مىكروسوفت TechEd2012 يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
[ IT خەۋەرلىرى ]بۈگۈن يەنى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن مىكروسوفت TechEd2012 تېخنىكا تونۇشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. 2012-يىلى مىكروسوفت تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق مەھسۇلات تارقىتىش يىلى ھېسابلىنىدۇ. يىغىندا مىكروسوفتنىڭ ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. Windows 8 قاچىلانغان كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر،…قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىندى.
Windows دۇكىنىدا ھەقلىق ئەپ يوللىسىڭىز، مىكروسوفت %30 نى تۇتۇپ قالىدۇ، سودا قىممىتى 25000 دوللارغا يەتسە، مىكروسوفت %20 نى ئالىدۇ، سىزگە %80 ى قالىدۇ. مىكروسوفت يەنە جۇڭگو كۆچمە، 支付宝 قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، خېرىدارلارنىڭ ئەپ سېتىۋېلىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرماقچى ئىكەن.
بۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم ۋە سىنلارنى بۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭ.
http://teched.zol.com.cn
ئالدىنقى ھەپتە مۇشۇ يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك تېمىدىكى بىر ئىنكاسقا جاۋاب بەرگەندە، بۇ يىغىندا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ ئېلان قىلىنمايدىغانلىقىنى دېگەن ئىدىم، شۇڭا خەۋەردار بولۇپ قېلىڭلار. ئەمما 2-قېتىم (ياكى 3-قېتىم)دا تارقىتىلىدۇ. 1-قېتىمدا يەنى بىر ئاي ئىلگىرى 57 تىل بولىقىنى تارقاتقان ئىدى، كېيىنكى 50 نەچچە تىل بولىقىنى 2-قېتىمدا (ياكى 3-قېتىمدا) بۆلۈپ تارقىتىدۇ، ئۇيغۇرچە شۇنىڭ ئىچىدە بار، بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت قالمىدى، سەۋر قىلىڭلار.
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,982 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:12
- ئالدىنقى يازما :قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر زاپچاسلىرى كۈندىلىك باھا ئۇچۇرى
- كېيىنكى يازما :قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى
ئالىم مۇئەللىم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تىنىڭىزگە سالامەت.تۇرمۇشىڭىزنىڭ كوڭۇللۇك بولىشىنى.خىزمىتىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولشىنى تىلەيمەن.ئانا تىل ئۇچۇن قىلغان.جاپالىق ئەمگەك مىۋىڭىز ئۇچۇن سىزدىن چىن دىلىمدىن كوپ مىننەتتارمەن.ئۇلۇغ ئالاھ ھەر قايسى جەتتىن ئىشلىرىڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
مۇئەللىم سىزدىن ئىككى مەسلىنى سورۋالاي دىگەن .
مەن Windows 8بىرنى سىتۋالغان.يەنە بىرنى سىتىۋىلىپ زاپاس ئىلىپ قوياي دىگەن قانداق ئۇسۇلدا سىتىۋالىمەن.
يەنە بىرىWindows 8نىڭ خەرىتە ئورۇن بەلگىلەشنى باسسام ئورۇن بەلگىلەشنى بەلگىلەڭ دەپ تۇرۋالدى. قانداق ئۇسۇلدا بەلگىلەيمەن.ياردەم قىلسىڭىز رەخمەت سىزگە؟
بىرنى قانداق ئالغان بولسىڭىز، شۇنداق ئۇسۇلدا يەنە بىر ئېلىپ زاپاس قويۇپ قۇيۇڭ، پايدىسى چىققاندا ساتاي دەپسىزدە (چاقچاچ)
كومپيۇتېرىڭىز تورغا ئۇلانغانمۇ؟ ئورۇن بەلگىلەشنى باسسىڭىز، خەرىتىدىن جايىڭىزنى تېپىپ بېرىدۇ.
