Password يەنى 密码 ئاتالغۇسى ھەققىدە
[ ئاتالغۇلار ]ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىۋاتقان تور بېكەت سىستېمىلىرىدىكى مۇنبەر، بىلوگ، مىكرو بىلوگ سۇپىسىغا قارايدىغان بولساق، Password يەنى 密码 نى ھەرخىل ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن: پارول، شىفىر، مەخپىي نومۇر، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز ساندا ئىم، پىچىر،…دېگەندەك. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە «پارول» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەنلەر بىر قەدەر كۆپ ئىكەن. ئۇنداقتا Password دېگەن نېمە؟
Password نىڭ ئېنىقلىمىسى
ئىشلەتكۈچى تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن، تور، يەرلىك كومپيۇتېر ۋە ئۈسكۈنىلەردە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى دەلىللەيدىغان ھەرپ-بەلگە تىزمىسى
شۇڭا، خەنزۇچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنغان «مەخپىي نومۇر» دېگەن سۆز دەل جايىغا چۈشمەيدۇ. ئەمما ئېغىز تىلىدا كىشىلەر كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. بەلكىم بانكا كارتىسىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ ياكى مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالدىم دەپ بانكىغا تولا قاتىراپ يۈرۈپ، بۇ تەرجىمە ئاتالغۇغا كۆنۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە ئاتالغۇسىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلساق «ئۆتكەل سۆز» دېگەن مەنا چىقىدۇ، «نومۇر» دېگەن مەنىسى ئەزەلدىن يوق.
ئەمدى شىفىر ۋە پارولنىڭ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقايلى:
======================
«شىفىر» (دىققەت ئىملاسى شىفېر ئەمەس) نىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى يەشمىسى
شىفىر
ئىسىم [ر ‹ئە] مەخپىي خەت-ئالاقىلەردە ئىشلىتىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلىك بەلگىلەر، ھەرپلەر ياكى سان-رەقەملەر
شىفىر يەنە شىفىرلىق ھېساب، شىفىرلىق تېلېگىرامما، شىفىرلىق فاكس،…دېگەن بىرىككەن سۆزلەردىمۇ ئۇچرايدۇ.
======================
«پارول»نىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى يەشمىسى
ئى [‹فران] ‹ھەرب› ھەربىي خىزمەتتە ياكى يوشۇرۇن تەشكىلاتلاردا ئۆز كىشىلىرىنى تونۇش ئۈچۈن، ئۇچراشقاندا ئېيتىلىدىغان ۋە ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلىدىغان شەرتلىك مەخپىي سۆز
======================
يۇقىرىدىكى يەشمىلىرىدىن مەلۇمكى «پارول» ۋە «شىفىر» سۆزى چەت تىللاردىن تىلىمىزغا كىرگەن بولۇپ، مەيلى قايسىنى ئىشلىتەيلى بىزگە نىسبەتەن ياتلىشىش دەرىجىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش، ئەمما يەشمىسىگە تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، «پارول» سۆزى ئەسلىي ئاتالغۇغا بىر قەدەر يېقىن كېلىدۇ، يەنى «پارول»نىڭ يەشمىسىدىكى «ئۆز كىشىلىرىنى تونۇش ئۈچۈن، ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلىدىغان شەرتلىك مەخپىي سۆز» بولسا «شىفىر»نىڭ يەشمىسىگە قارىغاندا، ئەسلىدىكى ئاتالغۇنىڭ ئىزاھاتىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن. شۇ سەۋەبتىن پارولنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
گەرچە «ئىم»، «پىچىر» سۆزى بىر قەدەر ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بولسىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدىكەن، بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ ۋاقىت كېرەك. ناۋادا، بىر قەدەر ئومۇملاشقان «پارول»، «شىفىر»، «مەخپىي نومۇر» قاتارلىق ئاتالغۇلار ئارىسىدىن بىرسىنى مۇۋاپىق دەپ قارايدىغان ئىش بولسا، مېنىڭچە «پارول»نى بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
مەن «پارول» دېگەن بۇ سۆزنى 1991-يىلى «ئالما 2-نومۇر ۋە Basic تىلى» دېگەن ئۇيغۇرچە كىتابتىن كۆرگەن. ماڭا نىسبەتەن 20 يىلدىن ئېشىپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ يەنە قانداق ياخشى تەكلىپلىرى باركىن؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 11,368 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۈنى am 0:56
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ تەكرارلىقى
- كېيىنكى يازما :دۇنيا ۋاقىت رايونى (English-Uyghur World Time Zones)
قانداقلا دېگەن بېلەن يات تىللىق سۆزلەرنى ئىشلەتمەيلى، ھازىر يات تىلدا ئومۇملىشىپ قالدى دەپ ئۇنى ئىشلىتىۋەرسەك،مەڭگۈ مۇشتاق كىتىشى مۇمكىن. ئىم دەپ ئىشلەتسەك،خەق ھازىرچە كۆنەلمىگەن بىلەن، ئاستا-ئاستا، تەشۋىق ئارقىلىق كۆنىدۇ. ھازىرقى كىشىلىرىمىزنى ئويلىماي كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئويلايلى مۇئەللىم.
