Windows 8 Beta مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 Beta مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن

[ IT خەۋەرلىرى ]

Windows 8 ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى 29-فېۋرال تارقىتىلىدىكەن

Windows 8 Beta نەشرىنىڭ نامى «Windows 8 ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى»گە ئۆزگەرتىلدى. مىكروسوفت شىركىتى ئىلگىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، Windows 8 Beta نى ئېلان قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئېنىق ۋاقتىنى ئاشكارلىمىغان ئىدى. يېقىنقى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىكروسوفت شىركىتى «Windows 8 ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى» ۋە «Windows Store ئەپ دۇكىنى»نى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلان قىلماقچى بولۇۋېتىپتۇ. تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى ۋاقتى بويىچە 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (چارشەنبە) كەچ 8:00 دىن 10:00 غا توغرا كېلىدۇ.

Windows 8 ئىلگىرىكى Windows بىلەن زور پەرقلىنىدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي Metro (مېتىرو – يەر ئاستى پويىز) ئارايۈزى ئىشلىتىلگەن، Windows Store ئەپ (قوللانما دېتال) دۇكىنى تەسىس قىلىنغان، باتارېيە سەرپىياتى تېخىمۇ ئۇزارتىلغان، مەشغۇلات يۈزىدىن 17 يىللىق تارىخقا ئىگە «باشلاش» كۇنۇپكىسى ئاخىرى ئېلىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ARM بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللايدىغان بولۇپ، Windows 8 نى كومپيۇتېردىن باشقا يەنە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

قارىغاندا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە تېلېفون ئارىسىدىكى رىقابەت تېخىمۇ كەسكىن بولىدىغان ئوخشايدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
78 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئۇيغۇرچە دىتاللا نى قوللىشى قانداقراقتۇ؟
    يەنە سىزىمچان ئىكران ئالىدىغان گەپكەندە.2-3 نۇقتىنى چىكىپ مەشغۇلات قىلسا پەيزىدە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:35
    • ئۇيغۇرچە دېتاللارنى قوللاشتىن غەم قىلماڭ، ھازىر بار بولغان ھەر قانداق مەشغۇلات سىستېمىسى يەنى مەيلى ئالما شىركىتىنىڭ Mac ياكى ئۇبۇنتۇ (ئەسلىدە يۇبۇنتۇ) ئۇيغۇرچىنى تېخى بۇنىڭدەك قوللىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنداق مۇنداق دېگەن بىلەن باشقا سىستېمىلاردا ئۇيغۇرچە يەرلىك ئۇچۇر بارمۇ-يوق؟ ئۇيغۇرچە سىستېما خەت نۇسخىسى بارمۇ-يوق؟ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بارمۇ-يوق؟ ئۇيغۇرچە….بارمۇ يوق؟ تەكشۈرۈپ باقساقلا، مىكروسوفتنىڭ تىل-يېزىققا قانداق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:09
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك !
    خۇددى MP4دېسە، MP5 ۋە MP9 دەپمۇ قالايمىقان ئاتىۋالغاندەك گەپقۇ بۇ Windows9دېگەن.

    ئالىم مۇئەللىم Windows 8 Beta نى ھەقسىز سىناپ باقىمىزمۇ ياكى پۇلغا سېتىۋالىمىزمۇ؟

    توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ سىناپ باقالامىز – ھە؟

    سېستىما تارقىلىشتىن بۇرۇن كۆپچىلىك ئىدىيىرىمىزدە تەييارلىق قىلغاچ تۇرايلى ھەم Windows7نى تەپسىلىي كۆرۈپ چۈشەنگەچ تۇرايلى. ۋاقىت قىس. Windows7نى بىلمەي تۇرۇپ 8 گە پىكىر يېزىش تەس توختىشى مۇمكىن شۇڭا ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلايلى.

