ئالىم ئەھەت بىلوگى بىر ياشقا كىردى
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈن ئالىم ئەھەت بىلوگى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى، بۇ بىر يىلدا، تورداشلارنىڭ يامان ئەمەس باھاسىغا ئېرىشتى، ھەتتا تورداشلار تەرىپىدىن «2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ» بولۇپ باھالاندى. بىلوگىمنى قوللاپ كەلگەن بارلىق تورداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.
بايا alexa.com دىن تەكشۈرسەم، دۇنيادىكى دەرىجىسى 1,411,378 ئورۇنغا، جۇڭگودىكى دەرىجىسى 137,926 غا ئۆتۈپتۇ. ھالقىلىق سۆز Windows8 ئىكەن. ئەمما، بۇ يەنە بىر جەھەتتىن ماڭا بەلگىلىك روھى بېسىممۇ ئېلىپ كەلدى، چۈنكى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قىلىۋاتقان ئىشلىرىم كۆپىيىپ كەتتى، ھەتتا ئۆزەمنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىغىمۇ كېپىل بولالمايمەن، كۈندە 10 نەچچە سائەت كومپيۇتېر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئىشلەش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. ئەسلىدە شىركەتنىڭ مەسئۇلى بولغان كىشى ئۆزى ئاز ئىشلەپ، باشقىلارنى كۆپرەك ئىشلەتسە بولاتتى. ئىشلىرىم كۆپ بولسىمۇ، بىلوگىمغا بىر نەرسىلەرنى يازغۇم كېلىدۇ، بۇ بىر جەھەتتىن يېزىقچىلىق قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرىدۇ، ئەمما، ئاتالغۇ توغرىسىدىكى تېمىلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، بەزىلەر بۇنداق تېمىدىن زېرىكىشكە باشلىدى، يەنە بەزىلەر مۇنبەر ئاچساڭ بولمامدۇ؟-دەيدۇ. لېكىن، مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوق. شۇڭا، قانداق مەزمۇندا يېزىش توغرىسىدا باشقا تورداشلاردىنمۇ سەمىمىي پىكىر ئېلىپ باقماقچى، سىز ئالىم ئەھەت بىلوگىدا قانداق تېمىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈشنى خالايسىز؟ رەھمەت!
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,145 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى am 9:12
- ئالدىنقى يازما :Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ
- كېيىنكى يازما :شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرسوفت،…قاتارلىق دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
دەرۋەقە ، بىلوگنىڭ يانفۇن نۇسقىسىنىمۇ چىقىرىپ قويسىڭىز ياخشى بۇلاتتى.
مۇئەللىم مۇبارەك بولسۇن! بىزنى ياختۇرماسمىكىن دەپ ئارتۇق خىياللارنى قىلىپ يۈرمەي، مۇشۇ بويىچە ئۆز ئويلىرىڭىزنى ئەركىن بايان ئىتىپ ماڭغايسىز، ھازىر ناھايتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ، بىز داۋاملىق قوللايمىز.
بىلوگىڭىزنىڭ تېلېفون نەشىرىنى چىقارغان بولسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى، ھازىرمىغۇ كۆرگىلى بولىدۇ، لېكىن سەل بىئەپ. ھارمىغايسىز يېڭى تىمىللىرىڭىزغا تەقەززامىز.
شىركەت توربېتىگە يانداش قىلىپ مۇنبەر ماڭدۇرسىڭىز بولماسمۇ؟
ئۇ چاغدا پۈتۈن ئىشلىرىم توختاپلا قالارمىكىن
مۇبارەك بولسۇن!
مېنىڭچە مۇئەللىمنىڭ كۆپۈنچە زىيارەتچىلىرى پروگىرامما ئىچىشقا قىززىقىدىغان زىيارەتچىلەر، مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. بولسا مۇشۇ پروگىراممىغا ئائىت يېڭى تېخنىكا ۋە ئۇچۇرلاردىنمۇ تەڭ بەھرىمان بولساق بەك ياخشى بولاتتى.
مېنىڭ كېيىنكى پىلانىممۇ شۇنداق،
مەزمۇنغا كەلسەك، ئەلۋەتتە، سىزنىڭ نىمىلەرنى يېزىشنى خالايدىغانلىقىڭىزغا قارايمىزدە. بىلوگ ئەمەسمۇ.