ئەڭ ياخشىسى ئىم دەپ ئالغان تۈزۈككەن، مالىك تورداشنىڭ پىكرى تامامەن ئورۇنلۇق،
باشقا تىلدىن قوبۇل قىلىدىغان ئىش بولسا ئەڭ ياخشىسى «پاسۋورد» دەپلا ئالايلى. ئۇيغۇرچە يېڭىدىن ياسايدىغان ئىش بولسا « سىرسۆز » ، ياكى « سىربەلگە» دەپ ئالساق تىلغىمۇ ئاسان چىقىدۇ. ماۋۇ «ئىم» دېگەن «ئىما» دەپ ئالغان ياخشىراق.
Windows تا پارول دەپ ئېلىندى
خەنزۇچە، ياپونچە، رۇسچە ياكى ئىنگلىزچە قاتارلىق چەتئەل تىللىرىدا قەدىمكى ئىبارىلارنى ھازىرقى زاماندىكى يېڭىدىن پەيدا بولغان شەيئىلەرگە نام قىلىپ قوللىنىش مەسىلىسى ھېچكىم ھەيران قالىدىغان ئىش ئەمەس. ھەيران قېلىش توغرا كەلسە بەلكىم بىزنىڭ بەزى ئۇيغۇرلىرىمىز ھەيران قېلىشى مۈمكىن. مىسالغا ئالىدىغان بولساق بىز ئۇيغۇرچە سۆزنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى ئاز قېلىۋاتقان «بوشى» (دوكتور)، «سوشى» (ماگېستېر)، «شۆشى» (باكلاۋېر) دېگەن سۆزلەر ئەسلىدە خەنزۇ تىلىدا بۇنىڭدىن 1300 يىللار بۇرۇنقى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئوخشىمىغان سەۋىيىدىكى بىلىم ئىگىلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولۇپ ئىشلىتىلگەن ئىدى. 1919-يىلىدىكى يېڭى ئىلىم ھەركىتى كۆتىرىلگەندىن كېيىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتىدىكى داڭلىق مىللەتچى ئوقۇتچىلاردىن خۇ شى قاتارلىقلار جۇڭگو جەمىيىتىگە يېڭىدىن سىڭىپ كىرىۋاتقان «دوكتور»، «ماگېستېر» قاتارلىق چەتئەل ئاتالغۇلىرىنى ئۆز تىلىدا قەدىمكى زاماندا ئىشلىتىلگەن، كېيىنچە تاشلىنىپ قالغان «بوشى»، «سوشى» دېگەن ئاتالغۇلار بىلەن ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە مۇشۇ سۆزلەرنى ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلىنىڭ لۇغەت فوندىغا ئېلىپ كىرگەن. ھازىر بولسا ھېچبىر جۇڭگولۇققا بۇ سۆزلەر غەيرى تۇيۇلمايدۇ.