    ئالىم مۇئەللىم ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 20:07
    • Windows 8 Beta ئەلۋەتتە ھەقسىز بولىدۇ، توردىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتەلەيدۇ، Beta باسقۇچىدا كود يېزىش پۈتۈنلەي تامام دېگەن گەپ. پەقەت ئېكران كۆرۈنۈش ۋە ئۇششاق چۈششەك ئىشلاردا خاتالىق بولسا ئۆزگەرتىدۇ، مۇھىم ئۆزگەرتىشلەرنى SP1 دا ياكى كېيىنكى نەشىرگە تاشلاپ قويىدۇ.
      مىكروسوفت يەنە ئۆزىنىڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا دىسكا، ماتېرىيال ۋە تولدۇرىدىغان جەدۋەل بىلەن تەمىنلەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:26
  • Windows 8 Beta نۇسقىسى ئەمدى تارقىلىدىغان تۇرسا ئۇيەرگە يېرىم يىل بۇرۇنلا يوللىنىپ بۇلۇپتىغۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 16:19
    • شۇڭا، مىكروسوفت بېكىتىدىن باشقا يەرگە ئىشەنمەڭلار دېدىمغۇ؟ بەزى بېكەتلەردە تېخى Windows 9 دەپمۇ بار

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:31
  • تىل تاللاش .دىمەكچى بولغۇنىڭىز پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە سېستىما ئۇيغۇرچە خەتلىك قاچىلاش دىگىنىڭىزمۇ ياكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش رايونىدىكى ئۇيغۇرچە تىل تاللاش مۇ ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 14:27
  • مەزكۇرتوربىكەت ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويايhttp://win8e.com/bbs/thread-3313-1-1.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى am 11:57
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ئاللائىشلىڭىزنى ئاسان قىلسۇن مەنwindows8بىرخەنزۇچەتوربىكەتتەئۇچۇرتۇپ چۇشۇرگەن ئىدىم لىكىن قاچىلاشتا بەك قىينالدىم خەت ساندۇقى ئارقىلىق تىزىملىتىدىغان يىرى باركەنتوق ..ئەمماقاچىلاش جەريانىداتىل تاللاش رايۇندائۇيغۇرچەدەپ كورۇپ تولىمۇھاياجانلاندىم مۇمكىن بولسابۇنىىڭ قاچىلاش ئۇسۇلى توغۇرلۇق چۇشەنچەبەرگەن بولسىڭىز رەھمەت جاۋابىڭىزنى كۇتۇپ مۇھەممەت..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى am 11:44
  • ياخشىمۇسىز ئالىم مۇئەلىم . بەزى مۇنبەرلەردە win8 سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بىلەن چىقىدىكەن ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولىدكەن ئىنكاس -تېمىلار قايناپ كېتىپتۇ .
    راسىت شۇنداقمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:09
    • بۇنداق چوڭ خەۋەرلەر مىكروسوفت (ياكى ئۇيغۇرسوفت)نىڭ ئورگان (ياكى شىركەت) تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنمىغۇچە، باشقا مۇنبەرلەردىكى بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىشەنچىسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:11
    • كالا قۇيرىغىنى كۆتەرسە چوقۇم چىچىدۇ دىگەن گەپ بار، سەۋرىچانلىق بىلەن ساقلايلى ! شۇ ئىشلارنى ئويلىشىۋاتقان ،ياكى تۇتۇش قىلىپ جاپالىق ئىش قىلىۋاتقانلارغا سالامەتلىك ،ئۇتۇق تېلەپ تۇرايلى!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:49
