نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باش بەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 Beta نى سىناشقا تەييارلاندىڭىزمۇ؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]


=== دىققەت: باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماڭ، كۆچۈرۈپ بولغان بولسىڭىز ئۆچۈرۈۋېتىڭ، رەھمەت ! ===

ئىلگىرى بىز خەۋەر قىلغىنىمىزدەك، مىكروسوفت شىركىتى Windows 8 Consumer Preview (ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى)نى Beta نىڭ يەنە بىر نامى قىلغان بولۇپ، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دىن كېيىن) پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن رەسمىي جاكارلايدۇ. مىكروسوفت يەنە Windows 8 Consumer Preview دىن باشقا يەنە Windows Server 8 Beta، Visual Studio 11، NET framework 4.5 ۋە كوللېكتىپ يۇمشاق دېتال ئېچىشنى باشقۇرۇش مەھسۇلاتى Visual Studio 11 Team Foundation Serverنى ئېلان قىلماقچى، ئۇلار Windows 8 بىلەن زىچ بىرىكەلەيدىغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىللىق يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا، ھەتتا دۇنيا يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بۇ قېتىملىق كاتتا تارقىتىش مۇراسىمىنى (يېڭىدىن قۇشۇلغان 14 تىل يەنى ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) بارلىق ئىستىمالچىلار ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە…

ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىنىڭ تەرجىمىسى تېخى ئۇيغۇر تىلىدىن كېيىن تەستىقلانغان، بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە قالدى، ئەنگلىيە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ كەينىدە تىزىلدى دېگەن گەپ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تېز بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ تەرجىمە سۈرئىتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەينىدە، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۈركلەرنىڭ تەرجىمىسىگە قاراپ باقايلى دېمەڭ ئەمدى، ئۇيغۇر تىلىغا ئىشىنىڭ. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ، نەق گەپنى دەيلى.

ئۇنداقتا Windows 8 قاچىلاشقا تەييارلىنىپ بولدىڭىزمۇ؟ تەييارلىق خىزمەت مانا:

بىرىنچى: مىكروسوفت ئورگان تور بېكىتىدىن ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، باشقا مەنبەلەر ئىشەنچسىز

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى Windows 8 نى سىنايدىغان شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم شىركەت بولۇپ كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇرسوفت سىناش دوكلاتى تەييارلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، پات يېقىندا (تەخمىنەن 2-3 ھەپتىدىن كېيىن) يەنە مەخسۇس DVD دىسكىسىنىمۇ تاپشۇرۇپ ئالماقچى، ئۇيغۇرسوفتنىڭ يەنە تەشەببۇسى ۋە تەۋسىيە قىلىشى بىلەن مىكروسوفت شىركىتى دىيارىمىزدىكى باشقا نوپۇزلۇق ئورگانلارغا (ئالىي مەكتەپ، تىل-يېزىق كومىتېتى،…) ۋە بىر قىسىم شەخسلەرگە پوچتا ئارقىلىق DVD دىسكىسىنىمۇ ئەۋەتىپ بېرىدۇ. بۇلار ئاساسەن كومپيۇتېر، تىل-يېزىق، ئاخبارات (رادىيو-تېلېۋىزىيە)، نەشرىيات ساھەسىدىكى كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى ئېلىنىدۇ. ناۋادا، سىزگە شۇنداق نەرسە كەلسە، بۇ ماڭا خاتا كېلىپ قاپتۇ دەپ تاشلىۋەتمەڭ، ئىچىدە Windows 8 Beta نىڭ دىسكىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، كەلگۈسى 15-20 كۈن ئىچىدە ئىدارىڭىزگە خەت-چەك ياكى پوسولكا كەلسە دىققەت قىلىپ قويارسىز-ھە؟

ئىككىنچى: 8GB لىق بارماق دىسكىدىن ئىككىنى تەييارلاڭ.

ئۇيغۇرسوفت ماركىلىق بارماق دىسكىڭىز يېنىڭىزدا بارمۇ؟ قاچىلاش ۋاقتى سەل قىسقا بولسىمۇ، سەۋرى تاقىتىڭىز بارمۇ؟ ھازىرچە Windows 8 Beta نى بارماق دىسكىغا قاچىلىمايسىز، ئەكسىچە UltraISO دېتالىدىن پايدىلىنىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا يېيىپ، بارماق دىسكىدىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ قاتتىق دىسكىسىغا قاچىلايسىز. قارىغاندا بۇ قېتىم ئوپتىك دىسكىنىڭ ئانچە رولى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇزۇنغا قالماي ئوپتىك دىسكىلاردىن خۇددىي يۇمشاق دىسكا بىلەن خۇشلاشقاندەك ئايرىلىدىغان ئوخشايمىز. لېكىن بىر نەچچىنى ساقلاپ قويۇڭ، 20-30 يىلدىن كېيىن موزېيخانىلارغا سېتىپ، باي بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، مەن 93-يىلى 2 يۈەنگە سېتىۋالغان بىر يۇمشاق دىسكىنى بىرسى 100 يۈەن بېرەي دىگەن ئىدى، مەن ساتمىدىم.

ئۈچىنچى: ئەڭ ياخشىسى ئىككى كومپيۇتېر ياكى خاتىرە كومپيۇتېر تەييارلاڭ.

ناۋادا، شارائىتىڭىز يار بەرسە ئىككى كومپيۇتېر تەييارلاڭ، ئۇنداق بولمىسا، مەۋھۇم كومپيۇتېر دېتالىنى قاچىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، نوچىسى مانا (www.virtualbox.org) بۇ ئىنتايىن مۇھىم. بىرسىدە تورغا چىقىپ، ISO تەسۋىر ھۆججىتىنى بارماق دىسكىغا ئويىسىز. توردىن ياردەم تەلەپ قىلىسىز، مەسىلەن: ئالىم ئەھەت بىلوگى، بىلىك،…دېگەندەك. يەنە بىر كومپيۇتېرغا Windows 8 Beta نى رەسمىي قاچىلايسىز. بۇ نۇسخىسى ئالدىنقى يىلى 9-ئايدا تارقىتىلغان ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشرىدىن زور پەرقلىنىدۇ. رەسمىي نۇسخىسىدەك ئىشلەيدۇ، پەقەت ۋاقىت چەكلىمىسى بار. ناۋادا، Bug تېپىلمىسا رەسمىي نەشىرىنى سېتىۋالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ جۇمۇ. ناۋادا، ئۇلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا كۆڭۈل بۆلدى دەپ، قوللاپ رەسمىي نۇسخىسىنى سېتىۋالىمەن دېسىڭىز، 3-ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 100 يۈەن يىغىپ قويۇڭ، پەقەت 15 كۈندە بىر قېتىم يەيدىغان چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورمىسىدىن ياكى بىر قېتىملىق رېستۇران ئايرىمخانا زىياپىتىدىن ۋاز كەچسىڭىز، 6 ئايدىن كېيىن 600 يۈەن يىغالايسىز، رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنسا، بەلكىم يەنە 100-200 يۈەن ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېشىپ قالسا، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى سېتىۋالسىڭىزمۇ ياق دېمەيمەن، چۈنكى Windows 8 رەسمىي نۇسخىسىنى مەندىن سېتىۋالسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى يېرىم باھادا بېرىمەن، بەلكىم بىر نەچچە كۈن بايرام قىلىپ بەزى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى پۈتۈنلەي ھەقسىز قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ۋاقتىدا كەلگەندە، ئۇيغۇرسوفتنىڭ قىزىلبايراق يولى 4-قەۋەتتىكى سېتىش ئورنىغا قەدەم تەشرىپ قىلارسىز، ھازىر قايتىدىن جىددىي زىننەتلەنمەكتە.

تۆتىنچى: ئىككى قاچا تاماق ۋە بىر چەينەك چاي تەييارلاپ قويۇڭ.

بۇ تاماقنى ھازىرچە مۇزلاتقۇغا سېلىپ قويىسىز، ناۋادا، Windows8 نىڭ ئىقتىدارلىرىنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە ئىشلىتىپ زېرىكمىسىڭىز، يېرىم كېچىدە ئاۋۇ تاماقنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىسسىتىپ يەيسىز ياكى پىرەنىككە ئوخشاش مىكرو يېمەكلىكلەرنى تەييارلىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئاندىن يەنە ياخشى تەرەپلىرىنى بايقىسىڭىز، ئەلكۈيى مىكروبىلوگىدا ئېلان قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇشۇ مىكروسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سىنىغاندا، مىكرو نەرسىلەردىن زادى ئايرىلالمايدىكەنمىز.

بەشىنچى: يوق، تامام

باشقىلار:
بۇ قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك جايلاردا خېلە چوڭ ئۆزگىرىش بار، بەزى يەرلەر پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. بۇنى ھازىر دېيىشكە بولمايدۇ، كىنونىڭ ئاخىرىنى دەپ بەرسە كۆرگۈسى كەلمىگەندەك، ئۇنى سىناشقا قىزىقماي قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر تولۇق قوشۇلغان، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرچىنى بىمالال، راۋان كۆرەلەيسىز. لېكىن ئەلكاتىپنىڭ بەزى خەت نۇسخىلىرى سىزگە لازىم بولىدۇ. سىستېما يادروسىغا قوشۇلغان سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر ئەرەبچىگىمۇ بەك مايىل ئەمەس، ئەمما، كۆزىڭىزگە سەل سىغماي قالسا، بىر نەچچە ئاي ئىشلەتسىڭىز، پات-پات قاراپ تۇرسىڭىز كۆنۈپ قالىسىز، بەلكىم بۇنىڭدەك ئوچۇق كۆرۈنىدىغان خەت نۇسخىسىنى بىر نەچچە يىلغىچە تاپالمايسىز، تور بېكەتلىرىڭىزنىڭ سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىنى تەڭشىگەچ تۇرۇڭ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Microsoft Uighur دا چوڭ ئۆزگىرىش يوق، ئۇ يەنىلا كىچىك، گەرچە ALKATIP Tor غا يەتمىسىمۇ (ئېلان قوشتۇم)، لېكىن بېسىپ كۆرگەندە خېلە بولىدۇ. ئۇنى ئۆزگەرتكىن دەپ مۆمىن ساقالنى تار يەردە قىستىماي، باشقا نامدا، باشقا ئۇستىخاندا ئايرىم خەت نۇسخىسى ياساپ بەرسەڭ نەچچە پۇل ئالىسەن دېسەڭلار بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاي ناملىرىدا سۈكۈتتىكى ھالەتتە يانۋار، فېۋرال،….دەپ چىقىدۇ. كىرگۈزگۈچنىڭ نامى ئۇيغۇرچە بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان. لېكىن، ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىشتا سەل ئەندىشەم بار. باشقىلىرىنى ئۆزەڭلار سىناپ تېپىڭلار، قېنى كىم يامان؟ ئۆز ۋاقتىدا Windows Vista Beta ئابدۇرېشىت ئېلى(raxit1973) ئەلكاتىپ بىلەن ماسلاشمايدىكەن دەپ ماڭا چوڭ خاتالىقنى مەلۇم قىلغان. مەن كەسپىي ئۇسۇلدا «ف» ھەرپنىڭ كودىنى تەكشۈرۈپ، خاتالىقنىڭ خەت نۇسخىسىدا ئەمەس، بەلكى كىرگۈزگۈچتە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. ناۋادا، چوڭ خاتالىق تاپالىسىڭلار، ئامېرىكا مىكروسوفت شىركىتىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلامدۇ-تېخى؟ (چاقچاق)

