نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

hybrid boot، live tile،…قاتارلىق ئاتالغۇلار ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

تۆۋەندىكى ئاتالغۇلارغا بىر كۈن مۆھلەت بېرىلگەن بولۇپ، ئەتە ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 6:00 دىن بۇرۇن تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك. ھازىرچە ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشلىرىدىن باشقا ھېچقانداق پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق، تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە ئۇياقتا تۇرسۇن، خەنزۇچە، ئەرەبچە قاتارلىق چوڭ تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنمىغان. قېنى بۇ ئىشقا قىزىقىدىغانلار ۋاقتىدا پىكىر بېرىڭلار، 1-چېسلادىن باشلاپ ئاتالغۇلارنى قاراپ چىقىشقا قاتنىشىمىز دەپ ماڭا خەت يازغانلارمۇ ئالدى بىلەن ماۋۇ ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. قېنى مەرھەمەت!

(1) hybrid boot
A method of starting the computer that speeds boot time by ending the user session and hibernating the computer, rather than shutting down all running services.

(2) live tile
A tile that updates dynamically to show content directly from the Start screen.

(3) proximity
A Windows feature that enables users to connect computers with a simple tap gesture or by browsing for computers within wireless range. If two computers come within 3-4 centimeters of each other, or are tapped together, the operating system of each computer becomes aware of the other computer. Also, a user can browse for computers within wireless range that are advertising for a peer connection. The user can then connect the two computers to share content such as photos or links, or create a multi-player experience. If the connection is made using a tap gesture, the user can also publish and subscribe to messages transmitted during the tap.

(4) Trusted Boot
A customized process that identifies and fixes potential problems during PC startup.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
61 پارچە باھا يېزىلدى
  • hybrid boot – ئۆچەك ھالەت
    live tile – دىنامىك تېما (ياكى تېما ناسوسى)
    proximity – ھەمراھ بەھر
    Trusted Boot – ئوڭشاپ قوزغىتىش (قوزغات)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:11
  • hybrid boot

    كومپيۇتېر تېز سۈرئەتتە قوزغىتىش ئۈچۈن ھەممە جەريان، مۇلازىمەتلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. شۇڭا بۇنى مۇستەقىل يېتەكلەش، تېز يېتەكلەش، مۇستەقىل قوزغىتىش، تېز قوزغىتىش دەپ ئالساق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

    live tile

    شۇئان ئەسكەرتىش، شۇئان كۆرسىتىش

    proximity

    يېقىنلار، ئەقرىبالار

    Trusted Boot

    ئىشەنچلىك يېتەكلەش، ئىشەنچلىك قوزغىتىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:08
  • ئەليار ئەپەندىنىڭ دېگىنى ئاساسى جەھەتتىن مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. hybrid boot بۇنىڭغا كەلسەك سۆز مەنىسىدە شالغۇت قوزغىتىش دىگەندەك مەنا چىقىدۇ، لىكىن ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈشتەمەزمۇنhibernating دېگەن سۆزگە يىغىلىپتۇ. بۇنىڭغا قاراپ ‹بىرسى›نىڭ ئويغىتىش دېگىنى مۇۋاپىق، مېنىڭچە ھەم ئۈچەكتىن ئويغىتىش دېگەننى ئالساق دەيمەن.
    live tile جانلىق تىزما دېيىش ياخشى تەرجىمە، غول تىزما ياكى غول ئۇچۇر دىسەكمۇ بولغىدەك شۇنداقمۇ، چۈنكى قوزغىلىش كۆزنىكىدە ئومومى ئۇچۇر تىزىملىكىنى ئاقما كۆرسەتكۈدەك.
    proximity يىقىنلىشىش دېگەن گەپ. لىكىن چۈشەندۈرۈشتە ئەجەپ پوچى گەپلەرنى دەپتۇغۇ، قارىغاندا مۇشۇنداق نوچى بولسا……..ھى ھى،،،ئىككى كومپيۇتىرنى 3-4سانتا يىقىن قىلسا بىر-بىرىنى سىزىپ قالدىكەن ھەم ئۇلاپ ھۆججەت ئالماشتۇرۇشقا بولىدىكەن . دىمەك بۇنى تور قوشنام دېگەندەك يىقىن قوشنام دېسەك بولغۇدەك.
    Trusted Boot نى ئىشەنچىلىك قوزغىتىش دىسەك مۇۋاپىقكەن . بۇنىڭدا ئەليارغا ئەگىشىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:43
  • hybrid bootئۈچەكتىن ئويغىتىش
    live tile غول ئۇچۇر
    proximity يىقىن قوشنام
    Trusted Boot ئىشەنچىلىك قوزغىتىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:46
  • hybrid boot
    ئۇيقۇدىن ئويغىتىش (ئويغىتىش)
    live title
    ھەرىكەتچان تىتول (ھەرىكەتچان ئەن)
    proximity
    رىشتە
    Trusted Boot
    كاشىلىسىز قوزغىتىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:50
  • پوسمائى : بۇ باھاغا پىكرىم بار

    1. brid boot
    ئۇيقۇ ھالىتىدىكى كومپڭيوتۇرنى قوزغۇتۇش دىگەن گەپقۇ دەيمەن خاتىرى كومپيۇتۇرنى ئۆچۈرمەي ئېكراننى قاتلاپ يېپىپ قويغان ھالەتىن قوزغۇتۇش بۇلامىكى دەيمەن ئۇنداقتا بۇنى چۈچۈپ ئويغۇنۇش دەيلى ھەم قىزىق ھەم ئادەمنى قىزىقتۇردۇ