بولسىغۇ، دىلشات ھىۋزۇللادەك، بېي لى گوڭدا سىز بىلەن بىرگە ئوقۇغان ئەركىنكامدەك، يەنە شۇنىڭدەكلەردىن بىرنەچچىنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ، قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا بىلوگىڭىزدا ماقالە ئېلان قىلالايدىغان بولسىڭىز … ۋاي ۋاي… بىلوگىڭىزنىڭ تەسىرى نى-نى مۇنبەرلەردىن ئېشىپ چۈشەتتى-دە. ئويلىنىپ باققايسىز.
بىلوگىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەمنۇنمەن. ئاتالغۇ توغرىسىدىكى يازمىلار بولسا توختاپ قالمىسۇن. زىرىكىدىغانلار چىقىشى مۇمكىن، ئەمما مۇشۇ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقايلى. ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلگەن ھەم قىلىپلاشقان كومپيۇتېر، مەشغۇلات سىستېمىسى ئاتالغۇلىرى مەيدانغا كېلىۋالسۇن. سىزمۇ ھەم بىلوگىڭىزنىڭ زىيارەت مىقدارىغىلا قاراشلىق ئادەم بولمىغاندىكىن (چاخچاق). قاراڭ، ئىقتىساد، پەلسەپە … دېگەن پەن تۈرلىرىدىكى ئاتالغۇلارنىڭ قالايمىقانلىقى، نامراتلىقىغا. باشقا تېخنىكا تۈرلىرىنىڭ ئاتالغۇلىرىدىن سۆزلىسەك، ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر. كومپيۇتېرچى، پىروگىراممىچىلار بىر ئۈلگە كۆرسىتىپ قويۇڭلار.
يەنە بىر گەپ: ئۇيغۇر سوفتنىڭ ئورگان بېتىدە «سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى»دىن بىرسى كەم ئەسلى. ئىقتىدارى كۈچلۈكرەك سۆز قالدۇرۇش دەپتىرىدىن بىرنى شۇ بېكەتكە قوشۇپ قويساڭلار، شىركىتىڭىزدىكى بىرەرسىنى قوشۇمچە شۇ يەرگە مەسئۇل قىلىپ قويسىڭىز، كۆپ قولايلىق بولاتتى. سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتتە سورىلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى شۇ يەردىلا دېيىشىۋېلىشقا بولاتتى، ھەم سىزمۇ بۇ بىلوگىڭىزدا شۇ قاتارلىق مەسىلىلەرگە يالغۇز سولداتتەك يۈزلىنىپ قالمايتتىڭىز. مۇنبەر قۇرۇشنى ئويلىشىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، مېنىڭچە.
بۇ بىلوگ يالغۇز ئالىم ئەھەت بىلوگى بولۇپ قالماستىن ئۇيغۇر سوفىت بىلوگى، گەرچە ھازىر ۋىندوس 8 قىزغنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ،ۋوندوس8نىڭ ئىشلىرى تۈگىگەندىن كېين ئۇيغۇر سوفىت دىتاللىرىغا كىلىمىز. بىز ئۇيغۇر سوفىت دىتاللىرنىڭمۇ يېڭىلىنىشى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتمەكتىمىز. بولۇپمۇ ئۇيغۇر سوفىت لوغىتى 2001(2002)-يىلى تۇنجى قېتىم 50نەچچەمىڭ سۆزلىكى بار ھالەتتە بارلىققا كەلگەندىن بۇيان كۆپ تەرەققى قىلدى. يەنە بىر بالداق تەرەققى قىلدۇرساق بولاتتى ئالىم مۇئەللىم. راستىنى دىسەم سىز بەك جاھىل مۇ نىمە؟ مەن لۇغەتنىڭ سۆز تۇتۇش ئىقتىدارىغا كۆپ تەكلىپ بەردىم. لىكىن پەقەت يېڭىلاش تەرەپدارىدا بولمىدىڭىز. لىكىن بۇ نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قىلغىلى بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەستى. سۆز تۇتىتىدىغان رامكا مائۇس بىلەن تەڭلا ئەگىشىۋېلىپ، ئىكىراننى توسۇپ قويدۇ، قەيەردە توختاتسا شۇ يەردە توختايدىغان بىر پىروگىرامما يېزىىپ قىستۇرۋىتشنى دەپ، ساق 4يىل ئۆتۈپتۇ. سىزدە بىرە ئىنكاسمۇ يوق. يەنە تۇرشىڭىز شۇ.