خۇددى ئوخشاش سۆز بولغان «بوشى» ئاتالغۇسى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا «باخشى» شەكلىدە (ئەسلى خەنزۇچە سۆزنىڭ 1300 يىل بۇرۇنقى تەلەپپۇزى بويىچە) قوبۇل قىلىنىپ، ئۆز زامانىسىدىكى بۇددىست ئالىملارنىڭ دەرىجىسىنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرلار بۇددىزىمدىن ۋاز كېچىپ 980- يىلى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن «باخشى» سۆزى تەدرىجى ئىستىمالدىن قېلىپ، خەلق تىلىدا «كونا ئەقىدىلەرنىڭ تەشەببۇسچىلىرى» دېگەن مەنىدە داخانلارنى كۆرسىتىدىغان خاس ئاتالغۇغا ئايلىنىپ قالغان. موڭغۇللار ئۇيغۇرلاردىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يېزىققا ئەگىشىپ موڭغۇللارغا ئۆتكەن بۇ سۆز ھېلىمۇ ھازىرقى زامان موڭغۇل تىلىدا «باخشى» شەكلىدە قوللىنىلىدۇ ۋە «ئالىم» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
باشقىلار قىلمىغان ئىشنى قىلىش توغرا كەلگەندە ئانچە مۇنچە ئويلىنىپ كۆرۈشنىڭ ياكى ئىككىلىنىشنىڭ بولۇشى چۈشىنىشلىك. ئەمما باشقىلار قىلسا بىر چىرايلىق ياراشقان ئىش قاندىقىسىگە بىزگە ياراشمىغۇدەك؟ بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرى «ئىم» دېگەن سۆزنى لۇغىتىگە تىزىشتىن باشقا بۇ سۆزگە مەخسۇس ئىزاھ ۋە مىسال بەرگەن. دېمەك، بۇ سۆز ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئارىسىدا ناھايىتى كەڭ ئىستىمال قىلىنىدىغان ۋە ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بىر سۆز ئىكەنلىكى ئېنىق. چۈنكى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ لۇغىتىدە ھەممە سۆزلەرگە بىر-بىرلەپ ئىزاھ بېرىلمىگەن. ئەينى ۋاقىتتا مۇستاپا كامال تۈركىيە جەمىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان ئەرەبچە ۋە پارىسچە سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئورنىغا ياۋروپاچە (فرانسۇزچە، ئىتالىيانچە، ئىنگلىزچە…) سۆزلەرنى دەسسەتكەن ئىدى. ئەمدى بولسا تۈرك زىيالىلىرى بۇنىڭ بىر ئەخمىقانە تارىخىي خاتالىق بولغانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ھېس قىلماقتا. چۈنكى مۇستاپا كامالنىڭ قىلغىنى چەتئەلچە ئىبارىنىڭ ئورنىغا باشقا بىر چەتئەلچە ئىبارىنى قويغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىشنى خالىساق مېنىڭچە يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىشلەتكەن، ئەمما كېيىن ئىستىمالدىن قالغان «ئىم» (دىققەت: ئىسىم شەكلىدىكى «ئىم» بىلەن ئىملىق سۆز بولغان «ئىم» پۈتۈنلەي باشقا باشقا نەرسە. بۇلارنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ) سۆزى ئەڭ مۇۋاپىق. بولمىسا «پارول»، «شىفىر» … دەپ يۈرگەن بىلەن «مىما» دېگەننىڭ ماھىيەتتە ھېچقانچە پەرقى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەس.
ياخشى پىكىر يوللاپسىز، لېكىن مەن بۇ تېمىدىكى مەركىزىي ئىدىيەنى يەنە بىر چاپلاپ قوياي:
=====================
يۇقىرىدىكى يەشمىلىرىدىن مەلۇمكى «پارول» ۋە «شىفىر» سۆزى چەت تىللاردىن تىلىمىزغا كىرگەن بولۇپ، مەيلى قايسىنى ئىشلىتەيلى بىزگە نىسبەتەن ياتلىشىش دەرىجىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش، ئەمما يەشمىسىگە تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، «پارول» سۆزى ئەسلىي ئاتالغۇغا بىر قەدەر يېقىن كېلىدۇ، يەنى «پارول»نىڭ يەشمىسىدىكى «ئۆز كىشىلىرىنى تونۇش ئۈچۈن، ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلىدىغان شەرتلىك مەخپىي سۆز» بولسا «شىفىر»نىڭ يەشمىسىگە قارىغاندا، ئەسلىدىكى ئاتالغۇنىڭ ئىزاھاتىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن. شۇ سەۋەبتىن پارولنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن.
گەرچە «ئىم»، «پىچىر» سۆزى بىر قەدەر ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بولسىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدىكەن، بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ ۋاقىت كېرەك. ناۋادا، بىر قەدەر ئومۇملاشقان «پارول»، «شىفىر»، «مەخپىي نومۇر» قاتارلىق ئاتالغۇلار ئارىسىدىن بىرسىنى مۇۋاپىق دەپ قارايدىغان ئىش بولسا، مېنىڭچە «پارول»نى بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
==============
شىفىر بولسا چۈشۈنىشلىك بولىدۇ
مىنىڭچە «ئىم »ئەڭ مۇۋاپىق. مىنىڭ بىلىشىمچە پارۇل دىگەن ئەزەلدىن ئېغىزدىلا ئىپادىلىنىدىغان بىرەر نەرسىگە يېزىلىپ ساقلىنىدىغان ياكى يېزىۋالغانغا قاراپ دىيلىدىغان ياكى كۆچۈرلىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ پەقەت ئېغىزغىلا مەنسۇپ . باشكىسى ھەككىدە گەپ قىلىش ھاجەتسىز. پەقەت ئىم دىسەك توغرا بۇلامدىكىن .