سىناش دوكلاتىنى ئايرىم ئەۋەتىمەن دېسەڭلارمۇ مەيلى، لېكىن ئالدىدىن دەپ قوياي، QQ ئىشلىمەيدىكەن، 360 ۋىرۇسخۇر قاچىلانمىدى، Photoshop قاچىلانمىدى، بەزى ئويۇنلارنى قاچىلىيالمىدىم، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن دەپ يوللاپ يۈرمەڭلار، ساۋاتسىزلىقنى چاندۇرۇپ. ئۇ مىكروسوفتنىڭ ئىشى ئەمەس، بەلكى شۇ قوللانما دېتاللارنى ياساۋاتقانلارنىڭ ئىشى، رەسمىي نۇسخىسى چىقىپ بولغۇچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېتاللىرىنى ماسلىشىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بولىدۇ، ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىمۇ ھەم شۇنداق. خاتىرجەم بولۇڭلار.

قېنى بىرلىكتە بۇ مەھسۇلاتنى ياخشى سىناپ، تەكلىپ-پىكىر بېرەيلى!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
101 پارچە باھا يېزىلدى
  • «ئۇيغۇر تىلىغا ئىشىنىڭ. ئۇ ھازىر جۇڭگودىكى 2-چوڭ تىلغا ئايلىنىشقا باشلىدى.»

    ماۋۇ گەپلىرىڭىز ناۋاتتەك گەپ بوپتۇ،ئالىم مۇئەللىم. ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:29
  • مەنمۇ تەييارلىق قىلاي ئەمسە مۇئەللم رەھمەت سىزگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:42
  • ئالىمجان مۇئەللىم مومكىن بولسا (مەخپيەتلىككە تاقاشمىسا) يۇقۇرىدا مەن سورىغان سۇئالىمغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىلسەك بۇلامدۇ؟ رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:00
    • مېنىڭمۇ بەك دېگۈم بار، ھازىرچە شۇنىڭغا تاقىشىپتۇ دەپ بىلىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 08:10
  • مىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم تور بانكىسى توردا مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلار 10نۇمۇرلۇق تور كۈرگۈچ قىستۇرما قولىمايدۇ دەپ يۈرۈيتى يۇقارقى ئىشلار قىستۇرما بولمىسا بولمايدىغۇ دەيمەن ،،،،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:14
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ يۇمۇرىستىك سۆزلەرگە باي ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن، Windows8 نى قاچىلاش ئىشلىرىنىڭ تەييارلىقىنىلا ئەمەس تەشۋىقاتىنى قىلىپ تۇرساق بولغۇدەك… بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئەڭ… ئەڭ… ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىشنىڭ بىرسى بولۇپ قالغۇدەك…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 01:03
  • ئالىمجان مۇئەللىم،بۇ چوڭ ئىشتىن بىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ ناھايىتى ياخشى قىلدىڭىز،مەنمۇ بىلىشىمچە سىناشقا قاتنىشىپ باقاي،ئالمجان مۇئەللىم،سىز ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېردىلا ئەمەس،ئەدەبياتتىمۇ قالتىس ئىكەنسىز،نىمانداق يۇمۇرستىك،ھە!بىز كۆرۈشكەندىغۇ مەن سىزنى بەك كىچىك پېئىل،كەم سۆز ھېس قىلغان ئىدىم،لېكىن سىز ئېغىز تىلىدا كەم سۆز بولغان بىلەن يازمىغا ناھايتى پۇختا ئىكەنسىز ئەمەسمۇ.سىزنىڭ بىزگە تەمىنلىگەن ئۇچۇر ۋە خىزمەتلىرىڭىزگە رەھمەت!تېنىڭىزگە سالامەتلىك،سودىڭىزغا بەرىكەت ئاللادىن كەلسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 01:27
  • تېچلىقمۇ؟

    بىلىكتىكى يازمىڭىز ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپتۇ، شۇڭا بۇ يەرگە يازدىم. ۋىن 8 نىڭ 32 بىلەن 64 ھەر ئىككىلىسىنى چۈشۈرۈپ قويدۇم.

