udict.cn «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

udict.cn «ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى» ھەققىدە

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى (سىناق) تۇنجى نەشرى 2007-يىل 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، زىيارەت مىقدارى داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ناھايىتى ياخشى قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ پىكىرلەر ئاساسىي جەھەتتىن بىرنەچچە نۇقتىغا يىغىنچاقلانغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
(1) بۇ تور لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن ئېھتىياجىمىزدىن چىقىدىكەن.
(2) كۆرۈنۈش لايىھەسى ئانچە ياخشى ئەمەس.
(3) ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ ئىملاسى تېخىچە كونا ئىملادا ئىكەن.

مەن بۇ جەھەتتە ئازراق چۈشەنچە بېرەي:
بۇ تور لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك مىقدارى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007»(كېيىن 2008 گە يېڭىلاندى) (ئۈچ تىللىق) بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇپ، بۇ جەھەتتە سىزنى ئەلۋەتتە رازى قىلىدۇ، كۆرۈنۈش لايىھەسىنى ئىمكانقەدەر ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2007 (ياكى 2008)نىڭ ئېكران كۆرۈنۈشىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكىنى مۇۋاپىق كۆرگەن ئىدۇق. بۇنداق قىلساق ھەقلىق سېتىۋالغان خېرىدارلىرىمىزنىڭ ئىشلىتىشى تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. ھەقسىز ئىشلەتكەنلەر بۇنى كۆرۈپ، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»نى سېتىۋېلىشى مۇمكىن. كۆرۈنۈش لايىھەسى ياقمىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى لايىھەسىنى ئەۋەتىپ بەرسە بىز تېخىمۇ خۇشال بولاتتۇق.

2009-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېڭى ئىملا لۇغىتى ئېلان قىلىنىپ، يېڭى ئىملا قائىدىسى 2010-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. ھازىر يېڭى ئىملا قائىدىسى ئومۇملىشىشقا باشلىدى. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمۇ ئىملا ئۆزگەرتىش ئىشىغا دۇچ كەلدى. خېرىدارلىرىمىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەكلىپ-پىكىرى ھەقىقەتەنمۇ ئورۇنلۇق. ئەمما بۇنداق زور مىقداردىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئۆزگەرتىش ھەرگىزمۇ ئاددىي ئىش ئەمەس ئەمەس. بۇنىڭغا بىرنەچچە يىل كېتىشى مۇمكىن. يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئىشلەنگەن «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0» يېقىندا رەسمىي پۈتتى. ئەمما پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئىملا تۈزىتىدىغان ئىش يوق. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
67 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • يەنە لاۋزىلىشىپ ماۋۇ تېمىدىمۇ 8 نىڭ گپېىنى قىپسىلەر باللا. ئانداق قىلماڭلار ھەي. تېما ئۆز خاسلىقى بىلەن ماڭسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:33
  • بىز قاچانمۇ مۇئەللىمنىڭ مۇشۇ لوغەتكە سىڭدۇرگەن ئەجرىگە مىننەتدارلىق بىلدۇرەرمىز ھە؟ ئاۋال بۇ لوغەتنىڭ نەتىجىللىرنى بىر مۇئەييەنلەشتۇرۇپ ، ئۇنى قوللاپ ،ئىھتىياجىمىزدىن پەقەت چىقالمىغان تەرپى بولسا كۆرسەتسەك مۇئەلىممۇ خۇشال بولغان بۇلاتتى، ئەتدىن كەچكىچە ئۇ نىمەڭ يوقكەن ، بۇنىمەڭ كەمكەن ، ئۇيەگە ئۇنى ، بۇيەگە بۇنى دەپ « يوقنىڭ گىپى بولدى ، ئېپى بولمىدى» دىگەندەك ئىش قىلىپ يۇرىيدىكەنمىز.