بۈگۈن بۇ بىلوگىدا سۆزلەپ سەل قورسىقىمنى بوشتىۋالدىم. مۇشۇنداق سۆزلەش بوشلىقى بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
بىراق سىز شۇنى ئۇنتىماڭكى تۆھپىڭىز ناھايىتى كۆپ. مەن سىزنى ئىنكار قىلىش تەرەپدارىدا ئەمەس. بەلكى ماختاش تەرەپدارىدا.
بىراق دوسىت يىغلىتىپ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ دەپتىكەن. كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ.
بىلىمەن ئىشلىرىڭىز ئالدىراش، ئەگەر ۋاقتىڭىز يەتمىسە ئۇ پىروگىراممىسىنى مەن يېزىپ، بىلوگىڭىزغا يوللاپ قوياي. مەن تۇنجى لوغەتنى ئىشلىتىپ ھەم قاتتىق خۇشال بولغان ھەم ئۈمىدسىزلەنگەن. چۈنكى لۇغەت تۇنجى ئۇيغۇرچە لوغەت، ھەم بەزى يىتەرسىزلىكىلىرىمۇ بار. شۇچاغدىن باشلاپ ئۆزۈڭدە يوق ئالەمدە يوق. دەپ تەكلىپ پىكىر بىرىشتىن ئۆزۈم بىرنى تۈزسەم بولمامدۇ دەپ، مەنمۇ پىروگرامما تىللىرىنى ئۈگۈنۈشكە باشلىغان. گەرچە سېستىمىلىق بولمىسىمۇ ئانچە مۇنچە ئۈگەندىم. كۆزنەكنى خالىغانچە توختىتىپ، يۆتكگىلى بولىغان ھالەتتە قىلىدىغان پىروگىراممنى توردىن ماتىرىيال ئىزدەپ يۈرۈپ، بىر ھەپتە ئىچىدە سىزگە تەييارلاپ بېرەلىگىدەك ھالەتتە.
ئاخىرىدا سىزنىڭ ئۇيغۇر سوفىت لوغىتنىڭ ئالدىنقى قاتارلىق ئورننى قولدىن بىرىپ قويماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشنىمەنكى، يېڭى بايقالغان سۆزلۈك ئامبىرىدا يوق. تېخى تەرجىمانلارمۇ تەرجىمە قىلىپ باقمىغان نۇرغۇن سۆزلۈكلەر بار. شۇ سۆزلۈكلەرنى ۋاقتى ۋاقتىدا يىلدا بىر بولسىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇنۇپ،(ئاتالغۇلارنى بىكىتىش كومتتىمۇ؟ ياكى تەرجىمانلار جەمىيىتىمۇ….دىگەندەك) تەرجىمىسىنى بىكىتكۈزۈپ، لوغەتكە كىرگۈزۈپ قويسىڭىز. ياكى ئۆزىڭىز ساقلاپ، نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرگەندە قوشۇپ تۇرسىڭىز.
كۆپ گەپ قىلىپ قويدۇم. خاپا بولماڭ. ئەگەر شۇ پىروگىراممنى يېزىپ بولالمىغۇدەك بولسىڭىز ھايىت دىۋىتەرسىز.گەرچە سىزدەك ياخشى يازالمىساممۇ شۇ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان پىروگىرامىنى 1-2ھەپتىدە چوقۇم سىزگە ئۈلگۈرتۇپ بېرەلەيمەن. (ھەقسىز)
سالامەتلىكىڭىز ئاسراڭ. ۋىندوس 8نىڭ ئىشلىرى سزگە مۇھتاج. بىزمۇ ھەم.
ياخشى تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت! كەچۈرۈڭ، مەن نەق گەپنى قالدۇرۇپ، بەزى تارىخىي پىكىرلەرنى قىسقارتىۋەتتىم.
سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە كەلسەك، بۇلاردىن مېنىڭ تولۇق خەۋىرىم بار، ناۋادا، دەرت تۆكىدىغان ئىش بولسا، مۇشۇ لۇغەت ھەققىدىمۇ مېنىڭمۇ يەتكۈچە دەردىم بار، مەسىلەن: سۆزلۈك ئامبىرى، يېڭى ئىملا قائىدىسى،….دېگەندەك. لېكىن، مەن بەك ئۈمىدۋار.
بۇ قېتىم 5-ئەۋلاد لۇغەتنىڭ پىروگراممىسىنى 0 دىن باشلاپ، پۈتۈنلەي قايتىدىن يېزىپ چىقتىم، قوشۇلغان ئىقتىدارلار، ئۆزگىرىشلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، سىز تىلغا ئالغان نەرسە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ياكى چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان ياكى لۇغەتنىڭ ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىگە تەسىر قىلىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس، راست گەپنى ئېيتقاندا، مەن ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ شەخسىي ئىشىدىن ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئىشى مۇھىم، ھازىر ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئىشىدىنمۇ مۇھىم ئىشلار بار، نەچچە يىلدىن بۇيان كۈندە نەچچە سائەت دەم ئېلىش يوق ئىشلەۋاتىمەن. ھازىرچە ئۇ كىچىك ئىشلارغا ۋاقتىم چىقمىغان بولسا، توغرا چۈشەنگەچ تۇرۇڭ. ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى توشمىسا بىكار. مۇنداق بولسۇن، ئۆزىڭىز دېگەندەك مەن سىزگە ئىككى ھەپتە ۋاقىت بېرەي، قېنى ئاۋۇ پىروگراممىنى يېزىپ، مۇشۇ يەرگە چاپلاڭ (ئۆلچەملىك ++C دا)، ماڭا ھازىر ئاغزاكى 100 ياردەمدىن، ئەمەلىي بىر ياردەم كېرەك. مەن جاھىل ئەمەس، مېنىڭ مىجەزىم مانا يەنى بۇ گەپنى مۇشۇ بىلوگىمدىمۇ نەچچە قېتىم دېدىم، يەنە دېسەم يەنە شۇ: «ماڭا ماۋۇ ئىشنى مۇنداق قىل ياكى ئۇنداق قىل دېگەندىن، مەنلا قىلىپ بېرەي ياكى مانا قىلىپ بولدۇم نەچچە پۇل بېرىسەن»-دېگەن ئەمەلىي ياردەم ئەڭ كېرەك.
ئالىم مۇئەللىم توغرا دەيدۇ. مېنىڭمۇ بەك كۆرگۈم بار. قېنى گەپنى باشلىغاندىن كېيىن ئاخىرىنى بىر چىقىرىۋېتىڭە.
مەنمۇ سەل ئاشۇرۋىتىپ سۆزلەپ ساپتىمەن. خاپا بولماڭ. قىسقارتىقۋاتكىنىڭىزگە رەھمەت. ھېلىمۇ يەنىلا قويۇپ قويۇپسىز. مەنمۇ يوللاپ بولۇپ، بەزى جايلىرىنى كۆرۈپ سەل خىجىل بولغان. سىز بىر تۆھپىكار….. مەنمۇ بىلىمەن، بۇ ئىقتىدارلا لوغەتنىڭ ئومومى ئىقتىدارىغا ئانچە تەسىر قىلىپ كەتمەيدۇ. بىراق ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە(ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە)تىگىشىلىك. مەنمۇ چوقۇم دىگىنىمنى قىلىپ، مۇشۇ بىلوگ قا يوللاپ بېرەي. (سىز مەندىن ئىمتىھان ئېلىۋاتىسزغۇ) گەرچە سىزگە كېرەكلىك نەخ پىروگىرامما بولالمىسىمۇ ئىلھامىڭىز كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ئاخىرىدا يەنە بىر دىسەم ئىشلىرىڭىز ئالدىراش، بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلىدىغانلار كۆپ، تېما مەزمۇننى كونتورۇل قىلىپ، ئۆزىڭىزگە ئارام ئېلىش، ئويلىنىش، پىكىر قىلىش بوشلىقى قالدۇرۇپ، مېڭىڭىزنى مۇۋاپىق ئارام ئالدۇرۇپ، ياخشى كەيپىيات بىلەن ئىشلىرىڭىزنى يۈرۈشتۇرشىڭىزنى ئۈمد قىلىمەن.
