تەبىئەتنىڭ مۆجىزىلىرىدىن سىلەرمۇ زوق ئېلىڭلار
[ تاغدىن-باغدىن ]چېچەك پەسلى
بۇ يىل ئۈرۈمچىنىڭ باھار پەسلىدە ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق بولۇۋاتىدۇ، مېۋىلىك دەرەخلەرمۇ بەس-بەستە چېچەكلەپ ئاجايىپ چىرايلىق مەنزىرىلەرنى شەكىللەندۈرۈۋېتىپتۇ، نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، مەھەللىمىزنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بۇ چېچەكلەر دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى. مەنمۇ رەسىمگە تارتىشقا قىزىقىدىغان بولغاچقا، ئاپپاراتىمنى ئېلىپ چىقىپ، بۇ چېچەكلەرنى رەسىمگە تارتىۋالدىم. ئاۋۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بەرگەچ، تەبىئەتنىڭ بۇ مۆجىزىلىرىدىن سىلەرمۇ زوق ئېلىڭلار. بۇ رەسىملەرنىڭ چوڭلۇقى زىيادە چوڭ بولغاچقا، پەقەت كىچىكلىتىپ باشقا يەرگە چېقىلمىدىم.
بەزىلەر: «دەم ئېلىشنى بىلمىگەنلەر ئىشلەشنىمۇ بىلمەيدۇ»-دەپ قويىدىكەن. لېكىن، مېنىڭچە بولغاندا «ئىشلەشنى بىلمىگەنلەر، دەم ئېلىشنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ، چۈنكى، قەيەردە؟ قانداق دەم ئېلىش ئۈچۈنمۇ پىكىر قىلىش كېرەك، تېلېفوننى تاقاپ، ھېچ يەرگە چىقماي، يوتقانغا كىرىپ ئۇخلىسىلا دەم ئېلىش بولۇۋەرمەيدۇ، تەرتىپ ئادەتتە ئاۋۋال ئىشلەپ، ئاندىن دەم ئېلىش كېرەك، ئاندىن يەنە ئىشلەش كېرەك»، شۇڭا، مەيلى ئىدارە-ئورگاندا بولسۇن، مەيلى خۇسۇسىي كارخانىلاردا خىزمەت قىلسۇن، ئاۋۋال ئىشلەيدۇ، ئاندىن ئارام ئالىدۇ، 30 يىلدىن كېيىن رەسمىي دەم ئېلىشقا چىقىدۇ. قېنى سىلەرمۇ بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ دەم ئالغاچ، بۇ زادى قايسى مېۋىلىك دەرەخ ئىكەنلىكىنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. مېنىڭچە شەھەردە چوڭ بولغانلار بىلىپ كەتمەيدۇ، لېكىن، ساۋات خاراكتېرلىك بىلىم، بۇنى چوقۇم بىلمىسە بولمايدۇ.
ئاپپاراتنىڭ تىپى CANON 60D، تەپسىلاتى مانا:
CANON 60D
ئاپپارات كۆزى EF-S 17-85mm f/4-5.6 IS USM ، تەپسىلاتى مانا:
EF-S 17-85mm f/4-5.6 IS USM
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,209 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:23
- ئالدىنقى يازما :Explorer نى نېمە دەيمىز؟
- كېيىنكى يازما :ئۆزبېكىستانغا زىيارەت
دەرس ۋاقتىدا ‹‹بىر قۇرۇپ قالغان دەرەختىمۇ كىشى ئۈچۈن ئىلھام بار ››دېگەن گېپىڭىز ئېسىمگە كەپقالدى.
ئالىمجان مۇئەللىم،ئۆتكەن يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىنى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى قىلىپ بېكىتكەنلىكىدىن چوقۇم خەۋىرىڭىز بار،
مېنىڭچە بۇ بايرامنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، تەشۋىق قىلىشتا ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ ئويلايمەن، شوڭا بلوگىڭىزغا مۇشۇ مەزمۇندا ئازراق بىر نەرسە يېزىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، سىزنىڭچە بولارمۇ؟
باش سۈرەتنى قانداق چىقىرىمىز؟
ئالىمجان مۇئەللىم،ھەقىقەتەن ھەممە ئىشقا ئېپىڭىز بار جۇمۇ، فوتوگرافلاردەكلا تارتىپسىز،ئۆرۈمچىنىڭ نەرىدىن تاپقانسىز بۇ شاپتۇل دەرەخلىرىنى،بېغىمدا چېچەك تېرىپ يۈرگەن غەمسىز بالىلىقىمنى ئەسلەتتى بۇ رەسىملەر….