    مۇئەللىم بەرگەن چۇشەنچىسىدە ئېنىق قىلىپ سۆزلۇك ئامبىرىنىڭ يېڭلانغانلىقىنى ، باشقاجەھەتتىنمۇ نۇرغۇن ئۆزگەرتىش كىرگۇزگىنىنى ئېيتىپتۇ، تەشەككۇر، بىز ئۇيغۇرسوفىتنىڭ يەنىمۇ تىرشىپ بۇ لوغەتنى تېخمۇ مۇكەممەل قىلالايدىغىنغا ئېىشنىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 12:08
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىم ئاكا چىزىل بايراق سودا سارىيىدىكى دۇكىنىڭىزدا ئۇيغۇرچە windows8قاچىلانغان ،سېتىلىدىغان كومپيوتېرلار بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:43
  • يېڭى لوغەتنى قاچانلىققا بازارغا سالارسىز ؟ 2008 يەنە (بۇرۇن ئالغان چاغدىكى كومپيۇتېرنى باشقىلارغا بىرىۋەتكەن) ئالاي دىسەم يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ دەپ ئۇيغۇر سوفىت توربىتىدە بار ئىكەن . شوڭا ساقلاپ تۈرۈپ كەتتىم . Windows8 ئېلان قىلىنغاندا تەڭ ئېلان قىلىنارمىكىن دىسەم يەنىلا جىم . خېلى بولدى توردىكى لوغىتىڭىزدىن پايدىلىنىپ كىلىۋاتىمەن . كۈنۈپمۇ قالدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 11:05
    • ھازىرچە تور لۇغىتىنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ، ئۇنىڭدىكى ئىملانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر يەنە يېڭى ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈۋاتىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 12:58
      • خىزمەتچىلەرنى جىقىراق قۇبۇل قىلمىسىڭىز بولمىغۇدەك ، ھەممە ئىشىلار چالا بۇلۇپ قالمىسۇن يەنە!~~

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:34
  • ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىڭ بارماق دىسكىلىق (بۇرۇنقى قارانچۇقى بار نەشرىگە ئوخشاش) نەگە بارسا ئېلىپ يۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان، Windows XP, vista, 7, 8 دېگەندەك نەشرىلىرىنىڭ ھەممىسىدە نورمال ئىجرا بولىدىغان، ئەڭ قولاي نەشرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىمكانىيتى بارمۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ناھايىتى قولايلىق بولاتتى. ئويلىشىپ باققان بولساڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:55
    • ئەگەر بۇ لۇغەت ھەقسىز بولغان بولسا بەلكىم سىز دىگەندەك قىلغىلى بولىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما ھەقلىق نەرسىنى ئۇنداق قىلىغىلى بولماسمىكى. ئەگەر سىز دىگەندەك بولىدىغان بولسا، بىر ئادەم سىتىۋالغاننى باشقىلار بارماق دىسىكىغا كۆچۈرۈپلا پۇل تۆلىمەيمۇ ئىشلىتەلەيدۇ دىگەن گەپ، سىزنىڭچە ھەقلىق دىتالنى مۇشۇنداق قىلسا بولامۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:45
  • مەنمۇ تور يوق شارائىتتا ئۇيغۇر سوفىت لوغىتىنىڭ 2007نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن،تور بار شارائىتتا ئۇيغۇر سوفىتنىڭ تور لوغىتىنى ئىشلىتىۋاتىمەن.ئەمدى بۇ گەپنى دېمىسەممۇ بولاتتى،لېكىن موشۇ بانىدا دىۋالاي.ئەقىلىي ئىقدىدارلىق يانفۇنلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ،بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارنى ئادەمنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگىسى كىلىپ قالىدىكەن.بولسا يانفۇن نوسخىسىمۇ بازارغا سېلىنسا بەك ياخشى بولاتتى.چۈنكى بىز تېخىچە تىل بوھرانىدىن قۇتۇلۇپ بولالمىدۇق.ھەر قاچان،ھەر قانداق ئورۇندا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 06:21