«ئەپ » دىگەن سۆز نىمىنى كۆرسىتىدۇ. يۇمشاق دىتال دىگەن گەپمۇ؟« ئەپ بازىرى »دىگەنچۇ؟ Windows نىڭ ھەقسىز ئەپ دۇككىنىىنى نەدىن ئاچىمىز،،،،،،،،
سىز Windows8 نى ئەمدىلا ئىشلىەتكەن ئوخشىمامسىز ؟ «ئەپ»دىگەن يۇمشاق دىتال دىگەن گەپ ، «ئەپ بازىرى» ەىگىنىمىز دەل Microsoft شىركىتى مەخسۇس Windows8 ئابۇنىتلىىرى ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئەپ چۈشۈرۈش دۇككىنى ، «Windowsنىڭ ھەقسىز ئەپ دۇككىنى» بۇ دۇككان ھەقلىق دۇككان ۋە ھەقسىز دۇككان دەپ ئايرىلمايدۇ ، ئەپ دۇككىنغا كىرىپ ھەقسىز رايۇننى تاللىسىڭىز ياكى تۈر تاللاپ بۇلغاندىن كىيىن ھەقسىز ياكى ھەقسىز ھەم سىناپ ئىشلىتىش دىگەن تۈرىنى تاللىۋەتسىڭىز كۇپايە ، ياكى بۇنىمۇ چۈشەنمىسىز ھەقلىق ئەپلەرنى چۈشۈرگەندە سىز ئاۋال پۇل تۆلەپ ئاندىن چۈشۈرىسىز ،
应用商店 مانا مۇشۇ ئەپ بازىرى شۇ… مۇشۇ يەردىن ئەپلەرنى چۈشۈرۋالسىڭىز بولىدۇ… ئۈستەل يۈزىدىلا بار، كۆزىڭىزنىڭ ئىچىدىلا….
ئەسلى باھاسىغا قايتسا سېتىۋالىدىغانلاردىن سېتىۋالمايدىغانلار جىقلاپ كېتىدۇ دە.
مەنمۇ 20 دىن ئارتۇق تورداشقا ئېلىپ بەردىم مۇشۇ win8 نى. ئۆزۈممۇ 2 نى ئېلىۋاتىمەن، كېيىن ئۆسۈپ كەتسە چىقىش قىلىپ بولالماي قېلىشتىن قورقۇپ. ئەسلى ماۋۇ جۇڭگو بازىرىنى قولدىن بەرمەي باھانى يۇقىرلاتماي قولاي ھالدا سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرسا بەلكىم يەنە سېتىلىش مىقدارى يۇقىرى ئۆرلەپ قالا بولغىيتتى. تېخى نۇرغۇن باللا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقسا ئالىمەن دەپ ئولتۇرىدۇ ئۇ چاغدا ئۆسۈپ كەتسە ئالالماي قالارمىكىن دەيمەن. قۇتيار ۋە نۇرقۇتتا بېلەت تاشلاپ باقسام تىل بولات چىققاندا ئالىمەن دېگەنلەر 2-ئورۇندىكەن. ئۇلار زىيان تارتىپ قالىدىغان بولدى دە ئەمدى.
ھازىر باھاسى ئاران 248 يۈەن بولغاچقا ئالغۇسى كەلگەن ئادەم ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بولمىسىمۇ ئېلىۋېرىدۇ، باھانىڭ ئۆسىدىغانلىقى ئېنىق.
شۇنداق، يوقىلاڭ باھانە تېپىپ يۈرىدىغۇ بۇ باللا.
قانداق سېتىۋالىدۇ مەن بىلەلمىدىم ماڭا ئۇچۇر قىلىۋەتسىڭىز رەخمەت 13899014575
چچ 915503964
http://www.qutyar.net/mb/thread-4615-1-1.html
ماۋۇ تېمىدا قانداق سېتىۋېلىش ھەققىدە ئۇچۇرلار بار.
كاساپەت paypal غا ئىسىم فامىلىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى چېكىت شۇنداقمۇ تاقىشىپ كەتتى . بانكىدىن كارتا بېجىرگەندە ئىسم فامىلىنىڭ ئۆتتۇرسىغا چېكىت ئاپتىكەن paypal دېگەن ئەبلەخ تىزىملاتقىلى قويمىدى.