  • مىكرو بلوگىڭىزدىكى ھەم تور خاتىرىسى ھەممە پاراڭنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقسام ،بۇقىتىم ئۇيغۇرلارغا زور بىر ئىش بولامدۇ نىمە؟3يىل بولدى Windows 7 نى ئىشلىتىۋاتقىلى،سېستىمىدىكى ئۇيغۇر تىلى كىرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۆرگەندىن كىيىن نۇرغۇن ئۈمۈتلەرنى كۈتۈپ كىلىۋاتىمەن. ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق كومپۇتېر ۋە يانفونلار دۇنياغا كىلىشىگە ئاز قاپتىمۇ قانداق! يانفون سېستىمىسى چىقتى دىسەكمۇ بولىدۇ،ئەمما مۇكەممەل ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق كومپۇتېر ……..
    ئالىم مۇئەللىم سىزگە قاراپ تۇرىمىز!نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇيغۇرسوفىت ماركىسىنى سىز تىزىملاتقان ئەمەسمۇ؟بىكارغا ئىلىۋالسىڭىز بولماس ،خى خى !سالامەتلىكىڭىزگە دىققەت قىلىڭ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:26
    • پەرەز قىلىش ياخشى ئىش، لېكىن ھازىرچە ئىشەنمەڭلار، چۈنكى كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى تېخى بىرلىككە كەلمىگەن ۋاقىتتا.
      نەچچە قېتىم مۇنازىرە قىلدۇق، 5-10 تال ئاتالغۇ ئۈچۈن، بىلىك كۇلۇبىدىمۇ بىر ئاي مۇنازىرە قىلدۇق، لېكىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولالمىدۇق، ئاخىرى تېما مەزمۇنىدىن چەتنەپ كەتتى. بىر-بىرىمىزگە ئاسانلىقچە قايىل بولمايدىكەنمىز،
      ئالدى بىلەن چوقۇم ئاتالغۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:01
    • ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە بىر نەچچە ئاتالغۇنى تاللاپ ،بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرسەك بولىدۇ .بىربىرىمىز قايىل بولماي،كوچىلىشىپ مۇشۇ كۇننى كۆرىۋاتىمىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:21
    • ئومۇمەن ئېيتقاندا دۇنيادا ھەر ساھەلەردىكى نۇرغۇن ئۆلچەملەرنى شۇ ساھەدە ئەڭ ئالدىدا مىڭىۋاتقان كارخانا بىكىتىدۇ. ياكى شۇنىڭ ئۆلچىمى قوللىنىلىدۇ. مىنىڭ پىكرىم ئالىم مۇئەللىم، بەزى ئاتالغۇلارنى ئۆزىڭىزنىڭ كوللىكتىۋى ئىچىدە يىغىن ئېچىپلا بىكىتىپ، قوشۇمچە ھالدا مىكروبلوگدا چەكلىك ۋاقىتتا بېلەت تاشلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ بىكىتىپ مەھسۇلاتلىرىڭىزدا ئىشلىتىۋىرىڭ، ئورۇنلۇق بولمىغانلىرىنى كىيىنكى مەھسۇلاتلاردا ئۆزگەرتسىڭىز بولىۋىرىدۇ. 5-10ئاتالغۇ ئۈچۈن بىر ئاي مۇنازىرىلىشىشنىڭ ئورنى يوق، سىزگە ئىشىنىمىزھەم قوللايمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:45
      • باشقا تورداشلارمۇ سىزگە ئوخشاش بۇ جەھەتتە ماڭا ۋە بىزنىڭ گۇرۇپپىغا ئىشىنىدىغان بولسا، بىز ئۈچۈن زور ئىلھام بولىدۇ. ئىشلىرىمىز تېخىمۇ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 16:52
    • سىزگە، سىزنىڭ روھىڭىزغا، كوللېكتىپىڭىزغا تولۇق ئىشىنىمىز ئالىم مۇئەللىم. («ھاكىم شۇجى»غىلا ئوخشايدىكەن بۇ ئىسىم)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 21:49
  • ياخشىمۇ سىز ئالىم مۇئەللىم ، مەن سىزدىن ياردەم سوراي دىگەن ،
    مەن ناخشىا ئىيتىشنى ياخشى كۆرىمەن ، كومپىيۇتىرنىمۇ ھەم شۇنداق، شۇنداق ناخشىلارنىڭ مۇزىكىسىنى ساقلاپ قىلىپ ، تىكىسىت ( ناخشا ) ئاۋازىنى يوقىتىۋىتىدىغان يۇمشاق دىتال بارمىدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:36
    • سىز سىز سىز …