    • بۇنىڭغىمۇ ئاز قالدى، سەۋر قىلىپ تۇرۇڭ، ياكى بىلكان، ئىرپان، مۇئەللىم تېلېفونلىرىدا، لۇغەتلىرىدە مۇشۇنداق ئىقتىدار بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:14
  • سالام ئالىم ئەپەندى،

    «2009-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېڭى ئىملا لۇغىتى ئېلان قىلىنىپ، يېڭى ئىملا قائىدىسى 2010-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى.» دەپسىز. بۇ ھەقتە ئېنىق ھۆججەت ياكى ئىشەنچلىك ماتېرىيال تارقىتىلدىمۇ؟ ئۆزگىرىش شۇنچە چوڭمۇ؟ «email» نى «ئى-خەت» دەپ ئاپسىز (جاۋاب يازىدىغان يەرنىڭ سول تەرىپىگە قاراڭ). ئۇنى بىر چاغلاردا تورخەت ياكى ئېلېكترونلۇق خەت دەپ يازىدىغان بولغان. تىلكوم «ئى-خەت» دەپ ئۆزگەرتىپتىمۇ؟ يېڭى ئىملا قائىدىسى توغرىسىدا كۆپرەك توختالسىڭىز… رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 04:25
    • «2009-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېڭى ئىملا لۇغىتى ئېلان قىلىنىپ، يېڭى ئىملا قائىدىسى 2010-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى.» دەپسىز. بۇ ھەقتە ئېنىق ھۆججەت ياكى ئىشەنچلىك ماتېرىيال تارقىتىلدىمۇ؟ ئۆزگىرىش شۇنچە چوڭمۇ؟
      =========
      جاۋاب: چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز-ھە، بار، تىل-يېزىقنىڭ ھۆججىتى بار، شۇلاردىن سوراپ ئېلىڭ. ئۆزگىرىش خېلە بار.

      «email» نى «ئى-خەت» دەپ ئاپسىز (جاۋاب يازىدىغان يەرنىڭ سول تەرىپىگە قاراڭ). ئۇنى بىر چاغلاردا تورخەت ياكى ئېلېكترونلۇق خەت دەپ يازىدىغان بولغان. تىلكوم «ئى-خەت» دەپ ئۆزگەرتىپتىمۇ؟
      جاۋاب: بۇ بىلوگنى باشقىلار تەرجىمە قىلغان، ئەجرىگە كۆپ ساۋابلار بولسۇن، لېكىن ئۇ يەنىلا ئېلېكتىرونلۇق خەت. ھەرگىزمۇ تورخەت ئەمەس.

      يېڭى ئىملا قائىدىسى توغرىسىدا كۆپرەك توختالسىڭىز… رەھمەت.
      ========
      جاۋاب: كەچۈرۈڭ، بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:13
      • بىر ۋاقىتتا ئى-خەت دەپ ئالىمىز دېگەن گەپلەر يامراپ كەتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئېلخەت دەپ يۈردۇق، زادى بىر بىرلىككە كەلگەن گەپ چىقمىدى. ئەسلى ئېنگلىزچە E-Mail دەپلا يېزىپ قويغۇم بار ئىدى، بىراق ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىدا ئۇيغۇرچە ئىشلەتكۈدەك يەرلا بولسا چوقۇم ئىشلىتىلسە دەپ شۇنداق يېزىپ قويغان. ئۇ مەجبۇرلاش خاراكتېرىنى ئالمايدۇ، سىزگە قايسى قولايلىق بولسا شۇنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن مەن ئادەتتە ئېغىزدا ئېمەيل دەپ ئاتاپ كۆنۈپ قاپتىمەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 13:04
        • شۇڭا ئېلېكتىرونلۇق خەت دېسەك، ھېچبولمىغاندا ھېچكىم قۇسۇر چىقىرالمايدۇ، بۇنداق سۆزلەرنى قىسقارتىپ يېزىش توغرىسىدا بىر بەلگىلىمە بولمىغاچقا، تورداشلار قانداق يازسا، ھەم شۇنداق ئومۇملاشسا شۇنى ئىشلىتىدىغان گەپ.

          يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:28
    • ئەجەپ بەلەن گەپ بولۇپتۇ،ھازىرقى بارلىق دىتاللار ئالمىدەك ئاددى،گوگىلدەك تىز بولسا،ھەم ئىھتىياجدىن چىقىسىلا بولىدۇ.نۇرغۇن ئارتۇقچە نەرسىلەرنى قوشۇۋېلىش كېرەك ئەمەس،ئەگەر قوشاي دەپ قالسا بىر پروگىراممىر ئۈچۈن بۇ ئارتۇقچە ئىقتىدارلار نەچچە قۇرلا كود خالاس!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 12:59
      • ئالىم مۇئەللىم ،مەن ئازراق مەسلەھەت بىرىپ باقاي:يۇمشاق دىتال ياساشتا سىز دىگەندەك مۇھىم بولغان ئىقتىدارلار بولۇشى كېرەك ،بۇنىڭغا قوۇشۇلۇپ ئۇنىڭغا كۆركەم بولغان دىتال تېشى بولىشىمۇ كېرەك!مەن بۇ لۇغەتتىن ھەم ئۇيغۇر سوفىت تور لۇغىتىدىن ناھايىتى رازى ،سىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى مەھسۇلاتنى بازارغا سالغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئيتىمەن،لېكىن ئىمكانىيەت يار بەرسە بۇ دىتاللارغا چىرايلىق تون كىرگۈزۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن ،چۈنكى بۇ بىۋاستە ئىشلەتكۈچىنىڭ دىتال ھوزۇرىغا تەسىر قىلىدۇ(بۇ گەپنى ئۇيغۇرچە تازا ياخشى دىيەلمىدىم ،بەك خىجىلمەن،يەنى 用户体验سىگە بەكلا تەسىر قىلىدۇ)!ئالما نېمە ئۈچۈن نەچچە مىرلىياد پۇل خەجلەپ شۇ دىتال تونلىرىنى لاھىيلەدۇ؟ھەممىسى ئىشلەتكۈچنىڭ ھوزۇرى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟تېلفۇننى سيرىپ ئاچمىساقمۇ قوبۇل قىلىش كونۇپكىېسى بىلەن يۇلتۇز بەلگىسىنى بېسىپ ئاچساقمۇ بۇلىدۇغۇ ؟؟؟نىمە ئۈچۈن پىروگىراممىرلار نۇرغۇن كود يېزىپ بۇخىل تۈردىكى ھەرخىل ئېچىش ئىقتىدارلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ؟؟؟چۈنكى بۇلار ھەممىسى ئىشلەتكۈچىلەرگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ!
        ئىشلەتكۈچىلەر ھەممىسى پىروگىراممىچىلار ئەمەس،ئۇلار بۇ دىتالنىڭ ئىقتىدارلىرىغىلا ئەمەس بۇ دىتالنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى ھوزۇرىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ!!!شۇڭا سىزنىڭ باشقىلارنىڭ لاھىيلەپ بىرىشگە ساقلاپ تۇرماي،بۇ ياخشى دىتاللارغا چىرايلىق تون كىرگۈزۈپ قويوڭ!تور شەكلىدىكى لۇغەتنى چىرايلىق قىلشقا ۋاقتىڭىز چىقماي قالسا مەن خالىسانە ئىشلەشنى خالايمەن!سىزنىڭ بىزلەرنى بۇنداق بىر ياخشى تور لۇغەتكە ئىرىشتۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!مەن ئۇنىڭ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 13:29
  • ئالىم مۇئەللىم كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، سىزدىن سوراي سىزنىڭچە لوغەت 2008 سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەكمۇ؟
