udict.cn «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

udict.cn «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» ھەققىدە

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى (سىناق) تۇنجى نەشرى 2007-يىل 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، زىيارەت مىقدارى داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ناھايىتى ياخشى قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ پىكىرلەر ئاساسىي جەھەتتىن بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
(1) بۇ تور لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئېھتىياجىمىزدىن چىقىدىكەن.
(2) كۆرۈنۈش لايىھەسى ئانچە ياخشى ئەمەس.
(3) ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تېخىچە كونا ئىملادا ئىكەن.

مەن بۇ جەھەتتە ئازراق چۈشەنچە بېرەي:
بۇ تور لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك مىقدارى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007»(كېيىن 2008 گە يېڭىلاندى) (ئۈچ تىللىق) بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، بۇ جەھەتتە سىزنى ئەلۋەتتە رازى قىلىدۇ، كۆرۈنۈش لايىھەسىنى ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007 (ياكى 2008)نىڭ ئېكران كۆرۈنۈشىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكىنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئىدۇق. بۇنداق قىلساق ھەقلىق سېتىۋالغان خېرىدارلىرىمىزنىڭ ئىشلىتىشى تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. ھەقسىز ئىشلەتكەنلەر بۇنى كۆرۈپ، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋېلىشى مۇمكىن. كۆرۈنۈش لايىھەسى ياقمىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى لايىھەسىنى ئەۋەتىپ بەرسە بىز تېخىمۇ خۇشال بولاتتۇق.

2009-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېڭى ئىملا لۇغىتى ئېلان قىلىنىپ، يېڭى ئىملا قائىدىسى 2010-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. ھازىر يېڭى ئىملا قائىدىسى ئومۇملىشىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمۇ ئىملا ئۆزگەرتىش ئىشىغا دۇچ كەلدى. خېرىدارلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەكلىپ-پىكىرى ھەقىقەتەنمۇ ئورۇنلۇق. ئەمما بۇنداق زور مىقداردىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئۆزگەرتىش ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس ئەمەس. بۇنىڭغا بىرنەچچە يىل كېتىشى مۇمكىن. يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئىشلەنگەن «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0» يېقىندا رەسمىي پۈتتى. ئەمما پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئىملا تۈزىتىدىغان ئىش يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
67 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىمجان مۇئەللىم، بىز قاچان بۇ يېڭى سېستىمىدا سىزنىڭ لۇغەت دېتالىڭىزنى ئىشلىتەلەيمىز؟
    بۇرۇنقى سېتىۋالغانلىرىمىز بۇنىڭدا ئىشلىمەيدىكەن.. ئىشلەيدىغان نۇسخىسىنى قاچان يەتكۈزۈپ بېرەرسىز…_(پۇلغا..؟؟)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:51
  • دىگەندەك كۈرۈنمە يۈزىگە ئازىراق كۈچەپ قويسا،باشقا چوڭ مەسلە يوق.
    ھە راسىت ئالىم ئەھەت ئەپەندى ،لۇغەتنىڭ ئىقتىدار ۋە سۆزلۈك مىقدارىغا چەك قۇيۇلغان ئاساستا يۆتكەلمە نۇسخىسنى چىقىرىشنى ئويلىشىپ باققان بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:44
  • مۇشۇ ئۇيغۇر سوفىت مەھسىۇلاتلىرنى توردا سېتىۋىلىش پەقەت قۇلاي ئەمەس جۇمۇ،ھەي……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:26
    • ھازىرچە مۇنداق سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، سېتىش بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، كارتا نومۇرىنى سوراپ پۇل ئەۋەتسىڭىز، شۇ كۈنىلا سىزگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 20:07
  • باشقا ئوشۇق تەكلىپ يوق بىر تەكلىپ ؛ خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە بىر سۆزنى يىزىپلا ئىزدەشنى باسماي ئىنتىرنى باسساق ئىزدەشنى بىسىش بىلەن ئوخشاش . لىكىن كونۇپكا تاختىسىدىلا پۇتىدىغان بىر ئىش شۇنى قىلىپ بوپ مائۇستا يەنە ئۇيغۇرچە خەنزۇچە دىگەن يەرنى چەكمىسەك ئىزدىمەكچى بولغان سۆز چىقمايدۇ . مىنىڭچە ئۇيغۇرچە يازسا خەنزۇچە مەنىسى ئۇستىدە ، خەنزۇچە يازسا ئۇيغۇرچە مەنىسى ئۇستىدە چىقىدۇ . شۇڭا ئىزدىمەكچى بولغان خەتنى يىزىپلا ئىنتىر كونۇپكىسىنى چەكسە شۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چىقىرىپ بەرسە ئىنگىلىزچىنى تاللايدىغانلار ئۆزى ئايرىم باسسا دىمەكچى .
    ياكى ئۇستىدە سىرىلما كۆزنەكتىن بىرنى قىلىپ قايسى تىلنى قايسى تىلغا ئۆرۈش دىگەننى تاللىۋەتسە ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنى يىزىپ ئىنتىرنى باسسىلا ئىكراندا ئىزدىمەكچى بولغان سۆزنىڭ مەنىسى كۆرۈنسە دەيمەن .
    بۇ ئارتۇقچە ئىقتىدارمۇ ئەمەس . خالاس بىر قۇلايلاشتۇرۇش دەپ قارايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:46
  • سالام ئالىم مۇئەللىم! بولسا مەھسۇلاتلىرىڭىزنى توردىمۇ سېتىۋالغىلى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى، ھەم قۇلايلىق. مەنمۇ مۇشۇ يېڭى لوغەتنى ساقلا ۋاتىمەن. لوغەت بولمىسا نۇرغۇن خەتلەرنى خاتا تەرجىمە قىلىپ قويىدىغان ياكى خاتا يېزىپ قويىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدىكەن. ئۇستىدە بىر قېرىندىشىمىز دەپ ئۆتۈپتۇ. بولسا يانفۇن قۇسقىلىرىمۇ چىققان بولسا. يەنى تور بېكەت API تەمىنلەش مۇمكىن بولارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:40
  • ئەپسۇس قەشقەردە يوق ئىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 15:42
    • ئۇنداقتا بىۋاسىتە سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ،
      http://www.uighursoft.com/ug-CN/contact.html