    بۇرۇنلاردا سىناش ئىشلىرى پەقەت خوشياقمايدىغان بۇ قېتىم ئۇيغۇرچىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ھورۇنلۇقنى تاشلىدىمغۇ، يەنە بىرسى سىزنى قوللاش يۈزىسىدىن رەسمىي نەشىرىنى سىزدىن بىر نۇسخا سېتىۋېلىشقا ھازىرلا تىزىملىتىپ قوياي، ئېلخەتنى قالدۇردۇم. ھەر ۋاقىت ئالاقە قىلساق بولىدۇ، ماقۇل ئەمىسە ئۇتۇق سىزگە يار بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 07:36
    • قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى بېكىتىلدى، ئۇ تېما مەقسەتكە يەتتى. مىكروسوفتنىڭ تەلىپى ئىنتايىن ئېنىق ۋە قاتتىق، 10 نەچچە ئادەم قاتنىشىپ، ئىنگلىز تىلىدا پىكىر بېرىدىكەنمىز. لېكىن، بەزىلەر توختىماي خەت يېزىپ بېسىم قىلىۋاتىدۇ، مىكروسوفت تورىدا ئۇيغۇرچە مۇنازىرە قىلساق بولاتتى دەپ، شۇڭا، ئۇ تېما ۋاقىتلىق ئۆچۈرۈلدى. ھازىرقى مۇھىم ئىش ئاۋۇ 100 نەچچە ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىش، جەمئىي ئۈچ ھەپتە ۋاقىت.
      =========
      قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، مەن تىزىملاپ قويدۇم، رەسمىي نەشرى چىققاندا خەۋەر قىلارمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 07:55
  • ھا ھاھ… ھاياجانلىنىپ كېتىپ خاتا چۈشۈرۈپتىمەن. 2-29-كۈنى چۈشۈرەي. ئۇنىڭغىچە ماۋۇ Windows DeveloperPreview- 32 bit نى ئوينىغاچ تۇرسام بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 07:46
    • ئۇنىڭ بىلەن پەرقى بەكلا چوڭ، ئۇ تېخى ئېلان قىلىنمىدى، يەنە 2 كۈن ساقلاڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 07:58
  • گېپىڭىزدىن قارىغاندا بۇ سېستىمىنى 400-500 يۈەنگە سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا بۇ 500 يۈەنلىك نۇسخىسى ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللامدۇ ياكى ئاساسلىق كۆرۈنۈشلىرىلا ئۇيغۇرچە بولامدۇ ؟ ( ئالدىنقى يازمىڭىزدا ئىككى خىل بولىدۇ دەپتىكەنسىز )

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 07:59
    • ھازىرچە ئورگان تەرەپ قانداق نەشرى بارلىقىنى دېمىگەن بولسىمۇ، مېنىڭچە ئەرزان نۇسخىسىمۇ چوقۇم بار، ئۇيغۇرچىنى ئەلۋەتتە قوللايدۇ. بەزىلەر خەۋەرلەردە مۇنداق نەشرى بار دەپتۇ.
      Microsoft Windows 8 32 Edition
      Microsoft Windows 8 64 Edition
      Microsoft Windows 8 Enterprise 32 Edition
      Microsoft Windows 8 Enterprise 64 Edition
      Microsoft Windows 8 Professional 32 Edition
      Microsoft Windows 8 Professional 64 Edition
      ============

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 08:05
  • ھە مۇنداق دەڭ، مىكروسوفىت مۇنبىرىدە ئۇيغۇرچە مۇنازىرە ئوينايمىز دەپ باللا بەكلا يۇمۇرچى بولۇپ كەتتىمۇ نېمە؟ (^^). راس گەپنى دېسەم بىزگە ھازىر ئۇيغۇرچىسىنىڭ توغرۇلۇق نىسبىتى ئېشىپ كەتكەن ۋىندوۋىزغا بىۋاستە ئېرىشىش سەل مۇبالىغە، ئەمەلىيرەك بولۇپ، ئاتالغۇلار مۇۋاپىق بولسا شۇ بويىچە ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئاۋال بۇ قەدەمنى بېسىۋېلىپ ئاندىن ئاستا-ئاستا مۇكەممەللەشتۈرگۈنىمىز ياخشى. رەسمىي نەشىرىنى ئاغىنىلىرىمغىمۇ سىزدىن سېتىۋېلىش ئىشىنى تەۋسىيە قىلىۋاتىمەن. ئېنىق ئالىدىغانلاردىن يەنە بىرسى بار بولدى. قالغانلار يەنە كۆپۈيۈدۇ. يەنە بىرسى سىزنىڭ قاتنىشىدىغان نامزاتلارنى ئاۋۋال بىر سىناپ تۇرۇپ تاللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەزىدە ئادەملەر ئويلىغىنىمىزدەك چىقمايدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەن بولسام ئۆزرە. ئىشلارنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 08:52
    • ناھايىتى ياخشى، رەھمەت سىزگە!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:04
  • ماۋۇ ھەقىقەتەن خۇشخەۋەركەن. مەن ئۈچ كومپىيۇتېر تەييارلاپ قويدۇم(ھا..ھا..) لېكىن سۆرىيەلمەسمۇ دەپ غېمىم بار… win7 دىغۇ ئوبدان كېتىۋاتىدۇ. چوقۇم سىنايمەن. سىزدىن پەخىرلىنىمىز… ئانا تىلىمىز كومپىيۇتېر ساھەسىدە بولسىمۇ چاقنىسۇن! بىز بولساقمۇ قەدىرلەيلى… رەھمەت سىزگە مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:02
  • بىۋاستە ھەقىقى نەشىردىكى ۋىندوس يەتتە بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتسەم زايە كەتمىگدەك چ چ پ چ دىگەنلەر مۇھىم ئەمەس توردا مالسېتۋېلىش تور بانكا مۇلازىمتىدىن پايدىلنىش مەن ئۈچۈن ھەقىقى مۇھىم سېستىما دىگەن كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا ئىشلىمىسە نىمە قىمىتى بۇ ھەقتە بىرە نەسە دىسىڭىز ئالىم ئەپەندى يۇقارقى مۇھىم ئىشلانى قىلغىلى بۇلامۇ ئاخشام بىر پاتمان پۇلغا ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش دىتالنىڭ كەسپى نۇسقىسىنى سېتۋھلغان ئوغۇرى نەشىرنى ئىشلەتكۈم كەمەي بۇ مۇ ئىشلەمدۇ ۋىندوس سەكىزدە …….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 10:02
  • physical chemistry 物理化学 دېگەننى قانداق تەرجىمە قىلىمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 10:18
  • ئالىم مۇئەللىم قول كومپيۇتېر cpu1.6،ئىچكى ساقلىغۇچ 2 گېگابايىت،كۆرسىتىش كارتىسى 256 مېگابايىت بولسا كۆتۈرەلەمدۇ؟ بولمىسا مەن ئىشلىتەلمەي ئارماندا قالمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 10:20
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىمجان مۇئەللىم، مەن بۇ win8 نى كۈتۈپ كۆزۈم سەككىز بولاي دىدى. مەنمۇ ئاشۇ پىكىر بىرىدىغانلار قاتارىغا كىرسەم دەيمەن، ئازدۇر كۆپتۇر كۈچ چىقارسام دەيمەن ! ئۆزۈم ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا يەنە سىزنىڭ شىركىتىڭىزگە كىرىش ئارزۇيۇممۇ بار ، قۇربىتىم يەتسە چوقۇم كومپىيوتىر ساھەسىدە ئىشلىسەم دەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى am 10:52