    سىزگە ياققان بىلەن ماڭا ياقمايدىغان تەرەپلىرى ئانچە مۇنچە بار. نىمىشقا سۆز تۇتۇش ئىكىراننى توختاتقىلى بولمايدۇ؟ يوشۇرۇپ قويغىلى بولمايدۇ؟ نىمىشقا مائۇس بىلەن سىزىپ خەت كىرگۈزۈش ئۇسۇلى قوشۇلمايدۇ؟ نىمىشقا ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى قوشۇلمايدۇ؟ نىمىشقا جۈملە ئاخىرىدىكى خەنزۇچە خەتنى تۇتالمايدۇ؟ نىمىشقا تەكىرارلىق كۆپ؟ نىمىشقا تۇتقان سۆزنى ۋە تەرجىمىسىنى كۆچۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولمايدۇ؟ ……… نىمىشقا 4يىل ئۆتۈپمۇ بۇ نىمىشقىلاردىن بىرەرسى ھەل قىلىنمايدۇ؟ ئەلۋەتتە سىزنىڭ بۇلارنى قىلىپ بىرىشكە ھىچقانداق قەرزىڭىز يوق. ھىچكىمنىڭ سىزدىن بۇلارنى قىپ بە دىيشىكە ھەققى يوق(ئايرىم بۇيرۇتقانلار بولسا قانداقكىن)، بىراق مەن بۇ مەھسۇلاتىڭىزنىڭ ئاددي بىر شەيداسى خالاس. شۇ ۋەجىدىن بۇ لوغەتكە تولىمۇ قىززىقىمەن ۋە مۇكەممەلىششىنى خالايمەن. ئىشلىتش جەريانىدا يۇقارقىدەك چوڭ-كىچىك قولايسىزلىقلارنى ھىس قىلغان، ئەگەر مەن ئېيتقان ۋە ياكى باشقىلار ئېيىتقان شۇ مەسىللەرنىڭ قايسى بىرى ھەل قىلىنىپ، نەشىرى يۇقىرى كۆتۈرلۈلسە بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق. مەن قانداقتۇر كۆزنەك 8دە ئىشلىشىنىمۇ تەلەپ قىلىپ كەتمەيمەن، پەقەت تېخمۇ مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىمەن. ئەلۋەتتە يېڭىلانسا بەزى ئىقتدارلار قوشۇلۇپ، مۇكەممەللىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ كۆزنەك 8دىكى لوغەت ھەققىدە سۆزلەپ قويغان خالاس. سىز مۇھىم بىلگەن ئىقتىدارلار خېرىدارلار ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولماسلقى، ئەكسىچە سىز ئىتبارسىز قارىغان تەرەپلەر خېرىدارلار ئۈچۈن مۇھىم بولىشى مۈمكىن.
    نىمىلا بولمىسۇن تۆھپىڭىز ھەقىقەتەن كۆپ، تېخمۇ مۇكەممەلىششىگە تىلەكداشمىز. يېڭىسى قاچان چىقىدۇ دىمەيمەن، تىزرەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئامان بولۇڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 00:24
    • كۆڭلۈمگە كەلمەيدۇ، خېرىدارنىڭ پىكىرلىرىنى ئەستايدىل ئاڭلاش كېرەك، ئەمما مەنمۇ ئۆزەمنىڭ يۈزەكى كۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ باقاي:
      بۇ ئالدى بىلەن لۇغەت يۇمشاق دېتالى بولغاچقا، ئۇنىڭ مۇھىم ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى سۆزلۈك ئامبىرىدۇر، سىز دېگەن ئىقتىدارلىرى قوشۇمچە ئىقتىدارىغا كىرىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ لۇغەتنى باھالاشتىكى مۇھىم ئۆلچەم ئەمەس. مائۇس بىلەن سىزىپ خەت كىرگۈزۈش، ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا،…دېگەنلىرى ھەم شۇنداق. ئۇ لۇغەتنىڭ ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى بولالمايدۇ. ئىچكىرىدىكى تېلېۋىزوردا داڭلاپ سېتىۋاتقان بەزى مەھسۇلاتلارنى مىسال قىلىپ بېرەي. بىزنىڭ MP3 دە ئۈن-سىنغا ئالالايدۇ، رادىيو چىقىدۇ، سائەت ئىقتىدارى بار،…. دەپ داڭلاپ كېتىدۇ، ئەر-ئايال رىياسەتچىلەر داڭلاپ قەسەملەرنى بېرىپ كېتىدۇ …..