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:30
      • ئالىم مۇئەللىم، مۇناسىۋەتسىز سوئال بولسىمۇ سوراپ باقاي،ug-cn دىگەن ئۇيغۇر تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان قىسقارتىلما بەلگە شۇنداقمۇ؟ قايسى كۈنى Microsoft نىڭ تورىدا بىر نەرسە كۆرۈۋېتىپ كاللامغا شۇنداق خىيال كەپ قالغان، تور بەت ئادرىسىدىكى zh-cn نى ug-cn غا ئۆزگەرتسەم بەزى بەتلەردىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇرچە بولدى، ئۇيغۇرچە بولمىغانلىرىمۇ ئوڭدىن سولغا يېزىلغاندەك كۆرۈندى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:49
  • ئالىم مۇئەللىم مەھسۇلاتلىرىڭىزنى بىزنىڭ سىېتىۋىلىشىمىزغا قۇلايلىق يارتىپ بەرسىڭىز بولاتتى، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھىردە بولمىغان ئىشلەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن سېتىۋىلىش ناھايىتى قولايسىز بولىۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى am 08:51
    • بولىدۇ، بىز يەنە ئويلىشايلى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى am 09:46
    • ئۇيغۇرسوفتنىڭ ھەر قايسى ناھىيە شەھەرلىرىدە ۋاكالەتچىسى بارغۇ. جۈملىدىن مەن ئاقسۇ شەھىرىدە ئۇيغۇرسوفتنىڭ بارلىق مەھسۇلاتىنى ساتىمەن. ئاشۇنداقلار بىلەن ئالاقە قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى يېزىدا بولۇپ قالسىڭىز ئۇنىڭغا ئامال يوق. ئاستا شۇ شەھەرگە ياكى ۋىلايەتكە بېرىپ شۇ ۋاكالەتچىدىن ئالسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى am 10:31
  • ياخشىمۇسىز ئالىم مۇئەللىم.
    ئىلگىرى بلوگىڭىزنىڭ ئاستىدا شىنجاڭ كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى ئىشلىدى دەپمۇ بىر خەت بار ئىدى. بۈگۈن قارىسام يوقكەن. ئۇسلۇپ يەڭگۈشلەندىمۇ نىمە؟ بۇ ئۇسلۇپمۇ تاتلىق چىقىپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى am 00:37
  • مۇشۇ تىل-يېزىق كومىتېتىدىكىلەرنىڭ كەچكىچە ئىملا ئۆزگەرتىشتىن باشقا ئىشى يوقمىدۇ دەيمەن، يېڭى ئاتالغۇلارنى ياساش، قىلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتسا بولمامدۇ دەيمەن، كەچكىچە ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىپ ئولتۇرغىچە….ئەمدى يېڭى ئىملاغا كۆنۈپ ئىشلىتىپ بولغۇچە يەنە بىر خىل ئىملانى ئېلان قىلغان، نۇرغۇن سۆزلەرنى بۇرۇنقى ئىملا بويىچە تۇتۇۋاپتىكەنمەن ھازىرغىچە كۆنۈپ بولالمايۋاتىمەن….بەك قاخشاپ سالدىم…كەچۈرگەيسىزلە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:38
    • ئۇنى بىر دېمەڭ . مەنمۇ ھەم شۇ .
      ئەڭ ئاددىيسى

      بۇرۇنقى خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىق بىلەن
      ھازىرقى خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىقمۇ ئوخشىمايدۇ !

