Windows 8 Beta مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 Beta مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن

[ IT خەۋەرلىرى ]

Windows 8 ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى 29-فېۋرال تارقىتىلىدىكەن

Windows 8 Beta نەشرىنىڭ نامى «Windows 8 ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى»گە ئۆزگەرتىلدى. مىكروسوفت شىركىتى ئىلگىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، Windows 8 Beta نى ئېلان قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئېنىق ۋاقتىنى ئاشكارلىمىغان ئىدى. يېقىنقى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىكروسوفت شىركىتى «Windows 8 ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى» ۋە «Windows Store ئەپ دۇكىنى»نى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلان قىلماقچى بولۇۋېتىپتۇ. تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى ۋاقتى بويىچە 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (چارشەنبە) كەچ 8:00 دىن 10:00 غا توغرا كېلىدۇ.

Windows 8 ئىلگىرىكى Windows بىلەن زور پەرقلىنىدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي Metro (مېتىرو – يەر ئاستى پويىز) ئارايۈزى ئىشلىتىلگەن، Windows Store ئەپ (قوللانما دېتال) دۇكىنى تەسىس قىلىنغان، باتارېيە سەرپىياتى تېخىمۇ ئۇزارتىلغان، مەشغۇلات يۈزىدىن 17 يىللىق تارىخقا ئىگە «باشلاش» كۇنۇپكىسى ئاخىرى ئېلىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ARM بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللايدىغان بولۇپ، Windows 8 نى كومپيۇتېردىن باشقا يەنە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

قارىغاندا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە تېلېفون ئارىسىدىكى رىقابەت تېخىمۇ كەسكىن بولىدىغان ئوخشايدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
78 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالىم مۇئەللىم ،تاختا كومپىيۇتىرغا قاچلانغانWindows 8 دەwindows xp،windows 7گەقاچلاپ ئشلەتكەن دىتاللارنى ئشلىتەلەرمىزمۇ.ئشلەتكىلى بولسا كىيىنچە windows 8قاچلانغان تاخــتا كومپىيۇتىردىن بىرنى ئالايمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:14
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم.
    Windows 8 سېستىمىنى سىزىمچان ئېكران ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېردا چاچقان، كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىتىش ھاجەتسىزمۇ؟ ياكى يەنە چاچقانغا ئېھتىياجلىق بۇلىمىزمۇ؟
    مەسىلەن: Adobe Photoshop CS5 بۇ دېتال قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندە چاچقان ناھايتى مۇھىم. شۇڭا ئېكراندا ئىشلىتىش كەلسە كۈنەلەرمەنمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 08:10
    • Windows نىڭ گېپىنى دەۋەتساق، Photoshop تىن ئەنسىرەپ قاپسىزغۇ؟ بۇ چاغقىچە Adobe دىكىلەرمۇ قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتقاندۇ؟
      ئەلۋەتتە كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس بىراقلا ئەمەلدىن قالىدۇ دېگەن گەپ ئەمەس، ئۇنىڭغا يەنە بارماق ئارقىلىق باشقۇرۇش قوشۇلىدۇ دېمەكچى.
      ناۋادا، ماشىنىڭىزدا Windows8 قاچىلانغان بولسا، يەنە مائۇس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىتىمەن دەپ تۇرۇۋالامسىز نېمە؟ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق رولى بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:20
  • Win8 نىڭ مەغلۇبىيەتلىك ئۆتكۈنچى سىستېما بولۇپ قېلىشنىڭ ئېھـىماللىقى خېلى بار. مەن Developer preview سىدىن Win7 دىن ئارتۇق تۈزۈك بىر نېمىسىنى ھېس قىلمىدىم، ئەكسىچە بەزى ئورۇنلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، قالايمىقان قىلىۋەتكەندەك.
    ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئادىتى بېلەن ئوينىشىش ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:54
    • ھازىرچە ھەممە نەرسىگە بىر نەرسە دېيىش بالدۇر، Windows7 گە كۆنۈپ قالغانلار، Windows 8 دە ئېكراننى مۇنداقلا بىر سىلاپ قويسا، Windows7 نىڭ ئۈستەليۈزىگە قايتىپ كېلىدۇ، كۆنەلمىگەنلەر مۇشۇنداق ئىشلىتىپ تۇرسا بولىدۇ، ئەمما، تاختا كومپيۇتېردا ئىشلىتىدىغانلار يەنىلا مېتىرو ئارايۈزىگە ئامراق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھەممىدىن ئاۋۋال پىروگرامما تۈزىدىغانلار ئۇيغۇرچە قوشۇلغان يېڭى سىستېما خەت نۇسخىسىغا ئامراق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:31
    • مىكروسوفتنىڭ تارىختىن بۇيانقى مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ بازار ئەھۋالىغا نەزەر سالساق، ھەقىقەتەن نۇرقۇت دېگەندەك، ھەر قېتىم بىر مەشغۇلات سىستېمىسى ئۆتكۈنچە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. Windows 7 نىڭ ئىككىنچى XP بولۇپ قېلىشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىش تەس. Win8 دىكى ئۇيغۇرچە ھەقىقەتەن كىشىنى قىززىقتۇرىدىغان نۇقتا، بىراق ئومۇمىي ئىشلەتكۈچىلەرنى نەزەرگە ئالغاندا، Win8 نىڭ يېڭىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 12:36
    • بىلىشمچە مىكروسوفىتنىڭ ئېلىكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرى بازىرى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس،شۇڭا ئۇلار Windows8 گە بەك زو ئۈمىد باغلاۋاتىدۇ، بۇ سىستىمىنىڭ vista غا ئوخشاش مەغلۇپ بولىشى ناتايىن،چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇرنىغا بىر قىتىم سۇ كىرگەن،بۇنداق خاتالىقنىڭ يەنە يۈزبىرىش ئىھتىماللىقى بەك تۆۋەن. شۇڭا Windows8 گە نىسبەتەن ئۈمىدۋار بولشىمىز كىرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:18
  • ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم Windows 8 مۇئاخىر چىقىدىغان بوپتۇ ئاللاھ خالىسا مىنىڭ مۇشۇسېستىمىغا بولغان ئۈمۈدۈم ناھايىتىمۇ چوڭ بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرچە بۇلىشى سىناشقا ئاللاھ خالىسا چوقۇم قاتنىشىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:49
    • ھازىرچە Beta دىن ئۇنداق چوڭ ئۈمىدنى كۈتمەڭ، ھازىرچە سىستېما خەت نۇسخىسى، يەرلىك ئۇچۇرىنى ئوبدان سىناپ بېقىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:33
  • مېنىڭغۇ بەك ئىشلەتكۈم بار ، لېكىن كومپىيوتۇرۇمنىڭ سەپلىمىسى بەك تۈۋەن : 256MB ئىچكى ساقلىغۇچ , cpu:1.8GHz