ئىسىم بىلەن تەگئاتنىڭ ئوتتۇرىسىدا چېكىت بولسا ئاۋال چېكىت يوق ھالەتتە خەتلىتىڭ، ئاندىن تەپسىلىي ئۇچۇردىن باشقا ئىسىم دېگەن جايغا ئاۋۇ ئوتتۇرىسىدا چېكىت بار ھالەتنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بانكا كارتىسى بىلەن پەيپالنى ئۆز ئارا ئۆتۈشتۈرۈش، مۇشۇ جەريان سەل تەس. ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى چېكىت تاقىشىدۇ، ئامال بار بانكا ھېساباتىڭىزغا كىرىپ ئىسىمنى شۇ جايدىن كۆچۈرۈپ ئېلىڭ شۇنداق بولغاندا خاتا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
تەپسىلى ئۇچۇر دىگەن يەر تىزىملىتىدىغان ۋاقىتتا چىقامدۇ. چېكىت يوق تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن قانداق قىلىمىز؟
مىڭ تەستە باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزۈمگە سېتىۋالغان ئىدىم . ھازىرچە ئۇيغۇرچە بولمىغاندىكىن دوسلىرىم زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئۇيغۇرچە بولىدىغانلىقىنى كۆرمىگەچكە سېتىۋېلىش ئىددىيىسىدىن تازا ئۆتمەيۋاتىدۇ .مەن ۋە دوسلىرىم كومپىيۇتېرنى خەنزۇچە خەتلەرنى شەكلىگە قاراپ ساناپ بېقىپ پەرقلەندۈرۈپلا ئىشلىتىپ كەلدۇق . ئۇيغۇرچە تىل بولىقى باھا ئۆسۈپ كەتكىچە تارقىتىلسىلا بولاتتىغۇ
ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىدىكى چوڭ ئېكرانلىق بىر كومپيۇتېرغا Windows 8 ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ قويدۇق، ئۈرۈمچىدىكىلەر كېلىپ خالىغانچە كۆرۈپ، ئىشلىتىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز. ئاندىن مىكروسوفت بېكىتىدىن سېتىۋالساڭلارمۇ بولىدۇ.
مەن بۈگۈن بېرىپ كۆرۈپ كەلدىم ،ھەقىقەتەن مېنى تەسىرلەندۈردى ، كۆرۈپ تۇرسام ئالىمجان مۇئەللىم ،سىز كەلگەنىدىڭىز ،گەپ قىلاي دەپ ،قىلمىدىم ھى ھى
لېكىن بىرەرمۇ سوئال سورىماي كېتىپ قاپسىزدە؟ ئالىم مۇئەللىم سوئال سوراپ تۇرىدىغانلارغا ئامراق. شۇڭا تىجارەتچى ئەمەس، مۇئەللىم دەيمىز.
سوراپ بولغۇچە سىرتقا چىقىپ كەتكەنىدىڭىز ،شۇنىڭ بىلەن كېتىپ قالدىم ،ھە راست مۇئەللىم ،ئەگەردە ئۇيغۇرلاردىن windows8نى سېتىۋالىدىغانلار جىق بولسا ،ئۇلارمۇ نەشر يېڭىلىغان ۋاقىتتا ، ئۇيغۇرچە نۇسخىغا eotتونۇتىۋېتەرمۇ؟ مەن ئالدىنقى ھەپتە رەسمىي نەشرىنى سېتىۋېلىپ ئۆيدىكى كومپىيوتىرغا قاچىلىغان ،ئېكرانى 22سۇڭ ئىدى ، شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنگەن ،تۆنۈگۈن سىلەرنىڭ ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلىمىدىكى چوڭ ئېكرانلىق كومپىيوتىردا كۆرۈپ باقسام ،تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈندى ،شۇنىڭدىن قارىغاندا بىز چوڭ ئېكرانلىق كومپىيوتىر ئىشلەتسەك ، eotتونۇتمىسىمۇ بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم ( يا مېنىڭ كۆزۈمنىڭ رەڭگى كۆك بولغاچقا ماڭا شۇنداق بىلىندىمۇ ؟ چاقچاق جۇمۇ .)
eot دېگەن گەپنى ئەمدى سۆرەپ يۈرسەك قاملاشماسمىكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ مىكروسوفتنىڭ خادىملىرىنىڭ 10 يىل بۇرۇن ئويناپ تاشلىۋەتكەن تېخنىكىسى، ئۇنى ھازىر بىزدىن باشقىلارنىڭ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلمىدىم. بىزنىڭمۇ ئۇنى تاشلايدىغان ۋاقتىمىز كېلىپ قالدى، ئۇنىڭ ئورنىغا Windows 9 دا ئۇلارنىڭ تەلىپىگە لايىق ئۇيغۇرچە Open Type خەت نۇسخىسى ياساپ ياكى ئۇلارنىڭ ياساپ بېرىشىگە تىرىشىپ باقساق ياخشىمىكىن.
