-
2010-10-0210 يۈەن ئىئانىڭىز بىر جاننى قۇتقۇزالايدۇ
9ياشلىق ئىليارجان ھاياتقا بولغان ئوتتەك تەلپۈنىشنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن ئۈمىدىنى داۋالاشقا باغلاپ، ئۆزىنىڭ ھامان بىر كۈنى ساقىيىپ كىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقت ئىچىدە تالاي قېتىملىق خېمىيىلىك داۋالاشلارنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇ ئاخىرى ئۈمىدسىزلىنىپ، كىسەل دەستىدىن قاتتىق يېقىلدى. پەرزەنت ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ، تاپقان تەرگېنىنى بالىسىنى داۋالىتىشقا سەرپ قىلغان ياش ئاتا-ئانىمۇ ھالسىرىدى، ساتىدىغىنى تۈگىدى، داۋاملىق قەرز ئالىدىغانغا ئورۇن، تۆلەيدىغانغا مادار قالمىدى. ھاياتلىق ئۈچۈن ئەمدىلا يورۇۋاتقان بۇ شام يەنە داۋاملىق كۆيەلەرمۇ، ياكى ئۆچۈپ قالارمۇ؟.............
2009-يىلى 3-ئاي، بىر قېتىملىق ئۇزۇنغا سوزۇلغان قىزىتما. ھەسەنجان مەمەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئازاپلىق قىسمىتى ئەنە شۇنىڭدىن باشلاندى. قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىنىڭ دىئاگىنوز نەتىجىسىنى ئاڭلىغىنىدا، ياش ئاتا گويا ئۆزىنى تېنىقتىن قالغاندەك، يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغاندەك سەزدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا گەپ كىرمەيتتى. كۆزىگە ئوغىلىدىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيتتى. ئۇ بىر خىل ئۈمىدنىڭ تۈرتكىسىدە ئوغلى ئىليارجاننى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋىرستېتى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ ماڭدى. ئەپسۇس، دىئاگىنوز نەتىجىسى يەنىلا ئوخشاش: «جىددىي خاراكتىرلىك ئاق قان كىسىلى»يەكەن ناھىيەسىنىڭ چارەك بازار چارەك كەنتىدىن ئىليارجان ھەسەن ئەنە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن يېڭى قىسمەتنى كۈتىۋالدى. بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم.... ئۇدا 11قېتىملىق خېمىيىلىك داۋالاشنى باشتىن كەچۈردى. چارەك بازار سايلەنگەر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئىشلەيدىغان دادىسى ھەسەنجان مەمەت پۇلغا يارايدىغىنىنى سېتىپ، ئۇرۇق تۇققان، خوشنا خۇلۇملاردىن قەرز ئېلىپ، 200مىڭ يۈەن تەييارلىغان بولسىمۇ، بۇنچىلىك پۇل ئاق قان كىسىلىنىڭ ئالدىدا «سەي بىلەن بۇسنان» بولماي، قىزىل رەقەم يەنىلا كۈچىنى كۆرسەتتى. ئاخىرقى دىئاگىنوز نەتىجىسى چىقتى. «يىلىك كۆچۈرۈش كىرەك، 500مىڭ يۈەن كىتىشى مۇمكىن»، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىدىكى شىنجاڭغا ياردەم بىرىشكە كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئىليارجاننى ئەڭ تۆۋەن باھادا يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى قىلىپ قويماقچى بولدى. يېڭى ئۈمىد تۇغۇلدى. ھەممەيلەن شاتلاندى. ئىليارجان گۇيا بىردىنلا ساقىيىپ كىتىدىغاندەك تۇيۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ھەسەنجان يەنە مىڭبىر جاپادا ئازراق پۇل غەملەپ، دوختۇرخانىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىليارجاننى شەندوڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا يىلىك كۆچۈرۈشكە ئېلىپ ماڭدى.
شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنىڭ شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسى، دىئاگىنوز: «راك ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىشكە قاراپ تەرەققى قىلغان، ئاۋۋال كۈچەيتىپ خېمىيىلىك داۋالاش كېرەك»، دوختۇرنىڭ تەشەببۇسى: «ئوغلىڭىز كىچىككەن، بەرداشلىق بىرەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇنچە يىراقتىن كىلىپ، ئالىمادىس بىرەر كىلىشمەسلىك بولۇپ قالسا، ھەممىمىزگە ياخشى ئەمەس، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى شىنجاڭغا قايتىپ خېمىيىلىك داۋالاپ، يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسى قىلغۇزۇڭ»
ئەمدىلا روياپقا چىققان يېڭى ئۈمىد مانا مۇشۇنداقلا يوققا چىقتى. لىكىن ئۇلارنىڭ شەندۇڭغا كەلگىنى ھەر ھالدا بىكارغا كەتمىدى، دوختۇرلار ھەسەنجان ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يىلىك تىپىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىليارجاننىڭ ئۈچ يىرىم ياشلىق ئىنىسى ئىلشاتنىڭ يىلىك تېپىنىڭ %100ماس كىلىدىغانلىقىنى ئىنىقلاپ چىقتى. مۇشۇنداق بولغاندا داۋالاش ھەققىنىڭ يېرىمىنى تىجەپ قالغىلى بولاتتى.