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:35
  • خۇدايىم بۇيرۇسا مەنمۇ بۇ ئىشقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىمەن.مەن مۇشۇ ئاي ئاخىرى پايت
    ەختىمىز بېيجىڭدا بولۇپ قالىمەن.ھىچ بولمىغاندا ئەتراپتىكى دوستلارغا بولسىمۇ تەشۋىق قىلارمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 18:54
  • بەك ياخشى بوپتۇ، بۇ توغۇرلۇق ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئالىم مۇئەللىم، Windows 8 نىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرنى ئاڭلىدۇق،مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دەپتىكەن،ئەمدى سىناپ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. قىنى دوستلار جاھاننىڭ يېڭىلىقلردىن بىخەۋەر يۈرمەي، دەۋىر بىلەن تەڭ مىڭىشقا تىرشايلى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:10
  • ئالىم مۇئەللىم ۋىندوۋسنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى بىلەن ھۆججەتلەرگە ئسىم قويغاندا ئۇيغۇرچە خەتلەر چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ،ئېكران خاسلىقىغا كىرىپ تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ. ۋىندوۋس8دە بىۋاستە چىرايىلىق تۈز خەت نۇسقىسدا كۆرۈندىغان بۇلۇش ھەل قىلىندىمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:28
    • بەلكىم بىزنى سىناڭلار دېگىنى، نەق مۇشۇنداق يەرلىرى بولسا كېرەك. ئىشقىلىپ بۇ قېتىم چوڭ بىر خۇشاللىقتىن تامايىم بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:43
    • بار بولغان سىستېما خەت نۇسخىلىرى ئىچىدە خېلە چىرايلىق

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 00:53
  • ئاللاھ خالىسا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىمەن ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:47
  • ئاشۇ يىڭىلىقلارنىڭ 2 – ۋە 3 – سىنى بەك بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ ..
    مۇشۇ كۆرۈپ بىقىش نەشرىنى بىر سىناپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ..
    سىناشقا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشڭلار دەپسىز . باشقا مەخسىتىڭىز بارمۇ يا …خاتالىقلارنى بايقاپ خەۋەر قىلىۋىتىڭلار دىگىنىڭىز مۇ …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى am 11:19
    • ھەممە ئىش ئۆز ۋاقتىدا بولسۇن، شۇ چاغدا دەپ بېرەي. سىناشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇڭلار

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:22
    • ئالما شېركىتىنىڭ يۇلىنى تۇتقانلىقىڭىزنى ئەمدى بىلدىم .
      ئالىمجان ئاكا يەنە سوراپ باقاي win7 نى ئەمدى تاشلاش كېرەكمۇ . . . ھازىرقى مۇشانداق شارائىتتا win7 پەقەت xp بىلەن win8 غا كۆرىكلىك رول ئويناپ قالغاندەكمۇ . .
      يەنە win8 بىلەن win7 ئارىسىدا ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك زور ئۆزگىرىش بار دىيىشكە بولامدۇ ..توردىكى خەۋەركلەرگە قارىغاندا بەزىلەر win7 ئەمدى ئۆلىدۇ ئۇنىڭ ئورنىنى win8 باسىدۇ دەيدۇ .يەنى بەزەنلەر win 8 پەقەت تاختا كومپىيوتىر مەشغۇلات سېستىمىسى …..win 8 تاختا كومپىيوتىر دا ئۆزىنىڭ رولىنى win7 بولسا يەنى ئۆزىنىڭ رولىنى ئىشلەۋىرىدۇ دىگەندەك …مۇشتاپمۇ win7 نىڭ بىزگە بولغان رولى خېلىلا “ئوبدان دىيىشكە لايىقمۇ لايىق ئەمەس بىلمىدىم سىزگە نىسبەتەن“……….
      ئاخىرىدا win8 نى پەقەت بىزگىلا ياسىغاندەك خوش بولىۋاتىمەن ھازىر …..
      ئىستىمالچىلار نوسخىسى چىققان ھامان مۇشۇ بېكىتىڭىزدا يوللاپ قويسىڭىز ھەممىمىز تەڭ سىناشقا ئاكتىپ قاناشساق . .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:58
      • Windows 8 Beta نۇسخىسى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مىكروسوفتتىكى پىروگراممىلار Windows 9 نى ياساشقا ئاتلىنىدۇ(چۈنكى مىكروسوفتتا پىروگراممىچىلار بىكار بولۇپ قالىدىغان ئىش يوق)، شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى Win7 نى بولسىمۇ ئىشلىتىپ بېقىڭلار. بولمىسا، ئۇنى كۆرمەي قالماڭلار. ئۇمۇ ھەقىقەتەن ياخشى سىستېما. ئۆتكۈنچى سىستېما دېيىش توغرا كەلسە، Windows Vista نى دېسە بولىدۇ.
        مىكروسوفتتىكى خادىملاردا Windows 95 كومپيۇتېرنى ئۆزگەرتكەن بولسا، Windows 8 ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ دەيدىغان گەپ بار، شۇڭا، بۇنىڭدا يېڭىلىق ھەقىقەتەنمۇ كۆپ. ناۋادا، كۆنەلمىسىڭىز، ئېكراننى مۇنداقلا سىلاپ قويسىڭىز، Windows7 نىڭ ئۈستەل يۈزىگە ئالمىشىدۇ، يەنە بىر سىلاپ قويسىڭىز مېتىرو ئارايۈزگە ئالمىشىدۇ. مۇمكىن بولسا سەزمە ئېكران بولسا، تېخىمۇ ياخشى سىنايسىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:37
  • ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئالىم موئەللىم ياخشىمۇ سىز ،گەپنى ئۇدۇللا دەۋىرەي ،مەن ئاددى بىر تور زىيارەت قىلغۇچى ھازىر ئۇيغۇر تورچىلىقىدا تور بىكەت ،تور خاتىرسى ياكى مۇنبەر بولسۇن ھەممىسىدە دىگۇدەك تىما يوللاش ياكى باھا يوللاش كۆزنىكى بار شۇڭا تور زىيارەت قىلغۇچىلار ئەركىن ئۇچۇر يوللىيالايدۇ،لىكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر يىزىقىمىزنىڭ ئىملا خاتالىقىمۇ كۆپ كۆرلۇپ ئىغىر مەسىلە بولوپ قالدى،ئەستا گەپنىمۇ قاملاشتۇرۇپ دىيەلمەيمىنىا،مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بىر يۇمشاق دىتال بولسا مۇشۇ تور بەتلەردىكى تىما ۋە باھا يوللاش كۆزنىكىنىڭ ئاستىدىكى ‹‹يوللاش›› كونۇپ كىسىنى باسقىنىمىزدا بىز كۆزنەك ئىچىگە يازغان خەتلەرنى تەكشۇرۇپ ئىملا خاتالىقى بولمىسا يوللايدىغان ،ئەگەرئىملا خاتالىقى بولسا يوللىماي قايتا تۇزتۇشكە بۇيرىدىغان، قىلىپ ياسىغىلى بولارمۇ .
    كەچۇرۇڭ گەپلىرىمنىمۇ قاملاشتۇرۇپ دىيەلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:52
    • ياخشى ئويلاپسىز. ئىملا تەكشۈرىدىغان دېتال بار، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى، يۇلغۇن ئىملا تەكشۈرگۈچ، كەنجى كوررېكتورى،…دېگەندەك، تور يۈزىدە تەكشۈرىدىغانلاردىن بىلىك كۇلۇبىنىڭ شۇنداق ئىقتىدارى بار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە UyghurDev ۋە يەنە Udmish ئىملا تەكشۈرگۈچىسى بار، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى ئىملا قائىدىسى بويىچە تەكشۈرىدىغۇ دەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:21
    • ئەگەر بۇنداق قىلساق، سىزنىڭ ئاۋۇ ئىنكاسىڭىزنى «نامىڭىزنى توغرا كىرگۈزۈڭ» دەپ ئۆتكۈزمەي تۇرىۋالىدۇ، چۈنكى ئىملا لۇغىتىدە تەنھا دەپ بار.
      مېنىڭچە بۇنىڭدا يەنىلا ئۆزىمىز دېققەت قىلغىنىمىز تۈزۈك، مۇنبەر دېگەندە قىزىق بولسۇن دەپ بەزى گەپلەرنى ئاھاڭى بىلەن يېزىپ قالىمىز، بەزى گەپلەرنى يەرلىك شىۋە بىلەن يېزىپ قالىمىز. شۇڭا بۇنداق قىلغاندىن كۆرە، ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ توغىرلىساق بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:42
  • بۇ خەۋەرنى ۋاقتىدا كۆرۈپ كۆپ خۇش بولدۇم. Windows 7 نى ئشلىتىۋاتقان ئىدىم، WindosXP غا قارىغاندا كۆپ قولاي ھېس قىلىمەن. ئەمدى Windows 8 نى ئىشلىتىش مۇمكىن بولسا، نېمەدېگەن ياخشى – ھە؟ بولسا ھەربىر قېرىندىشىمىز بۇ ئىشقا ئەستائىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى ياكى ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولغان ئەڭ زىل ھەم ئىنچىكە نەرسىلەرنى چىن قەلبىمىزدىن ئەمىلىي ھەركىتىمىز بىلەن قوللىساق دەپ تۈۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. يەسلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇپ، يەنە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشى بىلەن بولۇۋاتقان «مەن» جېنىمدا ئۇيغۇر تىلىنى راۋان ئۇقمايۋاتقاندا، مىللىتىمىزدىكى باشقىلار توغرۇلۇق ئارتۇق كايىماي ! . . .
    مۇھىمى، ئۆزىمىزنى مىللەتنىڭ «زىيالىي» لىرى ھېسابلايدىغان ھەر بىرەيلەن ئانا تىل ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز قوشساق . . . رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:38
  • ۋاي، راستمۇ؟ ھەجەپ ياخشى. سىناشقا قانداق قاتنىشىدۇ؟ سىناش ۋاقتى بىر ئايمۇ؟