دېمىسىمۇ شۇ ،بىزنىڭ بۇ يېزىقىمىزنى كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈش سەل ئاۋارچىلىق ،مېنىڭچە بولغاندا بۇ ئىشلار ھامان بىر تەرەپ بولىدۇ ،لىكىن شۇ باشلاش ئۆزىمىزدىن ،ئەگەر بىز تىرىشمىساق باشقىلار بىزگە قىلىپ بەرمەيدۇ ، windows7 بولسا 2009-يىلى ئېلان قىلىندى ،windows8بولسا 2012-يىلى ئېلان قىلىندى ،ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا 3يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت پەرقى باركەن ،يېقىندا مىكروسوفت windows9نى تەتقىق قىلىشنى باشلاپتۇ ،بەلكىم كېيىن دېگەندىمۇ تۆت يىلدا يەنى 2016-يىللىرى ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن .
ئالىمجان مۇئەللىم ،ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈش ،windows8گە ئۇيغۇر تىل بولىقى قېتىش داۋامىدا سىز كۆپ جاپا چەكتىڭىز ،رەھمەت سىزگە.
12-ئاينىڭ6-كۈنى مەن مىسرانىم مۇنبىرىدە سىز قانداق مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىسىز ناملىق بېلەت تاشلاش تېمىسى يوللىغان (تېما ئادرىسى:http://bbs.misranim.com/thread-93313-1-1.html) بۇ تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى 1500قېتىمدىن ئېشىپتۇ ،بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا 248يۈەنلىك windows8نى سېتىۋالغانلار ئاران 9.59%نى ئىگىلەپتۇ ،كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ باھاسىدىن قارىغاندا ،ھەتتا windows8نىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلارمۇ بار ئىكەن ،كۆپ قىسىم تورداشلار بىز windows7نىڭ ھەقىقىسىنى ئىشلىتىمىز دېگەن گېپى ماڭا قىپقىزىل يالغان تۇيۇلدى ،چۈنكى 248كويغا ئېتىبار باھادىن پايدىلىنىپ windows8نى سېتىۋېلىشقا چىدىماپتۇ يۇ ،ئەجەپ ئائىلە ئادەتتىكى نەشرى 500يۈەندىن ،بايراقدار نەشرى 100يۈەندىن يۇقىرى بولغان windows7نى سېتىۋالغىلى چىداپتۇ ،مەن بۇ گەپتىن ئازراق گۇمانلىنىپ قالدىم ،ھازىر پۇل يوق ،ئۇ ،بۇ دەپ ئولتۇرۇپ ،كېيىن ئەسلى باھاسىغا قاېتىپ كەتكەندە ،ۋاي داد دەپ ئۇنى سېتىۋېلىشقا ئەسلا چىدىمايدۇ .
شۇنىڭدىن قارىغاندا مەنمۇ يەنە بەش ئالتىنى سېتىۋالسام بولغۇدەك ،كىيىنچە پايدىسى چىققاندا ،سىز بىلەن تەڭ بۆلۈشىمىز (چاقچاق جۇمۇ )
ئالىم مۇئەللىم ھازىر ئىزچىل باشقېتىنچىلىقى يەنىلا شۇ windows8 گە پۇل تۆلەش بوپقالدى ، ياكى 支付宝.银联 تۇنىمىغان ئىناۋەت كارتىنى تېخى بىجىرگىلى بولمىغان باش قاتتى مۇمكىن بولسا مۇشۇنى بىر ئىنكاس قىلغان بولسىڭىز يۇقۇرغا
دېمەي قالامدىم دەيمەن، ئۇلار بىلوگىمدىكى گەپلەرنى چۈشەنمىسىمۇ، ئاۋۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
ئۇلار بىلەن تېلېفون سۆھبىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە كېلەر يىلىنىڭ بېشىدا ئادەتتىكى بانكا كارتىسىدىنمۇ تۆلەيدىغان قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، پەرزىمچە 2-،3-ئايدا. لېكىن بۇ ۋاقىتتا ئەسلىي باھاسىغا قايتىپ، 1000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ.