باشقىلارنىڭ قولى بىلەن ئۆز ئىشلىرىڭىزنى يۈرۈشتۈرۈشنى ئۈگۈنىۋالىڭ.
ھېچقىسى يوق، مەن شۇ مەندىن يامانلىغان نەق گەپنى قالدۇرۇپ، تارىخىي ئىشلارنى قىسقارتىۋەتكەن ئىدىم، چۈنكىم بۇ بىلوگنىڭ بەزى مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قېلىشىنى خالىمايمەن،
===============
باشقىلارنىڭ قولى بىلەن ئۆز ئىشلىرىڭىزنى يۈرۈشتۈرۈشنى ئۈگۈنىۋالىڭ.
===============
بۇ پەقەت مەندە يوق ئىقتىدار، ھازىرغىچە كومپيۇتېر ئالدىدا خىزمەتچىلەر بىلەن ئوخشاش ئىشلەيمەن، لېكىن، مېنىڭ مۇقىم ئىشتىن چۈشۈش ياكى ئارام ئېلىش ۋاقتىم يوق، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تېخى دەرس بېرىمەن. ئالدىنقى ھەپتە ساراڭدەك ئىشلىۋەتتىم، شۇڭا، بىلوگدىمۇ يېڭى تېما يازالمىدىم.
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم !
ئالىم مۇئەللىم بىلوگىڭىز نىڭ بىر ياشقا كىرگەنلىگىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .
مېنىڭچە مۇئەللىم ھازىرقىدەك تەبىئى بولغىنى ياخشى دەپ قارايمەن . سىزمۇ ئۆزىڭىزگەبېسىم قىلىۋالماڭ مۇئەللىم .
سىزبىلەن بۇيەردە ئەركىن ئازادە پىكىرلەشسەككەن دىگەن ئۈمۈدتىمەن.(@_@)
مەن سىزنىڭ بىلوگىڭزدىن بەكرەك، سىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىڭىزغا قىززىقىمەن. شىركەت تور بىكىتى ۋاقتىنچە ئىشلىتىلمىگەنلىكىتىن، ھەم شىركەت تورىدا بىۋاستە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى تەسس قىلىنمىغانلىقتىن. سىزنىڭ بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولىۋاتىمەن. يېڭىلىنىشى تىز. شۇڭا بىلوگىڭىزنى زىيارەت قىلماي ئامال يوق.
ھازىرقىسىمۇ ياخشىغۇ
ئالىم مۇئەللىم ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيوتېر -ئۇچۇر- تېخنىكا جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال سەۋىيىسى جۇڭگودا ۋە دۇنيادا ئايرىىم-ئايرىم ھالدا نەچىنىچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆز-قارىشىڭىزنى بەكمۇ ئاڭلاپ باققىمىز بار ئىدى . بولسا مۇشۇ تېما توغرىسىدا بىر بىلوگ يازسىڭىزمۇ بولاتتى . نۇرغۇنلىغان ياش كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرى مەركۇز تېمىڭىزدىن زور ئىلھاملارنى ئالغان بولاتتى . جۈملىدىن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .
مەزكۇر بلوگدا ئۆگىنىش خاراكتېرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، يەنى پروگرامما ۋە باشقا كومپىيوتېر بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى ، شۇنداقلا ئۆگىنىش جەريانىدا توردىن ۋە ياكى باشقا يوللاردىن يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇچۇرلارغا قانداق ئېرىشىش دېگەندەك مەزمۇنلار …
بلوگىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن ! سىزگە ئامەت تىلەيمەن !
مۇبارەك بولسۇن! مەنچە بۇ تور خاتىرىسىنى ئۆزىڭىزنىڭ ۋاقتىغا قاراپ يېڭىلاپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.شېركەت كۆلىمى زورايغاندىن كېيىن،مەخسۇس ئادەم سېلىپ يۈرگۈزسىڭىز تېخىمۇ ياخشى. ئادەم ھەرقانچە ئىقتىدارلىق بولغىنى بىلەن بىر كۈنى يەنىلا ئوخشاش24سائەت، ھەممىگە يېتىشىپ بولغىلى بولمايدۇ-دە.ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم!
ئالىم مۇئەللىم بىلوگىنىڭزنىڭ بىريىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن!