客户 يەنى «ئابۇنت» ئاتالغۇسى ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

客户 يەنى «ئابۇنت» ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

نۆۋەتتە 客户 ئۇيغۇر تىلىدا «ئابۇنت» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ، مەسىلەن: ھۆرمەتلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنتلىرى دېگەندەك. «ئابۇنت» دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە يوق بولۇپ، ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز «ئابۇنە» بار، بۇ سۆزنىڭ چۈشەندۈرۈشىدىن بۇ سۆز پارسچىغا قارىغاندا فرانسوزچىدىن كىرگەن ئېھتىماللىقى يۇقىرى دېمەكچى، ئەمما، مەن پارسچە ۋە فرانسوزچىدىن ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئەلۋەتتە، مەن ئاددىي قىلىپ Google تەرجىمانىدىن ئىزدەپ باقتىم. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھلانغان،
====================================
ئابۇنە
ئىسىم، [پ‹فران] ‹مەت› گېزىت، ژۇرنال ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئالدىن ھەق تۆلەپ يېزىلىش: ھازىردىن باشلاپ بىزگە بەزىبىر ئۇيۇشمىلار ئابۇنە پۇلىنى ئەۋەتىۋاتىدۇ.
====================================
شۇڭا، «ئابۇنت» دەپ يېزىش خاتا، ئەسلىدە «كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىلىرى» دېسە بولاتتى. ئەمما، مۇشۇنداق توغرا يازالماي ئۆزىمىزنى قىيناپ يۈرگۈچە، تېخىمۇ چۈشىنىشلىك ئاتىلىشى ھەققىدە مۇنداقلا ئويلىنىپ باقتىم. بەلكىم خاتا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن يازمىسام بولمايدۇ، چۈنكى ھازىر بىلوگ يېڭىلانمىسا بولمايدۇ. بۇ سۆزنىڭ مەيلى ئىملاسىدا بولسۇن ياكى ئىشلىتىشتە بولسۇن مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ھازىرچە «خېرىدار» دەپ ئېلىشنى بىر قەدەر مۇۋاپىق كۆردۈم.
====================
خېرىدار
ئىسىم، [پ] ① بىرەر نەرسە سېتىۋالغۇچى كىشى؛ ئالارمەن: خېرىدار بولماق. خېرىدار تاپماق. ② كۆچمە. بىراۋغا (ئادەتتە بىرەر قىز ياكى ئايالغا) كۆڭۈل قويغان كىشى، خۇشتار؛ لايىق: خېرىدارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭ نە كېرەك (ماقال)
====================
«جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش خېرىدارلىرى»، «قۇرۇلۇش بانكىسى خېرىدارلىرى»، «ئۇيغۇرسوفت خېرىدارلىرى» دېسەك بولماسما؟
=========
بەزىلەر يەنە بۇ «ئابۇنت» سۆزنى رۇسچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن دەيدىكەن، ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيا ياشاۋاتقان، رۇس تىلىنى بىزدىن نەچچە ھەسسە پىششىق بىلىدىغان رۇسزۇۋان (رۇس تىلى مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئۆزبېك، قازاق)لار بۇ سۆزنى ئۆز پېتى ئىشلەتمەستىن «خېرىدار» دەپ ئىشلىتىدىكەن، بىز نېمە ئۈچۈن مۇشۇ سۆزگە تەڭداش بولالايدىغان «خېرىدار» سۆزى تۇرسىمۇ، «ئابۇنت» سۆزىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولدۇق.

شۇڭا،
客户端软件
«ئابۇنتچى تەرەپ يۇمشاق دېتالى» ئەمەس بەلكى «خېرىدار تەرەپ دېتالى» كېرەكمۇ قانداق؟

中国移动客户服务电话
«جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلار مۇلازىمەت تېلېفونى» ئەمەس «جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى خېرىدارلار مۇلازىمەت تېلېفونى» بولۇشى كېرەكمۇ قانداق؟

服务器/客户机 دىكى 客户机 نى تېخى 服务器 مۇلازىمىتېر دېگەنگە ئوخشىتىپ، ئابۇنىتېر دېگىلى تاس قالغان. ئەسلىدە مۇلازىمەتچى كومپيۇتېر ۋە خېرىدار كومپيۇتېر دەپ ئالساقمۇ بولار ئىدى. «مۇلازىمىتېر» گە ھازىرچە ئامال يوق بولسىمۇ، لېكىن «ئابۇنىتېر» دېيىشكە بولمايدۇ.
================================
مۇمكىن بولسا، ئۇچۇر ساھەسىدە تېخى ئومۇلاشمىغان، پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە ياكى رۇسچە ئاتالغۇلارنى ئىمكان قەدەر ئۆزىمىز چۈشىنەلەيدىغان مەنىداش سۆزلەر بىلەن ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ بىلىمەن. مەسىلەن: «ئانالوگ» ئەمەس «تەقلىد» دېگەندەك.

قېنى ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىپ باقاي، رۇس تىلى، پارس تىلى، فىرانسوز تىلىنى بىلىدىغانلار قانداق قارايسىلەر؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
63 پارچە باھا يېزىلدى
  • نامى مەشھۇر قەھرىمانلارنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:02
  • خېرىدار بىلەن چۆپقەتنىڭ پەرقى شۇ يەردىكى، بىر دۇكاندىن مال ئالغان، مالنىڭ باھاسىنى سورىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا خېرىدار بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پەقەت ئازساندىكى دايىملىق مۇقۇم خېرىدارلا چۆپقەت بولىدۇ، مۇئامىلىدار بولسا، شۇ دۇكانغا مال بىلەن تەمىنلىگۈچى، شۇ دۇكاندىن مال سېتىۋالغۇچى ۋە شۇ دۇكان بىلەن ئېلىم بېرىم مۇئامىلىسىنى قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇئامىلىدار بولىۋىرىدۇ.
    دېمەك، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا مۇئامىلىدار بەك كەڭ ئۇقۇم بولۇپ، خىرىدارلارنىڭ ھەممىسى مۇئامىلىدار بولىدۇ، چۆپقەتلەرنىڭ ھەممىسى خىرىدار بولىدۇ، مۇئامىلىدارنىڭ ھەممىسى ياكى خىرىدارنىڭ ھەممىسى چۆپقەت بولىۋىرەلمەيدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:48
  • بۇ يازمىنى كىچىكىپرەك كۆرۈپ قالدىم، بىزدە بۇ ھەقتە «چۆپقەت» دەيدىغان بىر سۆزمۇ بار، بازار يېڭىدىن ئېچىلغان مەزگىلەردە توپ ساتقۇچىلار ئۇششاق ئېلىپ ساتارلاردىكى مۇقىم خىرىدارىنى «بىزنىڭ چۆپقىتىمىز»، «دۇكىنىمىزنىڭ چۆپقىتى»، «ئاۋۇ نامەرت ئەبلەخ مېنىڭ چۆپقىتىمنى ئازدۇرۇپ، ئۆزىگە ئۆگىتىۋاپتۇ» دېگەندەك سۆزلەر دايىم دېيىلىپ تۇراتتى. كىچىك چاغلىرىمىزدا ئۆيىمىزگە دايىم قېتىق، سۈت ئەكىرىپ بېرىدىغان ئاياللارمۇ، «سىلەر دېگەن بىزنىڭ چۆپقىتىمىز، شۇڭا بازاردىن ئەرزانراق بېرىمىز» دېيىشەتتى. شۇڭا كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ چۆپقىتى، پوچتا تېلېگراپنىڭ چۆپقىتى دېيىش تېخىمۇ توغرا بولۇر ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:35
    • خۇش كېلىپسىز، بىدار ئاكا! بىزنىمۇ پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭ دەيمەن.
      ——————
      شۇنداق، ئابۇنت دېيىش بەكمۇ خاتا ئىكەن، يا لۇغەتتە يوق (لۇغەتلەردە ئابۇنە دېيىلىپتۇ، ئىملا ياكى ئىزاھلىق لۇغەتتە ئابۇنت دەيدىغان سۆز يوق)، تېخى كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تەشۋىقات قەغەزلىرىدە ئۈستىدە ئابۇنت ئاستىدا خېرىدار دەپ ئالىدىغان يېرى بار تېخى. شۇڭا، مەن خېرىدار دەپ ئالساڭلار بولمامدۇ؟ جېنىڭلار قىيناپ يۈرگۈچە دېمەكچى ئىدىم،

      سىز دېگەن چۆپقەت سۆزىنى مەن يېقىن خېرىدارلار دەپ چۈشىنىمەن، ئىزاھلىق لۇغەتكە قاراپ باقسام،
      ===============================
      چۆپقەت
      ئىسىم
      ھۈنەر-كەسىپ، سودا-سېتىق قاتارلىقلاردا دائىم ئېلىم بېرىم قىلىپ تۇرغان كىشى، دائىملىق خېرىدار؛ يېقىن كىشى: چۆپقەت تۇتماق. * ئاپا، ئۇ بىزنىڭ كونا چۆپقىتىمىز. ناھايىتى ياخشى قىز
      ==========================
      خېرىدارلارنىڭ ئىچىدە ئېلىم-بېرىم قىلىدىغانلار چۆپقەت بولىدىكەن، ئىشقىلىپ ئاۋۇ ئابۇنت سۆزىدىن مىڭ ياخشى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:45
    • بىدار قۇتلان ئەپەندىنىڭ مەن ئۇنتۇپلا كەتكەن بىر سۆزنى ئېسىمگە سېلىپ قويغىنىغا رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 23:52
  • مۇشۇ «كۆچمە خەۋەرلىشىش »، «بىرلەشمە خەۋەرلىشىش» دېگەن ئاتالغۇدىكى خەۋەرلىشىش دېگەن سۆز تازا مۇۋاپىق ئېلىنمىغاندەك قىللامدۇ نېمە؟ مېنىڭچە بولغاندا « كۆچمە ئالاقە»، « بىرلەشمە ئالاقە» دېگەندەك ئالساق ياخشى بۇلارمىكىن دەپ ئويلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 18:58
  • بۇنى ئۆزگەرتىشنى ئاۋارچىلىق دەپ قارىساق بولمايدۇ!!!ئۆزگەرتىش كىرەك!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى am 09:33
  • توغرا،ئۆز تىلىمىزدىن مۇۋاپىق سۆزلەر بار تۇرسا نەدىكى چۈشىنىكسىز سۆزلەرنى ئىشلىتىپ يۈرسەك بولمايدۇ،
    مەسىلەن: مېدېتسىنا(تىببى،تىبابەت)،مېتىرولوگىيەئىدارىسى(ھاۋارايى ئىدارىسى)،پارالىچ(پالەج،لەقۋا)،دېڭىز دېلىفىنى(يۇنۇس بېلىقى)، ئاكۇلا(لەھەڭ)،ئابونت(ئەزا)،كومىتىت(ھەيئەتلەر رىياسىتى)،فاڭجىن(كۆرسەتمە)،
    ۋاي ۋۇي،بۇنداق سۆزلەر تولىمۇ كۆپ،يازسام ۋاقىت يەتمىگۈدەك،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:28
    • شۇنداق توغرا دەيسىز، ئۆز تىلىمىزدا بىر ئوبدان سۆز تۇرسا، يات تىللاردىن سۆز قوبۇل قىلىش بەكمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك، مېنىڭچە مۇشۇ تىلغا قىزىقىدىغانلار «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»نى نەچچە رەت ئوقۇپ بېقىشى كېرەك. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىغا مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:02
  • خېرىدار

    بۇ سۆزنى بەك ياخشى چىقىپتۇ … پۇلداندىن پۇل ئالغان ۋاقىتتا … داۋاملىق مۇشۇنداق ئاقماس تەرجىملەرنى كۆرەتتىم .. بۇدا … بۇ سۆزگە ئالماشتۇرۋىتەسىز …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 23:51
  • مىنىڭچىمۇ خېرىدار دېسەك قاملاشقىدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 20:42
  • ئىشلار شۇنداق بولىدىكەن، بەندە بولغاندىن كېيىن، خاتالىقلارمۇ سادىر بولۇپ تۇرىدىكەن، مەسىلە شۇ خاتالىقلارنى قانداق توغرىلاشتا ئىكەن. ئۆتكەندە Jeck بىلەن مۇشۇ ئاتالغۇ، ئىملا توغرىلىق بىر پاراڭلىشىپ قالغان. ئاخىرىدا كېلىپ چىققان يەكۈن شۇ بولدىكى، تىلدىكى بەزى نامۇۋاپىق كەتكەن نەرسىلەرنى توغرىلىغاندا، بۇرۇنقىلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، مۇتلەق خاتاغا چىقىرىۋەتمەي، backward-compatibility (ئارقىغا ماسلىشىش) ئىددىيىسى بويىچە، «خېرىدار»مۇ توغرا، «ئابۇنە»مۇ توغرا بولىدىغان؛ «مۇلازىمىتېر»مۇ توغرا، «مۇلازىمەتچى»مۇ توغرا بولىدىغان توغرىلاش ئۇسۇلىنى قوللانسا بەك مۇۋاپىق بولىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، خاتا كەتكەنلىرى تەشۋىقات ۋە يېتەكلەشنىڭ تۈرتكىسىدە بارا-بارا ئىستېمالدىن قالىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتساق، خاتاسىنى توغرىلاشتىن كېلىپ چىققان بىر تۈركۈم «ساۋاتسىز»لارنى كەلتۈرۈپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.

    PS:
    ئالىم مۇئەللىم، ماۋۇ Sina نىڭ Weibo سىنى ئويناۋاتامسىز ياكى؟ تېخى ئوينىمىغان بولسىڭىز، ھازىر باشلاپ قويسىڭىز، بىزمۇ سىزگە ئەگىشىپ قويساق، باشقا گەپ سۆز قىلمىسىڭىزمۇ مۇشۇ بىلوگىڭىزدا يېڭى ماقالە ئېلان قىلغاندا بولسىمۇ، شۇ يەرگە بىر ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويسىڭىز، بىزمۇ تېزلا خەۋەر بولۇپ قالالايتۇق. بەزىدە بىلوگ يېڭىلىنىش ئاستا بولغاچقا، بۇ يەرگە كېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 13:54
  • ماۋۇ ئىنگلىزلار مەھسۇلات سېتىۋالغان كىشىلەرنى customer دەيدىكەن؛ مۇلازىمەت سېتىۋالغان كىشىلەرنى client دەيدىكەن.

    سىز نەقىل ئالغان چۈشەندۈرۈشكە قارىسام، تىلىمىزدا بۇنى بەك پەرقلەندۈرۈپ كەتمەپتۇ، شۇنىڭدىن قارىغاندىمۇ «خېرىدار» دېگەن بۇ سۆز مۇشۇ ئىككى خىل كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم ئوخشايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، customer بىلەن client لارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «خېرىدار» دېسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ.

    server نى «مۇلازىمەتچى» دېسەك گۈلىگە گۈل بولۇپ تەرجىمە بولغان بولار ئىدى، ئەسلى… «مۇلازىمىتېر» غۇ ئاڭلىماققا ۋەھشىي ھەيۋەت تۇيۇلىدۇ لېكىن… D=

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 12:55
    • شۇنداق، بىرسى نەرسە كېرەك سېتىۋالىدۇ ئىشى تۈگەيدۇ، بۇ customer، بىز يەنە بۇنى ئىستېمالچى دەيمىز، بەزىلەرنىڭ يەنە «بۈگۈن قانداق تاماق ئىستېمال قىلىمىز»-دەپ قويۇشلىرى بار، خۇددىي ئىلمىي گەپ قىلغان بولۇۋېلىپ، پوچىلىشىپ سۆزلەپ قويىدۇ. مەنىسى بارا-بارا ئۆزگىرىپ كېتىپ بارىدۇ. مەن مۇشۇنداق چۈشىنىكسىز سۆزلەشنى ياقتۇرمايمەن.
      يەنە بىرسى ئايدا، يىلدا يوقلاپ تۇرىدۇ، نەرسە ياكى مۇلازىمەت سېتىۋالىدۇ، بىز بۇنى ئابۇنە دەۋاتىمىز. لېكىن، بۇ يەردە يەنە شۇ ئادەم، شۇڭا، بۇنى خېرىدار دەپ ئاتىساق مۇۋاپىق بولاتتى. شۇنداق ئۆز ۋاقتىدا تېخىمۇ چۈشىنىشلىك «مۇلازىمەتچى» دېسەك قانداق بولار؟ بەك ئاددىي بولۇپ قالامدۇ-نېمە دەپ، «مۇلازىمىتېر» دەپ شۇنداق كېتىپ قالدى. چەتئەللىكلەر ئاددىي دېگەن گەپنى بىز مۇرەككەپ قوبۇل قىلىپتىمىز،
      call دەيدىغان بىر سۆز بار، بۇرۇن ئۇيغۇرچە دەرس سۆزلىگەندە فۇنكىسيەنى چاقىرىش دېسەك، ئوقۇغۇچىلار كۈلۈشۈپ كەتكەن ئىدى، بۇ 调用 ئىكەن، شۇڭا يۆتكەپ ئىشلىتىش دەيلى دەپ. مانا ھازىر 调用 دېسەك ھېچكىمنىڭ پىكىرى يوق