ئەمما شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندە، ئۆيدىكى ھېساپ تالاغا توغرا كەلمىدى. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋىرسىتېتى دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسىسلەر ئىلشاتنىڭ يېشىنىڭ بەك كىچىكلىكىنى، ھازىرچە ئاكىسىغا يىلىك تەقدىم قىلسا بولمايدىغانلىقىنى، ئاۋۋال خېمىيىلىك داۋالاپ، ئاندىن ماس يىلىك تېپى تېپىپ كۆچۈرۈدىغانلىقىنى، 500مىڭ يۈەن تەييارلاش كىرەكلىكىنى ئېيتتى. داۋالاش چىقىمىنى ئازايتىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىد شۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي يوق بولدى. 500مىڭ يۈەن، بۇ يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان، ھەم ئۇزۇندىن بىرى ئوغلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن پاتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ھەسەنجان ئۈچۈن غايەت زور چىقىم ئىدى.
500مىڭ يۈەن بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن ئاز پۇل ئەمەس. لىكىن «تاما-تاما كۆل بولۇر» دىگەندەك جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئازراق ياردەم قولىنى سۇنسا بۇ ھىچقانچە پۇلمۇ ئەمەس. 50مىڭ ئامما پەقەت 10يۈەندىن ياردەم قىلسا، 500مىڭ يۈەن داۋالاش پۇلىنى غەملىگىلى، ئۆچۈپ قىلىش ئالدىدا تۇرغان شامنى قايتىدىن نۇرلاندۇرۇپ، ئىليارجاننى بەخىت قۇچىقىدا تامامەن ئەللەيلەتكىلى بولاتتى.
ئىليارخانغا ئاتالغان بۇ خەيرى ساخاۋەت پائالىيىتىمىز ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۈچۈن نادىر تېما، ئۆملۈككە تەشنا جەمئىيىتىمىزگە كۈچلۈك تۈرتكە، ئەۋلاتلىرىمىز دىلىغا مېھرى شەپقەت ئۇرۇقى چېچىشتا ئەمەلىي ئۈلگە بولغۇسى. ئىليارجان ھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋىرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار بۆلۈمى(12-كارۋات)دە خېمىيىلىك داۋالىنىۋاتىدۇ. بىز جەمئىيەتتىكى مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇشىنى، تامچە كەبى ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ بۇ نارەسىدىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قىلىشىنى، ھەسەنجان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا روھى جەھەتتىن مەدەت بىرىشىنى مۇراجەت قىلىمىز. ھاياتقا تەلپۈنگەن ئىليارجان ئۈمۈتلۈك كۈزلىرنى ساخاۋەت ئىگىلىرىگە تىكمەكتە!
(ھازىرغىچە يەكەن ناھىيىسىدىكى بەزى ئىدارە ئورۇنلار خالس ياردەم قولىنى سۇندى. لىكىن خەلق ئىشلار تارماقلىرى ئىليارجان ھەسەن ئۈچۈن مەخسۇس خەيرى ساخاۋەت قۇتقۇزۇش ھېساپ نومۇرى تەسىس قىلمىغاچقا، يىغىلغان ئىئانە بىۋاستە دادىسى ھەسەنجان مەمەتنىڭ شەخسى ھېساپ كارتىسىغا ئۇرۇلدى،)
ھېساپ ئاچقان بانكا: يەكەن ناھىيىلىك سودا سانائەت بانكىسى
كارتا ئىگىسى: ھەسەنجان مەمەت(艾散江•麦麦提)
ھېساپ نومۇرى 9558 8030 1210 0127 259
ھەسەنجان مەمەتنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 13579064264
بېيجىڭ خەي سېتې كىلىنكىلىق تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ ئانالىز نەتىجىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋىرسىتېتى قارمىدىكى 1-دوختۇرخانا، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دىئاگىنوز نەتىجىسى ۋە ئىليارجانغا ئالاقىدار ماتىرىيال، سۈرەتلەر قوشۇمچە قىلندى.كەمىنە بۇندىن كىيىن، سىلەرنى يەكەن ناھىيىسىدىكى ھەر ساھە ئاممىنىڭ ئىليارجانغا ياردەم قىلىش ئەھۋالىدىن ئۆز ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىمەن.
كامالىي ئىھتىرام بىلەن:يەكەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئالىمجان ئابلەت
تېلېفون: 13779899299历史上的今天:
كىسەلخانىدا توي قىلغان قىز - يىگىت 2010-10-02كۆپ ئىقتىدارلىق چ چ ياردەمچى دېتالى 2010-10-02PHPnow1.5.6 ئېلان قىلىنىپتۇ، چۈشۈرۋېلىڭ 2010-10-02240مىليۇن يۈەنگە بېزەلگەن ئىشخانا بىناسى 2010-10-02
收藏到:Del.icio.us