مىنىڭچە ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ ئېيتقىنى ئۇرۇنلۇق ،
مەخپى نۇمۇر دىيىش گەرچە بىرقەدەر چۈشۈنىشلىك بولسىمۇ پۈتۈنلەي خەنزۇچە يېزىلىشىدىن سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلىنان ، يۇمشاق دېتال تەرجىمە قىلغان ۋاقىتلىرىمدا بەلگىللەنگەن ئۇرۇنا پاتماي مەخپى نۇ… دەپلا چىقىۋالىدۇ ، ئىم دېگىنىنى ئىشلىتىشكە كەلسەك ئىم نى بىر سۆز ئورنىدا ئىشلىتىش مىنىڭچە قاملاشمايدۇ ، خۇددى ئاھ ، ۋاھ دېگەن سۆزلەردەك كىشىگە بىرقىسمى تەسىر بىرىپ چۈشەنمىگەن كىشىگە نىمىش قىلىىدىغانلىقىنى ئەسكەرتەلمەيدۇ ، پارول بولسا تارىخى بىرقەدەر ئۇزۇن چۈشىنىدىغان كىشىلەر بىرقەدەر كۆپ ، ئۈزىمۇ قىسقا ، پارول نىڭ بىرلا مەنىسى بار ، مەخسىۇس مۇشۇنداق مەگپى يول خېتىغا ئىسىم ئورنىدا ئىشلىتىش كە بۇلىدۇ ، ئىم نى ئايرىم قۇيۇپ قويساق مەنىسىنى يازان كىشىدىن باشقا ھېچكىشى چۈشىنەلمەيدۇ ، چۇقۇم جۈملە ئىچىدە ئىشلىتىشىمىز كىرەك ، شۇڭا پارول سۆزى ئىنتايىن مۇۋاپىق ، مىما پىما دېگەن دەك پىسپاس تاقۇتۇقا گەپلەردىن مىڭ ياخشى
ھازىر ئىم دىگەن سۆزنىڭ قوللىنىشىمۇ ئوموملىشىۋاتىدۇ
مەنمۇ پارولنى قوللايمەن.
پارول دەپ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، باشقىلار تېزلا كۆنىدۇ.
ئەستا، ئو تۇرپان ئەپەندىم، مەن دېمەكچى مەخپى نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالسام ئۇ كەمدە سېستىما قاچىلىماي تۇرۇپ بېرەر ئامال قىلغىلى بولامدۇ؟
ھە راست 开始-运行-syskey ئارقىلىق كومپيۇتېرغا مەخپى نۇمۇر سالغان بۇنى سېستىما قاچىلىماي تۇرۇپ مەخپى نۇمۇرنى بۇزىۋەتكىلى بولامدۇ؟
پارول ئۆزگەرتىدىغان ئورۇندىن يېڭى پارولنى بوش قويۇپ سىناپ بېقىڭ.
مەنغۇ پارول دەپ ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى.
لېكىن 客户端 نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى تاپالماي بەك قىينىلىپ كەتتىم …
客户端 نى ئىنگلىزچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلغاندا «خېرىدار كومپيۇتېرى» بولىدۇ
بۇندىن كېيىن ھەربىر سۆزيېڭىدىن پەيدا بولغاندا ، تىلشۇناسلىرىمىز بىرلىكتە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ياساپ ، ‹‹كەڭ خەلق ئاممىسى ۋە ھەر ساھەدىكى ئورۇنلار شۇ بويىچە ئشلىتىشى كېرەك ›› كېرەك دەپ تېلىۋىزوردا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلسا بولمامدۇ.
مەن ئاۋۇ ھېلىقى پويىزدەك ئۇزۇن بولغان «كۆرۈنمە چاستوتىلىق خەۋەر» دېگەن سۆزنى ھەزىم قىلالماي يۈرگىلى ئۇزۇن ۋاقىتلار بولۇپ كەتتى…