قىزىقسىڭىز سىزگە بىر ئۇچۇر بىرەي. http://www.shop.edu.cn ما تور بىتىدە windows 8 +office 2010نى 347 يۈەنگە، windows 8+windows 8+officeنى 545 يۈەنگە سىتىۋالالايسىز. قىزىقسىڭىز كۆرۈپ بىقىڭ، ياكى بىزدەك ئوقۇغۇچى باللار بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇلار دىسكىسىنىمۇ تەمىنلەپ بىرىدۇ، مەن قايسى كۈنى windows 8 +office 2010نى 347 يۈەنگە سىتىۋالدىم.
مىنىڭچە ئۇيغۇرچە تىل بۇلقى چىقىدىغانغا ناھايىتى ئاز قالدى ، كىچىككەندىمۇ يېڭى يىلغىچە چىقىپ بۇلدۇ، ئۇلارمۇ يىللىق خۇلاسە قىلدىغاندۇ.بىر بولسا مۇشۇ يېڭى يىللىق سوغىمىز بۇلۇپمۇ قالار. بۇ مىنىڭ شەخسى قارشىم جۇمۇ!!
سىز بۇ ئىچكى خەۋەرنى نەدىن ئاڭلىدىڭىز؟ ئىنگلىزلارمۇ يېقىندا بايرام قىلىپ دەم ئالىدۇ. بۇنى ھېس قىلغان ئادەم سىزدەك ئاز قېلىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ.
قانداق قىلىمىز ئەمدى… خۇددى بالا ئانىسىنى سېغىنغاندەك، ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ئانا تىلىغا نەقەدەر تەشنا بولغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھېسسىياتىنى چۈشەنگەنسىز…
شۇنداقلا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ قانچىلىك ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىڭىزنى بىزمۇ ھېس قىلىۋاتىمىز….
سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن… ھەممىمىز سىز بىلەن بىرلىكتە كۈتەيلى
مۇشۇنداق تەستە بەرسە قەدرى بولارمىكىن دەيمەن.
بەك ساقلاپ كەتتۇق.قاچانمۇ چىقا شۇ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى
ئۇنداقتا ئەتىدىن باشلاپ كۈن ساناپ بېقىڭ 50 كىچە،
ۋاي، مۇئەللىم بېيجىڭغا كېلىپ بوپسىز دە؟ مەرھابا! قارشى ئالغىلى چىقالماپتىمىز ، ئۆزۈر!
بۇ يىغىنغا بىزمۇ قاتناشساق بولامدىكەن؟ قاتنىشىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر كېرەك ئىكەن؟ بېيجىڭدا قانچە كۈن تۇرۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن؟ (كۆرۈشكىلى ئىمكان بارمىدۇ؟)
ئۆپكىسى كىتىپ كانىيى قالغاندا چىدايمىز ئەمدى، چوقۇم ياخشى چىقىدۇ دەپ ئىشىنىمىز، بىراق شۇ ئادەم ئازراق تەقەززار بولۇپ قالىدىكەن. ھى ھى ھى…
سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئالىم مۇئەللىم ئاللاھ ئىشلىىمىزنى ئاسان، مۇۋاپپىقىيەتلىك ۋە مەڭگۈلۈك قىلسۇن!
ياخشى باشلىنىش يېرىم مۇۋاپپىقىيەت.ياخشى بوپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،سىزدىن تىل بولىقىنىڭ ئىلان قىلىنىش ۋاقتىنى سوراپ جىلە قىلىپمۇ قويغاندەك تۇرىمىز،ھى ھى… يەنە ساقلايمىز،ھەم ئىشىنىمىز،ئامان بولۇڭ!ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ،بىزگە يەنە سىز لازىم،خۇشۋاق بولۇڭ!
بۇنىڭغا بىز ئالدىرمايمىز. مىنىڭ يەنە شۇ دەيدىغىنىم ئىسىل ،مۇكەممەل چىقسىلا قانچىلىك ساقلىساممۇ مەيلى.