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:34
    • سەي ئۇسۇپ بولغان لەغمەننىڭ سېيىنى ئايرىۋالغىلى بولامدۇ؟ بولىدۇ، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن سەينىڭ يۇقى قالىدۇ. ئەگەر سەينىڭ يۇقىنى قالدۇرماي ئايرىۋالىمەن دېسە بەك يۇقىرى تېخنىكىلار كېتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:31
    • بۇغداي دېنى بىلەن قوناق دېنىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتسە، ئۇنى ئايرىپ چىقىشقا بولىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇن-كېپەك قىلىۋېتىپ، ئارىلاشتۇرۇۋەتسە، ئۇنى پۈتۈنلەي ئايرىش تەس بولىدۇ،
      كومپيۇتېر دېتالىمۇ دەل شۇنداق، چاستوتاسى ئوخشاش ئاۋازنى بىر نەرسە دەپ تونۇيدۇ، مەسىلەن: دۇمباقنىڭ ئاۋازى بىلەن بوم ئاۋازلىق ناخشىچىنىڭ ئاۋازىنى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. چاستوتاسى بىر دائىرىدە بولمىغان مۇزىكا بىلەن ناخشا بولسا مەسىلەن: دومباق بىلەن چىقىراپ ناخشا ئېيتىدىغان ئايال ناخشىچى بولسا، ئازىراق بولسىمۇ ئايرىپ بېرەلەيدۇ، پۈتۈنلەي ئايرىۋېلىش مۇمكىن بولمايدۇ. تېلېۋىزوردىكى سۈرەتمۇ دەل شۇنداق. XJTV دېگەن بەلگە چىقىپ تۇرىدىغان كىنودىن، ئاۋۇ بەلگىنى پاكىز چىقىرىپ تاشلىيالمىغاندەك ئىش.