    گەرچە بىر شەيئىنىڭ ھەممە ئادەمگە بەرگەن تەسىر ئوخشاش بولمىسۇ، ئەمما بۇ ساھەدە بىز كۆپرەك سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلايمىز، شۇڭلاشقا بولسا ئاشۇ يېڭىلىقلارنى سىز ئالدىن پۇرتىپ ئۆتكەن بولسىڭىز بوپتىكەن. چۈنكى ھازىرمۇ نۇرغۇن كىشىلەر WindosXP نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلاپ Windos8 نى ئىشلىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم كىشىلەر سىناپ ئىشلىتىشكە ئامالسىز ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىشلىتەلمەيدۇ.
    راست، تور خاتىرىڭىزدىن ھېس قىلغان بىر قولايسىزلىقنى دېسەم كۆڭلىڭىزگە كەلمەس، بۇرۇنقى تور خاتىرىڭىزدە « تورداشلارنىڭ باھاسى» دېگن يەردىكى باھالارنى( ياكى باھا يازغۇچىنىڭ باش سۈرىتىنى ) چەكسەك شۇ باھانى نەق كۆرسىتىپ بېرەتتى. بۇنداق بولغاندا بىزدەك دائىم كىرىپ تۇرغىچىلار كىمنىڭ قانداق ئىنكاس يازانلىقىنى بىر قاراپلا بىلەيتتۇق. ئەمما ھازىر يېڭى باھا يېزىلغان تېمىغا بىر باشتن قاراپ چىقىدىغان بولۇپ قالدۇق. شۇڭا بۇرۇنقىىدەك يېڭى باھانى (ياكى باھا يازغۇچىنىڭ باش سۈرىتىنى ) چەكسەك شۇ باھانى كۆرسىتىپ بىرىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى am 07:55
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم،
    ئالدىنقى يازمىڭىزدا Windows 8دە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك، زور خوشاللىقلار بارلىقىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدىڭىز. مەنمۇ بۇ سىستېمىنى بالدۇرراق ئىشىلتىشكە تەقەززا بولۇۋاتىمەن.
    ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!
    ئشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، تېنىڭزنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى am 01:31
  • ئۆزەم بىرىنچى بولۇپ ئىنكاس يېزىۋېتەي،
    Windows 8 دە يەنە بىزگە مۇناسىۋەتلىك ئانچە-مۇنچە ئۆزگىرىش، يېڭىلىقلار بار، مەسىلەن: (1) سىستېما خەت نۇسخىسى، (2)… (3) … قاتارلىقلاردۇر. ھاردۇق چىقامدۇ-يوق تەپسىلاتىنى ۋاقتى كەلگەندە بىلىۋېلىڭ. ئەڭ ياخشىسى سىناشقا ئاكتىپ قاتنىشىڭلار ياكى ئىنگلىزچە راۋان يازالايدىغانلار مەن بىلەن جىددىي ئالاقىلىشىڭلار. مۇھىم ئىش بار. خەت ئادرېسىم: alim.ahat دىن كېيىن @ نى يېزىپ، ئاندىن live.com غا ئەۋەتىڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 19:40
    • Windows 8 نىڭ ئىلگىرى تارقىتىلغانلىرىنى سىناشقا مۇمكىن بولماي قالغانىدى، سىزنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشىڭىزدىن بۇ قېتىمقىسىنى چوقۇم سىنايمەن.
      خەۋەر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 19:48
    • مەن سىلىگە ئالدىنقى قىتىم نومۇرىنى ئەۋەتىپ بەرگەن ئامركىلىق Jash بىلەن ئالاقە قىلىپ باقسىلىرى بەلكىم ياردىمى تىگىپ قالار. ئاللا تەنلىرىنى سالامەت قىلغاي @!@@

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى am 00:08
    • Windows 7 قاچىلانغان كومپۇتىرغا ئىككى سېستىما قىلىپ قاچىلىغىلى بولامدۇ؟ بولسا ئىنگلىچە بىلمىسەممۇ قاچىلاپ باقاي دىگەنتىم

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى am 11:27
باھا بېتى: 1 2 3