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:04
    • تىلىمىزدا «مۇلازىم » دەپ مۇلازىمەت قىلغۇچىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۇرسا يەنە «مۇلازىمەتچى» دەپ ئىسىمدىن بىرنى ياساش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش زۆرۈرمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 15:16
  • بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئاتالغۇ بەلكىم غۇغەتتىن ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر بىلەرمەننىڭ كاللىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن!
    ”科学院“ئىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيدىغان ئادەم يوقتۇ؟ __ ئۇنى ”ئاكادېمىيە“، ئېشىپ كەتسىمۇ ”پەنلەر ئاكادېمىيەسى“ دەيمىزغۇ؟! بىراق ھازىر بىرات ()نىڭ 1- لىنىيەسىدە ئۇچرايدىغان بۇ بېكەتنىڭ نامى ”پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى“، دەپ ئېلىنىپ، كۈندە كىشىلەرنىڭ قۇلاقلىرىغا قۇيۇلماقتا…
    مەنچە، ”ئابونت“ ئاتالغۇسىنىڭ ئىشىمۇ شۇنداقمىكىن، يەنى مەلۇم بىر ”سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلىش ماھىرى“نىڭ خىزمىتى بىلەن دۆلەت خاراكتېرلىك شىركەتلەرنىڭ سۆز ئامبىرىغا كىرىپ قېلىپ، شۇ پېتى كېتىۋاتامدىكىن ؟ (ئىشقىلىپ، ھازىر ئۇيغۇر تىلى ئىگەسىز ھالەتتە!)
    [مەن خەنسولار يازغان بىر ماقالىنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدا ”ئۇيغۇرچە سۆز ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ جۈملە قۇراشتۇرۇش…“ دەمدۇ، ئىشقىلىپ شۇنداق ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرمۇ قىلالايدىغان بىر ئىشنى دەپتىكەن…]