      ئۈستىدىكى GoodLuck نىڭ ئوخشىتىشمۇ دەل جايىدا بولۇپتۇ، ئازىراق قوشۇمچە چاقچاق قىلىپ قوياي، سەي بىلەن ئاش ئايرىم لەغمەن (گۇيرۇ لەغمەن) بولسا، ئايرىۋالغىلى بولىدۇ، ئۆي لەغمىنىدىن ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى am 08:26
  • رەھمەت سىزگە ئالىم مۇئەللىم.
    لېكىن بەك تەققەززا بولىۋاتىمەن. Windows8 نى ئىشلىتىشكە!
    ئالىم مۇئەللىم ياخشى سېستىما بار تور بىكەت ئادىرسى بولسا تەۋسىيە قىلغان بولسىلا؟ ئاۋارە قىلدىغان بولدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:56
  • ئۇلۇغ ئاللا مۇشۇ سىستىمىگە ئۇيغۇرچىنىڭ مۇكەممەل قوشۇلىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەي. مىنىڭ بىلىشىمچە ئىلگىرى بىلىك تورىدىكى بۈركۈت ئەپەندىنىڭ يازمىسىدا مەلۇم بىر مىكروسوفىتنىڭ خادىمى بىلەن مەشخۇلات سىستىمىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىمىز توغرىلىق مۇنازىرە خاتىرىسىنى كورگەندەك قىلغان ئىدىم . تەپسىلاتى تازا ئىسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ. شۇ ۋاقىتتا كۆپرەك مۇلاھىزە Vista دىكى «ف» مەسىلىسى ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مىكروسوفت خادىملىرىنىڭ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىزدەك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاشۇ پىكىرلىرىگە قۇلاق سالغانلىقى مەندە زور ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ پەيدا قىلغان ئىدى. شۇڭا ئالىم مۇئەللىم ۋە شۇ قاتاردىكى بارلىق ئۇچۇر ساھاسىدىكى خادىملارنىڭ مۇشۇ دەۋىر بۆلگۈچ خاراكتىرلىك مەشخۇلات سىېستىمىسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللشىشىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى ۋە ئېجادىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، يېغىپ رەتلىگەندىن كىيىن ئالىم مۇئەللىم ئارقىلىق بېيجىڭدىكى مىكروسوفىت ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىگە ماتىرىيال ئارقىلىق يوللىساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. بۇ چاغدا «Windows 8 ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى» ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تاپقان بولاتتى. نىمىلا دىگەن بىلەن شىركەتتىكىلەرنىڭ شۇنداقلا Windows مەشخۇلات سىستىمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بارلىق ئابونتلار ئورتاق ئارزۇسى مۇشۇ سىستىمىنىڭ تېخىدىنمۇ مۇكەممەل بولۇشى (گەرچە مەڭگۈ مۇكەممەللىككە يەتكىلى بولمىسىمۇ) بولسا كىرەك. گەرچە Windows 7 دە ئاساسى مەسىلىلەر ھەل بولدى دىگەندەك قىلغان بىلەن تېخى ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئۈستەل يۇزىدىكى سنبەلگىلەرنىڭ ياكى ھۆججەت ئىسىملىرىنىڭ ئىسىمىنڭ ئىنتايىن قوپال چىقىشى تۈپەيلى ئۇيغۇرچە قىلىشنى خالىمايۋاتقىلىق ئېنىق. قىسقىسى مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئادەمگە راھەتلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلمىغان. تېخى كىم بىلىدۇ Vista دىكىگە ئوخشاش مەسىلىلەر يەنە كۆرىلەمدۇ ئۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس . (ئۇنداق خاتالىقنىڭ يەنە قايتا سادىر بولۇشىدىن ئاللا ساقلىسۇن.) شۇڭا بىر تېخىمۇ كۆپ ئادەم سىناپ مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلساق بەك ياخشى بولاتتى. كۆپ سۆزلەپ قويۇپ ۋاقتىڭلارنى ئېلىپ قويدۇم . توغرا چۈشىنىڭلار . مەنمۇ ھەممەيلەنگە ياخشى بولسۇن دەپ ، بولمىسا سىتىۋ بالمىر ئاكىمىز ماڭا پايدىسىدىن پىرسەنت ئاجرىتىپ بەرمەيدۇ !! ھا ھا ھا !!! (چاقچاق)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 00:05
    • ئەرەبچە بىلەن ئۇيغۇرچە بىر رايوندا بولغاچقا ھەم ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇرغۇن ھەرپلەر ئورتاق ھەرپ بولغاچقا (كود نومۇرى ئوخشاش)، ئەرەبچە قۇرۇلمىدىكى خەتنى بىز ياقتۇرمايمىز، ئۇيغۇرچە قۇرۇلمىدىكى خەتلەرنى ئەرەبلەر ياقتۇرمايدۇ، لېكىن، شۇنداقتىمۇ بۇ قېتىم سۈكۈتتىكى سىستېما خەت نۇسخىسغا قوشۇلغان ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەت نۇسخىسى ئۇيغۇرچىگە ئەڭ ياخشى ھالەتتە تەڭشەلگەن. قېنى سىناپ بېقىڭلار، بىلوگىمدىكى بېيجىڭ سەپەر خاتىرىسىنى كۆرگەن بولساڭلار، ئۇلار بىلەن ئالاقە ئىشلىرىدا ھەرگىز غەم قىلماڭلار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 00:50
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك !
    بۇلىدۇ مۇئەللىم مېنىڭ ئېنگلىزتىلى سەۋىيەم تازا ياخشى ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ مەن سىناسقا قاتنىشىپ پىكىرىمنى ئاز، جانلىق، ساز قىلىپ يېزىپ ھەم ئېنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتىمەن.
    سىزگە رەھمەت مۇئەللىم !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:30
  • secure boot باشقا مەشغۇلات سىستىمىلىرىنى ( لىنۇكس مەسىلەن ) چەكلەپ قويىدۇ دەيدىغۇ؟ بۇ قانچىلىك ئىشەنچىلىك؟ بۇنداق بولسا مەن بۇ سىستىمغا يېقىن كەلمەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:17
  • كۆك ئېكران بوپ قېلىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن بۇلارغۇ بۇنى تۈپتىن ھەل قىللدۇق دەۋاتقان. قانداق بولىدىكىن تاڭ مىكروسوفىت رەقىپلىرى ئالدىدا يەنە مات بوپ قالمىسا بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 14:12
  • يەنە بىر خۇشخەۋەردىن تولىمۇ ھاياجانلىنىۋاتىمەن، بۇنى سىناشقا چوقۇم قاتنىشىمەن.
    ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 8 نىمۇ تېزراق كۆرسەك بولاتتى؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 13:20