    2. live tile
    liveدىگىنى تۇرمۇش tileدىگىنى فارفور چاقچۇق دىگەن گەپ خەنزۇ تىلدا瓦دەيدۇ بۇ تۇت چاسا بۇلدىغان نىمە ھازىرقى ۋىندوس سەكىزنىڭ مىترو يۈزگە ئوخشاپ كىتىدۇ شۇكا بۇنى تۇرمۇش رامكىسى ،چاسا تۇرمۇش دىسە بۇلامۇ

    3. proximity
    ئورتاقلىشىش ياكى ھەم بەھىرلىنىش

    4. Trusted Boot
    رىمونتلاپ قوزغۇلۇش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:54
  • tile نى title دەپ كۆرۈۋاپتىمەن.
    live tile
    جانلىق رامكا
    دەپ ئېلىنسە بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:57
  • مەن گەرچە ئېنلىگىز تىلىنى ئانچە بىلمىسەممۇ ، شۇ خەتنىڭ ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن جانلىق تەرجىمە ئىشلەتسەك دېمەكچى، يەنى كۆرگەن ئادەم بىر قاراپلا بىلەلەيدىغان بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
    ئۇنداق بولمىغاندا ئۆزتىلىمىزدىكى مەشخۇلات سېستىمىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزىمىز بىلەلمەي باشقىلاردىن سورايدىغان ئىشنى چىقمايدۇ دېگىلىمۇ بولمايدۇ.
    مەسلەن: hybrid boot نىڭ خەنزۇتىلدىكى چۈشۈندۈرۈشىگە ئاساسلانغان «ئۇيقۇدىن ئويغىتىش، ئويغىتىش» دەپ تەرجىمە قىلساق چۈشۈنۈشلۈك بولارمىكىن دەپ قارىدىم.
    «ئارلاش قوزغىتىش»دېگەننى كۆپ ئادەملەر چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى بۇيەردە كۆزدە تۇتۇلۋاتقىنى بىز دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان مەشخۇلات سېستىمىسى بولغاچقا جانلىق تەرجىمىنى ئاساس قىلساق، خەت بۇيچە تەرجىمە قىلىپ، ئىشلىتىش ئورنىنى ئويلاشمىساقمۇ بولماس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:16
  • hybrid نى ئۇيغۇر سوفت لۇغىتىدە مۇنداقمۇ چۈشەندۈرۈپتۇ:
    【计】 NetWare的主机实用程序, 双重用户建立
    程序
    ئىككى ئىرقتىن تۇغۇلغان، ئارىلاش قانلىق، شالغۇت، ئارغۇن، گىبرىد
    ئۇنداقتا مېنىڭچە بۇنى «چۈش كەبى قوزغىتىش» دېسەكمىكىن، چۈنكى ھەممىمىز بىلىمىز، چۈشنىڭ سۈرئىتى بەزىدە ھەتتا نۇرنىڭ سۈرئىتىدىنمۇ تېز ئەمەسمۇ؟! بۇخىل قوزغىتىشنىڭ كونكرېت ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، تاققا-تۇققا سۆزلەپ قالغان بولسام ئەيىبكە بۇيرۇمايسىلەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:52
  • live tile دېگىنىنى 360 تور كۆرگۈچىنىڭ ئۆزىمىز دائىم كۆرىدىغان تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش سانىغا ئاساسەن ھەرۋاقىت يېڭىلاپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارىغا ئوخشاتساق،
    ئۇنداقتا بۇ سۆزنى «ھېرىسلىرىڭىز» دېسەك بولارمىكىن، يەنى سىز دائىم ھېرىسمەنلىك بىلەن ئىشلىتىدىغان پىروگراممىلار ھەرىكەتچان ھالەتتە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:09
  • Trusted Boot دېگىنى «ھاۋالىلىك قوزغىتىش»، يەنى چىققان كاشىلىلارنى سىستېمىنىڭ ئوڭشىشىغا ھاۋالە قىلىش ئارقىلىق قوزغىلىدىغان،
    ياكى «كاشىلىسىز قوزغىتىش» ۋە ياكى «ئۆزرىمۇنت قوزغىلىش» مىكىن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:28
  • proximity بۇ سۆزنى «يېقىنلىرىڭىزغا» ياكى «يېقىنلىرىڭىز ئۈچۈن» دېسەكمىكىن؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:29
    • مۇشۇنداق جىددىي ۋاقىتلاردا، ئازراق ئارامچىلىق يوقلا ئىشلەپ كېتىۋاتىمىز دېسە. تۈزۈك ئويلانغۇدەك ۋاقىتمۇ چىقماي، چۈشلۈك ئارام ۋاقتىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇلارغا ئۆز كۆز قارىشىمنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:31
  • Trusted Boot ئىشەنچلىك قوزغۇتۇش
    hybrid boot ئۆچەكتىن قوزغۇتۇش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:39
  • ئۇيقۇلۇق قوزغىتىش
    ھازىرئۇچۇر
    قوشنا
    بىخەتەر قوزغىتىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:23
  • 1. hybrid boot
    تېز قوزغۇتۇش
    2. live tile
    ناۋادا ماۋۇ win8 نىڭ metro كۆرۈنۈشىدە ئېكرانغا قوشقىلى بولىدىغان قوشۇلمىلار بولسا ئۇنى «ئىكران قوشۇلمىسى»، «مەزمون پارچىسى» دەپ تەرجىمە قىلساق مۇۋاپىقمكىن.
    3. proximity
    ماۋۇ ئالمىنىڭ airdrop دىگەن ئېقتىدارىغا ئوخشاش ئېقتىداركەن، بۇنى «ئەپچىل ئۇلانما» دىسەك ياخشى.
    4. Trusted Boot
    «دىئاگىنوزلۇق قوزغۇتۇش» ياكى «رىمونت قوزغۇتۇش»

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:36