، لېكىن ھېچقانداق داڭلاپ باقمىغان SONY نىڭ MP3 نى، Apple نىڭ iPod نى كۆرۈپ بېقىڭ. ئاۋازنى ئىنتايىن سۈزۈك قويۇپ بېرىدۇ. سىنغا ئېلىش ئىقتىدارى، رادىيو دېگەندە چىچا-پىچا ئىقتىدارىلىرى يوق، ئاۋۇ ئېلاندىكى ئۈن-سىنغا ئالىدۇ دېگەن بىلەن يا ئۈننى سۈزۈك ئالالمىغان، يا سىننى سۈزۈك ئالالمىغان، رادىيو بار دېگەن بىلەن تەڭشەپ ئىشلىتىش ئاۋارچىلىق، ئۇ داڭلىغىنى بىر ئويۇنچۇق خالاس، 10 يىل تىرىشسىمۇ ئاۋۇ نەرسىدەك ياسىيالمايدۇ. شۇڭا، ئۇششاق-چۈششەك كۇنۇپكىلار كۆپەيتىپ، كۆپ ئىقتىدارلىق دەپ ساتىدۇ، ۋاقتى كەلسە بىر ئىقتىدارىمۇ تۈزۈك كارغا كەلمىگەن. شۇڭا، جۇڭگودا %70-%80 كىشى بۇنداق نەرسىلەرگە ئالدىنىپ قالىدۇ. جۇڭگونىڭ 30 مىڭ يۈەنلىك QQ ماشىنىسىغا قاراپ باقايلى، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئاچقۇچنى ئېلىۋەتسىڭىز، دېرىزىنى ئاپتوماتىك قولۇپلاش ئىقتىدارى بار، دېرىزىنى ئېتىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسىز، ئوغرى كىرمەيدۇ دەپ مەخسۇس داڭلاپ چۈشەندۈرىدۇ. سىز ماشىنىدا يوق چاغدا ماشىنىغا ئوغرى كىرىش مۇھىممۇ؟ ياكى سىز ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىزمۇ مۇھىممۇ؟ باشقا يېرىنى تۈزۈك ياسىيالمىغاندىن كېيىن، ئاشۇنداق چىچا-پىچا ئىقتىدارلىرىغا ئالاھىدە كۈچەپ قويىدۇ. لېكىن نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك چەتئەلنىڭ ماشىنىلاردا بۇنداق ئىقتىدار پەقەت يوق دەپ كېرىلىپ سۆزلەپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش ئېغىر خاتالىق. ماشىنىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى بىخەتەر يول يۈرۈش، ھەرگىزمۇ دېرىزىنى ئاپتوماتىك ئېچىپ-يېپىش ئەمەس. ماشىنىنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قالسا، دېرىزىنى ئاپتوماتىك تاقاپ قويسا، ئىچىدىكى ئادەملەرگە خەۋپ يەتمەمدۇ؟ شۇڭا بۇ يىل 8-ئايدا بېيجىڭدا قاتتىق يامغۇر ياغقاندا، ماشىنىنىڭ ئوتى ئۆچۈپ قېلىپ، دېرىزە قۇلۇپلىنىپ قالغاچقا، بەزى كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئەتىگەندە جىق گەپ قىلىۋەتتىمۇ قانداق؟ مائۇس قەلەم دېگەن كىرگۈزگۈچنىڭ ئىشى، كىرگۈزگۈچ دېگەن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىشى، لۇغەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.
      بىردەم لۇغەتنى مېتىرو يۈزلۈك قىلىپ Windows Store غا يوللا دەيسىز، ئۇنداق قىلساق قان بېسىمىڭىز ئۆرلەپ قالسىمۇ دەپ باقاي، مېتىرو ئەپى تېخى ئاددىي، يېنىك، ئازادە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. Windows Store دىن دۇنياغا داڭلىق Oxford لۇغىتى ۋە دۆلەت ئىچىگە داڭلىق لۇغەت دېتالى 有道词典 نى ئىشلىتىپ بېقىڭ. بىر تال سۆز كىرگۈزۈش رامكىسى، بىر تال ئىزدەش نەتىجىسى رامكىسىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق. سىز دېگەن سۆز تۇتۇش دېگەن نەرسە تېخىمۇ يوق.

      مائۇس قەلەم، كۇنۇپكا تاختىسى، ….دېگەنلىك يولداشلارنىڭ دېتاللىرىنى كۆپ ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان خۇي-پەيلى بىلەن يەڭگىلتەكلىك بىلەن دېگەن سۆز دەپ چۈشەندىم. شۇڭا پىكىرىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئورۇنسىز دېمەيمەن، لېكىن يېڭى تېخنىكىلار سەۋەبىدىن بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىش كېرەك. مېتىرو يۈزلۈك لۇغەت بارلىققا كەلسە، تېخىمۇ ئاددىي بولىدۇ.ئاۋۋال ئاۋۇ مەن دېگەن لۇغەتنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ سىناپ بېقىڭ. ھازىرقى يۈزلىنىشتىن خەۋەردار بولۇپ قېلىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 08:09
      • كۆپ ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ تەپسىلى چۈشەندۈرۈپسىز، رەخمەت سىزگە. كاللامدا بەزى ئايدىڭلاشمىغان نوقتىلار تېخىمۇ ئايدىڭ بولدى.مەنمۇ سۆزلۈك ئامىبرىنىڭ قانچىلىك بولشى لوغەتنىڭ ئەڭ چوڭ كۆرسەتكۈچى دەپ قارايمەن. مەن پەقەت لوغەتنىڭ قايسى بىر تەرەپتىكى ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلمىسۇن، ھەر قايسى تەرەپلىرى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن لوغەتنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن. مەيلى win8دە ۋە ياكى xpدا بولسۇن تېخىمۇ ياخشى لوغەتنى تىزرەك كۆرۈشنى خالايمەن. شۇڭا كۆپ سۆزلەپ قويدۇم. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ئەمدى سېتىۋېلىشنى ساقلاپ تۇرىمەن. تەپسىلى چۈشەندۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 13:01
        • ھېچقىسى يوق، يەنە سۆزۈمنى قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، سۆزلۈك ئامبىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋاقتى كەلگەندە يەنىلا مۇھىم كۆرسەتكۈچ ئەمەس، ئاز ھەم ساز بولسا ئەڭ ياخشى، چۈنكى ھەرقانداق ئادەم ئۆز ئانا تىلىدىكى بارلىق سۆزلەرنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئىنگلىزچە 20 مىڭ سۆزنى پۇختا بىلىش ئاجايىپ چوڭ ئىقتىدار ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت ئۈچۈن ھەر بىر سۆزلەرنىڭ مەنىسى، شەرھىسى، سۆز خاراكتېرى(ئىسىم، سۈپەت،…)، مىسال جۈملە قاتارلىقلار مۇھىم كۆرسەتكچ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، سۆزلۈكنىڭ كۆپ بولۇشى ھەرگىزمۇ مۇھىم كۆرسەتكۈچ ئەمەس. خۇددىي بۇرۇن كىرگۈزگۈچ ياسىغانلار مېنىڭ 30 خىل، دېسە مېنىڭ 50 خىل دەپ خەت نۇسخىسىنىڭ سانىنى ساناپ ساتقاندەكلا ئىش. ئەمەلىيەتتە راۋرۇس ياسالغان 3-4 خىل خەت نۇسخىسى ئېھتىياجدىن چىقالايدۇ. تور بېكەتلەر ئۈچۈن پەقەت 1-2 تال بولسىلا كۇپايە

          يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:09
  • مىنىڭچە بۇ تور لوغىتىدە ئىكران تىز قوزغالما( 桌面快件方 式كەمدەك قىلدۇ ،بەيدۇ تۇرنىڭ ئاشۇندا بىر نەرسىسى باغۇ دەيمەن . مىنىڭ دىگنم توربەتنى ساقلاپ قۇيۇشنى كورسەتمەيدۇ .
    بەلكىم مەن خاتا گەپ قىلغاندىمەن. كەچۇرگەيسىلە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:14
  • يېڭىدىن تۈزىگەن ئۇيغۇرسوفت لۇغىتنى تېخى بازارغا سالماپسىلەرغۇ،قاچانراق بازارغا سېلىنار،بىرنى ئېلىشنى ئويلىغان.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:57
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭ بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ سىز دىگەن بىر گەپ يادىمغا كىلىپ قالدى. ‹‹ئەمدى پىراگگىرامما يازدىغانلارنىڭ كۈنى ياخشلانغدەك، ساتىمز دەپ ئاۋارە بولماي كۆزنەك سەككىزنىڭ ئەپ دۇكىنىغا يوللاپ قويساق بولغىدەك ››. ھا ھا.. سىز ئاۋال يولنى ياساپ ئاندىن داغدام يولدا يولوچى سېلىۋاتقان كارۋان بېشىغا ئوخشاپ قاپسىز ! (چاق ،چاق ) كومپارتىيەنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىرسى يول ياساش، يەنە بىرسى قېرى پشقەدەملەرنى بېقىش شۇڭا بۇ دۆلىتىمىز روناق تېپىپ كىتىپ بارىدۇ. سىزمۇ شۇنداق قىلىۋاتىسىز ! ئاپىرىن ! سىزدەك يىراقنى كۆزلەپ ئانا تىل ئۈچۈن قۇربانلىق بىرەلەيدىغان پىداكاردىن يەنە قانچە يىلدا چىقاركىن !! ئاللاھ ئۆمىرىڭىزنى ئۇزۇن ! ئەقلىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ! ئامىن !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:22
  • مۇشۇ تور لوغىتىڭىز كېيىنچە ، گوگۇلنىڭكىگە ئوخشاش ھېچبولمىسا، خەنزۇچە،ئۇيغۇرچە جۈملە تەرجىمە ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ كەتكەن بولسا ھە….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:00
    • Bing.com نىڭ ياكى google.com نىڭ ئورگان بېتىدە چىقسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:24
      • سىز ياسىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 13:03
      • ئالىمجان مۇئەللىم، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي
        مەنمۇ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى يېڭى نەشرىنى ساقلاۋاتىمەن…
        ئالىم مۇئەللىمWindows 8ئەپ دۇكۇنىدىن ھەقسىز ئەپ قاچىلىسام قاچلانمىدى نىمە سەۋەپ يەنە Windows 8نىڭ ئەپ دۇكىنى ئىكران كورۇنمە يۇزىنى رەسىمگە تارتماقچى ئىددىم تارتالمىدىم قانداق تارتىمەن.ياردەم قىلغان بولسىڭىز؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:51
  • جاپا چەكتىڭىز ، بىر نەرسە تەرجىمە قىلغاندا بەكمۇ ئەسقاتىدۇ ….
    لىكىنزە بىزنىڭمۇ قاچان شۇنداق بىر جۈملە تەرجىمە قىلالايدىغان دېتالىمىز بولار دەيمەن ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:52
  • ئالىم مۇئەللىم،ۋىندوۋس8نى چۈشۈرگەنتىم.لېكىن مەكتەپنىڭ ke hu duanنى ئارقىلىق تورغا چىققىلى بولمايۋاتىدۇ،بۇ نېمە ئىشتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:33
    • مەكتەپ تورىغا 锐捷دىتالى ئارقىلىق چىقىدىغان بولسا ،بۇ دىتال تېخى win8 دا ئىشلىمەيدىكەن….مەنمۇ كۆچمىنىڭ سىمسىز تورىدا تورغا چىقۋاتىمەن……

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:40
      • pcbetaدا 锐捷ئارقىلىق تورغا چىقىشنى كۆرگەن ، مەن لازىم بولمىغاندىكىن دىققەت قىلمامتىكەنمەن. شۇ يەردىن ئىزدەپ بېقىڭ

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 05:29
  • مەنمۇ خەنچە تور بەتلەردىن يازما تەرجىمە قىلسام زور ياردىمى تېگىدۇ بۇ لۇغەتنىڭ.ئالىم مۇئەللىم جاپا چەكتىڭىز!رەھمەت سىزگە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:52
باھا بېتى: 1 2 3