
چۇتىيەن مەركىزىي شەھەر خەۋرى(مۇخبىر چېن لىڭمۇ):تۈنۈگۈن گوچىيەن« ئىرىم ئاخىرى تەيۋەندىن ئۆزىگەماس كىلىدىغان يىلىك تاپتى!» دەپ مۇخبىرغا ئۇچۇر يوللىدى.2010- يىلى 7- ئاينىڭ 19 - كۈنى ،لوبىن ۋە گوچىيەن دوختۇرخانىدا توي قىلىۋاتقاندا، كۆيئوغۇل لوبىننىڭ ئاق قان كىسلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ قىلىپ، توي مۇراسىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن گوچىيەن تەرەپ - تەرەپكە پالاقلاپ ماس كىلىدىغان يىلىك ئىزدەشكە باشلاپ ،ئەمدى خوش خەۋەرگە ئىگە بولغان ئىدى.5- ئاينىڭ 26- كۈنى ،27 ياشلىق ۋۇخەنلىك قىز گوچىيەن بىلەن لوبىن توي خىتى ئالغىنىغا ئالتە كۈن بولغاندا لوبىن ئاق قان كىسلى دەپ دىئاگونۇز قويۇلدى،لوبىن جىددى خاراكتىرلىك لىمغا ھۈجەيرىسى ئاق قان كىسلى دەپ دىئاگونۇز قويۇلغان ئىدى..لوبىن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ
كەيپىىياتى تۆۋەنلەپ داۋالاشقا قارشى تۇردى. سۆيگۈنىگە ئىشەنچ بېرىش ئۈچۈن ، ئۇ ئوغۇل دوستىغا تۇيدۇرماستىن بالنىتسىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلدى. 7- ئاينىڭ 19- كۈنى توي كىيىمى كىيىپ لوبىننىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. بۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرۈدىغان توي مۇراسىمى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن ، 30 مىڭدىن ئارتۇق تورداشلار توردا ئىپادە بىلدۈرۈپ،گوچىيەننى «جياڭچېڭدىكى ئەڭ گۈزەل كىلىنچەك »دەپ تەرىپلىدى.جەمئىيەتتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر بەس - بەستە توپلىشىپ، نۆۋەتتە 130 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانەتوپلاندى. 60 نەچچەكۇۋادرات مېترلىق توي ئۆيىنى ساتقان پۇلنى قوشقاندا گوچىيەن 40 نەچچەمىڭ يۈەن پۇل توپلاپ ئاخىرى ئوپراتسىيە قىلىنىدىغان بولدى.بۇ كۈنلەردە گوچىيەن ئىزچىل سۆيگىنى ئۈچۈن ماس كىلىدىغان يىلىك ئىزدىدى. دەسلەپتە،جۇڭخۇا يىلىك ئامبىرىدىن تۆت يىقىنلىشىدىغان يىلىكنى تاپقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ماس كەلمىدى. بىراق ئۇ ۋاز كەچمىدى.ئاخىرى تەيۋەن سىجى يىلىك ئامبىرىدا ئاخىرى ماس كىلىدىغان يىلىك تەمىنلىگۈچى تىپىلدى. قارشى تەرەپ 26 ياشلىق تەيۋەنلىك بولۇپ، يىلىك ئىئانە قىلىشقا قوشۇلدى. ئەگەر ئوپراتسىيە مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا 11- ئايدا ھۈجەيرە كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلىنىدىكەن.تۈنۈگۈن گوچىيەن لوبىننى ئۆيگە ئېلىپ كەتتى. بىر ئائىلە كىشلىرى بىرلىكتە بايرام ئۆتكۈزدى.گوچىيەننىڭ دىيىشىچە، لوبىننىڭ كەيپىياتى ھازىر خىلى ياخشى بولۇپ ئىكەن.