تېگىدە ئاپپاراتىڭىزنىڭ ئېلانىنى چىقىرىپ كېتىپسىزغۇ؟
ئالىم مۇئەللىم(گەرچە مۇئەللىمىم بولمىسىىڭىزمۇ)سىزمۇ باشقىلارغا غا ئوخشاش دۇنياۋى بىر تۇتاش باش سۈرەت-gravatarنى ئىشلىتىپ كۆرسىڭىز بولمامدۇ؟باشقىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگىنىڭىزدە سىزنى تاپالماي قالىدىكەنمەن!؟
تەۋسىيە ئادرىسى:http://udun.me/gravatar.html
نىمدەپ غول شاخنى رەسىمگە چىقارمىدىڭىز …يالغان چىچەلەش مەزگىلى ئىكەن، بىر تال غول شاخ رەسىمگە چىققان بولسا پەرىق قىلغىلى بۇلاتتى ..ئۈرۈك چىچكى ئەمەس. شاپتۇل دەررخى سەل قۇپالراق كىلىدۇ ،توغاچ ياكى يولدىكى مەنزرە دەرخلىرىنىڭ بىر تۈررى بۇلۇش ئىھتماللقى يۇقۇرى …..
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىل دەرەخنىڭ رەسىمى ئەمەسكەن ..كام دىگەندە ئىككى خىل دەرەخ..
ئېنىقلا شاپتۇل چېچىكى ئىكەنغۇ…. ئەمما، بىزنىڭ يەرلىك شاپتۇل ئەمەسكەن…
بۇ شاپتۇل چىچىكى ئىكەن!! ياخشى تارتىپسىز، ئالىم مۇئەللىم. windos 8 نىڭ تولۇق نۇسقۇسى زادى قاچانلىققا ئىلان قىلىندىغاندۇ؟؟
بۇ زادى ئۆرۈكمۇ ياكى شاپتۇلمۇ؟ ياكى پىشقىچە ساقلاپ تۇرامدۇق؟
بۇ ئۆرۈك دەرىخى بەك چىريلىق ئىكەن، خويمۇ ياخشى تارتىلپتۇ.
قانداق خاتاما!!!!
مىنىڭچە بۇ ئۈرۈك ياكى شاپتۇل چىچىكى ، ئۈرۈك چىچىكى بولسا بەك كىيىن قالدىمۇ قانداق
ياخشى تارتىلغان رەسىملەر ئىكەن.
PS: دەم ئېلىشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەر ئىشلەشنى بىلمەيدۇ.
ئالىم مۇئەللىم، ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق زات – دە. رەسىمدىكىسى شاپتۇل دەرىخى چىچىكى.
ۋاھ! ھەممىسى شاپتۇل چېچىكى ئىكەن. كۆپىنچە كىشىلەر مۆجىزە دېسە نەدە كىشىلەر كومپۇتېردا ئىشلىۋالغاندەك ياكى ئىختىيارسىز تارتىۋالغان بەزى سۈرەتلەرگە ئېسىلىۋالىدىكەن.
ھەقىقىي مۆجىزە دېگەن مۇشۇنداق ئەتىياز پەسلىدە ئېچىلىدىغان چېچەكلەردۇر. بىر نەچچە كۈن ئالدىدىكى قاقشال تاياقلاردەك شاپتۇل دەرىخى چېچەكلەرگە پۈركىنىپ كېتىدۇ.
ۋاھ! ھەممىسى شاپتۇل چېچىكى ئىكەن. كۆپىنچە كىشىلەر مۆجىزە دېسە نەدە كىشىلەر كومپۇتېردا ئىشلىۋالغاندەك ياكى ئىختىيارسىز تارتىۋالغان بەزى سۈرەتلەرگە ئېسىلىۋالىدىكەن.
==========
شۇنداق، ئەمەلىيەتتە مۆجىزە ئۆزىمىزدىلا بار، ئۇنى-بۇنى كۆرۈش بىھاجەت، ئۆزىمىزنىڭ بەدەنلىرىگە، بىر جۇپ قوللىرىمىزغا قاراپ باقساقمۇ بولىدۇ.