      مېنىڭچە : بۇرۇنقىسى توغرا دەپ قارايمەن بولۇپمۇ ئاخىرقى
      بانكاسى دەپ يېزىلىشى تىخىمۇ توغرا
      ھازىرقى دەۋىرگە ماسلىشىدۇ .
      بانكىسى دەپ يېزىلىشى خاتا دەپ قارايمەن .

      ئىزاھات بىرىپ قوياي دېسەم ۋاقىت يار بەرمىدى ،
      يېزىلىشى بانكاسى ئوقۇلىشى بانكىسى
      ئۇيغۇر تىلىدا ا ە لەر ئېغىزدا تىلىدا ى غا ئالمىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال مەۋجۇد .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 12:21
      • شۇنداق، توغرا دەيسىز، بۇلارنى سۆزلىسەك ئادەمنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 17:31
        • شۇڭا، ئارتۇق سۆزلىمەيلى. جىم تۇرغان يەرنى تاتلىسا قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ، قىچىشقان يەرنى تاتلىسا يارا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يارا بار ئىكەن دەپ دوختۇرنى ئىزدەيدىغان گەپ. دۇختور شۇنىڭ بىلەن راستىنلا كېسەل بار ئىكەن، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىمىز دەپ ئىشنى باشلاپ كېتىدۇ. بىر قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئادەم ئەسلىدىكىدەك بولۇپ كېتەلمەيدۇ، ناۋادا چالا دوختورنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، تىكىپ-سۈكۈپ ئويۇنچۇققا ئايلىنىدىغان گەپ. لېكىن ھازىر ھەممە ئادەم دوختۇر بولۇۋالغاندەك، تىلغا چاقچاق قىلىدىغان، غەلىتە ئاتالغۇ ئىجاد قىلىۋالىدىغانلار كۆپىيىپ قالدى. ئۇستا دوختور يوق ئەھۋالدا، دوختۇرغا بارمىسىمۇ بولىدۇ، شۇڭا قىچىشمىغان يەرنى تاتلىماسلىق لازىم ئىكەن. تىل مەسىلىسىمۇ دەل شۇنداق مەسىلە ئىكەن.
          ھازىرقى ئىملانى يەنە ھېلى ئۇنداق، ھېلى بۇنداق دېسەك، جەمىيەتتە شۇنداق پىكىر بار ئىكەن دەپ، تەتقىقاتچىلار تۈر ئىلتىماس قىلسا تەستىق چۈشۈۋېرىدۇ. پۇل كېلىۋېرىدۇ. شۇڭا، جىم تۇرغان ياخشى ئىكەن.

          يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:40
  • مەنمۇ بىر نەرسە تەرجىمە قىلسام ،بىلمىگەن سۆزلەر بۇلسا مۇشۇ تور لوغىتىگە مۇراجەت قىلىمەن.مەن بۇ تور لوغىتىنى ،يەنە باشقىلارغىمۇ تەۋسىيە قىلدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 13:55
  • ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ بۇ تور لوغىتى مېنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىمدە ھەر ۋاقىت ئىشلىتىپ تۇردىغان مۇھىم قورالىمنىڭ بىرى.
    كۈندىلىك دەرس تەييارلىقىدا خەنچە بىكەتلەردىكى ئاتالغۇلارنى مۇشۇ لوغەت ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ئىشخانىمىزدا كەڭ بەلۋاغلىق تور بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر تور بىكەتنى تېلفونۇمدا ئېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمەن. تېلفونۇمنى نۇرمال ئۇيغۇرچە تونىتىۋالغانلىقىم ئۈچۈن نۇرمال پايدىلىنالايمەن.
    ئالىم مۇئەللىم، بىر تەكلىپىم بار ئىدى، مەن بۇنى بۇرۇنلا ئويلىشىپ بىرەر ئىنكاس يازاي دەپ ئويلاپ مۇشۇ تېمىڭىزنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئىدىم. ئەگەر مۇمكىن بولسا ئاندرويىد سېستىملىق مەزكۇر بەتتىن ئىزدەيدىغان تور لوغىتى ياسشقا مۇمكىن بۇلارمۇ؟ بۇنداق بولغاندا بىزدەك تېلفوندا لوغەت ئىزدەيدىغانلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلغان بۇلاتتى. ئەگەر مۇشۇ لوغەتنىڭ ئاندرويىد نۇسقىسى چىقىپ Google نىڭ ئەپ بازىرىغا ھەقلىق چىقىرىلسا مەن چوقۇم 1- بولۇپ سېتىۋالىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى am 02:00
  • ياخشىمۇسىز ئالىم مۇئەللىم:
    windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چىقىشى كومپىيۇتېردىكى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ بىر قەدەر قېلىپلىشىپ بىرلىككە كېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.
    بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزلۈك دېتاللار ئىشلىنىشى ۋە يەنە بىرقىسىم دېتاللار باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئىشلىشى مۇمكىن.
    ناۋادا مۇمكىن بولسا بۇقېتىم ئىشلتىلگەن سۆزلەر ۋە تەرجىمىسىنى ئايرىم لۇغەت قىلىپ ئىشلەپ قويالارسىزمۇ؟
    چۈنكى مەيلى بىرەر دېتالنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلايلى ياكى ياساپ چىقايلى windows مەشخۇلات سېستىمىسدا ئىشلىتىلگەن كۆپ قىسىم سۆزلەر يەنىلا ئىشلىتىلىدۇ.
    ناۋادا مۇشۇ جەھەتتە قېلىپلىشىپ كەتسە كېيىنكى دېتال تەرجىمە قىلىش، دېتال ئىشلەش جەھەتتىكى ئاتالغۇ ئاسانلا بىرلىككە كەلگەن بولاتتى.
    ئىشلەتكۈچىلەرمۇ بىر قاراپلا نېمە ئىقتىدار ياكى نېمە مەنانى بىلدۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتى.
    بەزى سۆزلەرنى لۇغەتتىن ئىزدىسە نۇرغۇن مەنىسى چىقىدۇ ئەمما بەزىدە قايسىنى ئىشلتىشنىڭ مۇۋاپىق بۇلۇش مەسىلىسى يەنىلا باشنى قاتتۇرىدۇ.
    بولۇپمۇ ھازىر ئارىمىزدا توربەت تەرجىمە قىلىدىغانلار خېلى كۆپ، بىرقىسىم مۇنبەرلەرگە قارىساق پارول __ ئىم، پىچ … دېگەندەك ھەرخىل ئاتالغۇلار بىلەن ئاتىلىپ كلىۋاتىدۇ.
    شۇڭا ئايرىم لۇغەت بولسا ، شۇ مۇناسىۋەتلىكلا تەرجىمىسى كىرگۈزۈلسە ، ئاتالغۇ تىزلا بىرلىككە كېلەتتى، بولوپمۇ دېتال تەرجىمە قىلىدىغانلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولاتتى.
    ئەلۋەتتە ھەقسىز تەمىنلەڭ دېمەيمىز. سىزمۇ بۇنىڭغا نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۈردىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 18:38
    • ناھايىتى ياخشى پىكىر بېرىپسىز، بىزمۇ تەرجىمە جەريانىدا بېكىتكەن ئاتالغۇلارنى توپلاپ قويغان. ئىشلىرىمىز سەل بېسىقان ھامان بۇنى تەييارلاپ قويىمىز، بۇ ئەلۋەتتە ھەقسىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:33
    • ناھايىتى ياخشى پىكىر بوپتۇ!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى am 05:03
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز ،مەن سىزنىڭ قىزىل بايراق يولىدىكى دۇكىنىڭىزنىڭ ئادرىسىنى پەقەت بىلەلمىدىم ،كونكېرت ئادرىسىنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز ،ئازراق ئىشىم بار ئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:42
    • ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى

      تىجارەت ۋاقتى:

      دۈشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە، چۈشتىن بۇرۇن 9:00 دىن، چۈشتىن كېيىن 5:00 گىچە بولۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام كۈنلىرى ئارام ئېلىنىدۇ.

      قەدەم تەشرىپ قىلىڭ:

      پوچتا نومۇرى: 830002

      ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى خەلق يولى 66-نومۇر

      قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر (ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى)

      تېلېفون: 2813300 2839871 (0991) (زەينۇرە)

      تەكلىپ-پىكىر بېرىڭ:

      مۇلازىمەت سۈپىتىمىزگە سەمىمىي تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ

      يان تېلېفون: 13109977378 (مۇرات)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 17:22
  • ئالىمجان مۇئەللىم، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي
    مەنمۇ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى يېڭى نەشرىنى ساقلاۋاتىمەن… ئالغان لۇغەت ھازىر مىترو ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا ئىشلىتەلمەي قالدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:19
  • ئالىمجان مۇئەللىم، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي
    مەنمۇ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008 نى ساقلاۋاتىمەن… ئۇنى بۇرۇن ئېلىپ بولغان.. لېكىن ھازىر مىترو ئىشلىتىۋاتقان بولغاچقا ئۇنى ئىشلىتەلمەي قالدىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:18