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 22:53
  • مۇشۇ ئۇچۇر تېخنىكىسى دەرسلىكىدە، يۇقىردىكى ئىنكاستىكىدەك، مۇجىمەل ئاتالغۇلار كۆپرەك. مەسلەن: دوكومىنت (文档) دېگەندەك. بولسا مۇشۇنداق بىر ئاڭلاپلا مەنىسىنى ئاڭقىرغىلى بولمايدىغان، ئادەمنىڭ تىلى كەلمەيدىغان ئاتالغۇلارنى بىر يىغىپ، ھەر ساھەدىكى ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ چۈشىنىشلىك قىلىپ قېلىپلاشتۇرۇپ چىقساق، دېگەن ئۈمىدتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:11
    • مەن دوكومىنت (文档) نى ھۆججەت دەپ ئېلىشنى قوللايمەن ھەم شۇنداق ئېلىۋاتىمەن. ھېچكىم ماۋۇ بارماق دېسكامدا Word دوكۇمېنتى بار دېمەيدۇ، بەلكى Word ھۆججىتى بار دەيدۇ. بۇ ئىككى سۆزنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:17
  • 客户 دېگەن سۆزنى مىللەتلەر تەرجىمە مەركىزى تۈزۈپ 2008- يىلى مىللەتلەر نەششرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان « خەنزۇچە ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر لۇغىتى» دە « خېىرىدار، مۇئامىلىدار» دەپ تەرجىمە قىلىپتۇ ( شۇ كىتابنىڭ 727- بېتىگە قارالسۇن)
    ئۇندىن باشقا يەنە
    客户程序 خېرىدار پروگىراممىسى
    客户关系管理 خىېرىدار مۇناسىۋىتىنى باشقۇرۇش
    客户机 خىېرىدار كومپىيۇتېرى
    客户服务器 خىېرىدار مۇلازىمەتچىسى
    بۇنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم.
    لېكىن ئۇ لۇغەتتە 用户 دېگەن سۆزنىمۇ « خېىدار، ئىستىمالچى، ھاجەتمەن، ئابۇنېت» دەپ ئىزاھلاپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:54
    • مانا بەك توغرا تەرجىمە قىلىپتىكەنتۇق، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008» چىققاندىن كېيىن چىققان لۇغەت ئىدى بۇ، مۇشۇ پېتى ئالسا بولمامدۇ؟ بىرلىككە كەلمىدى دەيدىكەنمىز، بىرلىككە كېلىپ لۇغەتلەردە شۇنداق ئېلىنسا ئىشلەتمەيدىكەنمىز. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»نى ئادەتتىكى زىيالىلار سېتىۋالمايدىكەن، سېتىۋالغانلار كىتاب ئىشكابىغا تىزىپ قويىدىكەن، ئايدا-يىلدا بىرەر قېتىممۇ ۋاراقلاپ قويمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن نەدىكى رۇسچە، ئەرەبچە، تۈركچە،…ئاتالغۇلارغا ئېسىلىۋالىدىكەنمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:25
  • ھازىر خەۋەرلىشش ساھەسىدە يەنە مۇنداق بىر گەپ بار话吧卡(خۇابا كا) دەيدىغان بۇ سۆز بۇلۇپمۇ بىزنىڭ يىزلاردا بەكرەك ئىشلتىدىغان سز بوپ قېلىۋاتىدۇ. بۇنى نىمە دەپ چۈشەنسەك بۇلا ئۇيغۇرچىدا . 话吧 ئاتالغۇسىىمۇ جىق يەردە ئامىمىۋى تىلفۇنخانا دىگەك سۆزلەرنى جىق كۆردۇم

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:53
    • ئالدىنقىسىنى «تېلېفون كارتىسى» دېسەك بولىدۇ، كېيىنكىسىنى «تېلېفونخانا» دېسەكلا بولىدۇ، بۇ يول بويىدىكى نەرسە بولغاچقا «ئاممىۋى» دېگەن سۆزنى ئېلىشنىڭ قەتئىي ھاجىتى يوق. شۇ كوچىدىكى ئامما ئىشلىتىدۇ-دېگەن گەپ، خۇددىي كىنوخانىلارنى «ئاممىۋى كىنوخانا» دېمەيمىز. تېخى چوڭ يول بويىدىكى پۇل ئالىدىغان ھاجەتخانىلارنى «ئاممىۋى ھاجەتخانا» دەپ يېزىپ قويىدىكەن، چوڭ يول بويىدا «شەخسىي ھاجەتخانا» بارمىكەن؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:30
  • 客户 نى بىلدۈرىدىغان يەنە «مۇئامىلىدار» دېگەن سۆز چۈشۈپ قاپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:26
    • «مۇئامىلە» دېگەن گەپ ئەسلى ئىنگلىزچە transaction، خەنزۇچە 交易 دېگەن شۇ، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ئۇيغۇرچە پۇل ئېلىش ئۈسكۈنىسىدە شۇنداق ئېلىندى ھەم چۈشىنىشلىك بولدى، مېمورال، كىرىدېت، دېبىت دېگەن چۈشىنىكسىز سۆزلەر قەتئىي ئىشلىتىلمىدى، سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ پۇل ئېلىش ئۈسكۈنىسىگە قارىغاندا ياخشى چىقتى. شۇڭا، يېزىدىكى دېھقانلارمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىمالال ئىشلىتىۋاتىدۇ.
      «مۇئامىلىدار» دېگەن سۆز سودا-سېتىق قىلىدىغان دېگەن گەپ، پۇل ئالىدىغان، پۇل بېرىدىغان. ماۋۇ خېرىدار دېگەن باشقا گەپ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:13