت نۇسخىسى، خەت چوڭلۇقىمۇ شۇنداق راھەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:37
  • مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى دا ئۇقۇغۇچى ،كەسپىممۇ كومپيوتېر… سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم… سىز نى بەك سىر لىق ھېس قىلاتتىم، ئەملىيەتتە بەك خوش پىئل كەنسىز ~~

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:23